پىنھان سۆيگۈ
(ئادىل تۇنياز)
گۈل گۈزەل بولىدۇ ئىچىلماستىلا،
ئېچىلىپ كۆپ ئۆتمەي توزۇيدۇ غۇنچە.
بىپايان ئوكياننىڭ ئاستىدا مارجان،
مەرۋايىت قىپىدا ئۇز بولار شۇنچە.
يېتىلگەچ پوستىنىڭ ئىچىدە ئانات،
يىرىلىپ پىشقىچە بولىدۇ تاتلىق.
شۇقەدەر قىممەتلىك كۆڭۈلدىكى سىر،
ئاشكارا تۇيغۇلار بىرەلمەس شاتلىق.
كۆزلىگەن نىشانغا تەككۈزەر ئوۋچى،
چاتقاللار ئىچىگە ئالغاندا مۆكۈپ.
مەن كۆڭۈل ساقلىدىم ئاشۇ تەرىزدە،
بىراۋغا سىرىمنى يۈرمىدىم تۆكۈپ.
ئىنتىلىپ ئۈن-تېنسىز كۆيدۈم بىرىگە،
ۋەلىكىن سۆيگۈمنى قىلمىدىم ئىزھار.
بولغاچقا ئاھ شۇنداق شېرىن لەززەتلىك،
كۆڭۈلنىڭ قېتىدا يېتلگەن سىرلار.
مەيلى دەر كۆيۈمسىز باشقىلار مېنى،
كۆيۈمسىز سۆيگۈمدە كۆيىمەن پىنھان.
قەلبىمگە لىق تولار ۋىسال شەربىتى،
سىرىمنى سۆيگۈمنى بىلمەس ھىچ ئىنسان