تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 10373|ئىنكاس: 34

يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1147
يازما
55
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
625
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:27:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، شائىر ، تالانىتلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى. كۆزگە كۆرۇنگەن تېلىۋېزىيە پىروگرامما تەھرىرى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بۇگۇن ئەتتىگەن تۇيۇقسىز قوزغالغان كىسىلىنى داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ۋاپات بولدى. ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئاخىرەتلىك ئىشلىرى بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.



ئەخمەتجان قۇرباننىڭ تەرجىمھالى




ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.  ئۇ1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ،بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە درامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ،ئۆزىمۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇچۇن ناخشا تېكىستى يازغان.
1985-يىلى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنچى قېتىملىق<< شىنجاڭنى سۆيىمەن >>دېگەن تېمىدامۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىشتائۇنىڭ ناخشاتېكىستىگە ئىشلەنگەن<< تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ>>،<< يۇلتۇزۇم>>،<< تولۇنئاي >>دېگەن ناخشىلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ، ناخشا-ئۇسۇل، دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پىرگۇراممىلىرى،<< شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان. ئۇ، مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ،مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.
             ئۇ1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.  ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكى<<تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى >>پرگۇراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدامۇخپىرلىق قىلىپ،500دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان<<يۈكسەل قورغا, س>>،<<سېھىرلىك سىمپونىيە>>،<<پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار >> ، <<باغرىڭنى ئاچ باغراش>>،<<خسىلەتلىك بۇلاق>>،<<ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتاتغۇبىلىك>> قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان.ئۇ ھازىرغىچە<<ياشلىق ساداسى>>،<<نوزۇر ناۋاسى>>،<<ناۋالىق دىيار تۇرپان يۇزى>>،<<ناۋا ۋە جۇلا>>،<<نورۇز شادلىقى>>،<<دۇنيا ۋە ئاياللار>>،<<ئىللىق دۇنيا>>،<<غۇلجا ناھىيىسىدە مەشرەپ>>قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستىنى،ئېتوت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى،ھازىر ئۇ تېكىستىنى يازغان>>قىممەتلىك ھايات>>، <<يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-******* >>،<<كارۋان ھېكمىتى>>،<<سىڭلىمغا>>،<<جۈپ پەرزەنت>>،<<نورۇز ناۋاسى>>، <<تۇرنىلار>>،<<ھايات دېگەن سىرلىق تېپىشماق>>،<<دوستلۇق كۇيى>> قاتارلىق 150دىن ئوشۇق ناخشا رادىئو تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىلماقتا،ئۇنىڭ يەنە <<قىز بالا بولسا نېمە بولۇپتۇ>>، <<باجگىرنىڭ باش قېتىمچىلىقى>>،<<بالىلىرىنى كۈتۇش>>،<<ئانىسىز ئۆي>>،<<مېھىرى شەپقەت>>،<<يىراق يېزىدىكى مۇھەببەت>> قاتارلىق 90 نەچچە ئېتوتى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلگەن.
              ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ توختىتىپ قويمىغان.ئۇ بۇ جەرياندا<<مەخسۇس پروگراممىلار ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،<<تېلېۋىزىيە ئېكرانىنى رەڭدارلاشتۇرايلى>>،<<ئالتۇن كۆزنەك پىروگراممىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<<ئۇن-سىن بازىرىدىكى ئويلار>>،<<تېلىۋىزىيە سەنئەت فىلىمى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<< ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئىتوتچىلىقى ھەقىدە>>قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.ئەخمەتجان 2001-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۇمىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا رقابەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ،پروگرامما ئىسلاھاتى ۋە نادىر پروگرامما يارتىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە،ئۇ ھازىر <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>>،<<كۆڭۈلدىكى سۆز>>،<<قانۇن ۋە پۇقرا>>،<<مائارىپ گۈلزارى>>،<<مۈنبەت تۇپراق>>،<<پەن ۋەمائارىپ >> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ فىلىم مۇدىرلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
              ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان <<<سىرلىق ئۆڭكۈر>>،<<سۆيگۈ گۈلى>>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>> ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكى<<يالغانچى تۇسۇق>>قا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ئەخمەتجان قۇربان سابىرى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق<< شېئىر >>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>>،<<يالغۇز تام>>،<<بىزنىڭ دۇكان>> قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە،<<تىڭىرقىغان ئەپسانىلەر>>،<<سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر>>،<<يىللار ۋە ئىنسانلار>> قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر،<<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا شاراپ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە>>،<<ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا>>،<<ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى.  
                  يېقىندا ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (1-5) » ئۇيغۇر مەسەللىرى خەزىنىسىگە قۇشۇلغان يېڭى يۇلتۇز، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .  
             ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:  
1 .   كالتە قۇيرۇقلۇق چاشقان .
2. بالىلار يۇمۇرلىرى .
3. بالىلار چاقچاقلىرى .
4.تۇنۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر( 3 قىسىم)
5 . ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە بالىلار تېپىشماقلىرى ( 5 قىسىم)
6.ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى (6 قىسىم)
7.ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى (5 قىسىم)
8.ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى (5 قىسىم)
9.ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (5 قىسىم)
10. كۈندە بىر كۈلكە (2 قىسىم)
11. كۆك ئۆستەڭ (رومان)  (كىيىن ياتلىق بولالمىغان قىزلار-دېگەن نام بىلەن قايتا نەشىر قىلىنغان)
12.ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىزىقارلىق سۇئال-جاۋاپلار (10 قىسىم)
13. ئۇنىڭ يېقىندا «ئورمانلىقتىكى ئويۇنلار» ناملىق بالىلار رومانى ۋە «بالىلار ھېكايىلىرى» ناملىق 5 قىسىملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
14. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان «مۇقام ۋارىسلىرى»، «سىرلىق ئۆڭكۈر» ناملىق بالىلار رومانى نەشىردىن چىقىدۇ..
15. يېقىندا شىنجاڭ<<ئارمان>>شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «مەشىرەپ» پروگراممىسىدا ئۇنىڭ يازغان «ئارمان مېھرى» ناملىق  ناخشا تېكىستى ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەرىپىدىن سەھنىدە ئوقۇلدى.

ماتېماتىكا تەييارلىدى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
17482
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 13:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەن توردا بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تۇلىمۇ يېرىم بولدى،ئالدى بىلەن مەرھۇم ئاكىمىزنىڭ ياتقان يىرىنىڭ جەننەتتىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
بۇ يىل رۇزى ھيېتتىن كىيىن ئەلكۈيى شىركىتىمىزنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئۈيىدە باشقا بىر فىلىمنى سۆرەتكە ئېلىش ئىشى بىلەن ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بىزنىڭ ئىشخانىغا كەلگەن شۇ چاغدا ئەخمەتجان ئاكام ،ئۈمىدۋار  مەن ۋە يەنە بىر قانچە خىزمەتچى تولىمۇ ياخشى پاراڭلاردا بولغان ئىدۇق،مەرھۇم ئۆزىنىڭ بىر قانچە رومانىنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى بىزگە بىرىپ ئەلكۈيى تورىغا چىقارساق بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزاسى ھەم ياقتۇرۇپ كۆرۈرمەنى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى،خېلى جىق پىلانلارنى قىلغان ئىدۇق،ۋا دەرىخا ، مەرھۇم ۋاقىتسىز كەلگەن ئەجەل بىلەن بىزدىن ۋىدالىشىپتۇ،ئاللا ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن.

تىرىشچان ئەزا

ئىمانىمغا كۆز تە

UID
2422
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
774
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 14:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئاخرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن !
(ئىنسان بىز دۇنياغا سېناق ھەم مىھمان بۇلۇش ئۇچۇن كىلىمىز يەنە باردىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر).......

