كۆرۈش: 2618|ئىنكاس: 13

ئېلاننىڭ ئۆكۈنۈشلىرى(فىليەتۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېلاننىڭ ئۆكۈنىشلىرى

 

(فىليەتۇن)

 يۇلغۇن



ئاڭلا ئەي جاھان ، قۇلاق سال ئەي دۇنيا مەن ماۋۇ ئادەملەرگە نىمە زىيان سالدىم زادى ، ساپلا پايدا يەتكۇزدىمغۇ؟ بۇلار نىمىشقا ئاش بەرگەنگە مۇشت بىرىدىغاندۇ دەيمەن ؟ بىر دەم ‹ بىزەڭ ئېلانلار › دەۋاتقان، بىردەم ‹ سېرىق ئېلانلار › دەۋاتقان . يەنە بىردەم ‹  يوقال ئېلانلار › دەۋاتقان. ماڭا بۇ نىمە كۈن ، نىمە تارتقۇلۇق زادى؟ بۇلارنىڭ دېيىشىچە  مېنىڭ كاساپىتىمدىن ئانىلار باللىرىنى  ئانا سۈتىدە باقماي ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كالا سۈتىدە باققاچقا بالىلار خۇخدى توك چۈجىسىدەك چوڭ بولۇپ قېلىۋاتىمىش ، ئۇلاردىن بارچە يامان ئىللەتلەر تېپىلىمىش، بۇ نىمە دېگەن ھازازۇللۇق ، نىمە دېگەن كۆكەمىلىك؟ مەن ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا زورلىدىمما؟ مەن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتتىمما-يا ؟ ياق مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىدىم . مەن قانداقمۇ شۇنداق قىلالايتىم ئەركىم ئۇلارنىڭ ئىلكىدە تۇرسا ...

 ھەي ئادەملەر ، مەن پەقەتلا بىر ئېلان شۇ ، ئاڭلاپلا قويساڭلار بولمىدىمۇ ؟ ئاڭلىمىساڭلارمۇ مەيلىڭلارغۇ ؟ ئارقا-ئالدىمدىن گەپ تېپىپ ، كوتۇلداپ ، ئۇتتۇر كەلگەن يىرىمدىن بەس-بەستە چىشلەپ تارتىشىپ يۈرگىچە . يا شۇنداق قىلمىساڭلار كۈنىڭلار كۈن ، يىگىنىڭلار  يېگەن بولمامدۇ ؟! ...  نىمە قىلدىم دەيمەنسىلەرگە مەن ، مەن بىلەنلا قالدىڭلارغۇ ئەمدى؟ مەن توغرۇلۇق تارقاتقان ئۆسەكلىرىڭلار مېنى تىرىكتۈرۈپ تۈگەشتۈرىۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر ؟ ئۆزلىرىڭلار بىلەن ئۆزلىرىڭلارنىڭ پېتىشالمايدىغىنى يەتمىگەندەك ئەمدى مەن بىلەن پېتىشمىغىنى تۇردىڭلار. بىردەم ئۇنىڭ ئالدىغا ، بىردەم بۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۇمۇلاق تاۋۇزدەك دۇمۇلاپ يۈرمىسەڭلار كۆڭلىڭلار ئىمىن تاپمامدۇ دەيمەنسىلەرنىڭ ؟ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭلار يوقتەك غەيۋەت-سېكايەت ، چېقىمچىلىققا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە ۋاقىتىڭلار يىتىپ  مەن بىلەن بولىۋاتقىنىڭلارغا ھەيرانمەن . مىيت نامىزىغا مىيىت ئىگىسىنىڭ باي –كەمبىغەللىكىگە قاراپ بارىدىغان، تويغا توي ئىگىسىنىڭ پۇل-مېلى ، ھوقۇقىغا قاراپ بارىدىغان خۇي-پەيلىڭلارغا قاراپ، مەن توغرۇلۇق تاپقان ئۆسەكلىرىڭلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپ كۆڭلۈمگە تەسكىن تاپىمەن بەزىدە.

ھەي ئادەملەر ، سېلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭلار پۇل ، پۇل ،پۇل . شۇڭا سىللەر « پۇل بولسىلا ھەممىنى قىلغىنى بولىدۇ ، پۇل بولسىلا بەختلىك ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىنى بولىدۇ » دەپ قەرايسىلەر . سىلەرگە پۇللا بولسا بولىدۇ ئەمما پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن ھېساۋىلىشىپ كەتمەيسىلەر ، «پۇلنىڭمۇ مەينەت ، پاكىزى بولامدۇ » دەپ قاراپ ، ھالال بىلەن ھارامنى ئارلاشتۇرىۋالىسىلەر . شۇڭا سىللەر پۇل تېپىشنى مەخسەت قىلىپ مەن ئېلاننىڭ ئىناۋىتىنى تۆكتىڭلار ، يۈزۈمگە قارا سۈركىدىڭلار ! نۇمۇس قىلماي ناچار ، ساختا « ئۆتمەس ماتاسىڭلار » نى مەندىن پايدىلىنىپ داڭلاپ ئۇچۇرۇپ بىر-بىرىڭلارنى ئالداپ ، ھۆل قىشقا دەسسىتىشىپ  زورلاپ ساتتىڭلار . ھەتتا پۇلنى دەپ ساختا يىمەكلىك ، ناچار ئىچىملىكلەرنى داڭلاپ سېتىپ نۇرغۇنلىغان جاننىڭ بېشىغا چىقتىڭلار ، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى مەن سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا زورلىدىمما ، كۈشكۈرتىمما ؟!... ھەي ئادەملەر ، پۇلنى دەپ بۇنداق رەزىللىشىپ ، ۋەھشىشىلىشىپ كەتمەڭلار ، ئېسىڭلاردا بولسۇن پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ، پۇل ئۇنچىۋالا قىممەتلىكمۇ ئەمەس . ئىمان-ئىتىقاد، ۋىجدان-غۇرۇر ، ۋاپا-ساداقەت، مېھرى-مۇھەببەت قىممەت جەھەتتە پۇل-مالدىن نەچچە ، نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ ، سىللەر بۇنى بىلەمسىلەر؟ ...

ھەي ئادەملەر، مەن بۇ دورا ئۈلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ دورا ئۆكۈزنى بۇقىغا ، ماۋۇ دورا   بوۋاينى يىگىتكە ، ئاۋۇ دورا موماينى قىزغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ دەڭلار دەپ سىللەرگە ئۈگۈتتىممۇ،سىللەر ھەممىنى ئۆزۈڭلار دېمىدىڭلارمۇ؟بارچەساختىلىق ،سەللە ئورۇۋالغان رەزىللىكلەرنى ئۆزۈڭلار تالىشىپ قىلمىدىڭلارمۇ ؟ ...توۋا مېنىڭ سىللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم گۇاھمۇ ؟ ئەگەر مەيلىم ئۆزۈمدە بولسىتى ، سىللەر ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كەتمەن چاپمايتىم. ئەپسۇس  تۈمەنمىڭلىغان ئەپسۇس مەندە ئۈنداق ئىمكانىيەت يوق . شۇڭا « ھالۋىنى ھېكىم يىسە، تاياقنى يىتىم » دېگەندەك تۇقىناق بالاغا قېلىۋاتىمەن. ۋاي ،ۋاي قوۋۇرغام سىللەرنىڭ « چى قۇرۇق ، تېشى ئۇز ،نۇرلۇق پار-پار ئېلانلار » دەپ كېتىشىڭلاردىن ئۆرگىلەي ، ئىلاھىم مېنى زەھەر يالىتىلغان شىرىن سۆزلەر بىلەن تىللاپ ، قارغىغان تىلىڭلار ھونناق چىقار ، كۆرۈپ  تۇرۇپ ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئىتەلمىگەن كۆزۈڭلار كور بولۇپ كېتەر. مەن سىلەر قىزىقىپ كۆرىۋاتقان مەخسۇس فىلىم ، كىنو-تىياتىر ، سەنئەت نۇمۇرلىرىنىڭ ئارىسىغا ئۆزۈمچە قىستۇرۇلۇۋېلىپ ، سىللەرنىڭ كەيپىڭلارنى بۇزمىدىم ،مېنى سىللەر ئاشۇنداق ئارلىقلارغا ئۆز ئىختىيارىڭلار بويۇنچە قىستۇرۇپ قويۇپ جېنىمنى سىقىۋەتتىڭلار ، قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆز ئەركىمدىن ئايرىلىپ ، ئورۇپ-سوقۇلۇپ، تىل-دەشنام ئاڭلاپ تارچىلىقتا قىستىلىپ بويۇن قىسىپ ، غېرىپسىنىپ ياشارمەنكىن –تاڭ؟ ...

مەن يېقىندىن بۇيان بۆلەكچىلا ئەنسىرەپ قالدىم. ئەنسىزلىك ئىچىدىكى قورقۇنچ ماڭا پەقەتلا ئارام بەرمەس بولىۋالدى. لېكىن نىمىدىن بۇقەدەر قورقۇدىغانلىقىمنى ئېغزىمدىن چىقىرىشنى خالىمايمەن ، بۇنىڭسىزمۇ مەن قېلىۋاتقان تۇقۇناق بالالار ئازمۇ؟ ... شۇنداق مېنىڭ مەخسىدىم خېرىدارلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئىدى . ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۆز ئەركىم ئۆزۈمدە بولمىغاچ خورلۇققا ئۇچراپلا كەلدىم. چۈنكى مەن سىللەرنىڭ باشقۇرىشىڭلاردا ئەمەسمۇ ئادەملەر. ھە ،ئەمدى بىلدىم مېنىڭ قورقىدىغىنىم ئۇ ئالەمدىكى كېيىنلىكىم ، بۇ ئالەمدىكى كېيىنكىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟...

  مېنىڭ كاساپىتىمدىن قىزلار بۇزۇلۇپتىمىش، ئوغوللار تاپتىن چىقىپتىمىش ، غەلەت ئىشلار ئەدەپ كېتىپتىمىش . مەن ئۆزەمچە ساختا دورىلارنى ماختىدىمما؟ ئەدەملەرنى زەھەرلەيدىغان ھاراقلارغا « ئوغوزخان» ، « نۇرۇز » ، « چىن تۆمۈر باتۇر » ، « مەشرەپ » ، » ئاق قوناق » ، « بۇغداي » ...دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ ماختاپ ئۇچۇرغان مەنكەنمەن –دە ؟ پۇلنى دەپ نىمىشلارنى قىلىپ يۈرىيسىلەر ھەي ئادەملەر ؟  ۋاي نۇمۇس، ۋاي ئاھانەت سىللەرگە . ئۆزۈڭلار ساختا بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرۇپ ،بارچە گۇناھنى ماڭا ئارتىپ قويغۇنىڭلارنى دەيمىنا ؟ ماڭا بۇنچە ئۇۋال قىلماڭلار مەن سىللەر ئويلىغاندەك كۆتۈرۈشلۈك ئەمەس . ماڭا قىلغىنىڭلاردىن  ئاغرىنىپ كەتمەيمەن ، سىلەر ئەزەلدىن دۆڭگەشكە ئۇستا. مانا ئۆزۈڭلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ ، ئۆزەڭلارغا قۇمۇشقا سۇ يۇقمىغاندەك يۇقتۇرمىدىڭلارغۇ ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ بەختى ئۈچۈن باشقىلارنى ئىككىلەنمەي قۇربانلىق قىلىۋىتىسىلەر . ئەي قىزىلۆز ئالدامچىلار ئېيتىڭلار قېنى  مەن ئالدامچىمۇ ، سىلەر ئالدامچىمۇ ؟! ...مەن ساختىمۇ، سىلەر ھېلىگەرمۇ ؟  راست دەيسىلەر مەندىكى بەزى سۆزلەر ھەقىقىتەن پەس ، شۇ سۆزلەرنى تېپىپ چىققان سىلەرچۇ؟ بىلىپ قويۇڭلار ، ھامان بىر كۈنى ساختىلىقىڭلار ، ناچارلىقىڭلار ، تويماسلىقىڭلار سىلەرنى نەس باسقۇزىدۇ، ماڭا ئۇۋال قىلغىنىڭلارغا شۇ چاغدا تويىسىلەر ...

        مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاز ، كۆرۈنىشلىرىمنىڭ يېقىملىق ، تىلىمنىڭ گۈزەل ، ساز ، ئۆردەكلەرنىڭ ئۆردەكچە ، غازلارنىڭ غازچە بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن . ئەمما سىلەر ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرمىدىڭلار ، بەرمەۋاتىسىلەر ، ھەر ئاماللار بىلەن مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى بوغۇۋاتىسىلەر ، ئەركىمنى تارتىۋېلىۋاتىسىلەر ،ھەي ، ھەي ، ھەي ي ي !!!... ئادەملەر سىلەر قان چىقارماي جان ئېلىشقا بەك ئۇستا جۇمۇ ئەزەلدىن ھەم  تەجىربەڭلارمۇ مول ...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
16194
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 13:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلان ئۆيمىزگە باستۇرۇپ كىردى. بۇرۇن ئېلانلارنى رادىئو-تېلىۋزىيە،تور بەتلەردىلا بېرلەمدىكىن دەپ ئويلايتتىم.لىكىن ھازىرقى ئېلانلارنىڭ پۇتى چىقپتۇ. ئۇلار خالىغان چاغدا ئۆيىڭىزگە باستۇرۇپ كىردىكەن. ئادەملەرنىڭ ئۆزىمۇ ئېلانغا ئايلىنىپ ئۆيلەرگە كىرىپ "مەھسۇلات"تەشۋىق قىلدىكەن.ھازىر ئېلانچلىق كەسپى پۇل تېپۋاتىدۇ...

ۋەتەننى سۆيۈش ئىمان جۈملسىدىن

UID
16194
يازما
7
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 14:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەلكۈيى مۇنبىردىكى تېملارنى بىر ئېلان قىلىپ قوياي:
ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلۋوزۇردىن"كورتلار ۋادسى 130-بۆلۈمنى"  كۆرۋاتاتتىم.تۇيۇقسىزلا"كۈندە بىر دۇنيادىكى ئەڭ"پراگراممىسدا خەۋەر بېرلىپ"لىۋىيە زوڭتوڭى كازافى ھۇجۇمدا ئۆلدى"ۋە"ئالما شىركىتى قۇرغۇچىسى جوبس ئالەمدىن ئۆتتى" دېگەن خەۋر چىقىپ قالدى.   راست سادامداكلا كۈنگە قالدى بايقۇش كازافى، ئامال قانچەبىرى زوڭتۇڭ بىرى كاتتا باي ئۆلۈم بەرىبىر ئوخشاش.ئۇنداقتا؟"ئىنسان ئۈچۈن" بايلىق ئەزقاتامدۇ ھوقۇقمۇ؟ ئويلاپ قالدىم"زوڭتۇڭ بىلەن مىليادىرنىڭ پەرقى نېمە؟"مەيلى قانداق بولسا بولسۇنكى،ئىشقىلىپ "ھەرگىز دېقان بولۇپ قالماڭ"دەپ ئويلايمەن. بالىلار پراگراممىسنى كۆرەيچۇ،دېسەم،"مەن قاچان تۈرمىدىن چىقىمەن؟"دەپ بىر فىلىم چىقىپ قالدى. "ھەي بالىلار.ئىست بالىلار"دېدىم ئىچىم ئاغرىپ،بۇ مەيلىغۇ تىرىك تۇرغان بىر بالىنى ئىككى ماشنىا ئادەمنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ." پۇتۈن جوڭگونى چۆچىتكەن ۋەقە"دەپ يەنە بىر خەۋەر.""بىر چىكتلىك خىيال''غا پىتىپ "ۋىجدان"ھىكايسنى ئوقۇپ قالدىم. ئادەملەردە ۋىجدان بارمۇ زادى؟ياق  "فاشىست گىتلىرىنىڭ نۇتۇقى"نى ئوقۇپ چىقىپ ئۇرۇشنى ،قىرغىنچلىقنى مىللى غورۇر بىلەن چىرايلىق كۆرسىتىپ ئىنسانلارنى قىرغىن قىلىشتەك رەزىل پىلاننى ئوقۇپ چىققاندەك بولدۇم.كىيۇ-كىيۇنى ئاچاي دەپ تۇرشىمغا،بىرى ئۇچۇر قىلدى.سىز كىم؟مەن"37ياشلىق بۇۋاي"دېدىم.ھا ھاھا" سىز كىمنى ئالداۋاتىسز؟"دېدى قارشى تەرەپ ھەي ئاق قان كېسلگە گىرىپتار بولغان دوستىمىزغا ياردەم قىلماي ماقالنى ئوقۇشتىن خىجىل بولدۇم.نېملا بولمسۇن ھاياتلا بولساق تىرشايلى،چۈنكى "ياش ھوقۇقىڭىز قولىڭىزدا"

ۋەتەننى سۆيۈش ئىمان جۈملسىدىن

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 22:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىغا قارىغاندا ئىۋۇtaxkinjan  نىڭ ئىنكاسى قىزىقارلىق چىقىپتۇيا

UID
1259
يازما
106
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3589
تىزىملاتقان
2009-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 23:28:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
8700
يازما
58
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
650
تىزىملاتقان
2011-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 03:33:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا ئىنكاس يازغىلى بەكلا ئۇستا جۇمۇ سىلەر  بەكلا ياخشى چىقىپتۇ بۇ تىما
باشقا دوسلىرىمغىمۇ كۆرسەتسەم بولغۇدەك````````````````````````````

كۈلۈپ ياشاڭ-ئىسىل ياشاڭ

UID
12035
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1304
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 14:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە ئېلانجاننى تىللاۋەرمەيلى باللا، بولمىسا پۈتۈن مۇنبەرنى ئەدەپلەيدىغان مەھسۇلات چىقىپ، ئىنكاس يازمايدىغانلارنى زورلاپ ئېلان يازدۇرىۋىتىدىغان پىروگىراممىلار ئىشلىنىپ ئالەم مالەم بولۇپ كەتمىسۇن

UID
6054
يازما
255
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7369
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-10 10:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ 6قەۋەتتىكىhanim يوللىغان 2011-11-08 14:30 غا قارتىلغان  :
بىچارە ئېلانجاننى تىللاۋەرمەيلى باللا، بولمىسا پۈتۈن مۇنبەرنى ئەدەپلەيدىغان مەھسۇلات چىقىپ، ئىنكاس يازمايدىغانلارنى زورلاپ ئېلان يازدۇرىۋىتىدىغان پىروگىراممىلار ئىشلىنىپ ئالەم مالەم بولۇپ كەتمىسۇن
.....................................
نىمانداق قىزىقارلىق ئىنكاس بۇ،،مەنمۇ شۇنداق دىمەكچى ئىدىم،بىر بولسا يۇز تاپ،بىر بولسا پۇل تاپ..باشقىلارغا ئىشلىسىڭىز ئېلان بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،لېكىن تىجارىتىڭىز ئېلانسىز پۇل تاپالمايدۇ  جۇمۇڭ، شۇڭا ئېلان بېرىشتىن قورقىدىغانلار ئالدى بىلەن دوست بۇرادەرلىرىگە ئىستىمال قىلدۇرسۇن ھەم ئۇلارغا باشقىلارغا ئېيتما دىسۇن! سۇپەتلىك مەھسولات ئىشلەپ   ئېلاننى چوقۇم بېرىش كېرەك ،بىراق سەللىگە چۇشلۇق ئىمان بولمىغاندىن كېيىن كىشىلەر ئېلانغىمۇ ئۇنچىۋالا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كېتىشتى  شۇ خىل مەھسولارقا مۇھتاج بولغۇچىلار  سىناپ بېقىشنى ئويلايدىكەن! شۇنداق قىلىپ مەھسولات سېتىلىپ  پۇل تاپىدىكەن

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بۇ  

UID
8397
يازما
92
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2222
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 19:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۇندە ئېلاننىڭ رولى قالمىدىمۇ نىمە؟رولى بولسا ئۇنداق كوپ ئېلان بەرمىگەن بولاتتى دەيمەن.

ياخشىلارنى ھورمەتلەپ يامانلاردىن نەپرەتلىنىش

UID
17227
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 22:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلاننى كۆرۈشنى خالىمىسىڭىز كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .لېكىن شۇ ئېلاننى ئىشلىگۈچى بىزلەر مەزمۇنىغا دېققەت قىلساق ئاندىن ئېلان توغۇرلۇق يامان سۆزلەر ھەم بىزار بولۇشلار ئازىيىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش