كۆرۈش: 9012|ئىنكاس: 13

تۇتقۇن (پوۋىست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

مۇراجەت:-ئادەمدە

UID
9883
يازما
3
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
123
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 17:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۇتقۇن

(پوۋېست)

ئەزىز ئەيساكۆكتۇغ

1

تۆمۇر تاختايدىن ياسالغان يەر ئاستى ئۆيى ئىشىكىنىڭ قاتتىق تېپىلگەندىكى تاراڭلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئەنۋەر ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، ئەمما ئاخشامقى قامچا-تاياق، تېپىك...قىيناقلار زەربىسىدىن ئىششىپ تاشتەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بەدىنى ئىختىيارىغا بارمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كۈچۈنۇپ ئورنىدىن تەستە تۇردى.

-ئورنۇڭدىن تۇرۇشە ھاراملىقلار!

بالىلار مەخسۇس باشقۇرۇشقا، پايلاشقا قۇيۇلغان، سېرىق، ياپما قاپاق كەلگەن ئابدۇۋېلى ئەنە شۇنداق سېسىق تىللارنى ياغدۇرغىنچە كۆرەڭلىك بىلەن يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە قولىدىكى ھورناننى ئىلىكتىر چىرىقى غۇۋا يۇرۇتۇپ تۇردىغان يەر ئاستى ئۆيىنىڭ بىر تەرپىگە قۇيۇلغان شىرەنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. ئابدۇۋېلى ئاي-يىللاپ تازلانمايدىغان يەر ئاستى ئۆيىدە گەندە، سۈيدۈك، چىرىندا گۆش، زەيكەش، يەنە نېمىلەرنىڭدۇ سېسىق پۇرقىنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلغان بەتبۇي ھىدىدىن سەسكىنىپ ئېغىز-بۇرنىنى قۇلى بىلەن ئىتىشكە مەجبۇر بولدى، شىرزاتنىڭ تېخىچە قىمىرمۇ قىلماي ياتقىننى كۈرۈپ، يەنە ئاغزىنى بۇزۇشقا باشلىدى.

-شىر! ھەي شىر! تۇرە ئورنۇڭدىن!! جالاپنىڭ بالىسى! تۇغۇپ ياتقان قېرى بايتالدەك قىمىر قىلايمۇ دېمەيسەنغۇ، ئاخشام تاناۋىڭ بوش تارتىلىپ قالدىمۇ نېمە؟

ئۇنىڭ «ئاخشام تاناۋىڭ...» دېگىنى ئۆز ئاتا-ئانىسى، ئىللىق ئائىلىسى، يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بىچارە ئىككى بالىنىڭ «ھۈنەر»(يانچۇقچىلىق، ئوغىرلىق ....) نى قاملاشتۇرالمغاندىن كىيىن تارتىقان جازاسى كۆزدە تۇتىۋاتاتتى. ئالدىنقى كۈنى خۇجايىن ۋە چۇماقچىلىرى ئەنۋەر بىلەن شىرزاتقا« نېمىشقا پۇل تاپمايسەن؟ بۇ يەرگە بىكار يەپ-ئىچىپ تاماشا قىلمەن دەپ چىقىشتىڭمۇ؟...» دەپ ئۇرۇپ دوزاقنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئاۋال يوغان شامالدۇرغۇچقا ئېسىشىپ پىرقىرتىشتى. ئەنۋەر بىلەن شىرزاتنىڭ ئۈچۈي-باغرى، ئۆپكىسى ئاغزىغا كەپلىشىپ، ھو بۇلۇپ پۈتۈن ئالەم پىرقىراۋاتقاندەك بۇلۇپ، نەپەس ئالالماي ئەس-ھۇشىنى يۇقتۇشتى، ئاندىن بىھۇش ياتقان بالىلارنى يالىڭاچلاپ رەھىمسىزلەرچە قامچىلدى... بەدىنگە تاماكا يېقىشتى... يەنە نۆۋەت بىلەن تۇز سۈيى... لازا سۈيى سېپىشتى، دۇمبالاپ تىپىشتى... ئاخىرى قائىدىسى بويىچە كۈندە بەش يۈز زىق كاۋاپ ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسى بىلەن بۇ قاراڭغۇ، مەينەتچىلىك باسقان يەر ئاستى ئۆيىگە نەزەر بەند قىلدى...

ئەنۋەر كېچىدىن بۇيان يېندا ياتقان شىرزاتنىڭ تېىىچە قىمىرمۇ قىلماي ياتقىننى كۆرۈپ ئويغۇتۇش ئۈچۈن تۈرتۈشكە باشلىدى:

-شىرزات! شىرزات!- ئەنۋەرنىڭ قۇلى شىرزاتنىڭ ئۇرۇق، ۋىجىككىنە بەدىنگە تەگكەندە ئۇنىڭ تۇيغۇسى شۇ دەقىدە بىر مۇدھىش ئاقىۋەتنى ھېس قىلدى-دە، -شىرزات! شىرزات!-دەپ توۋلىغىنچە ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۆرىدى. بىراق شىرزاتنىڭ مۇزلاپ قېتىپ قالغان ئۇرۇق گەۋدىسى، تۈگۈلۈپ قالغان ئىككى پۇتى تەڭلا ئوڭدىسىغا بولدى.

- ئۇ ئۈلۈپ قاپتۇ!!!- ئەنۋەر ئۆمچەيگىنچە ئەلەم بىلەن نىدا قىلدى!

ئابدۇۋېلى ھەيران ھالدا شىرزاتنىڭ جەستىنىڭ يېنىغا كىلىپ جەسەتنى خۇددى دەرەخ كۆتىكىنى تىپىپ يۇمۇلاتقاندەك پۇتى بىلەن ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ باقتى، جان ئۈزگەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كىيىن ئالاقىزادىلىك بىلەن ئالدىراپ ئارقىسغا بۇرۇلۇپ، خۇجايىنغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يەر ئاستى ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.

2

ئەنۋەر شىرزاتنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىنى چىقارماسلىققا تىرىشىپ، گويا جۆرىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاق قۇشقاچتەك ئەلەم بىلەن بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەنۋەرنىڭ كۆز ئالدىدىن شۇ تاپتا ئائىلىسىدكى نامراتلىق، ئانىسىنىڭ رەھىمسىزلىكى، باغرى تاشلىقى، گۈزەل شاڭخەي شەھىرىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خوشاللىق، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قورقۇنۇشلۇق، ئازابلىق« بازار ئايلىنىش»، ئاخشامقى قامچا-تېپىك... شىرزاتنىڭ كېىچىدىن بۇيانقى ئېڭراشلىرى، يىغلاشلىرى...«ئاپا!...ئاپا مېنى ئېلىپ كېتىڭ ! مېنى ئېلىپ كېتىڭ !! مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ !» دېگەن نىدالىرى خۇددى تېلىۋىزۇر ئېكرانىدىكى ۋەھىمىلىك كۈرۈنۈشلەردەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى...

ئەنۋەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى دولان دەرياسى ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۈتىدىغان كىچىك بىر شەھەرگە يانداش جايلاشقان يېزىدىكى چالما-كېسەك بىلەن سېلىنغان، ئۆينىڭ ئالدىغا قۇناق ۋە شال پاخىلدىن چەللە-باراڭ قىلىنغان دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولدى. ئەنۋەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ۋە ئەنسىرەيدىغىنى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئاش-تاماقنىڭ ئورنىدىكى تۈگمەس ئۇرۇش جىدىلى ئىدى. ئەنۋەرنىڭ ھەمىشە ئانىسىنىڭ دادىسىنى تىللىغاندا ئاڭلايدىغىنى:«لامزەللە، يا پۇل تېپىپ ئادەمنى خۇش قىلالمايسەن، قاراپ تۇر، مۇشۇنداق بۇلىۋېردىغان بولسا...» دېگەندەك تەئەددى، ئاچچىق تىل-ھاقارەتلەر ئىدى. دېگەندەك، ئۇ ئۇزۇن ئۆيمەي كۆزدىن غايىب بولدى. ئەزەلدىن كۆپ گەپ قىلمايدىغان دادىسىنىڭ ئۈنى تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ، كۈن-كۈنلەپ ئاچچىق مۇخۇركىسىنى شوراپ غەمگە پېتىپ، ئولتۇرغان ئورنىدا خۇددى يەرگە تىرىكلا كىرىپ كېتىدىغاندەك پۇشۇلداپ كېتىدىغان بولدى. ئاخىرى ئەنۋەر بىلەن سېڭلىسى زەينۇرەنىڭ يېلىنىپ تۇتۇپ:« ئاپام نەگە كەتتى؟! نېمىشقا شۇ چاققىچە قايتىپ كەلمەيدۇ؟» دېگەندەك سوراقلىرىدىن كېيىن دادىسى كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا:« ئاپاڭلار سىلەرنى...مېنى...ئۆينى تاشلاپ باشقا بىر ئەرنىڭ كەينىدىن يىراققا كېتىپتۇ!...» دېگەن شۇم خەۋەرنى ئېيتتى. بۇ شۇم خەۋەردىن كېيىن ئەنۋەر گويا ئىگىز بىر ھاڭدىن تېگى يوق ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سېڭلىسى بىلەن ئەنۋەرنىڭ بالىلىقتىكى شاد-خۇراملىققا تولغان گۈزەل، سەبىي چاغلىرى كۈز پەسىلدىكى توزغاقتەك تۇزۇپ، سىنىپتا دەرىسكە دىققەت قىلمايدىغان، ھەمىشە بەئەينى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان چۈجىدەك بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا يەككە-يېگانە ھالدا ئاچ-توق، كىر-قاسماق، يېگەن-ئىچكەننىڭ قۇلىغا، ئاپىسى بارلارنىڭ كۈلكىسىگە قاراپ غەمكىن يۈرۈيدىغان بۇلۇپ قالدى. ئەنۋەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ چار مىكيىننىڭ نەلەردىندۇر قۇرت، دان ۋە باشقا ئۇزۇقلۇقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇماق چۈجىلىرىنى قانداق كۈيۈنۈپ باقىدىغانلىقىغا قاراپ تەگسىز خىياللارغا چۈمۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى ۋە« ئانام بىر ئادەم تۇرۇپ نېمىشقا مۇشۇ تۇخۇچىلىك بولالمايدۇ؟!!!» دېگەنلەرنى ئويلايتى. ئازابلىناتتى، ئۈنسىز يىغلايتى!!...

ئانىسىدىن رەنجىپ ۋۇجۇدى مۇزلىغان ئەنۋەر بىر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە مېڭىش يولىدىكى دوقمۇشتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چىكۋاتقان ئېلى ئىسىملىك مەھەللىكى بىلەن ئوچرىشىپ قالدى:

-مەكتەپكە ماڭدىڭمۇ؟- سورىدى ئېلى.

-ھەئە.

- شۇ سېسىق مەكتەپتىمۇ ئۇقۇمدۇ كىشى؟

-ئۇقۇماي نىمە ئىش قىلمەن؟!

-ئىچكىرگە چىققۇڭ يوقما؟ ئويناپ پۇل تېپىپ كىلمىز!

.....

سۆزىنىڭ جاچاپسىز قالغانلىقىنى بىلگەن ئېلى سۆزىنى يەنە باشقا ياققا بۇرىدى.

-تاماق يېدىڭمۇ؟

شامال ئۇچۇپ تۇردىغان ئانىسىز ئۆيدە بىر بۇردا ناننى توغرا چىشلەپلا مەكتەپكە ماڭغان ئەنۋەر ئېرەڭسىزلىك بىلەن جاۋاب قايتۇردى:

-ناشتا قىلغان.

-جۈرە تاماق يەيلى، مەن مېھمان قىلمەن.

ئەنۋەر كۆپ ئويلانمايلا ئېلىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ھايال ئۆتمەي كىچىك بىر ئاشخاندىكى تېزلىك بىلەن كەلتۈرۈلگەن، ھورى ئۆرلەپ مىزىلىك پۇراق تارقىتىپ تۇردىغان قورىما چۆپ ئەنۋەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىتۋەتتى. ئەنۋەر تۈزۈت قىلمايلا قورىما قورىما چۆپنى پۈدەپ تۇرۇپ ئالدىراشلىق بىلەن ئاغزىغا سېلىشقا باشلىدى.

ئېلى ئەنۋەرنىڭ ئېچىرقىغان ھالدا تاماق يېيىشگە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سۆز باشلىدى.

-مۇشۇنداق قىيلىنىپ ئاچ-توق يۈرگىچە، گېپىمگە كىرىپ مەن بىلەن ئىچكىرگە چىقىپ راسا پۇل تېپىپ ئادەمدەك ياشاپ ھەم ئويناپ كېلىشنى ئويلىمامسەن؟

-چىقسام چىقتىم،- ئەنۋەر كەسكىنلا جاۋاپ بېرىۋەتتى. ئۇ مۇشۇ دەقىقىدە چاقماق تېزلىكىدە مۇنۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى:« بۇ ھاياتتا، بۇ يۇرتتا ئەمدى سۈيۈنگىدەك، تارتىشقىدەك يەنە نىمە قالدى؟ ئۆزى، بىچارە سېڭلىسى زەينۇرە ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان تاش يۈرەك ئانىسى ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بۇ خورلۇق، جاپا-مۇشاققەت، يوقسۇزلۇق، ئانىسىزلىقنى كىمگە دېگۈلۈك؟ قاچانغىچە تارتقۇلۇق؟» ئىشتاھا بىلەن تاماق ياۋاتقان ئەنۋەر كۆزلىرىگە تېپىپ چىققان ياشلىرىنى تەسلىكتە چاندۇرماستىن توختىتۋالدى. ئېلى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز مۇددىئاسىنى ئۇچۇقلا دېدى:

-گېپىڭ راسمۇ؟

-راست.

-ئۇنداق بولسا ئىشنى ھازىرىدىن باشلايلى، سەن مەكتىپىڭگە بارما؟!

-بۇلىدۇ.

ئېلى ئەنۋەرنى شەھەرنىڭ غەرىبىدىكى ھەشەمەتلىك بىر قوروغا باشلاپ ئاپىرىپ، ئالدىن كىلشىۋالغان« خېرىدارى» غا تاپشۇرۇپ بېرىپ، تاپان ھەققىنى ئالدى- دە، غىپپىدە ئۆز يولىغا راۋان بولدى.

3

 

ئەنۋەر شىرزاتنى تۇنجى قېتىم شۇ قورودىكى بىر ئويدە ناتۇنۇش ئىكىكى بالا بىلەن بىرگە تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرغان ھالەتتە كۆرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىرزاتنىڭ جۇغى ھەممىدىن كىچىك بولسىمۇ، توختىماي قىزىق-قىزىق گەپلەرنى قىلىپ، تاماكىسىنىڭ ئىسىنى بۇرنىدىن ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ھەرخىل شەكىلدە چىقىرىپ بالىلارنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي خۇددى پاختا ئالغان تاغاردەك تەكشى تۇللۇق سەمىرىگەن، قىسقا، گۆشلۈك بوينىغا يوغان ئالتۇن بۇلاپكا، دىخماق، سىمىز بىلەكلىرىگە قوشلاپ ئالتۇن بىلەيزۈك، قۇلاقلىرىغا چەمبەر شەكىللىك ئالتۇن ھالقا سالغان ئايال خۇجايىن كىرىپ كەلدى-دە، ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك پولتۇيۇپ چىققان سوغوق، نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ھەر بىر بالىغا بىرمۇ-بىر نەزەر سېلىپ چىققاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى:

-ھەممىڭلار ياخشى ھەم ئەقللىق بالىلار ئىكەنسىلەر. سىلەرنى ئىچكىرگە ئېلىپ چىقىپ راسا بىر ئوينۇتۇپ كىرەي، خالىساڭلار كاۋاپچىلىقنى ئۆگىنسىلەر،بولمىسا ئوينايسىلەر شۇ. ھازىرچە ئەللىك يۈەندىن بازارلىق بىرەي، خالىغانچە ساقلاپ ئويناڭلار، بىراق بۇ پۇلنى جەجلەپ تۇرۇپ ئۆيۈڭلەرگە قايتىپ كېتىشكە، ئاتا-ئاناڭلارغا خەۋەر قىلىشقا بولمايدۇ. ئوغول بالا دېگەن گېپىدە تۇرىشى، ماڭغان يولىدىن يېنۋالماسلىقى لازىم،- ئايال خۇجايىن يېنىدا تۇرغان يىگىرمە ياشلاردىكى ياپما قاپاق بىرسىنى پۇل تارقىتىشقا بۇيرىغاچ ئۇنى قىسقىچىلا تۇنۇشتۇردى،- بۇ ئاكاڭلارنىڭ ئىسمى ئابدۇۋېلى، بۇنىڭدىن كېىيىن سىلەر بىلەن بىللە ئوينايدۇ، بازار ئايلاندۇردۇ، ھەم سىلەرگە ئاكا بۇلىدۇ. ئەتە يولغا چىقىسلەر، بۇندىن كىيىن ھەر قانداق گېپىڭلار بولسا ئابدۇۋېلى ئاكاڭلارغا دەڭلار، ئۇنىڭ گېپىنى ئوبدان ئاڭلاڭلار ...