اللە اكبر .لاحول ولا قوە الا با اللە!

UID
14724
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
776
تىزىملاتقان
2011-9-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 15:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ياشالم

UID
2048
يازما
66
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1776
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 15:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم!
   
    ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلسۇن! .
    ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!....................

ئەھمىيەتلىك بىر كۈن!

UID
15382
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
167
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 15:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ييىقىندىن بىرى خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇغۇل -قىزلىردىن بىر نەچچىسى كەينى كەينىدىن بىزدىن ئايرىلدا،،،ئادەمنىڭ يۇرىكىنى ئىچىشتۇرۇپ،،!

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
82
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2212
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 18:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!(ئاللاھ ئىنساننى دۇنياغا ئىسلام بىلەن ئەككىلىپ ئىمان بىلەن ئەككەتكىننى نىسىپ كىلسۇن!)

ياخشىلارنى ھورمەتلەپ يامانلاردىن نەپرەتلىنىش

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13062
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1889
تىزىملاتقان
2011-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 21:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تۇلىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم . بىزدىن مەزگىلسىز ئايرىلغىنىغا يۇرۇكۇم ئىچىشۋاتىدۇ  بىزدىن يەنە بىر ئالىم ئايرىلىپتۇ. ئەپسۇس، مەن شۇنداق دەپ قارايمەن. ..................................................................................................................................
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەپەندىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .

مىللەت

UID
17227
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 21:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇردۇم .بۇ تالانتلىق يازغۇچىمىزنى ئۇلۇغ ئاللا ئۆز قوينىغا ئالغاي

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
116
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3836
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 22:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم
      مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي
ھۆرمەتلىك تورداشلار ! يىقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئالىم - يازغۇچىللىرىمىز يورۇق  يۇلتۇزلىرىمىز  ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كىتىۋاتىدۇ ..................................... ؟  ئىسىمىزدە بولسۇنكى بۇ دۇنيا ھېچقانداق ئىنسانغا  باقىۋەندە ئەمەس   ھەممىز ئۆلۈپ  كىتىمىز   بىزنىڭ  قاچان  قايسى كۈنى  قايسى  ۋاقىتتا  نەدە  ئۆلۈپ  كىتىشىمىزنى  بىر ئاللاھ دىن باشقا  ھېچكىم  بىلمەيدۇ
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز  ئاخىرەتلىكىمىزنى ئويلاپراق ياشايلى  ! غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنايلى ! ھېسياتىمىز  ئەقلىمىزدىن ئۈستۈن  بولمىسۇن !  بۈگۈن  ئۇلۇغ جۈمە بۇ يازغۇچى ياخشى ئاي  ياخشى كۈندە ئاللاھنىڭ  دەرگاھىغا  سەپەر قىلىىپتۇ  
ھەممىمىز  قولىمىزدىن كىلىدىغان ياخشىلىقنى قىلايلى !!! ھەر قانچە  پۇل  مال  دۇنيايىمىز  بولسىمۇ  بىز  كىتىمىز  كاتتا  ئىناۋىتىمىز  بولسىمۇ  بىز  كىتىمىز !  ھوقۇق  مەنسەپ  بىز گە ئەز قاتمايدۇ   ھەم  مەڭگۈلۈك  ئەمەس  بىز  بىر - بىرىمىزنىڭ  دىلىنى رەنجىتمەيلى ! بىر - بىرىمىزگە ئازار بەرمەيلى !  بىر - بىرىمىزنى  قوللايلى  ياردەم قىلايلى ! ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كالامى بولغان قۇرئان  كەرىمگە  چىڭ ئىسىلىپ شۇ مۇقەددەس قۇرئاننىڭ بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن يولى بويچە ئىش قىلساق  ئاللاھ  ھەممىزنىڭ  تىنىنى ساق  ئىشلىرىنى ئاسان قىلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش