بۇ 1قەۋەتتىكىinkas يوللىغان 2011-11-07 02:53 غا قارتىلغان :
تىزكەنسىلەر جۇمۇ،مۇشۇ بانادا ئازراق سۆزلەپ باقاي.
بايام شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن 2011-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىلىكىنى كۆرۈپ چىقتىم.ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ كىچىلىك سەھنە بىزىلىشى جەھەتتىن ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەن،بىراق سەھنىگە ئېلىپ چىققان نومۇرلار ئادەمنى بىرخىل قىلىپ قويىدىكەن،رېتىم توراقسىزدەك،زادى بۇ كىچىلىك ئارقىلىق نىمە مەقسەتنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بەردى.ئىتوتتىن بىر قانچىسى مەجبۇرىي سەھنىگە ئېچلىپ چىقىلغاندەك تۇرىدۇ.ئەگەر بۇ كىچىلىكتىكى نومۇرلارنى دەرىجىگە ئايرىڭ دېسە توردا چوقۇم ئايرىپ چىققىلى بۇلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.رېھىم قان،جۈرئەت ۋايىتلار ئورۇنلىغان ئىتوت ۋە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئورۇنلىغان ناخشىلار ئادەمگە ئايەمدە بىر خىل خۇشال ھەم جۇشقۇن كەيپىيات ئاتا قىلدى.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مۆمىنجان ئابلىكىم،مەخمۇت سۇلايمان،ئەركىن ئابدۇللا...قاتارلىق بىر قىسىم ناخشىچىلار ئەڭ ئاخىرىدا چىقىپ بىرگە مۇھەببەت نامىدىكى ناخشا ئېيتتى،مىنىڭچە بۇلارنى بىرگە چىقارماي ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىن باشلاپ ئايرىم سەھنە بىرىلگەن بولسا خەلقىمىزگە تېخىمۇ ياققان بۇلاتتى،بىرگە چىققىنى ياخشى بولماپتۇ دېگىنىم ئەمەس مۇھىمى خەلققە ياقتۇرىدىغان نومۇر بىرىدىغان ئارتىسلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپلا مەجبۇرىي بىر نومۇر ئورۇنلىنىپتۇ،سەنئەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماپتۇ.ھەي ئىسىت دەپلا قالدىم،نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىلدى دېگەن بۇ كىچىلىك ئايەمدە قۇيۇلۇپ زادى خەلققە خۇشياقتىمۇ،ئايمىمىزنى قانچىلىك خۇشال كەيپىياتقا ئەكىلەلىدى،بىز ياخشى قىلالىدۇقمۇ يوق،بۇنى ھەمممەيلەن ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.
مېنىڭكىدە پىلىم چىقمىدى.
ياخشى ئىنكاس . دېمىسىمۇ خەلق ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتچىلەرگە نېمىشقا سەھنىگە ئايرىم چىقىش پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ؟
مەن بۇ سەھنىدىكى سېنئەتچىلەرنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ ئويلۇنۇپ قالدىم. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قايسى يىللىرى كەيگەن كىيىملىرى بولغىيتى؟
مەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ چۇڭقۈر خىياللارغا غەرق بولدۇم.