ئابدۇۋېلى ھەر بىر بالىغا ئەللىك يۈەندىن پۇل تۇتقۇزدى. ئەنۋەر تۇنجى قېتىم قۇلغا كىرگەن بۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرۈپ بەك خوش بۇلۇپ كەتتى. پۇلنى ئۆرۈپ-چۈرۈپ تەپسىلي كۆرۈپ، قاتلاپ پۇرلاپ باقتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئون تۆت ياشقا كىرگىچە ئەللىك يۈەن ئەمەس، ئۆزىگە تەۋە بەش يۈەن پۇلنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. ئايال خۇجايىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇۋېلى ئۆيدىكى شىرە ئۈستىگە ئۈچ قول قەرت تاشلىدى-دە:

-ئاغىنلەر كېلىڭلار، بىكار تۇرغىچە دو تىكىپ قەرت ئوينايمىز. بولمىسا زېرىكىپ قالىمىز،- دەپ ئۆزى قەرت ساناشقا باشلىدى. ئەنۋەرمۇ بالىلار قاتارى قەرت تىزىشقا كىرىشىپ كەتتى. بىراق بىر نەچچە قول ئوينا-ئوينىمايلا ھەممىسى پۇلىرىنى ئابدۇۋېلىگە ئۇتتۇرۋېتىشتى.

-ھەممىڭلەر قەرت بىلمەيدىغان گالۋاڭ بىر نېملەر ئىكەنسىلەر. بوپتۇ، بەش يۈەندىن پۇلۇڭلارنى قايتۇرۇپ بېرەي، قۇرۇق قول قالماڭلار، تاماكا ئېلىپ چىكەرسىلەر. ئابدۇۋېلى كالپۇكىنىڭ بۇرجىكىگە قىستۇرۋالغان پاپىروسىنى شوراپ تۇرۇپ باللارغا بەش يۈەندىن پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭغىچە خىزمەتكار ئايال مېزىلىك پۇراپ تۇرغان بىر لىگەن پولو ئېلىپ كىردى. بالىلار ئېچىرقىغانلىقتىنمۇ ئېيتاۋۇر، تۈزۈت قىلشماستىنلا ئاچكۆزلۈك بىلەن پولوغا تىگىش قىلدى.

تۈن نىسبى بالىلار قېتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئايال خۇجايىنىڭ قايسىبىر ئۆيدىن ئارقا-ئارقىدىن جىرىڭلىغان تېلفۇن ئاۋازىدىن كىيىن ھويلىغا بىر ئەر كىرىپ كەلدى. ئۈزۈن ئۆتمەي ئابدۇۋېلى بالىلارنى جىددىي ھالدا ئويغۇتۇشقا باشلىدى:

-تۇرۇشە! تۇرۇشە ئورنىڭدىن، تېز بۇلۇش! بەش مىنۇت ئىچىدە تەييار بۇلۇڭلار، يولغا چىقىمىز. بالىلار بىر-بىرنى ئويغېتىشپ تېزلىكتە كىيىنىپ تەييار بولۇشقاندىن كېيىن، قورونىڭ ئالدىدا توختىتىپ قۇيۇلغان قارا رەڭلىك پىكاپكا قىستاشتۇرۇپ چىقىرىلدى. ئەنۋەر كېتىپ بارغان ماشىنا دېرىزىسىدىن ئۆزىگە تۇنۇش بولغان بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ئاسمىنىغا قارىدى. بۇلۇتسىز ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار كۆز قىسىشماقتا ئىدى. شۇئان ئەنۋەرنىڭ كۆز ئالدىدا دادىسى ۋە سىڭلىسى زەينۇرەنىڭ غەمكىن چىرايى ھەم باغرى تاش ئانىسىنىڭ سىماسى پەيدا بولدى-دە، ئىختىيارسىز كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ سىرغىشقا باشلىدى.

 

4

 

بالىلار كىچىك-كىچىك ئۆيلەر بىلەن قورشالغان تۆت چاسا قوروننىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدى، ئۆيگە قەۋەتلىك كارۋات قۇيۇلغان بۇلۇپ ئەنۋەر بىرگە كەلگەن تۆت بالىدىن باشقا يەنە ئۆزىگە ئوخشاش تەڭتۇشلاردىن ئۈچ بالىنىڭ بارلىقىنى كۆردى.

-قايسى يۇرتتىن كەلدىڭلار؟-ئېغىز ئاشتى كارۋىتىدا ئوڭدا ياتقىنچە قولىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋالغان بىرسى.

-ئاقسۇدىن.

-ئۈچتۇرپاندىن.

بالىلارنىڭ جاۋابى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىنى خىلى بىر ۋاقىتقىچە جىمجىتلىق باستى. سېسىق تەر، كەندىر ۋە ئاللا قانداق مەينەتچىلىك پۇرۇپ تۇرغان كىچىك بۇ ئۆيدە ئەسىلى بار بولغان ئۈچ بالىنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز سۇئالىدىن باشقا گېپى يوقتەك ئۆز ئىشلىرى بىلەن ھەلەك ئىدى. ئاخىرى بۇ جىمجىتلىقنى ئەنۋەر بۇزدى.

-سىلەر كەلگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى.

-ئىككى يىل.

قولنىڭ بارماق ئۈستىدىكى ئىگىلىشتىنلا يوق بولغان بالا جاۋاپ بەردى. ئەنۋەر جاۋاپ بەرگۈچىنىڭ ناكا بولغان قۇلىغا قاراپ كۆڭلى بىر قىسما بولدى. ئەمما ئەنۋەر ئەتىدىن باشلاپ قىلماقچى بولغان كاۋاپچىلىقىنڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىنى بىلمەكچى بۇلۇپ يەنە گەپ كوچىلاشقا باشلىدى.

-كاۋاپچىلىق قىلىپ خېلى ئوبدان پۇل تاپقىلى بۇلدىغاندۇ؟

-نېمە كاۋاپچىلىق ئۇ؟-دەپ ئالايدى قۇلقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋالغان بالا.

-ئۇخلاپ چۈش كۆرۇپسەن كالا-كومشا سەھرالىقلار! بۇ يەرگە كاۋاپچىلىق قىلىپ پۇل تاپىمەن دەپ كېلىشتىڭما؟- ئاللا قانداق زەخمىدىن ئوڭ كۆزى كۆكۈرۈپ، ئىشىپ كەتكەن يەنە بىر بالا قوشۇمچە قىلدى ھەم ھازىرلا ئورۇشۇدىغاندەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- ماڭا قارا بالاڭزا! بۇ يەردە يانچۇق كولايدىغان گەپ. شۇنداق ئاسان پۇل تاپىدىغان يەر نەدە بار؟ ماڭا دەپ بېرەمسەن يا؟! ئەنۋەر ئۇلارنىڭ سۆزىدىن بىر چىلەك سوغوق سۇ قۇيۇلۇپ كەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى...

ئىككىنچى كۈنى ئابدۇۋېلى بىلەن ئەخمەت قاراماتاق بالىلارنى ئەگەشتۇرۇپ شەھەرنى قانغۇچە ئايلاندۇردى. ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەتلىك بىنالار، لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان شاۋقۇن سۇرەنلىك، رەتلىك، پاكىزە كوچا-رەستىلەر، بۈككىدە گۈل-چىچەك، بوستانلىق، دەل-دەرەخ بىلەن پۇركەنگەن باغچا، ئىستىراھەتخانىلار... ماشىنلار خۇددى مۇكىدەك تىنماي ئۆتۈشۇپ تۇرغان قوش يۆلۈنۇشلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسفالىت يوللار... قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان ئاۋات تاللا بازالىرى... يېڭى كەلگەن تۆت بالىنىڭ خوشاللىق كەپتىرىنى ھەقىقەتەن ئېگىز ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇردى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ بىر كۈنلۈك خوشاللىقى، بالىلارچە ساددا ئارزۇ- ئىستەكلىرى، بەڭۋاشلىقىنىڭ كەينىدە مۇدھىش قارا كۈنلەر، قارا قىسمەتلەر ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئۇلار نەدىن بىلسۇن؟

 

5

 

ئابدۇۋېلى، ئەخمەت قارا ماتاق ۋە شاپ بۇرۇت، چاقماق رەختىتىن تىكىلگەن كەپكىسىنى كۆزىگە چۆكۈرۇپ كىيۋالغان سىمىزلىكتىن ساڭگىلاپ تۇرغان يۈز، بويۇن گۆشلىرىدىن تەر ۋە ياغ تامچىپ تۇردىغان، ئوتتۇرا بوي، قىرىق بەش ياشلاردىكى بىر ئەر كىشى شۇ كۈنى كەچتە بالىلارنىڭ ياتالغۇسىغا كىرىپ كەلدى. ئابدۇۋېلى شاپ بۇرۇتنى خوشامەتگويلۇق بىلەن تۇنۇشتۇردى:

- بۇ ئاكىمىز ھەممىمىزنى بېقىۋاتقان، ئوينىتىۋاتقان، بىزگە باش پاناھ بۇلۇۋاتقان خوجايىنىمىز بۇلىدۇ. يېڭى كەلگەنلەرگە گېپى بار ئىكەن.

شاپ بۇرۇت قىزىللىق تۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن يېڭى كەلگەن تۆت بالىغا بىر دەقىقە نەزەر سېۋەتكەندىن كېيىن بۇغۇق ئاۋاز بىلەن سۆزىنى باشلىدى:

-مېنىڭ تولا ئۇششاق گەپ بىلەن خۇشۇم يوق، بۇ يەرگە كېلىش، كۈن كەچۈرۇش، بۇگۈنكىدەك ياخشىراق ئويناش ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ! قىسقىسى، پۇل بولمىسا بولمايدۇ. سىلەر تۆتىڭلارمۇ ئەتىدىن باشلاپ پۇل تاپىىسىلەر. قانداق پۇل تېپىشنى ئابدۇۋېلى بىلەن ئەخمەت ئاكاڭلار ئۈگىتىدۇ، ئەمما ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پۇل تاپماسلىققا بولمايدۇ. يەنە شۇنى ئالاھىدە دەپ قوياي، قېچىپ كېتىش خام خىيالدا، تاپقان پۇلنى كام تاپشۇرۇپ ساختىپەزلىك قىلىش ئويىدا بولماڭلار... چوتنى خاتا سوقۇپ، ناۋادا مىنىڭ دىگەن گىپىمگە خىلاپ ئىش قىلساڭلار، مېنىڭ قائىدەمنى، ماڭا قارا سانىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇنۇ ئاكاڭلار دەپ بەرسۇن...

-ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ قولى، قاچقانلارنىڭ پۇتى كېسىلىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار مانا ماۋۇ تۇرسۇندىن سوراڭلار،- دەپ چۈشەندۇردى ئابدۇۋېلى كۆرەڭلىك بىلەن قولى كېسىۋېتىلگەن بالىنى كۆرسىتىپ.

بالىلار قورقۇنۇشتىن سەبىي كۆزلىرىنى بىچارىلەرچە مولدۇرلىتىپ ئۇجۇقۇپلا كېتىشتى، ئەمما قانچە پۇشايمان قىلغان بىلەن ئاللاقاچان كېچىككەن ئىدى.

-ئابدۇۋېلى، مەشىقنى ھازىر باشلاڭلار، ھەممە ئىش ساڭا قالدى ھەر كۈنى كەچتە كۆرۈشەيلى.

-خاتىرجەم بولسىلا خۇجايىن، ھەممە ئىشلار جايىدا بۇلىدۇ.

ئابدۇۋېلى خۇجايىننى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، قايتىپ كىرىپ بالىلارغا قايتىدىن چۈشەندۇرۇشكە باشلىدى:

-خۇجايىنىڭ «ھەر كۈنى كەچتە كۆرىشەيلى»دىگىننى ئاڭلىغانسىلەر. بۇ ئۇنىڭ«كۈندە كەچتە تاپقان پۇل، ماللار ھېسابات قىلىنىدۇ، كىم پۇلنى جىق تاپسا شۇ مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاز تاپقانلار ياكى تاپالمىغانلار جازالىنىدۇ» دىگىنى... چۈشەنگەنسىلەر؟ چۇشەنمىسەڭلار، ئاستا- ئاستا چۈشۈنۇپ قالىسىلەر؟

ئابدۇۋېلىنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ئەخمەت قاراماتاق ئىچىگە تەڭگە پۇل سېلىنغان، پورۇقشىپ قايناپ تۇرغان تۈنىگە داسنى كىچىك گاز ئۇچاق بىلەن بىللە بالىلارنىڭ ياتالغۇسىغا ئېلىپ كىردى. گاز ئوچاق ياتاق ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە ئابدۇۋېلى سۆزلەشكە باشلىدى:

ھازىر مەشىقنى باشلايمىز. بۇ قول كۆندۇرۇش مەشىقى قولۇڭلارنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ، ياخشى ئۆگەنسەڭلار پۇلنى جىق تاپالايسىلەر،- ئابدۇۋېلى بۇ يەرگە ئاۋال ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارغا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، قېنى سىلەر بۇ ئۇكىلىرىڭلارغا قۇلۇڭلارنىڭ تېزلىكىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇڭلار.

بۇرۇن ئېلىپ كىلىنگەن ئۈچ بالا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ماھىرلىق بىلەن قايناپ تۇرغان داستىن تەڭگە پۇللارنى خۇددى سوغۇق سۇ ئىچىدىن ئالغاندەك ئېلىپ تاشلاپ قۇيۇشتى. ئەمدى نۆۋەت ئەنۋەر، شىرزاتلارغا كەلگەن ئىدى. بالىلار ئاۋۋال قايناۋاتقان سۇ ئىچىدىن تەڭگە ئېلىشنى، يەنە سومكا، يانچۇقلارغا قولنى قاندا سېلىش، سىزىلىپ قالسا قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشتى. شۇ كۈنى تۈن يېرىم بولغىچە كۆپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، يېڭى كەلگەن بالىلاردىن شىرزات بىلەن ئەنۋەر ھەر قانچە قىلىپمۇ تەڭگە پۇللارنىڭ كۆپىنچىسىنى قايناق سۇ ئىچىدىن ئۇتۇقلۇق ئالالمىدى، قوللىرى كۆيۈپ، قىزىرىپ ئىشىپ كەتتى.

كېيىنى كۈنى ئەتىگەندە«ئورۇنلاشتۇرۇش» بويىچە ئىككى يېڭى ئۆگەنچى، بىر نازارەتچى بۇلۇپ ئىككى گۇرۇپىغا بۆلۈنۇپ«بازار ئايلىنىش»(يانچۇقچىلار بازارغا چىقىپ يانچۇقچىلىق قىلىشنى شۇنداق ئاتىشىدۇ)نى باشلىدى.چولاق ئۇستىسى ساق قولى بىلەن شۈنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ھايت-ھۇيت دېگۈچىلىك باشقىلارنىڭ سومكا، يانچۇقلىرىدىن پۇل، يانفۇن دېگەنلەرنى ئوۋلاپ، نەق مەيداندا «ئۈلگە»كۆرسىتىپ بېرىپ تۇردى، بىراق ئەنۋەر بىلەن شىرزات ئوخشاشلا ھېچ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىدى. كىشىنىڭ ھاياتتا بەزى كىشلەر ھالال-ھارامنى ئايىرىماي، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيالىقنىڭ ئەخلەتلىرىگە ئايلىنىپ ياشىسا، يەنە كۆپلىگەن ئاددىي كىشلەر تۈرلۈك سەۋەب بىلەن گەرچە بىر ئۆمۇر نامىرات، جەۋرى-جاپا... بىلەن ياشىسىمۇ بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يۈتۈۋېلىش، ئېلىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ، ھەتتا ئۇنداق قىلىشنى نۇمۇس، گۇناھ دەپ بىلىشىدۇ. نامىرات، ئاق كۆڭۈل دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئەنۋەر بىلەن ھالال، پاك باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋەرلىق شاھزادىسى بۇلۇپ چوڭ بولغان شىرزات قاراپ تۇرۇپ كۈپ-كۈندۈزدە باشقىلارنىڭ يانچۇقلىرى، سومكىلىرىغا قول سېلىشنى ئۆز ۋىجدانىغا ئەقلىگە سغدۇرالمدى شۇڭا ئۇلار پۈتۈن بىر كۈن دەككە-دۈككە قورقۇنىچ ئىچدە«بازار ئايلىنىپ»مۇ كەچتە«نەتىجىسىز» قايتىپ كېلىشتى. بازار ئايلانغان تۇنجى كۈنى كەچتە، ئۇلار بىلەن بىللە يېڭى كەلگەن ئىككى نەپەر بالا يامان ئەمەس«نەتىجە»نى قولغا كەلتۇرۇپ ئەللىك يۈەندىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەكىسچە ئەنۋەر بىلەن شىرزات شاپىلاق، تېپك بىلەن جازالاندى. ئىككىنچى كۈننى ئۇلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ناچار بولدى، ئوخشاشلا بازاردىن قۇرۇق قول قايتىپ كېلىشتى. پۇتۇن بىر كىچە-كۈندۇز ئۇلارغا ھېچقانداق يىمەكلىك ۋە ئۇسسۇزلۇق بېرىلمىدى. ئۈچىنچى كۈنىمۇ ئەنۋەر بىلەن شىرزات ھەممە ئىشنى پىشانىسىدىن كۆرۈپ ئاچلىق، قورقۇنىچ،ئازاپ ئىچىدە كۆپ ئۇرۇنۇپ كۆرسىمۇ، بىر پۇڭلۇق ئولجنى قولغا كەلتۈرەلمەي يەنە نەتىجىسىز ھالدا ياتالغۇغا قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەھشەتلىك ئۇرۇش، قىيناش جازاسىغا دۇچ كەلدى...

6

 

ئەنۋەر خېلى بۇرۇنلا تىنىقتىن قالغان شىرزاتنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قار-يامغۇر يىغلىدى، تۈكۈلدى، يۈرىكى پارە-پارە بولدى. يەنە تۆمۈر ئىشىكنىڭ تاراڭشىپ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ يەر ئاستى ئۆيىگە خۇجايىن ۋە چۇماقچىلىرى ئابدۇۋېلى، ئەخمەت قاراماتاقلار كىرىپ كېلىشتى. خۇجايىن ئاتايىن شىرزاتنىڭ يېنىغا كىلىپ بىر ھازا كۈزىتىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن چۇماقچىلىرىغا ئەنۋەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،« ئېلىپ چىقىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. چۇماقچىلار ئەنۋەرنى ئىككى قۇلدىن تۇتقىنچە سۆرەپ دېگۈدەك مەخسۇس تەييارلانغان جازا ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ تاشلاشتى. خوجايىن، ئۈشۈكتە قالغان موردىدەك قارىداپ تۇتۇلغىنچە ئالدىرىماي ئۈستۈنكى كىيىملىرىنى سېلىپ يېرىم يالىڭاچ بولدى. ئۇنىڭغىچە ئىككى چوماقچى خوجايىننىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، ئۈن-تىنسىزلا ئەنۋەرنىڭ كالتا ئىشتىندىن باشقا كىيمىنى سالدۇرۇپ ئۈلگۈرۈشتى. نورمال ھىس-تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ گاراڭ بولغان ئەنۋەر قۇشخانغا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن قوي كەبى نىمجان ھالدا ياتاتتى. خوجايىن تامدا ئېسىقلىق تۇرغان ئىنىشكە پۇلات سىم قامچىنى قولغا ئېلىپ بىر-ئىككى قېتىم ئويناتتى-دە، سېمىز، كېلەڭسىز بەدىنىگە ماس كەلمىگەن تېزلىك بىلەن ئەنۋەرنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، گەپ-سۆزسىزلا ئەنۋەرنى تەلۋىلەرچە ساۋاشقا باشلىدى. ئەنۋەر باشتا يۈز-كۆزىنى قوغداش ئۈچۈن نالە قىلىپ يىغلاپ، ئىككى قولى بىلەن بېشىنى قاماللاپ، قامچىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى، بىراق خوجايىن توختايدىغاندەك ئەمەس. ھەر بىر ئۇرۇلغان پۇلات سىم قامچا خۇددى ئۆتكۈر قېلىشدەك، ئەنۋەرنىڭ بەدىندە ئۇزۇن-ئۇزۇن قانلىق يېرىقلارنى، ئىششىقلارنى پەيدا قىلاتتى، ئەنۋەرنىڭ بەدىندىن چاچرىغان قىپ-قىزىل قانلار يەرگە، تامغا، خوجايىننىڭ يۈز-كۆزلىرى، بەدەنلىرىگە چاچراشقا باشلىدى. ئاخىرى بەرداشلىق  بىرەلمىگەن ئەنۋەر داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يۇمۇنۇلۇپ قېچىشقا ئۇرۇندى، خۇجايىن قوغلاپ دىگۈدەك ساۋايتتى. ئەنۋەر بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلدى ھەم ھالسىزلىنىپ ئاۋازى تەدرىجىي پەسيىشكە باشلىدى. چىپىق-چىپىق تەرلەپ كەتكەن خوجايىن ھاسىرغىنچە ساۋاشتىن توختاپ، يوغان قوللىرى بىلەن ئەنۋەرنىڭ كىچىككىنە كەجگىسىنى قاماللاپ تامغا يۆلەپ قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى-دە، سوراشقا باشلىدى:

-ئېيتە! ئاخشام ساق-سالامەت قالغان شىرزاتنى زادى كىم ئۆلتۈردى؟!

ئەنۋەر بۇ سۇئالدىن ھەيران قالدى،« ئەجەبا شىرزاتنى ئۆزلىرى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ يەنە مەندىن سوراۋاتىدىغۇ؟» دەپ ئويلىدى. ئەمما قورقۇنچتىن ئامالسىزلارچە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردى:

-مەن ...مەن... بىلمەيمەن ... راست.

ھە؟! يەنە بىلمەيمەن دەيسەنغۇ؟! شىرزاتنى زادى سەن ئۆلتۈرمەي كىم ئۆلتۈرىدۇ! ئىككىڭ، پەقەت ئىككىڭلار بىرگە ياتقان تۇرساڭ؟!

-جېنىم خوجايىن، خوجايىن ئاكا، راستىنلا شىرزاتنى مەن ئۆلتۈرمىدىم، ئۇنى مەن نېمىشقا ئۆلتۈرگىدەكمەن؟!

ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزى تۈگىشىگىلا خوجايىننىڭ بىر تەستىكى بىلەن يەرگە دومۇلاپ چۈشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابدۇۋېلى تاماكا، نەشە تولدۇرۇلغان چىلىمنى كۆتۈرۈپ كىردى، خۇرۇچى ئۆرلەپ، خۇمارى تۇتۇپ تۇرغان خوجايىن ئەنۋەرنى تاشلاپ قۇيۇپ، زوڭ ئولتۇرۇپ تەشنالىق بىلەن چىلىمنى شوراشقا باشلىدى. خوجايىننىڭ چىلىمنى ئارقا-ئارقىدىن شوراپ خومارىدىن چىققىننى پەملىگەن ئەخمەت قاراماتاق پەس ئاۋازدا:

-ئىسسق سۇ ئېلىپ كىرەيمۇ؟ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇۋالاملا؟...- دېدى خوشامەتگۇيلۇق بىلەن.

-ياق، ئۆزۈم چىقىپ يۇيىمەن،- خۇمارىدىن چىقىپ كەيپىياتى سەل ياخشى بولغان خۇجايىن ئەنۋەرگە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئەقلىڭنى تېپىپ ئوبدان ئويلۇنۇپ تۇر، سەل تۇرۇپ دىيىشىمىز. سەن ھارامدىن بولغاننىڭ ئېغىزىنى قانداق ئاچىدىكەنمەن قېنى؟

خوجايىن چىقىپ كەتتى. ئابدۇۋېلى ئەنۋەرنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە:

-ساڭا ئىسسىق جان لازىممۇ؟-دېدى.

-لازىم،- ئەنۋەر ئاغرىق ئازابىدىن ئېڭراپ نالە قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.

-ئانداق بولسا نىمىشقا« شىرزاتنى مەن ئۆلتۈردۇم» دېمەيسەن؟

ئەنۋەر ئىسىنى يىغىپ بىر نەرسىنى ھىس قىلىپ، «ئەسلىدە ئۇلار شىرزاتنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشۈپ ماڭا دۆڭگەپ قويماقچىكەندە؟!» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇۋېلىنىڭ كۆزىگە تىكلىپ قارىدى.

-ماڭا بۇنداق قارىما، مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنى دەۋاتىمەن. ئەگەر بوينۇڭنى يەنە قاتتىق قىلدىغان بولساڭ...بولدى مەن قالغان گەپنى دېمەي.

ئەنۋەر ھەممىنى ئەمدى تۇللۇق چۈشەندى، بەدىننىڭ چىدۇغۇسىز دەرىجىدىكى ئاغرىققا چىدىيالماي كۆزىنى يۇمغىنچە ئېڭراشقا باشلىدى. خوجايىن يۇيۇنۇپ بولۇپ يەنە ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوراشقا باشلىدى:

-قانداق، ئويلۇنۇپ بولدىڭمۇ؟

-ئويلاندىم، كىچىدىن... شىرزاتنى ... مەن ...مەن ئۆلتۈردۈم!

خوجايننىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ، يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-مانا بولمىدىمۇ، بالدۇرراق مۇشۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ؟ بىر مۇنچە ھارام تاياقنى ئاز يەيتىڭ. ئەمدى ھەممە ئىش تۈگىدى دېگەن گەپ. قورقما، سېنى بىز ھەرگىز ساقچىغا تۇتۇپ بەرمەيمىز، سىنى تېخى قوغدايمىز. بىر ئادەم ساڭا بۇ خىلۋەت ئالەمنىڭ چېتىدە شىرزاتنى نىمىشقا ئۆلتۈردۈڭ دەپ ئېسىلۋالمايدۇ. پەقەت شىرزاتنىڭ ئۆلىكىنى پەم بىلەن بىر تەرەپ قىلۋەتسەك، يەنە بۇ سىرنى ھەمىمىز ساقلىساقلا بۇلدۇ؟...

خوجايىن ئۆز ھەيۋىسى، ئەقىل پاراسىتىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا مېيىقىدا كۈلۈپ، ئەنۋەرگە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى يەنە بىر گەپ، شىرزاتنىڭ ئۆلۈكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمكارلىشىسەن، بۇلامدۇ؟

-بۇلىدۇ.

-گەپنى ئۇچۇق دەي! شىرزاتنى ئۆلۈپتۇ دەپ مەلۇم قىلساق، داۋراڭ سالساق، سەۋەبىنى سوراپ، ئۆلتۈرگۈچىگە، يەنى ساڭا ئېسىلىۋېلىشدىن يانمايدۇ. يەنە كىلىپ ئۆلۈكنى بۇ شەھەرگە كۈمۈش ئۈچۈنمۇ 10-20 مىڭ يۈەن خەجلەيدىغان گەپ، سىنىڭ پۇلۇڭ بارمۇ؟ يوق. شۇڭا پەم بىلەن پاكىز بىر تەرەپ قىلمىز، چۈشەندىڭمۇ؟ بىز نېمە دېسەك شۇنى قىلساڭلار بولدى. سەن پەقەتلا يەنە بۇ سىرنى ئۆمۈر بويى ساقلىساڭلار،«شىرزاتنى مەن ئۆلتۈردۈم» دەپ بىر پارچە ئىسپات يېزىپ بەرسەڭلا ساڭا باشقا دەرد –پەد يوق، ماقۇل دەمدىكەنسەن؟

-ماقۇل، ماقۇل.

ئابدۇۋېلى قەغەز-قەلەم ئېلىپ كىردى، ئەنۋەر تاياق دەستىدىن تىنماي سىقىراپ ئاغرىپ تۇرغان قان يۇقى قۇلى بىلەن« شىرزاتنى مەن ئۆلتۈردۇم دەپ ئىسپات يېزىپ بەردى، بىراق ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. خوجايىن كۆينىكىنى كەيگەچ چوماقچىلىرىغا ئىش تاپلاشقا باشلىدى:

-ھەممە ئىش پۈتتى. ئەخمەت سەن ھازىرلا چىقىپ پىششىىقراق يوغان يالتىراق سومكىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ كىر، ئابدۇۋېلى، سەن ئاۋال بۇ ھارام سۈيدۈكنى يۇيۇندۇرۇشقا بىللە ئېلىپ بار، بىر قۇر كىيىم يەڭڭۈشلىسۇن، يەنە قورسىقىنى ئوبداب تويغۇز. ئاندىن ئۆلۈكنى كونا قائىدە بويىچە بىر تەرەپ قىلشىنى چۈشەندۈرۈپ قوي. ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۈگۈن چۈشتىن كىيىن دېڭىز بويىغا ئوينىغىلى بارىمىز.

-ماقۇل.

 

7

 

ئابدۇۋېلى ئەنۋەرنى يۇيۇندۇرۇپ ھەم تاماقلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قۇتا ھاراق ۋە خاسىڭ، دادۇر دېگەندەكلەرنى ئېلىپ كىرىپ بالىلار ياتالغۇسىدا سورۇن تۈزدى. ئەنۋەرنىڭ ئۆمرىدە ئۆزىگە سونۇلغان تۇنجى رومكىنى دەرھاللا رەت قىلغۇسى بار ئىدى، چۈنكى ئۇ ھاراق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېغىزىغا ئېلىپ باقمىغان ئىدى، ئەمما بولغان ۋە بولىۋاتقان ئىشلاردىن بۇلار قىلىسەن دېگەننى قىلمايمەن دېيىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەر قاندىقى نېمە دېسە ماقۇل دېيىش قارارىغا كەلدى ۋە بىرىنچى رومكىنى كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ بىرلا كۆتۈرۇپ ئىچىۋەتتى.گېلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھاراق خۇددى يالقۇنلاپ تۇرغان بىر دەستە ئوتتەك، ئەنۋەرنىڭ ئۈچەي- باغرىنى كۆيدۈرۈپ،ئېچىشتۇرۋەتتى. رومكا ئوبدانلا ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ئەنۋەر چېقىپ، سىقىراپ ئاغرىۋاتقان بەدىندىكى ئاغرىق ئازابى شىپا تېپىپ قالغاندەك ھېس قىلدى، كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۇرلۇپ سۆزمەنلىشىپ، تۆتىنچى رومكىنى سەل لىقلاپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئابدۇۋېلى دەل مۇشۇ پەيىتتە ھاراق قويماستىن سۆز باشلىدى:

-يەنە ئشكۈڭ بارمۇ؟

-مەيلى ئىچسەك...

-ئەمما بىز تېخى خوجايىن دېگەن ئىشنى قىلمىدۇق.

-نېمە ئىشنى؟

-سەن بىلەن مەن شىرزاتنىڭ ئۆلۈكىنى سومكىغا سالىدىغان ئىش...

-شىرزاتنىڭ ئۆلۈكىنى سومكىغا سېلىپ نېمە قىلىمىز؟

-نېمە بۇ ئىشلارنى سورايسەن؟ سەنچۇ تولا ئىشلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى سورىماي، ئاۋۋال قىل دىگەننى قىل، بولامدۇ؟

-بولىدۇ، بولىدۇ. خوجايىن شۇنداق دېگەن بولسا ئەمسە ھازىرلا سالايلى.

ئەنۋەر ھاراقنىڭ كەيپىدىنمۇ ئېتاۋۇر ئالدىنقى كۈنلەردىكى ئەنۋەرگە زادىلا ئوخشىماي قالغان ئىدى. ئابدۇۋېلى ئەنۋەرگە سوغوق تەگدى:

-ئەجەپ دۆت بىر نېمە ئىكەنسەنغۇ؟ سەنچە شىرزاتنىڭ ئۆلۈكى سومكىغا شۇنداق ئاسان پاتارمۇ؟

-قانداق قىلىمىز؟

-بېشىنى، پۇتىنى كېسىپ سالىمىز...

-كىم كىسدۇ؟

-سەن كەسمەي كىم كىسىدۇ؟ ئەتىگەندە خوجايىن سورىسا نېمە دىېسىڭىز شۇنى قىلاي دەيسەن. ئەمدى تىلىڭنى چاينايسەنغۇ؟ ئەگەر ئىچكۈڭ بولسا«ئىش»نى تۆگىتىپ ئاندىن ئىچىشەيلى.

ئەنۋەر بىر دەققە ئۇنسىز تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ئابدۇۋېلىنىڭ نېمە دېيىشى بىلەنمۇ كارى بولماستىن ھاراق پوتولكىسىن قولغا ئېلىپ ئۆزىگە تولدۇرۇپ بىرنى قۇيۇپ ئىچۋەتتى-دە، بۇغۇق، غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن:

-ماڭايلى!-دەپ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئابدۇۋېلى ھېلىگەرلىك بىلەن مېيقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان يوغان يالتىراق سومكا، كەڭ بىسلىق پالتىنى ئېلىپ ئەنۋەرنىڭ كەيندىن ئەگەشتى.

ئەنۋەر يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ شىرزاتنىڭ جەسىتى يېنىدا، خۇددى شىرزاتتىن ئەپۇ سوراۋاتقاندەك تىزلىنىپ ئولتۇردى-دە، بۇغۇلۇپ تۇرۇپ قان-قان يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە خىتاپ قىلاتتى:«شىرزات! سەن بىلەن مەن بۇ ئىچكىرگە نېمە بار دەپ چىقتۇق؟ مۇشۇنداق خورلۇق، مۇشۇنداق كۈن تارتىمىز دەپ چىقتۇقمۇ؟ مۇشۇنداق گۇلدەك ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىمىز، بىر-بىرىمىزنىك گۆشىنى پارچىلايمىز دەپ چىقتۇقمۇ...؟» ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاۋازىنى قويۋېتىپ سۆزلەپ كەتتى...

-نېمە. نامازىنى چۈشۈرىۋاتامسەن؟ گەپ قىلمىسا تېخىچە ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ تېز بول، ھېلىمۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ئاۋارە بولدۇق!

ئابدۇۋېلى سۆزنى تۈگىتىپ، قولىدىكى پالتا، سومكلارنى تاشلاپ قويۇپ، يەر ئاستى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەنۋەر شىرزاتنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، دەريا-دەريا ئېقىۋاتقان كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، پەس ئاۋازدا كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى:

-مېنى كەچۈرگىن، ئەپۇ قىلغىن! بۇ ئالۋاستىلارنىڭ نىيتىنى، پەيلىنى بىلىسەنغۇ؟ مەن سېنىڭ تىنىڭنى پارچىلمىسام، مەنمۇ ئۆلسەم بۇلىدۇ، ئەمدى مەن بولساممۇ ھايات قايتىپ كېتەي. كەچۈر، مېنى كەچۈر، ئۇ ئالەم بۇ ئالەم كەچۈر!- ئەنۋەر چالا كەيپىلىكتە شىرزاتنىڭ ھازىرلا خۇددى قاسساپ كانارىدىكى گۆشتەك پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدىغان غېرىپ مىيتىگە،... ئۆزىنىڭ ئادەملەر قىلسا زادى بولمايدىغان جىنايەتكار بىر ئىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئاجىز، بىچارە ھالىتىنى ئويلاپ، ئۆزىگە نەپرەتلىنىپ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، ئاۋۋالقى ئېچىنىش، ئازابلىنىش يېغىسى بىردىنلا سوغوق كۈلكىگە ئالماشتى ۋە شىرزاتنىڭ جەسىتىنى قولتۇقىدىن تۇتۇپ كارۋاتتىن پەسكە ئېلىپ چۈشتى، كۆينىكىنى سالدۇرۇپ يۈزى بىلەن بوينىنى ياپتى. ئاندىن قولغا پالتىنى ئېلىپ كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، شىرزاتنىڭ بوينىنى نىشانلاپ ئارقا-ئارقىدىن چېپىشقا باشلىدى. ئەنۋەر كۆزنى ئېچىپ، شىرزاتنىڭ بېشىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئاندىن يۇتىسغا نىشانلاپ پالتا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئابدۇۋېلى يەر ئاستى ئۆيىگە قايتا كىرىپ كەلگەندە ئەنۋەر شىرزاتنىڭ پارچىلۋېتلگەن جەسىتى ئالدىدا ھەيكەلدەك قېتپ ئولتۇراتتى. ئابدۇۋېلى ئەنۋەرنىڭ ئېسىنى يىغدۇرۇپ، سومكىنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ، ئۆزى شىرزاتنىڭ پارچىلانغان جەسىتىنى خىش، تاش پارچىلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ سومكىغا سېلىشقا باشلىدى...

چۈشتىن كىيىن خوجايىن چوماقچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئەنۋەرنى ئېلىپ، يەنە ئىككى دانە ئوخشاش رەڭ ۋە ئوخشاش شەكىلدىكى يوغان يالتىراق سومكىنىڭ بىرسىگە ئىچىملىك، يېمەكلىك، سېلىنجا قاتارلىق ساياھەت بۇيۇملىرىنى قاچىلاپ، سومكىلارنى ماشىنغا سېلىپ، دېڭىز بويىغا ساياھەتكە مېڭىشتى...

تەخمىنەن ئىككى سائەتچە يول يۈرۈپ، كۈز پەسلىدىكى گۈزەل شەرقي دېڭىز بويىغا يېتىپ باردى. مەخسۇس دېڭىز ساياھىتى ئۈچۈن ياسىلىپ، چىرايلىق بېزەلگەن ساياھەت قېيىقىدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، دېڭىز قىرغىقىدىن ئايرىلىشتى. خوجايىن بىلەن چوماقچىلار قېيىق ئۈستىدە قانغۇچە ھاراق ۋە پىۋا ئىچىشتى، گۆش ۋە باشقا ئېسىل نازۇ-نىمەتلەرنى يىيىشتى، خۇددى جانسز ھەيكەلدەك قېيىقنىڭ بىر بۇرجىكىدە قېتىپ شۈمشۈيۈپ ئولتۇرغان ئەنۋەر بىلەن شۇ دەمدە ھېچكىمنىڭمۇ كارى بولمىدى. يېقىن ئەتراپتا بۇ قېيىقتىلەرگە دىققەت قىلدىغان ئادەملەر يوقلۇقىنى سەزگەن خوجايىن، ئابدۇۋېلىغا سومكىنى ئىشارەت قىلدى. ئابدۇۋېلى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىراپقا تەپسىلي قارۋەتكەندىن كىيىن شىرزاتنىڭ جەستى سېلىنغان سومكىنى ئىنجىقلاپ تەستە كۆتۈرۈپ، سۇلىرى تىنماي چايقىلىپ، لەڭ ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىزغا قويۇپ بەردى. سومكا سۇ يۇزىدە سانسىزلىغان كۆپۈكچىلەرنى قالدۇرۇپ چۆكۈپ كەتتى. بۇ ئىشقا مەستىلىكى خىلى يىشىلىپ سىرتتىن پەرۋاسىز ھالدا بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرغاندەك قىلغان بىلەن يۈرىكى لەختە-لەختە قان بۇلۇپ كەتكەن ئەنۋەرنىڭ يىغلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھېشكىمنىڭ قېتىغىمۇ كىلىپ قويمىدى. شۇنداق قىلىپ تېخى ئون گۈلنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان، گۈزەل ئۆسمۈرلۈك گۈلىستاننىڭ بوسوغىسىغا ئەمدىلا قەدەم ئالغان بىر سەبىنىڭ ھاياتى قۇلىدىن جىمى يامانلىق، بالا-قازا كىلدىغان، مۇشۇ تۆت كۆنلۈك ھاياتىدا پۇلدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان شۇ بىر توپ ئادىمي ھايۋانلار، ئەخلەتلەر تەرپىدىن خۇددىي چۆمۈلىنى دەسسەپ ئۆلتۈرگەندەكلا نابۇت قىلىندى.

ئەنۋەر ساق بەش كۈن يەر ئاستى ئۆيىدە ئىلىكتىر چىراق يورۇقىدا كۈنگە بەش يۈز زىقتىن كاۋاپ ئۆتكۈزدى. پەقەت ھاجەتكە چىققان ۋاقىتلا كۈن نۇرىنى كۆرمىسە، كۈننىڭ قاچان چىقىپ قاچان ئولتۇرغانلىقىنىمۇ بىلمىدى. ئالدىنقى كۈلەردىكى قامچىلنىش،... شىرزاتنىڭ جەستىنى پارچىلاش، دېڭىزغا تاشلىۋېتىش، بەش كۈندىن بۇيانقى جازا ھېسابىدىكى يەككە-يېگانە ھالدا يەر ئاستى ئۆيىگە سۇلىنىپ تۇرۇپ كاۋاپ ئۆتكۈزۈش... لەر ئەنۋەرنىڭ يۈركىنى لەختە-لەختە قان-يىرىڭ بىلەن تولدۇرۇپ، ھۇجۇدىدا بىر ئۆمۈر ساقايتىپ بولغۇسىز يارا-جاراھەتلەرنى قالدۇرىدى. ئەنۋەر يالغۇزلۇققا، يۈرىكىدىكى دەرت-ئەلەمگە پايلىماي، غايىۋانە ھالدا شىرزات بىلەن سۆزلەشتى، دادىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن سۆزلەشتى، يىغلىدى، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى، ئەمما بۇ يەر ئاستى« تۈرمە زۇلۇمىدىن» قاچان، قانداق قۇتۇلغانلىقىغىمۇ ئەقلى يەتمىدى.

بەشىنچى كۈن كەچقۇرۇن، خوجايىن ئەنۋەرنى ئۆيىگە چاقىرتتى ۋە تاماكىسىنى شوراپ تۇرۇپ سۈرلۈك قىياپەتتە گەپ باشلىدى:

-ساڭا باشقا جايدىن لوبەن(خوجايىن دىمەكچى) تېپىپ قويدۇم. ئۆزىڭمۇ مىنىڭ قېشىمدا ھېچقانداق ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىدىڭ. ھېلىقى شۇم بولسا ئۆلىۋالدى، تۆت كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سەنمۇ ئۆلىۋالما يەنە. ئەتە سىنى نەنجڭگە ئېلىپ كەتكىلى كىلىدۇ، بۇنىڭدىن كىين باشقا لوبەننىڭ قۇلىدا ئىشلەيسەن. ھازىر سىنى ئۆيۈمگە چاقىرتىشىمدىكى مەقسەت، ئۇ يەرگە بار ياكى قەيەرگە بار ھېلىقى ئۆلىۋالغان شۇمنىڭ ئىشى ھەققىدە باشقىلارغا قەتئىي ئېغىز ئاچقۇچى بولما! مەن ئۆزەڭگە ياخشى بولسۇن دەپ بۇ گەپنى ساڭا ئاتايىن داۋاتىمەن، ئەگەر بۇ گېپىمنى ئاڭلىماي، بۇ ئىشنى خەققە تىنىپ يۈرسەڭ شۇنى ئۇقۇپ قوي، ساقچىلار ئىزدەپ كەلسە ئەڭ ئاۋۋال تۇتىدىغىنى، تۈرمىگە كىرىپ ئېتىلدىغىنى يەنىلا سەن! مېنىڭ قۇلۇمدا سەن يېزىپ بەرگەن ئىسپات بار. يەنە شۇنىمۇ دەپ قۇياي، بىزنى چىشلەپ تارتىمەن دەپ دۆتلۈك قىلىپ يۈرمە! ئەگەر ماڭا قارا چاپلىماقچى بولساڭ، مىنىڭ كىملىكىمنى، قانداق ئادەملىكىمنى، قانچىلىك پۇل، بايلىقىمنىڭ، ئىناۋىتىمنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلپراق سۆزلەرسەن، بىلدىڭمۇ؟

-بىلدىم، بىلدىم لوبەن ئاكا! قەتئىي دېمەيمەن! قەتئىي!!- قورقۇشتىن پۇتلىرى ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترەپ كەتكەن ئەنۋەر كىچىك تەرەىتىنى تۇتالمىغىلى تاسلا قالدى.

-ئەمسە چىقىپ كۆزۈمدىن يوقال.

 

8

 

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئابدۇۋېلى يەر ئاستى ئۆيىدىن ئەنۋەرنى ھويلىغا ئېلىپ چىقتى. ھويلىدا خوجايىن ۋە 40 ياشلاردىكى، چىرايىنى چىبەر قۇتتەك قورۇق بېسىپ كەتكەن، قان دىدارى قالمىغان ئاپئاق يۈزى، ئازراقلا شامال چىقسا، ئۇچۇپ كېتىدىغان قوناق شادىسىدەك ئورۇق تۇرقىدىن چېكەرمەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇردىغان ناتۇنۇش بىر ئەركىشى تۇراتتى. خوجايىن ئەنۋەر ئېلىپ چىقىلغاندىن كىيىن ھېلىقى ئادەمگە ئەنۋەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-كۆرگەنسىلەر«چىشقاق» ئاداش،(خىروئىن، زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرى دۆلەت ۋە ئۆلكە ئارا زەھەر تۇشۇغۇچىلارنى شۇنداق ئىسىم بىلەن ئاتىشىدۇ) مۇشۇ شۇم شۇ، دەل سىلى دىگەندەك پۇت-قولى چاققان بۇنىڭ.

-ئۆزۈڭلار شۇنداق دېگەندىكىن ئېلىپ كىتىۋىرەي، مەن ماڭدىم ئەمسە، خوش.

-خوش.

خوجايىن ئەنۋەرنى «چىشقاق »ئىسىملىك ھېلىقى لوبەنگە ئەنە شۇنداق داڭلاپ يۈرۈپ بەش مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى. ئەمما ئەنۋەر قاسساپ يېتلەپ قۇشخانغا ئېلىپ كېتىۋاتقان قويدەك ھېچنىمنى سەزمىگەن ھالدا ئۆزىنى سېتىۋالغان لوبەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ قورو ئالدىدا توختىتىپ قۇيۇلغان«سەنلىڭ» ماركىلىق ھەشەمەتلىك پىكاپقا چىقتى. ئەنۋەرنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان لوبەن ماشنا ئىچىدە ئەنۋەرگە قاراپ سۆزسىز بىرھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ماشنىسىنى ئاستا قوزغاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى:

-يۈز-كۆزۈڭدىكى نېمە يېغىر، نېمە ئىششىق ئۇ؟

-ئۇلار... ئۇردى!

-ئەسلى پۇل تاپالماي يېگەن تايىقىڭنىڭ ئىزىكەندە؟! شۇنداقمۇ؟! مەن دەپ قۇياي، مەن سىنى بۈگۈندىن باشلاپ ئون مىڭ يۈەنگە سېتۋالدىم، («چىشقاق» يالغان ئېيتىۋاتاتتى) مىنىڭ قېشىمغا بېرىپمۇ پۇل تاپالمىساڭ، سىنى ئۆلتۈرۈپ گۆشۈڭ بىلەن ئىتىمنى باقىمەن جۇمۇ؟

ماشنا ئۇچقانداك كېتىپ بارماقتا، ئەنۋەر خوجايىننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ چاقچاق بۇلۇپ قېلىشىنى بەك ئارزۇ قىلغان ئىدى، ئەمما خوجايىن سوغۇق، قانسىز، پۇرلاش يۈزىدە ئازراقمۇ ئىللىقلىقتىن، كۈلكىدىن ئەسەر يوق ئىدى. ئەنۋەر تۇنجى ئېلىپ كىلىنگەن، تاياق-توقماق، زۇلۇم ۋە جىنايەت بىلەن تولغان ئالۋاستىلار ئۇۋىسىدىن قۇتۇلۇپ نەنجىڭغا باردىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، قانداقلا بولمسۇن يېڭى بارماچى بولغان ئۇرۇندىن ئازراق ئۇمىدلەنگەن ئىدى. ئەپسۇس، خوجايىننىڭ ئۆلۈم پۇراپ تۇردىغان سوغوق سۆزلىرى،«سېتۋالدىم، گۆشۈڭ بىلەن ئېتىمنى باقىمەن...» دىيىشلىرى...دىن ئەنۋەر ئۆزىگە تېخىمۇ چوڭ زۇلۇم، بالا-قازاغا تولغان قارا كۈنلەرنىڭ يېقىنلاپ كېلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەر كۈنى تولا يىغلاپ، تولا ئېقىپ تۆگەپ كېتەي دېگەن كۆز ياشلىرىنى مىڭ تەسلىكتە توختىتىپ، ئىچىدە ياراتقۇچىدىن بۇ دوزاقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى تىلدى.

يېڭى خۇجايىنى ئۇنى قەدىمى نەنجىڭ شەھىرنىڭ سىرتىغا جايلاشقان خىلۋەت خالتا كوچىدىكى ئىجارە ئېلىنغان، توخۇ كاتىكىدەك كىچىك بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-بۇ سىنىڭ ياتىقىڭ، سەمەت دېگەن ئاكاڭ بىلەن بىرگە ياتىسەن. قائىدە ئوخشاش، ۋەزىپە سەل جىقراق. بۇلۇپمۇ ۋەزىپىگە، تاپىدىغان پۇلغا چاقچاق قىلما. مەن مۇشۇنچىلىك دەي، قالغىننى ئۆزۈڭ بىلەرسەن. ھازىرلا سېنى بازارغا ئېلىپ چىقىدىغان ئىپارە دىگەن ئاچاڭ كېلىدۇ، بىللە بازارغا چىقىشنى باشلايسەن، شۇ ئاچاڭ ساڭا ھەممىنى ئۆگىتىدۇ. بىلمىگەن يېرىڭ بارمۇ؟

-يوق.

-ماقۇل، ئەمسە تەييار بۇلۇپ تۇر.

-....

ھايال ئۆتمەي، ئەنۋەر ساقلاپ تۇرغان ياتاققا، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، زامانغا لايىق مودا كىينگەن، ئون بەش كۈنلۈك تۇلۇن ئايدەك سۈتتەك ئاق ھەم سۈزۈك يۇملاق يۈزىنى تېخىمۇ نۇرانە كۆرسەتكەن بىر جۇپ قارا قوي كۆزىدىن گۈزۈللىك نۇرلىرى چاقناپ تۇردىغان، ئۇنىڭ شۇ گۈزەللىگىدىن ھىچكىم يانچۇقچىلىق قىلىپ پۇل تاپىدۇ دەپ ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغىدەك چىرايلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى-دە، ئەنۋەرنى كۆرۈپ سورىدى:

-يېڭى كەلگەن بالا سەنمۇ؟

-شۇنداق.

-مەن بىلەن ماڭ، بازارغا چىقىمىز.

ئەنۋەر ئۇ قىزغا ئەگەشتى. قىز قوروسىدىن چىقىپ بۇلۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئەنۋەرگە سىنچىلاپ تەپسىلىي قارىدى ۋە سۆزلەشكە باشلىدى:

-يۈز، بۇيۇنلىرىڭدىكى تاياق ئىزلىرىدىن قارىغاندا، خوجايىنغا پۇل تېپىپ بىرەلمەي تاياق يېدىڭ، شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق.

-بىزنىڭ بۇ بەڭگى خوجايىن سەندەك بىر پۇل تاپالمايدىغان يارامسىزنى سېتۋېلىپ تازا قۇيلۇپتۇ دە؟! سەن ئېيتىپ باقە! ئۆزۈڭنىڭ بۇ يەردە«بازار ئايلىنىپ» پۇل تېپىشقا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟

...

-پۇل تاپالمىساڭ بۇ يەردە تېخىمۇ قاتتىق تاياق يەيسەن. سەن بىزنىڭ خوجايىن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاچچىقنى، خۇي-پەيلىنى بىلمەيسەن، ئاچچىقنى كەلتۈرگەن بولساڭ خۇددى غالجىر بۇلۇپ قالغان ئىتنىڭ ئۆزى بۇلىدۇ، تىرىك كۆمۋېتىشتىن يانمايدۇ.

-مەن ...مەن... ئەزبىرايى خۇدا، پەقەت بۇنداق...بۇنداق...قىلىپ پۇل تاپالمىدىم، قەتئىي ئەپلەشتۈرەلمىدىم.

-ئۇنداقتا ئەمسە تاياقتىن ئۆلۈپ كەتكۈڭ بارمۇ؟!

...

سەن ئەڭ ياخشىسى پۇل تاپالمىدىم، ئەپلەشتۈرەلمىدىم دەپ ئېغىزىڭنىڭ سۈيىنى قۇيۇپ ئولتۇرماي، مەندىن ياخشى ئۆگىنىپ پۇل تاپ، قالغان ئىشلار ئاستا-ئاستا ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ، بىلدىڭمۇ؟

ئەنۋەر ئىچكىرگە چىققاندىن بۇيان بۇ يەردە  يانچۇق كولاپ جان باقىدىغانلار ئىچىدە، تۇنجى قېتىم ئۆزىگە سەمىمىي، سىلىق، باراۋەر مۇئامىلە قىلغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن يىغلىۋېتىشكە تاس قالدى. شۇ كۈنى چۈشتى كىيىن ئەنۋەر بىلەن بازار ئايلانغان ئىپارە«ھۈنەر» لىرىنى چىقىرىپ، ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا ئون نەچچە يانچۇق، سومكىلارنى«پاكىزلاپ» خېلى جىق ئولجىنى قولغا كەلتۈردى. بازاردىن قايتىدىغاندا ئىپارە، تۆت يۈز يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ۋە بىر يانفۇننى ئەنۋەرگە تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-ئەسلى سەن بۈگۈن بىر پۇڭمۇ تاپالمىدىڭ، مۇشۇ پېتى ياتاققا قايتىساڭ خوجايىندىن ئۆلگۈچە تاياق يەيدىغان گەپ، شۇڭا كەچتە«بۇ پۇللارنى تاپتىم» دەپ خوجايىننىڭ قولىغا تۇتقاز. يەنە دۆتلۈك قىلىپ مىنى بەردى، دەپ قويما.

-ماقۇل...

خوجايىن ئەنۋەر تاپشۇرغان پۇلنى كۆرۈپ باشقا گەپ قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇنجى قېتىم ئىرىشكەن ھىمايىچىسىنىڭ ئىلتىپاتىدىن كۆڭلى باشقىچە تەسەللىي تېپىپ، بىر ئاخشام تاياقتىن قۇتۇلۇپ قالدى. كەچتە ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاققا كىرگەندە، ياتاقتا ئوتتۇز ياشلاردىكى تەتۈر ئۇستىخان، قارامتۇل، چوقۇر يۈزىنى ئۇششاق دانىخورەك بېسىپ كەتكەن، يەكچەشمە بىرسى نەشە تولدۇرۇلغان غاڭزىسىنى شوراپ ئولتۇراتتى.

-مېنىڭ ئىسمىم سەمەت، دەپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى، ئۇ ئەنۋەرنى كۆرۈپ قوللاشمىغان يېقىنچىلىق بىلەن.

-خوجايىن، سەمەت ئاكاڭ بىلەن بىر ياتىسىلەر دەپ تۇنۇشتۇرغان.

-ياخشى، ئۇنداقتا چىقشپ ئۆتەيلى.

-سىز بۇ يەرگە كونا بولغاندىن كىيىن كۆپرەك ئاتادارچىلىق قىلارسىز.

-ئەلۋەتتە، ھىمايىچىڭ بولىمەن دېگىنە... شۇڭا سەنمۇ مەن نېمە دېسەم ماقۇل دە!

ئەنۋەر سەمەتنىڭ سۆزىگە بەك ئىرەن قىلىپ كەتمەيلا:

-پەقەت بوزەك قىلمىسىڭىزلا بولدى،-دېدى.

ئەنۋەر ھارغىنچىلقتا ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى. سەمەت نەشە تولدۇرۇلغان غاڭزىسىدىكى قالدۇقلارغا ئوت يېقىپ، تازار بىر-ئىككى قېتىم شورىۋەتكەندىن كىين ئېلىكتىر چىراغنى ئۆچۈرۈپ«پاراڭلىشىپ ياتايلى» دېگنچە، ئۇدۇل ئەنۋەرنىڭ يېنىغا قىسىلدى. سەمەت يوغان-يوغان تىنىپ ئەنۋەرنىڭ يېنىدا بىر ھازا ئۈن-تىنسىز ياتقاندىن كىيىن، بىر قولىنى ئەنۋەرنىڭ كالتا ئىشتىنى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئەنۋەرنىڭ سۆڭگىچىنى ئاستا-ئاستا سىلاشقا باشلىدى. ئەنۋەر چۆچۈپ سەمەت تەرەپكە ئۆرۈلۈپ:

-نىمە ئىش قىلۋاتىسىز سەمەت ئاكا! مەن ئوغول بالا تۇرسام!-دېدى.

-مەن ...مەن شۇ ئوغول بالىنىڭ شۇ يېرىگە ئامراق، بىردەم جىم يېتىپ بەرسەڭ بۇلدىغان گەپقۇ؟ ئۆزەڭ ھېلىلا، نىمە دېسەڭ ماقۇل دەيمەن دېگەنتىڭغۇ؟

-سىز ساقمۇ؟ نېمە بولدىڭىز!

-ئەمسە بىر قېتىملىقىغا ئەللىك يۈەندىن بەرسەمغۇ ماقۇل دەرسەن!

-تولا ساراڭ بولماڭ! ئېغىزىڭىزغا بېقىپ سۆزلەڭ!...

ئەنۋەرنىڭ سۆزى تۆگىشى بىلەنلا سەمەت يوغان، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئەنۋەرنىڭ ئېغىزىنى ئەتتى-دە، يەنە بىر قولى بىلەن ئەنۋەرنىڭ پۇتلىرىنى پۈكلەپ دۈم ياتقۇزماقچى بولدى. ئەنۋەر ئىشنىڭ چاتاقلقىنى پەملەپ، گەرچە ئاۋازنى چىقرالمىسىمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىپچەكلەپ ئوڭدىسىغا ئۆرۈلمەكچى بولدى. ئۆي ئىچىدىن تۈمۈر كارۋاتنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ۋە گۈپۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بۇ كىچىڭ ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ سىرتىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋاز ۋە ئىپارەنىڭ :

-ھەي سەمەت، ئىشىكنى ئاچ دەيمەن! سەمەت جۇمۇ، ئۇ بالىنى بوزەك قىلما! ئىشىكنى ئاچ!-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەمما ھايۋانى ھەۋىسى قوتراپ كەتكەن سەمەت بولدى قىلدىغاندەك، ئىشىكنى ئاچىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى ئىپارە كۈچىنىپ تۇرۇپ سىرىتدىن ئىشىكنى ئىككى-ئۈچنى تېپىۋىدى، ئىشىك ئىچىدىكى ئىلغۇچ يۇلۇنۇپ ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. ئىپارە ئىلىكتىر چىرىقىنى ياندۇرۇپ، ئۆزىگە يالىغاچ ھالەتتە بىزەڭلەرگە قاراپ تۇرغان سەمەتنى ۋە ئۆز كارۋىتىدا قورقۇنۇشتىن بىچارىلەرچە تۈگۈلۈپ تىنماي، ھېقىقداپ يىغلاۋاتقان ئەنۋەرنى كۆردى. ئاچچىقىغا بەس كېلەلمىگەن ئىپارە، سەمەتنىڭ ياقىسىدىن ئالدى-دە، ئۆزىدىن ياش جەھەتتىن چوڭ، كۈچلۈك بولغان سەمەتنىڭ يۈزىگە «قارىسسدە» قىلىپ بىر شاپلاق سېلۋەتتى، ھەم زەردى بىلەن دېدى:

-ھۇ بەچچىۋاز! ھەزلەك! چوشقىنىڭ بالىسى، مۇشۇ كوچىدىن بەش يۈز مىتىر نېرىغا بارساڭ ئايالدىن مىڭى دېسەڭ تېپىلدۇ. خۇدايىمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، مۇشۇ ئوغول بالىغا چېقىلىپ نابۇت قىلمىساڭ بولمامدۇ؟

سەمەت شاپلاق تەگكەن يۈزنى سىلاپ تۇرۇپ گەپ ياندۇردى:

-ئۆزۈڭگە قويدۇرماقچىمىدىڭ، بۇ شۇمنى شۇنچە قوغداپ.

سەمەتنىڭ بۇ گىپىدىن ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىگەن ئىپارە ھەر دائىم يېنىدىن ئايرىمايدىغان، ئاپتوماتىك ئېچىلدىغان پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ گېلىغا تىرەپ تۇتۇپ زەردە بىلەن دېدى:

-يەنە بىر دېگىنە شۇ گېپىڭنى! ۋاي بەچچىۋاز! يەنە بىر دېگىنە! بۇغۇزلىۋىتىپ قېنىڭنى ئىچىمەن جۇمۇ ھېلى!

ئىپارەنىڭ قەھرىنى كۆرگەن، ھەم بۇ قورودىكى ھەممە ئادەم چوڭ بىلدىغان، ھەتتا خوجايىنمۇ ئالاھىدە ئەتۋارلايدىغان ئۇستىكار ساھىبجامالنىڭ نوچىلىقىنى، بېڭسىنى ياخشى بىلدىغان سەمەت بىرەر پىشكەللىككە يۇلۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھاللا ھەممىنى قايرىپ قۇيۇپ يىلىنىشقا باشلىدى:

-خاپا بولماڭ خان ئاچا! خاپا بولماڭ! مەن خاتا قىپتىمەن، خاتا سۆزلەپ قۇيۇپتىمەن، ئەپۇ سوراي، خاپا بولماڭ!

ئۆزىنىڭ بارلىق ئادىملىكى، نۇرمال ئىنسانىي تۇيغۇسى، شەرمى-ھايا، غۇرۇر-ۋىجداننى يوقاتقان بۇ ئازغۇن، شۇ تاپتا پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئايالدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئەنە شۇنداق تىترىگەن ھالدا كەچۈرۈم سورىماقتا ئىدى. ئىپارە شۇندىلا ئاچچىقىنى سەل بېسىۋېلىپ، پىچاقنى سەمەتنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-يەنە ماڭا نوچىلىق قىلىپ قالايىمقان سۆزلەيدىكەنسەن، مۇنۇ كۆزۈڭنى ئەمدى مەن ئۇيۇۋالمەن بىلدىڭمۇ؟

-بىلدىم. بىلدىم خان ئاچا، ئەمدى ھەرگىز نوچىلىق قىلمايمەن... قالايىمقان سۆزلىمەيمەن بايا مەن... ئېزىپتىمەن.

 

9

 

ئىپارە ئەنۋەرنى ياتىقىغا ئېلىپ چىقىپ، قىز ئاياللارغا خاس پاكىز، رەتلىك بېزىلىپ، بىر كىشلىك كارۋات قۇيۇلغان ياتىقىنىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى بوش يەرگىلا ئۇرۇن راسلاپ بەردى. ئەنۋەرنىڭ سەل قورىنىپ يېتىشغا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىپارە سۆزلەشكە باشلىدى:

-قانداق، يا ھېلىقى بەچچىۋاز ئاكاڭنىڭ يېنىغا چىققۇڭ كېلۋاتامدۇ؟- ئىپارە مېيقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-خاتىرجەم يېتىۋەر، ئەتە مەن ساڭا خوجايىنغا دەپ باشقا ياتاق ئالدۇرۇپ بىرەي.

ئىپارە چاماداندىن ئالىي دەرىجىلىك تاماكا چىقىرىپ، ئۆزى بىر تال تۇتاشتۇرۇپ كارۋىتىغا يانپاشلىدى-دە، تاماكا ئىسىنى پۈۋلىگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-قانداق؟ ئىچكىرى دېگەن بۇ يەرنى ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟

ئەنۋەر ئىپارەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىلدۇرۋاتقان ئاتىۋارچىلىقىغا يېنىشلاپ رەھمەت دېگۈسى بولسىمۇ، ئەمما نىمە دېيىشنى بىلمەي ئاجىزانە ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغلامسىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-بىلدىم،چۈشەندىم، نەدىكى ئادەملەرنىڭ گېپىگە كىرىپ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە بەك پۇشايمان قىلدىم. ئەگەر سىز ئاتىدارچىلىق قىلمىسىڭىز...رەھمەت ئاچا. كۆپ رەھمەت.

-چۈشەنگەنلا بولساڭ بولدى. رەھمەت دېمىسەڭمۇ بۇلىدۇ. شۇنى شۇنى ئىسىڭدە تۇتقىن، ئەگەر ئىمكان بولسا قايتىپ كىتەلىسەڭ، يەنە خەقنىڭ يالغان گېپىگە ئىشىنىپ، ئىككىنچى بۇنداق يەرگە دەسسىمە. بۇ يەرگە«كاۋاپچىلىق قىلىمىز» دېگەندەك يالغان نام بىلەن چىققانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئەمىليەتتە خىروئىن، نەشە چىكىش، يۆتكەش، سېتىش، يانچۇقچىلىق، ئوغۇرلۇق قىلىش...دېگەندەكلار بىلەن پۇل تېپىشىدۇ. بىزنىڭ بۇ بەڭگى خوجايىنى كۆرگەنسەن، مانا قان-يىرىڭ ئىچىپ تۇرۇپ پۇل تاپىدۇ، سەن ۋە بىزلەرنى بۇ يەرگە يىغىپ پۇل تاپقۇزۇشتىكى مەقسەت- مۇددىئاسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىردەملىك ئاق خومارىنى بېسىش. دېمەك، سەن بىز جېنىمىزنى ئالقىنىمىزغا ئېلىپ قۇيۇپ پۇل تاپىمىز، ئۇ بەڭگى بولسا ئاق چىكىپ كۆككە سورۇيدۇ.ئۇلار شۇ جەريانىدا بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئادەم ئۆلتۇرۇش، پۇتۇن بىر ئادەمنى مېيىپ قىلۋېتىش، ساپمۇ- ساق پۇت-قوللارنى كېسىۋېتىش... بالىلارنى، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىش، ئالداپ ئېلىپ سېتىش... قاتارلىق ھەر قانداق ئىپلاسلىقلاردىن يانمايدۇ، ھەتتا ئۆز ئاياللىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، قېرىنداشلىرىنىمۇ سېتىۋېتىدۇ. مانا بايىقى سەمەتنىڭ نورمالسىزلىقىنى كۆردۇڭ، ئاڭلىشىمچە ئۇ يېڭى ئېلىپ كېلىنگەندە خۇددى ساڭا ئوخشاش ساددا، مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل دېھقان بالىسى ئىكەن. ئۇ ساڭا ئوخشاش دەسلەپتە خوجايىنى ئۈچۈن پۇل تېپىپ بېرەلمەپتۇ، كىيىن خوجايىن نەچچە كۈنلەپ ئاچ قويۇپتۇ، ئۇرۇپ قىيناپتۇ، ئاخىرى مۆلدۈرلەپ تۇرغان بىر كۆزىنى قۇيۇۋېتىپتۇ، يەنە پۇل تاپالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم قېلىپىدىن چىققان خوجايىن قول ئاستىدىكى چوماقچلىرىىغا، سەمەتنى نۆۋەت بىلەن«خوتۇن» قىلغۇزۇپتۇ. شۇ نۇمۇس، شۇ ئازاپ ئەلەمدە سەمەت نورمال ئادەملىك روھىي ھالىتىنى يوقىتىپتۇ، ھەم ھەر قانداق بىر ئىشتا قولدىن كېلىدىغانلىقى ئەسلىكىنى قىلىدىغان، باشقا ئەرلەرگە، بالىلارغا بەچىۋازلىق قىلىش بىلەن ئۆز قىساسىنى ئېلىپ ئۆز ئازابىنى يىنىكلىتىپ يۇردىغان نورمالسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەمەليەتتە ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئالۋاستى سۈپەت ئادەم بۇلۇپ قېلىشىغا زادى كىم سەۋەپچى؟ مۇشۇ ئىپلاس ئالدامچى خوجايىنلار بولمامدۇ؟ بۇ ئىپلاس خوجايىنلار ئالداپ ئېلىپ چىققان بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇچىغا چىققان يانچۇقچى، ئوغرى، ھارامخور بۇلۇپ كىتىدۇ. يانچۇقچى بولالمىغانلىرى بىر بولسا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، يەنە بىر بولسا نورمال ئادەملىكى، ئارزۇ ئىستىكى، ئەخلاقىىدىن ئايرىلىپ ئالۋاستى سۈپەت غەيرى بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سەنغۇ بىر ئوغۇل بالا، مەن قىز بالا تۇرۇپ، ئادەم بۇ دۇنيادا كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان قارا كۈنلەرنى كۆردۇم،  يەتكۈچە بوزەك قىلىنىپ خورلاندىم،ھەتتا ئۆلىۋالماقچىمۇ بولغاندىم. ئەمما بۇ جان شۇنداق تاتلىقكەن،- ئىپارە خۇددى ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ئاددىمى بىلەن ئۇچىرشىپ قېلىپ، ئىچ باغرىنى تۆككۈسى كەلگەندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سۆزلىسەم گەپ تۇلا، ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن سەبىي چاغلىرىم ئىدى. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتقىنىمدا ئادەم بىدىكلىرى تەرپىدىن ئېلىپ قېچىلىپ، ئىچكىرگە ئېلىپ كىلىنىپ يانچۇقچىلىققا سېلىندىم... باشتا مەنمۇ ئەپلەشتۇرەلمىدىم، ئەپلەشتۇرەلمىگەندىن كىيىن جازالاندىم، تاياق يېدىم، كۈن- كۈنلەپ ئاچ قويۇلدۇم. تاياق كۆتۈرەلمىسەم خوجايىن خالىغان ۋاقىتتا ئاياق ئاستى قىلىدى. يەنە شۇ يانچۇقچىلىقنى ئەپلەشتۇرەلمىدىم، ئاخىرى خوجايىن مېنىمۇ سېتىۋەتتى. يېڭى سېتىۋالغان خوجايىننڭ ئالىدىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىسمەت، قارا كۈنلەرگە دۇچ كەلدىم. ئۇ خوجايىنمۇ سېتىۋەتتى. خۇددى چارۋا بازىردىكى ھايۋانغا ئوخشاش قولدىن- قولغا سېتىلىپ، ئېلىنىپ يۇردۇم. خالىغان ۋاقىتلاردا ئۆزەمدىن نەچچە ئون ياش چوڭ كىشلەر تەرپىىدىن كېچە-كېچلەپ نۆۋەت بىلەن ئاياغ ئاستى قىلىندىم. ئاخىرى يەنە مەن يانچۇقچىلىق قىلىپ، خوجايىنغا پۇل تېپىپ بېرەلمىگەندىن كىيىن، ئاخىرى خوجايىن كۆز ئالدىمدىلا پاھشەخانا خوجايىنغا يۇقىرى باھادا پاھىشلىككە سېتىشقا پۇتۇشتى. دەل شۇ چاغدا كاللامدا« ھەر قانچە بولسىمۇ تىنىنى ساتىدىغان پاھىشە بولمايمەن!» دېگەن پىكىر گۈلدۇرلىدى-دە، خوجايىنىڭ ئالدىدا يۇكۈنۇپ ئولتۇرۇپ:«جېنىم خوجايىن، خوجايىن ئاكا، ئۇنداق قىلمىسىلا، ماڭا رەھىم قىلسىلا، مېنى ھەرگىز پاھىشەخانىغا سېتىۋەتمىگەن بولسىلا، بولدى، مەن نىمە دېسىلە شۇنى قىلاي، ئالدىلىرىدا ئىت-ئىشەك بولاي. مەن چۇقۇم بازارغا چىقىپ سىلى ئۈچۈن جىق پۇل تېىپپ بېرەلمىدىم، سىلىنى خاپا قىلىپ قويدۇم. ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، ھەرگىز، ئەتىدىن باشلاپ مەن بازارغا چىقاي، پۇل تاپاي» دەپ قار-يامغۇر يىغلىدىم. ئاخىرى خوجايىنىڭ رەھىمى كېلىپ، مېنى يېنىدا ئېلىپ قالدى.«ئەمسە مۇشۇ بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، ئەگەر يەنە پۇل تاپالمىدىم دەپ تىلىڭنى چايناپ كىرىپ قالساڭ مەندىن ھەرگىز خاپا بولما» دېگەن شەرتنى قويدى. مەن شۇ چاغدا ھاياتىمدىكى يۈز بەرگۈسى ئەڭ ئېغىر قىسمەت، قارا كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. مەن شۇ ئىشتىن كېيىن ئەتىسىدىن باشلاپ قەتئىي يانچۇقچىلىق قىلىپ، خوجايىنغا پۇل تېپىپ بېرىش نىيتىگە كەلدىم ۋە بارلىق تىرىشچانلىقىمنى ئىشقا سېلىپ بازارغا چىقىپ پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتتىم. تالاي قېتىم ئۆلگىچە ئىزا-ئاھانەت ئىشتىپ تاياق يەپ، ساقچىخانىلارغىمۇ كىرىپ قالدىم. ساقچىغانىغا كىرىپ قالسام، خوجايىنىم بىر ئاماللار قىلىپ ئېلىپ چىقىۋالدى. ئەگەر خوجايىنىم ئۆگەتكەن بويىچە، تىلىمنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان ئۆتكۈر تىغ بىلەن بەدىنىمنى كېسىپ زەخمىلەندۇرۇپ ساقچىدىن قۇتۇپ كەتتىم. ئۇزۇنغا بارماي بۇ ھۈنەرنىڭ ئەھلى بۇلۇپ كۆزگە كۆرۈنۇپ، خوجايىنىڭ ئىشەنچىسىگە، ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشتىم. مەن گەرچە كۈنسىرى پىشىپ يېتىلىپ بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بۇلۇپ كەتسەممۇ، ئەمما تېزراق يۇرتۇمغا، ئائىلەمگە قايتىپ بېرىپ، ئاتا- ئاناملار بىلەن جەم بۇلۇپ يېڭىچە، ئاددىي تىنىچ-خاتىرجەم تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى بىر كۈنمۇ ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم ھەم بىر-ئىككى يىل خوجايىن ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان پۇل تېپىپ بېرىپ، ئاندىن بىر كۈنى بۇ خىيالىمنى خوجاينغا دېدىم: «سىزگە شۇنچە يىل ئىشلەپتىمەن، سىزمۇ ماڭا كۆپ ئاتىدارچىلىق قىلىدىڭىز. ئەگەر مېنىڭ بۇ تەلپىمگە ماقۇل بولسىڭىز، يەنە ماڭغىچە قولىڭىزغا يۈز مىڭ يۈەننى تاپشۇرۇپ ئاندىن ماڭاي» دەپ قوشۇپ قويدۇم. نەشە كەيپىدىن كۆزلىرى ئەلەڭلشىپ كەتكەن خوجايىن بىر ھازا پۇشۇلداپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:«ئەزەلدىنغۇ ئەركەك نېمىتىڭ، يەنە ئەركەكچىلىكىڭنى قىلدىڭ، بولدى، كېتىمەن دېسەڭ كەت! دېمىسىمۇ مەن ئۈچۈن كۆپ سەكپارە بولدۇڭ، جاپا تارتتىڭ، ئەمما نېمە ئامال؟ سەنمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدىڭ ئەمەسمۇ؟! لېكىن ساڭا بىرلا تەلپىم بار، ماڭا تېپىپ بېرىمەن دېگەن پۇلۇڭنى كەم قىلىماي تېپىپ بېرىپ ماڭ» دېدى. مەن شۇ كۈنى بەك خوشال بۇلۇپ كەتتىم، چۈنكى خوجايىن ماڭا بۇنداق ئاسان ماقۇل بۇلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. نەچچە يىلى ئايرىلىپ كەتكەن يۇرتۇم، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ۋەيران بولغان بالىلىق، ياشلىق بېغىمدىكى گۈلزارلىقىمنى تېپتىنىچ، خاتىرجەم، نورمال تۇرمۇشۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. خوشاللىقىمدا خوجايىنغا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ئوبدانلا تۆت ئاي پۈتۈن زېھنىم بىلەن «بازار ئايلىنىپ» خوجايىنغا يۈز مىڭ يۈەننى ساق تۇتقۇزغاندىن سىرت، قۇلۇمغىمۇ خېلى جىق پۇل ئاشقان ئىدى. ئەمما بۇ خوشاللىقىمىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي كۆپۈككە ئايلىنىىپ قالىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟! مەن مىڭ ئارزۇ-ئۈمىد، سېغىنىش بىلەن يۇرتقا كېلىپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلسەم، ئەزەلدىن كېسەلچان بىچارە دادام مېنى ئادەم بېدىكلىرى ئىچكىرىگە ئېلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن مېنى كۆپ ئىزدەپ تاپالماي، ئازابلىنىپ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئاخىرى ئانام ۋە ئىككى قېرىندىشىمنى تاشلاپ، بۇ دۇنيادىن ئەلەم بىلەن كېتىپ قاپتۇ. ئاناممۇ ئىككى يىلدىن كېيىن باشقا بىر ئەرگە ياتلىق بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئىچكرىگە ئېلىپ كېتىش سەۋەبىمدىن ئىللىق، خاتىرجەم بىر ئائىلە خۇددى توزغاقتەك تۇزۇپ تۈگەپتۇ،-ئىپارە ئۆزىنى توختىتىۋالالماي مىشلداپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇدى،- مەن ئۆيگە خېلى جىق پۇل ئېلىپ بارغان ئىدىم. ئېلىپ كەلگەن پۇلۇمنى كۆرۇپ ئۆگەي دادام ماڭا كۆپ ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى ۋە كۈندە دېگۈدەك ئەل- ئاغىنىلىرى بىلەن قاۋاقخانىلارغا يۇرغىلاپ، شۇ پۇللارنىڭ پەيزىنى ئوبدانلا سۈرۈشكە باشلىدى. ئۆگەي دادامنىڭ خۇي-پەيلى شۇنداق بولسىمۇ، تىنىچ، خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئۆيۈمدە ئىككى ئاينى ئۆتكۈزدۇم، ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. بىر كۈنى ئۆيىمىزگە داۋاملىق ئىچكىرگە بالا يۆتكەپ سېتىپ جان باقىدىغان سادىق«تۈڭگۇز» ئىسىملىك بىر بىدىك ئۆگەي دادامنى ئىزدەپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۆگەي دادام بىلەن ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۇزۈندىن-ئۇزۇنغا سۆزلەشتى. كۆڭلۈم يەنە بىر شۇملۇقنى سەزدى-دە، ئانامنى تېپىپ«ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئۆيگە نېمىشقا كېلىپتۇ؟» دەپ سورىدىم، ئانام يىغلاپ تۇرۇپ ھەممە گەپنى ماڭا ئېتىشقا باشلىدى:« جېنىم قىزىم، مەن ساڭا گەپنىڭ راستىنى دېمىسەم بولمايدۇ. ئۆگەي داداڭنىڭ ئېتىشچە سەن ھازىر پۇل تېپىشقا خېلى ئۇستا بۇلۇپ قاپتىمىشسەن. شۇڭا بىر ھەپتە بۇرۇن ھازىر كىرىپ كەلگەن ھېلىقى ئادەم سېنىڭ بىر يىللىقىڭنى ئون مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىشىمىزنى سوراپ كەپتۇ، يەنە ئىچكىرگە ئېلىپ كەتكۈدەك. ئۆگەي داداڭ بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتىپ ماقۇل كەلتۇرۇشىمنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما مەن بۈگۈنگىچىلىك بۇ گەپنى ساڭا دېمىدىم، قانداق دەيمەن؟ نېمە دەپ دەيمەن؟ سەن ئىچكىردە ھېلىمۇ ئاز كۈن تارتتىڭمۇ؟ رەھمەتلىك داداڭ سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ تۇرۇپ كۆزى ئۇچۇق ھالدا جان ئۈزمىدىمۇ؟ بۇ ئۆگەي داداڭ شۇ ئىشنى سۈيلەپ كۈندە تىللايدۇ. ئەگەر قىزىڭ ماقۇل بولمىسا ماۋۇ يىتىمەكلىرىڭنى ئېلىپ سەنمۇ ئۆيدىن يوقال دەيدۇ. جېنىم قىزىم، سەن بىلەن مەن ھەم شۇ ئۇكىلىرىڭ نېمىشقا بۇ دۇنياغا شۇنچىلىك بىتەلەي، شور پىشانە بۇلۇپ يارىلىپ قالغاندىمىز؟! نەچچە قېتىم بۇنداق ئۆز قىزىنى ساتىدىغان كۈننى كۆرگىچە زەھەر ئىچىپ بۇ ئالەمدىن بىراقلا كېتەيمۇ دېدىم، ئەمما شۇ بىچارە ئۇكىلىرىڭ ھەم سېنى يەنە كىمنىڭ قولىغا قاراپ قالار، يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرەر دەپ...»-ئاناممۇ يىغلىدى، مەنمۇ يىغلىدىم، شۇ قارا نىيەت ئۆگەي دادامنىڭ پۇل ئۈچۈن قىلىۋاتقان شۇملۇقلىرىنىمۇ چۈشەندىم، ئانامغىمۇ ئىچىم ئاغرىدى. نېمە ئامال؟ مەن ئاخىرى بىچارە ئانام ۋە ئىككى ئۇكام ئۈچۈن ئۆگەي دادامنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشقا ماقۇل بولدۇم. ئىككىنچى كۈنى ھاۋا تۇتۇلۇپ، مېنىڭ ھەسرىتىمگە، ئەلىمىمگە ئىچى ئاغرىپ ھېسداشلىق قىلغاندەك ئاسماندىن سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. تۇپراق بېشىغا بېرىپ رەھمەتلىك دادام بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشتىم. مانا تۆت يىل بولدى، ھازىرغىچە مۇشۇ خوجايىنغا ئىشلەۋاتىمەن يىلىمۇ-يىل باھايىم ئۆسۈپ ماڭدى. بۇ يەردە خوجايىن ئالىدىغان پايدا كۆپەيسە، يۇرتتا ئۆگەي دادام ئالىدىغام پۇلمۇ كۆپەيدى، بۇ يىلدىن باشلاپ ھازىرقى بۇ بەڭگە خوجايىنىم مىنڭ بىر يىللىقىمنى ئاتمىش مىڭغا سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ھازىر مەن بۇ ھۈنەرنىڭ پىرى بۇلۇپ كەتتىم، خوجايىن مېنى ئاتمىش مىڭغا سېتىۋالغان بىلەن مەن بىر يىلدا خوجايىنغا ئۇنداق پۇلدىن نەچچە ئوننى تېپىپ بېرىمەن، ھازىر مېنىڭ بۇ«ھۈنىرىم» گە، تېزلىكىمگە، بۇ جەھەتتىكى داڭقىمغا بۇ يەردە قول قويمايدىغىنى يوق، كۈندۇزلۇك بازار ئايلىنىشىم شۇنداق ھۇسۇللۇق، ئۇيۇندەكلا، شۇڭا ھازىر بۇ يەردە مەيلى پۇلنى قانچىلىك خەجلەيمەن، نەلەرگە بېرىپ، نېمە ئىشلارنى قىلىمەن، ئىشقىلىپ بۇ خوجايىننىڭ يېنىدىن كەتمىسەملا ماڭا ھېچكىم ئارتۇقچە گەپ-سۆز قىلىشمايدۇ، ئەتىۋارىمنى قىلىشىدۇ...

ياتاق ئىچىدىكى بىر ھازا ھۈكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقنى يەنىلا ئىپارەنىڭ ئېچىنىشلىق سەزگۈرەشتىسىنى پۇتۇن دېققىتى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقان ئەنۋەر بۇزدى:

-ھەممە ئادەم سىزگە قول قويغاندىكىن ھەم خېلى ئەركىنلىشىپمۇ قالغاندىكىن، يۇرتقا، ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز بولمامدۇ؟

-سەنچە ئىش شۇنچە ئاددىيما؟ مەن ھېلى دېدىمغۇ؟ مەن يەنە شۇ يۇرتقا، ئۆگەي دادامنىڭ ئالدىغا بارسام سوسكىغا ئۆگەنگەن موزايدەك مەن تېپىپ بەرگەن پۇلغا ئوبدانلا چۈشەنگەن شۇ قارا نىيەت ئۆگەي دادام مېنى شۇ يۇرتتا تۇرغۇزارمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. مەن چۆل-جەزىردىكى شامال ئۇچۇرۇپ يۈرگەن قامغاقتەك بىتەلەي شورپىشانە، شۇ بىچارە ئاپام ھەم قېرىنداشلىرىمنى ئويلىمىسام بولمايدۇ. يەنە بىرسى مەن توققۇز يېشىمدىن بۇ يىگىرمە بىر يېشىمغىچە مۇشۇ جىن- ئالۋاستىلار قېشىدا يۈرۈپ، ئەمدى ئاللاقاچان يانچۇقچىلىق قىلمىسا تۇرالمايدىغان، باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكىنى، ھەققىنى ئېلىۋېلىشنىى نۇمۇس بىلمەيدىغان، خۇددى ھاجەتخانىدا دائىملىق ھالدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ سېسىقچىلىققا كۆنۈپ، ئۆزلۈشۇپ قالغان ئادەمدەك ئازابلانمايدىغان، يانچۇقچىلىق قىلىشنى ئويۇنچۇق، كۆڭۈل خۇشى ئورنىدا كۆرىدىغان نورمال بولمىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. مېنىڭ بۇ سېسىق قۇلۇم، يانچۇق كولاشقا، ئاختۇرۇشقا خۇمار بۇلۇپ قالدى، يانچۇقلار بولسا ئاختۇرغۇم كېلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ياتىقىمدا يالغۇز قېلىپ، ئىچىم پۇشۇپ خۇمارىم تۇتقاندا ھەتتا ئۆزۈمنىڭ يانچۇقىنى پەم بىلەن ئۆزۈم ئاختۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ خۇماردىن چىقىمەن. شۇ يۇرتۇمغا بېرىپ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىم، تۇنۇش-بىلىشلىرىمنىڭ ئالدىدا يەنە يانچۇق كولاپ، ئاختۇرۇپ يۇرەمدىم؟ يەنە كۆپۈنچە كەچلەردە، ياتىقىمدا خۇددى تىكەندەك يالغۇز قېلىپ غېرىبچىلىق باسكامدا كاللامغا شۇنداق خىياللار كېلىدۇ:«ئەجىبا مېنىڭ قىممەتلىك ھاياتىم، گۇزەل ئاياللىق نازاكىتىم مۇشۇ كۈندە گەندە سېسىقچىلىق ئىچىدە بولغىنىپ، سېسىپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟ مېنىڭمۇ ھالال جۇپتىم، ئىللىق ئائىلەم، ئوماق بالىلىرىم بۇلۇپ، ئۇلار چوڭ بولغاندا(بىز بىر يانچۇقچىنىڭ بالىسى ئىكەنمىزغۇ) دەپ مەندىن يىرگىنىپ نەپرەتلىنىپ قالسا... ئۇ چاغدا مەن...» مەن بۇنداق خىيالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەرگىز جۇرئەت قىلالمايمەن. يۈرىكىم پارتىلاپ كەتكەندەك پارە-پارە بۇلۇپ ئۈن-تىنسىز يىغلايمەن، تۈمەنمىڭ يىلان- چايانلار چېقىۋاتقاندەك ئازاب بىلەن تولغۇنىمەن، ئەمما يەنە ئەتىسىدىن باشلاپ كۈن بويى قاتىراپ، كىشلەرنى يىغلىتىپ-قاقشىتىپ خوجايىننى، ئۆگەي دادامنى خوش قىلىپ يۈرمەكتىن باشقا نېمە ئامال دەيسەن؟ ھە راست. باياتىن سېنىڭ مېنى يۇرتىڭىزغا قايتىپ كەتسىڭىز بولمامدۇ؟ دەپ نەسىھەت قىلىپ كەتكىنىڭگە قارىغاندا، ئەسلى ئۆزەڭنىڭ كەتكىسى بار، شۇنداقمۇ؟ كەتسەڭ بۇلىدۇ، ئەمما بۇ گەپنى مېنى دېدى دەپ سالما يەنە. كېتىمەن دەپ خام تەمە قىلىپ قېچىپ كېتىشنى ئويلىما، چۈنكى بۇ ئىچكىردە قېچىپ يۇرتۇمغا كېتىمەن دەپ مەقسىتگە يەتكەنلەر يوق دىيەرلىك، ھامان تۇتۇلۇپ قالسەن. بازارغا بىللە چىققان پايلاقچىلاردىن قانداق قۇتىلىسەن؟ ۋاقىتلىق قۇتۇلدۇڭمۇ دەيلى، يەنە تۇتۇلۇپ قالدىڭمۇ ھاياتىڭدىن ئايرىلسەن، يېنىك بولغاندا پۇت-قۇلۇڭ ناكا بۇلىدۇ شۇ. ناۋادا تۇتۇلمىغاندىمۇ پۇلۇڭ بولمىسا نېمىگە كېتىسەن؟ قانداق كېتىسەن؟ ئاخىرى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا ئىگە-چاقىسىز سەرگەردان بولىسەن... يا يەنە بىر خوجايىغا تۇتىلىسەن يا ھاياتىڭدىن ئۇن-تىنسىز ئايرىلسەن. شۇڭا ئەڭ ئاسان يول، بازارغا چىققاندا قورقۇپ تىتىرەپ تۇرماي، جۇرئەتلىك بۇلۇپ ساقچى بار يەردە پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ خەقنىڭ يانچۇقىنى، سومكىسىنى ئاختۇر ياكى بىر نەرسىنى بۇلاپ قاچ-دە ساقچىغا تۇتۇل. ئەگەر بۇ مەقسىتىڭنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشقا ئاشۇرساڭ، ساقچىلار سىنى نەق بىر پۇڭ چىقىم قىلدۇرمايلا ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىدۇ. يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي،... ئىپارەنى ئۇيقۇ باسقان بولسا كىرەك، ئارقا-ئارقىدىن ئەسنەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ساقچىغا تۇتۇلغاندا، خوجايىن چوقۇم تۈرلۈك يالغان باھانە بىلەن سېنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى بارىدۇ. شۇ چاغدا سەن« ئۇنى تۇنۇمايمەن... ئۇ مېنىڭ ھېچنېمەم ئەمەس. مەن شىنجاڭغا قايتىپ كېتىمەن» دەپ تۇرىۋال...ساقچىدىن ئايرىلما، پېشىگە ئېسىلۋال...

ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىپارە يېنىك پۇشۇلداپ، ياتقان يېرىدە يېتىشمەسىنلا ئۇيقىغا كەتتى. ئەنۋەرنىڭ كۆزىگە ئۇيقا كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ:«مېنىڭمۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى نىيەتلىك ئانام بولغان بولسىچۇ-ھە؟ ئەگەر ئانام بىزنى باغرى تاشلىق قىلىپ تاشلىۋەتمىگەن بولسا، مەنمۇ ئالدىنىپ بۇ يەرگە چىقىپ بۇنداق كۈنگە قالماستىم» دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ يەنە كۆڭلىنى يېرىم قىلدى ۋە « بىچارە ئىپارەمۇ يەنىلا شۇ ئادەم بىدىكلىرى، ھارامخور خوجايىنلار، قارا نىيەت ئۆگەي دادىسى سەۋەبىدىن ئىنسان بالىسى كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان قارا كۈننى كۆرۈپتۇ، يەتكۈچە خورلىنىپ زۇلۇپ تارتىپتۇ. شۇ ئۆگەي دادىسى ئۇنچە قارا نىيەت بولمىغان بولسا بۇرۇنلا يۇرتىغا قايتىپ بېرىۋالاركەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۆزى يۇرتىغا قايتىپ بارالىغاندىن كېيىن، مېنى بولسمۇ خورلىنىپ قالمىسۇن، تېزرەك يۇرتىغا بېرىۋالسۇن دەپ ئارقا-ئارقىدىن ماڭا كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى قىلىپتۇ، ھەممىنى دەپ بېرىپتۇ-دە. بۇ دۇنيادا ئۇرۇغ تۇغقان، قان-قېرىنداش ئىچىدىمۇ ئەڭ بىۋاپا، قارا نىيەت ئادەملەر بولغانغا ئوخشاش، ھارامغۇر، قانخورلار ئارىسىدىمۇ ئىپارەگە ئوخشاش ئاق كۆڭۈل، ياخشى كىشلەرمۇ بار ئىكەن» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. بۇلۇپمۇ ئەنۋەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئىپارەنىڭ« پەقەت ساقچىلارلا سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىدۇ، ساقچىغا تۇتۇل، ئۇ مېنىڭ ھېچنېمەم ئەمەس، شىنجاڭغا قايتىپ كېتىمەن دەپ تۇرىۋال» دېگەن سۆزلىرى تەكرار جاراڭلىدى. ئىپارەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ئەنۋەرنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يۇرۇپ كەتكەندەك، يىراق بىر جايدا يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈمىد يۇلتۇزى پارلاپ تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى ھەم ئىچىدە:« نېمىشقا مەن بۇلارنى بالدۇرراق ئويلىمىغاندىمەن؟» دەپ ئەپسۇسلاندى، شۇنداقلا ۋۇجۇدىدا ئىپارەگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى قايتىدىن يالقۇنلاپ، ئۆز ئىچىدە ئىپارەگە چەكسىز خورسەنلىك بىلەن چىن كۆڭلىدىن رەھمەت-تەھسىنلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.

 

10

 

ئىككىنچى كۈنى ئەنۋەر باشقىچە روھلۇق ھالدا يەنە سۇس چىلانرەڭ بويىۋالغان تال-تال چېچىنى ئارقىسىغا بانتىلاپ، قارا كۆز ئەينىكىگە پار كەلتۈرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك قارا رەخىتتىن ئالپىتە قىلىپ بىر يۈرۈش مودا كالتە كىيىم كىيگەن ئىپارە بىلەن« بازار ئايلىنىش» قا چىقتى. ئىپارە ئاپتۇبۇس ئىچىدە، تاللا- بازارلىرىدا يەنە شۇنداق شەيتاندەك تېز، ئېزىتقۇدەك سىرلىق ھالدا ھايت-ھۇيت دېگۈچىلىك كۆزنى باغلاپ، ئىشنى پۈتتۇرۇپ بۇلۇپ، ھېچنېمە كۆرمىگەندەك يىراقلارغا قاراپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى كۈنلەردە ئەنۋەر ئۈچۈن«بازار ئايلىنىش» قورقۇنچىلىق، ئازابلىق تۇيۇلغان بولسا، بۈگۈن نېمىشقىدۇر باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئەتىگەندىن بويان تالاي يانچۇقلار، قول سومكىلارغا كۆز سالدى، پۈرسەت كۈتتى. ئەمما پۇل-مال ئېلىشنىڭ پەيتى كەلگەندە دەل ئەنۋەر كۈتكەندەك ئەتراپىدا بىرمۇ ساقچى يوق، ساقچىلار پەيدا بولغاندا ئەنۋەر ئىزلىگەن نىشان يوق. چۈشمۇ بولاي دېدى، ئىپارە بۇنى ھېس قىلدىمۇ قانداق، بىر ئاۋات كوچىدا ئەنۋەر بىلەن يۈز مېتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ كېتىپ باراتتى. ساقچىلارنى مۇشۇنداق كوچىلاردا كۆپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئىپارە ئوبدان بىلەتتى. ئەنۋەر ئەتراپنى كۆزىتىپ كېتىپ بېرىپ، دەل بىر يىمەكلىك يايمىسى ئالدىدا ئاتمىش ياشلاردىن ئاشقان بىر موماي سومكىسىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقىننى كۆردى. مومايدىن خېلى يىراقتا بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ  يېنىدا ئىككى نەپەر ساقچى تاماكا چېكىشكەچ گەپلىشىپ تۇراتتى. ئەنۋەر دەل پەيتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ موماينىڭ قولىدىكى سومكىنى كۈچەپ تارتىۋېلىپ، چوڭ يول تەرەپكە قاراپ قاچتى. بازاردىكى ئادەملەر شۇئانلا ئۆرە-تۆپە بۇلۇشۇپ، چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈشتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۈچلۈك بىر قول پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرىۋاتقان ئەنۋەرنىڭ گەجگىسىدىن قاماللاپ تۇتتى-دە، يەرگە يىقىتىپ قولىغا كويزا سالدى. ئەتراپتىكى كىشلەر يۇپۇرلۇپ كېلىشىپ ئەنۋرنى ئۇرماقچى بۇلۇشتى، بىراق ساقچىلار يول قويمىدى. گەرچە ئەنۋەر ئەتراپتىكلەرنىڭ غەزەپ- نەپرىتىگە، ساقچىلارنىڭ مەجبۇرىي بويسۇندۇرىشىغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە ئۆز پىلاننىڭ ئوڭۈشلۇق ئەمەلگە ئاشقىنىغا بەك خوشال بولدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىر ساقچى ئەنۋەرنى ساقچىخاننىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ سولاقخانىسىدىن ئىشخانىسغا ئېلىپ كىردى. ئىشخانىدا ئەنۋەرنى ئىككى نەپەر ساقچى بىلەن خۇددى ئىپارە دىگەندىكىدەك، ھېلقى ئورۇق بەڭگى خوجايىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئەنۋەر ئىشخانىغا كىرىپ كېلىشىگىلا خوجايىن باشقىچە مۇلايىملىشىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۇپ، ئۇنىڭ باش-كۆزىنى، قوللىرىنى تۇتۇپ سىلاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى:

-قانداق ئەنۋەرجان ئۇكام، كىچىدىن بويان ئۇلار ئۇردىمۇ؟ بوزەك قىلدىمۇ؟

ئەنۋەر خوجايىنىڭ بىردىنلا مۇلايىملىشىپ، سىزلەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشلىرىگە، سەممىيەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان نۇرسىز، سوغوق كۆزىگە بىر دەقىقە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، خوجايىننىڭ ئالقانلىرى ئارىسىدىكى قولىنى تارتىۋېلىپ، سوئالغا جاۋابمۇ بەرمەستىن ساقچىلارغا قاراپ تۇردى. خوجايىن ئەنۋەر ئوتتۇرسىدىكى بۇ ئۇچىرشىش مۇناسىۋىتىنى ساقچىلار ھۇشىيارلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتى. ئەنۋەرنىڭ سوغوق مۇئامىلىسىدىن ئوسال بولغان خوجايىن تەن بەرگۈسى كەلمەي، يەنە ساختا كۆيۈمچانلىق بىلەن ئەنۋەرگە سۆز ئاچتى:

-ئۇكام ئەنۋەرجان، مەن سېنى ئىككى مىڭ يۈەن تۆلەپ بۇ دوزاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتەي دەپ كەلدىم. ئۇلارغا مەن سېنى«ئۇكام» دېدىم، سەنمۇ مېنى«ئاكام»دە...

ئەنۋەر خوجايىنىڭ سوئالىنى يەنىلا جاۋابسىز قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىگە دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغان ياشقا چوڭىراق بىر ساقچىغا ئىلتىجا بىلەن قارىدى. سەزگۈر، ھۇشىيار ساقچى ئەنۋەرنى ئالدىغا چاقىرتىپ، قوللىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن تۇتۇپ خەنزۇ تىلدا سورىدى:

-ئۇ راستىنلا سېنىڭ ئاكاڭمۇ؟

ئەنۋەر كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ«ياق» دېگەن مەندە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، قەتئي نىيەتكە كېلىپ:

-مەن قايتىپ كېتىمەن،-دېدى.

ساقچىلارغا ھەممە ئىش ئايان بولدى... چوڭ ياشلىق ساقچى خوجايىنغا قاتتىق تەلەپپۇزدا بىر نەرسىلەرنى دېدى. خوجايىن خۇددى ئەنۋەرنى تىرىكلا يەۋەتىدىغاندەك خۇنۈك كۆزلىرى بىلەن بىر ئالايدى-دە، شۇئان قۇيرۇقىنى قىسىپ ساقچىخاندىن چىقىپ كەتتى. چوڭ ياشلىق ساقچى ئەنۋەرنىڭ ئىسمنى، يۇرتىنى سوراپ خاتىرسىگە بىر نەرسىلەرنى يازدى، قاياقلارغىدۇر تېلفۇن ئۇرۇشقا باشلىدى.

ئەنۋەر ساقچىخانىغا كىرىپ ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن خوجايىننڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، بەشىنچى كۈنى يەنە ساقچىلار ئۇنى ئۆزى چوڭ بولغان جەنۇبتىكى بۇ كىچىك شەھەرگە ئېلىپ كەلدى. ئەنۋەر ماشىنا بىلەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسغا ئېلىپ كېلىنگەندە، قارىداپ ياغلىشىپ كەتكەن يۈزىنى قۇيۇق ساقال-بۇرۇت بېسىپ كەتكەن مېھرىبان دادىسىنىڭ ماشىنغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان دەرد-ھەسىرەت، سېغىنىش، پۇشايمان يېشىنى تۇسۋالالمىدى. ئۇ ماشىنا توختىشىغىلا ماشىندىن چۈشۈپ يۈگۈرگىنىچە دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خۇددى كىچىك بالىدەك ئۆزىنى دادىسىنڭ قۇچىسىغا ئاتتى ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا يۈزىنى دادىسىنىڭ كىر ئۆرلەپ تۇرغان مەيدىسىگە يېقىپ تۇرۇپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ھېقىقداپ يىغلىدى، دادىسىمۇ بالىسىنىڭ يۈز-كۆزىنى سىلاپ، سۆيۈپ تۇرۇپ يىغلىدى، تەسەللىي بەردى.

11

 

ئەنۋەر ئۆز ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، تىنچ- ئازادە تۇرمۇش قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يۈرىكىدىكى روھىي جاراھەت ھامان قاناپ، ئېچىشىپ، خۇددى يۈرىكىگە مىخ سانجىلغاندەك ئۇنى قىيناپ تۇراتتى، ئازابلايتتى، قايتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى ئاخشىمى دادىسى بىلەن سىڭلىسىنڭ ئوتتۇرسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا مۇڭدىشىپ يېتىپ، تېزلا ئۇيقۇغا كەتتى، ئەمما ئانچە ئۇزۈنغا قالماي ئۇ قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردى. ئۇ ھېلىق يەر ئاستى ئۆيىدە شىرزاتنىڭ گۆشىنى كاۋاپ زىقىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇششاق-ئۇششاق پارچىلاۋاتقۇدەك، بىر چاغدا شىرزاتنىڭ گۆشى ئىچدە شىرزاتنىڭ بىر جۇپ قۇڭۇر كۆز قارىچۇقى پارقىراپ تۇرغۇدەك.«ۋايجان»،«ۋاييەي، دادا،دادا!» ئەنۋەر جۆيلۈپ ۋاقىرغىنىچە خۇددى يىلان چاققاندەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. دادىسى بىلەن سىڭلىسى ئۇنى بەزلەپ ئويغىتىپ، تېزلا ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ قورقۇنچتا خۇددى قارا يامغۇردا قالغانداك ئۈستى بېشى چىلىق-چىلىق ھۆل بۇلۇپ، تەرلەپ كەتكەن ئىدى.

ئەنۋەر قايتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ كېچىلىرى تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن يىراق ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەردە، رەستىلەردە، يانچۇق، سومكا مارىلاپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئاچ-توق ئۆتكەن قوقۇنچلۇق، ئازابلىق كۈنلەر، شامالدۇرغۇچقا ئېسىۋىتىلگەندىن كىيىنكى ھۇشىنى يۇقۇتۇشلار، رەھىمسىزلىك بىلەن تىگىۋاتقان قامچا، تېپك، شىرزاتنىڭ ئۆلۈمى...گۆشىنىڭ پارچىلىنىشى، جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلىشى، بىچارە ئىپارەنىڭ قان-ياش بىلەن تولغان كەچۈرمىشى،ئانىسنىڭ باغرى تاشلىقى خۇددى كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، يۈرىكىنى پارە-پارە قىلماقتا ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ساۋاقداش، تەڭ تۇشلىرى بىلەنمۇ ئوينىمىدى. ئىچكىرىگە بېرىپ كىلىشتىن ئاۋۋالقى كۈلكە يېغىپلا تۇرىدىغان كەڭ، بوغداي ئۆڭ يۈزى، قاپ-قارا قوشىما قاشلىرى ئاستىدىكى ئەقىل-پاراسەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر جۇپ يوغان قوي كۆزى، سۆزمەنلىكى، شوخلۇقى قاياقلارغىدۇر غايىپ بۇلۇپ، جىمغۇرلىشىپ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كۈن بويى بىر نوقتىغا تىكىلپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، ھەتتا دادىسى، سىڭلىسى بىر ئېغىز گەپ سورىسا بىر ئېغىز جاۋاپ بېرىپ، بولمىسا ئۆزلىكىدىن لەۋ يېرىپ ھېچكىمگە گەپمۇ قىلماس بولدى. ئۇ كۈندۈزلىرى بۇرۇندىلا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەر ياز پەسىلى سوغا چۆمۈلىدىغان دولان دەرياسىنىڭ بويىغا كېلىپ، پۇت- قولىنى سۇغا چىلاپ، لەڭ ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە قاراپ كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى.

بۈگۈن يەنە دولان دەرياسى بويىغا كەلدى-دە، خېلى ۋاقىتقىچە قولىنى تەكرار يۇدى. ئۇنىڭ قوللىرى ئاقىرىپ، يۇمشاپ لەشتەك بۇلۇپ كەتتى. ئەمما ئۇ قولىنى يۇيۇشتىن توختايدىغاندەك ئەمەس، چۈنكى كۆڭلىدە:« مۇشۇ بىر جۇپ قولۇم پاكىز ئەمەس، مېنىڭ مۇشۇ بىر جۇپ قولۇم شىرزاتنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ، گۆشىنى پارچىلىدى. بۇ قوللىرىم شىرزاتنىڭ قېنى بىلەن بۇيالدى» دەپ ئويلايتتى، ئازابلىناتتى. شۇڭا ئۇ توختىماستىن قولىنى يۇيۇپ تۇرۇپ، خىيالىنى داۋاملاشتۇردى:« سۈپ-سۈزۈك، زۇمرەتتەك پاكىز مۇشۇ سۇ زادى مېنىڭ قولۇمدىكى قان يۇقىنى، مەينەتچىلىكىنى، يۇيىۋېتەلمەسمۇ؟ ئۆزى ئادەم تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بالىلىرىدەك كىچىك بالىلارنى ئېلىپ ساتىدىغان، باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكىنى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق باي بولۇشنى، باشقىلارنىڭ قان يىغىلتىش بەدىلىگە ئۆزى راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدىغان ھەم شۇ نىييەتتە ھەر قانداق ئىپلاسلىق، جىنايەت، گۇناھتىن يانمايدىغان شۇ بىر ئوچۇم ھارامخورلارنىڭ قەلبىدىكى قان، يىرىڭ، چىرىندىلارنى يۇيالماسمۇ؟ بۇنداق ھارامخورلۇق، جىنايەت قاچانغىچە داۋاملىشار؟ ئىپارە ۋە تەقدىر قىسمىتى ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەچچە يۈزلىگەن بالا ئىچكىردىكى  قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قاچانغىچە دوزاق ئازابىنى تارتىپ، خورلۇنۇپ، تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرەر؟ ئىپارە قاچان ئۆز يۇرتىغا، بەختىيار ئائىلىسىگە قايتىپ كېلەر؟» ئەنۋەر خىيالىنى داۋاملاشتۇىۋېتىپ، پۇچۇلۇنۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن ھېقىق، مەرۋايىتەك تاراملاپ ئاققىنچە دولان دەرياسىغا قۇيۇلماقتا ئىدى. دولان دەرياسىنىڭ سۈيىمۇ خۇددى ئەنۋەر ۋە ئەنۋەردەك نەچچە يۈز، نەچچە مىڭلىغان، ئاتا- ئانىسىنڭ مېھرىدە، مەكتەپ مائارىپ گۈلزارلىقىدا خۇددى ھەسەل ھەرىلىرىدەك ئىلىم-مەرىپەت، ئەخلاق-پەزىلەت كىشلىك مۇھەببەت شىرنىلىرىنى چاڭقاقلىق بىلەن شۈمۈرۇپ، بەختىيارلىق ئىلكىدە ساغلام يېتىلدىغان مەزگىلدە بىر ئوچۇم ھارامخور ئالۋاستىلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ جىنايەتكە، ھارامخورلۇققا مەجبۇرلىنىپ، قارا دوراق ئازابىنى تارتىۋاتقاندەك سەبىيلەرنىڭ كۆز يېشىدىن ھاسىل بولغاندەك ئېغىر بىر ئىچكى ئازاب ئىلكىدە ئەلەم بىلەن تولغۇنۇپ، لەڭ ئۇرۇپ ئاقماقتا، چايقالماقتا. 
 ( تۇگىدى)

2007-يىل ئاقسۇ

ئاپتۇرنىڭ  خىزمەت ئورنى ؛

ئاقسۇشەھەر5-ئوتتۇرا مەكتەپ  

(بۇ ئەسەر 2008-يىلى "ئاقسۇ ئەدەبىياتى "تەھرىر بۈلىمى ئۇيۇشتۇرغان ‹بوغدا ›نامىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .بۇ نۆۋەت تەھرىرلەنگەن مۇكەممەل نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم )   


مۇراجەت:-ئادەمدەك ياشايلى !
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

مەن ئۇيغۇرمەن ،

UID
15824
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2011-10-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 20:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۇغ ئەپەندىنىڭ بۇ پوۋېستىنى مەن توردىن چۈشۈرۈپ تولۇق ئوقۇپ چىققان . ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر . كۆپچىلىكنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ .

ئى ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان قېرىندىشىم ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بولسا بەختلىك بولۇڭ ! . . .

تىرىشچان ئەزا

مەن ئۇيغۇرمەن ،

UID
15824
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2011-10-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 08:30:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئى ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان قېرىندىشىم ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بولسا بەختلىك بولۇڭ ! . . .

UID
13069
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
745
تىزىملاتقان
2011-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-9 13:02:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى سىزنىڭ بۇ پوۋىستىڭىزنى ئەلكۈيىدە كۆرگىنىمدىن بۇ خۇشال بولدۇم. بۇرۇن ئاقسۇ ئەدەبىياتىغا بەرگەن قول يازمىڭىزدىن ئوقۇغان كېيىن ئاقسۇ ئەدەبىياتىدىن يەنە بىر رەت ئوقۇدۇم. بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىدى. ئوقۇپ بولغۇچە نەچچە رەت ياش تۆكۈپ شۇنداق بىر ئۈمۈتسىزلەنگەن ئىدىم بۇ دۇنيادىن. (شۇ ۋاقىتتىكى ئەسەرنى ئوقۇغان ھېسسياتىم).
سىزنىڭ يەنە راس ئىشلار خاتىرىڭىزنى بەك قىزىقىپ ئوقۇيمەن، ئۆتكۈر قەلىمىڭىز ھارمىسۇن. ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىڭىزنى سالامەت بولۇشنى تىلەيمەن.

UID
6054
يازما
255
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7369
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 10:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىملار پۇل تاپىمىز دەپ ئىچكىرگە بېرىپ ئوغۇرلۇق قىلىدۇردىكەن بىيگۇناھ سەبى بالىلار ئامالسىزلىقتىن تاياقتىن ئازاپلاردىن قورقۇپ ئوغۇرلۇق قىلىدىكەن...ئىچكىرنىڭ بىر قىسىم  بىچارىلىرى شىنجاڭغا چىقىپ كۇچىگە تايىنىپ جاپالىق تۇرمۇشلارغا چىداپ ئازراق پۇل تېپىپ كىچىك ئىشلاردىن دەسمايە سېلىپ كېيىن دۇكان ئېچىپ مەبلەغ توپلاپ ئىچكىرىگە قايتىپ زاۋۇت قۇردىكەن،بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز جاپادىن قېچىپ كىچىك ئىشنى ياراتماي  پۇل يەتمىگەچ چوڭ ئىشنى قىلالماي  ھەييييييييييي

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
107
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2207
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 15:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىككەن،شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،رەھمەت قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

يەيدىغان زەھەر بار،دىمەيدىغان گەپ بار. دىگەن گەپنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ،دىمىگەن گەپنى دىۋالغىلى بولىدۇ،ئۈمىدۋار ياشاش كىرەك.

UID
16746
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
629
تىزىملاتقان
2011-11-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 13:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سڭزنڭنە بۇ ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، چۇنكى ھازىرقى رىيال تۇرمىشىمىزدا ئانا ئاشۇنداق رەزىل كىشلەر ناھايىتى جىقىيىپ كەتتى بولسا شۇلار كۆرۈپ ئىبرەت ئالسا بەك ياخشى بولاتتى .

UID
15655
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
636
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 18:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز، ئاللاھ شۇ ئادەم قىلىپىدىن چىققان چوشقىلارنىڭ جاجىسىنى ئوزى بىرە    

UID
15655
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
636
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 18:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىم ئەجەپ ئاچچىق بوپ كەتتى  دىسە..............................

UID
17687
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 13:10:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش