‹‹ئالاھىدە ئۇقۇغۇچى››نىڭ جاۋابىدىن تۇغۇلغان ئويلار
تۇردى توختى
مەكتەپ- ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئالىدىغان ،ئادەم بۇلۇشنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئىگىلەيدىغان بۈشىگى. ئۇ ئۇقۇغۇچىلارغا تۇرلۈك بىلىملەرنى بىرىشنى مەقسەت قىلىپ،ئۇقۇۈۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن(ئۇمۇمى يۈزلۈك بولمىسىمۇ) سىنىپلارغا بۈلۈپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى ئۈزىنىڭ تەربىيە قاتلىمىدىكى بىرلىك قىلغان.
ئەمىليەتتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى ،پىسخىك ئالاھىدىلىگى ۋە پىزىلوگىيەلىك ساغلاملىغى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلۇشۇپ،سىىنىپلارغا بۈلۈپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىش مائارىپنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىگى بۇلۇشى كېرەك ئىدى.ئىمكانىيەتنىڭ يوقلىقىدىن بەزى ‹‹ئالاھىدە›› يىتىلگەن بالىلارمۇ روھى ۋە جىسمانى،پىسخىك جەھەتلەردە نورمال ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇقۇيدىغان ھالەتلەر شەكىللىنىپ،‹‹ئالاھىدە ئۇقۇغۇچى›› بىلەن نورمال ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئۇرۇندا ئۇقۇشى رايۇنىمىزدا ،بۇلۇپمۇ يېزىلاردا بىر ئاساسى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇنداق نورمالنى ئۈسۈپ يىتىلمىگەن(يىتىلىشى نورمال ئەمەس،يىتىلىشى ۋە ئىنكاسى گال ئۇقۇغۇچىلار) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نورمال يىتىلگەن ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئۇقۇشى ئۇلارغا روھى بېسىم بۇلۇپ،ئۇلارنى جىمغۇرلاشتۇرۇپ،ئۈزى يالغۇز تۇرۇشنى خالايدىغان ‹‹بىچارىلەر››گە ئايلاندۇرۇپ،ئۇلارنى ھەل قىلىش قىيىن بولغان پىسخىكىلىق توسالغۇلارغا گىرىپتار قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئوسۈپ يىتىلىشىگە توسالغۇ بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ مائارىپىمىزدىكى بىر چوڭ سەۋەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن مەلۈم سىنىپقا دەرس ئوتكىلى كىرىپ ئۇقۇغۇچىلارغا دوست توغرىسىدىكى مەزمۇننى سوزلەپ،ساۋاقداشلادىن دوستلۇقنىڭ شەكىللىنىش،دوستلۇق چەمبىرىكىدىكى دوستلارنىڭ قانداق قىلىپ دوستلار قاتارىغا كىرگەنلىكى،ئادەمنىڭ ئىجدىمالىققا ئىگە بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا بۇ دوستلارنىڭ بىزنىڭ دوستلۇق چەمبىرىكىمىزگە نەدىن كېلدىغانلىغىنى سورىغىنىمدا ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر ‹‹ئالاھىدە››ئۇقۇغۇچۇم قول كۈتۈرۈپ جاۋاپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.مەن ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن ئۇ:
_ مالىم دوستلار ئۈيىدىن كېلىدۇ. دىدى
ئۇقۇغۇچىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.مەن:
-بۈگۈن بەك يۇمۇرلۇق بۇلۇپ كىتىپسەن،قارا ساۋاقداشلىرىڭنى خۇش قىلۋاتقىنىڭنى،بۇ جاۋابىڭ بەك كۈڭۈلدىكىدەك بولدى...دەپ ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ سىنىپتىكى ئوڭايسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالدىم.مەن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ ئۇقۇغۇچىلاردىكى ئۇنى مەسخىرە قىلىش كەيپىياتى تۈپتىن يوقۇلۇپ كەتمىدى.بىرنەچچە ئۇقۇغۇچى ئاقىسىغا قاراپ ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك قىياپەت بىلەن چالا كۈلۈپ قۇيۇپ،ئالدىلىرىغا قاراشتى،مەن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش مەقسىدىدە:
-ساۋاقدىشىڭلار توغرا دەيدۇ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۈيى بولىدۇ،ئادەملەر شۇ ئوينى بىرلىك قىلىپ ياشايدۇ،مۇشۇنداق ئويلەرنىڭ بىركىشىدىن ،شۇنداقلا شۇ ئويدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىش جەريانىدا مىجەزى،مەقسەدى،مۇددىئاسى ئوخشاش كىشىلەر دوست بۇلۇشىدۇ،بۇنىغا ئاساسلانغاندا دوستلۇقنىڭ تۇنجى قېدىمى ئويدىن باشلانغان بۇلۇدۇ دەپ چۈشەنچە بەرگەن بۇلدۇم.ساۋاقداشلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقان بىلەن، مىنىڭ ئىچىم ئېچىشقاندەك بۇلۇپ،جىددىيلىشىپ قالدىم.بۇ ئىش مىنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.
1.مەكتەپلەردىكى ئالاھىدە ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئورنى
‹‹ئالاھىدە ئۇقۇغۇچىلار››-ئانىسىدىن تۇغۇلغاندىلا پىزىلوگىيەلىك كەمتۈكلۈككە ئىگە بۇلۇپ تۇغۇلغان ‹‹بەخىتسىز›› ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇپ بۇلاردىكى كەمتۈكلۈك خىلمۇ-خىل بۇلۇدۇ.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەقلى جەھەتتىن ئىنكاسى تۈۋەن بۇلۇپ،مەسىلىلەرنى تەپەكۈرىغا تايىنىپ ئەمەس،بەلكى كۈرۈشتىن ھاسىل بولغان بىلىش(سەزگۈ) ئارقىلىق ئىنتايىن ئاددىي ھالدا بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى ھۈكۈم قىلىدۇ.يەنە بەزىلىرى ھەم ئەقلى جەھەتتى ھەم جىسمانى جەھەتتىن كەمتۈك بۇلۇپ،بۇنداق بالىلار ھەم تەپەككۈردىن ھەم ھەركەتتىن قىينىلىپ تېخىمۇ بىچارە بۇلۇپ قالىدۇ(كۆپۈچە ئەھۋالدا ئۇلار بىچارىلىگىنى ھىس قىلالمايدۇ،بۇنداق ھىس قىلالماسلىق ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ‹بەختى›بۇلۇشى مۈمكىن).يەنە بەزىلىرى جىسمانى جەھەتتىن مېيىپ بۇلۇپ،بۇلارنىڭ ئەقلى ئىختىدارى نورمال،بۇلار ئالدىنقى ئىككى خىلدىكىسىگە قارىغاندا زور بەخىتنىڭ ئىگىلىرى ھىساپلانسىمۇ نورمال كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا‹‹ئالاھىدە›› ھىساپلىنىدۇ.يىغىنچاقلىساق بۇ بالىلار ئىختىدارسىز ئەمەس،نورمالمۇ ئەمەس،جىسمانى ۋە ئەقلى جەھەتىىن كەمتۈك بالىلاردۇر.
بۇنداق بالىلار ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئىگە بۇلۇشى،باشقىلارنىڭ كۈيۈنىشى بىلەن ئۈزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئۇنتۇپ،خاتىرجەم خۇشال ئۈتۈشى،ھەر تەرەپتىن يىتەكلىنىپ،ئۈزىدىكى ئەقلى كەمتۈكلۈكنى ئاستا-ئاستا تۈگۈتۈش ئۈچۈن،خورلۇق ھىس قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.ئەمىليەتتە مەكتەپلىرىمىزدە بۇنداق بالىلار قانچىلىك غەمخورلۇقتىن بەھرىمان بۇلىۋاتىدۇ؟بىز ئۇلار ئۈچۈن نىمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ بۇ مەسىلىدە ھەممە ئادەم ئويلۇنۇپ كۈرىشى،بۇلارنىڭ يەردەمگە مۇھتاچ ئىكەنلىگىنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى.بىراق،بۇنى چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك؟
مەكتەپلىرىمىزدىكى ئەمىلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق بۇنداق ‹‹ ئالاھىدە ›› ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئورنى باشقا ساغلام،نورمال ئۇقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تۈۋەن بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.ئۇقۇغۇچىلار بۇنداق‹‹ دۆت ›› ساۋاقدىشىنى ھەر تەرەپتىن مەسخىرە قىلسا،تۇرلۇك پالىيەتلەردە ئۇنى پالىيەتكە قاتناشتۇرمىسا(ئۇقۇغۇچىلار تەشكىللىك ھەم ئىختىيارى تەشكىللىگەن پالىيەتلەر)،ئۇنى ئادەتتىكى تۇرمۇشىدىكى ئىشلىرىغا سالسا(ئۇقۇغۇچىنىڭ شەخسى ئىشلىرى) ئۇنىڭ ئۇقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ‹‹ھۆرمىتى›› قانداق بولماقچى،‹‹ئالاھىدە›› ئۇقۇغۇچىلارمۇ شۇلارنىڭ ساۋاقدىشى ھەم قېرىندىشىغۇ؟.ئۇقۇتقۇچىلار بۇنداق ‹‹دەلتە›› ئۇقۇغۇچىلارغا قانچىلىك كۈيۈنەلىدۇق؟ ئۇلارنى تۈرلۈك ئىژدىمائى پالىيەتلەرگە تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ يىتىلىشىگە،نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە يەردەم بېرەلىدۇقمۇ؟ھەتتا بەزىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ‹‹مەرىزى››يۇقۇپ قالىدىغاندەك ئۇلاردىن سەسكىندۇققۇ! ئۇلارمۇ ئەمىليەتتە سىزنىڭ پەرزەنتىلىرىڭىز ئىدىغۇ؟...
ئەمىليەتتە بۇ ئۇقۇغۇچىلار ھەممىدىن بەك يىتەكلەشكە كۈيۈنۈشكە،كۆڭلىنى ئوستۈرۈشكە مۇھتاچ ئىدى.بۇلارغا مۇكەممەل بىلىملەرنى ئۈگىتىش ئاسان ئەمەس،بىز مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئۇ ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇنتۇپ قالساق،بۇلار خېمىغا يېنىپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىسىغا يۈك بۇلۇپ قالىدۇ.بۇلارغا ئادەتتىكى ياشاش يوللىرى ئۈگىتىپ قۇيۇش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز بۇلۇشى كېرەك.ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قۇربىمىزنىڭ يىتىشىچە ئۇلارغا يەتكۈزسسەك، چۇقۇم ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۆسىدۇ.ئەمىليەتتە بۇنداق پالىيەتلەرنىڭ تەكرارلىنىش ئۇلارغا ئېقىل،تەپەككۈر ئاتا قىلىدۇ.بىراق مەكتەپلىرىمىزدە مەيلى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەيلى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمەيۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار دەل ‹‹ ئالاھىدە›› ئۇقۇغۇچىلاردۇر.
ئىلگىرى مەن ئىشلىگەن مەكتەپتە ئەقلى يىتىلىشى كىيىن قالغان بىر ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ،ئۇ مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچى،ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.مەكتەپتىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىغا شۇنداق ئامراق ئىدى.ھەتتا قىز ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ،ئۇنى ئۈزىنىڭ قېرىداشلىرىدەك كۆرەتتى.مۇشۇنداق كويۇنۇش نەتىچىسىدە ئۇنىڭ ئەقلى يىتىلىشى ئىنتايىن تىز بۇلۇپ،خارەكتىرىدە نۇرىۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولغان.كىيىن مەكتەپ كۆچىدىغان چاغدا ئۇنىڭ بىخەتەلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنى ئاتىسىنىڭ تەربىلىشىگە تاپشۇردۇق.مەن ئۇنىڭدىن مەكتەپتە ئۇقۇغۇڭ بارمۇ؟دەپ سورىسا ئۇ كۈزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:ئۇقۇغۇم بار دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ مىنىڭمۇ كۆزۈمگە ياش كەلدى.مىنىڭچە ئۇ ئاشۇ كىشىلەرنى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلايدۇ.
2.ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئۇلارنى تەربىلەشنىڭ ئۇسۇللىرى
بۇ خىلدىكى ئۇقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە تەربىلەش،بۇلۇپمۇ پەننى بىلىملەر بۇيۇچە سېسىتمىلىق تەربىلەش بىر قەدەر قىيىن بولسىمۇ،بىراق بۇ ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىلىمەي مەيلىگە قۇيۇۋېتىش بىر جىنايەت!
مىنىڭچە ئۇلارنى تەربىلەشتە تۈۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىىپ باقسا بىر قەدەر ئۈنىمى بۇلۇدۇ.
1(مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ھەمكارلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى قېزىپ چىقىپ،ئۇلادىكى قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى بىر قەدەر ئىختىيارى،ئازادىچىلىك بىلەن قىزىقىشى تەرەپكە يىتەكلەپ،ئاشۇ نوقتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
2(ئاتا –ئانىلار ئائىلىدە ئۇلارنى كەمسىتمىسلىكى ۋە كەمسىتىشكە قەتتىئى يول قويماسلىغى،مەكتەپ تەرەپمۇ بۇ ئۇقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۈيۈنۈپ،ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ھەرقاندا سۆز-ھەركەتكە يول قويماسلىغى،ئۇلارنىڭ ىۇشاللىق ئىچىدە پالىيەت قىلىشىغا شارايىت يارتىپ بىرىشى كېرەك.
3(مەكتەپ تەرەپ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارنى دەرسخانىغا سولىۋالماي،ئۇلارنىڭ ئىختىيارى پالىيەت قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى،ئۇلارنى ئىجدىمائى(مەكتەپ ئىچىدىكى) پالىيەتلەر بىلەن شۇغىللىنىشىغا كوپرەك دەۋەت قىلىشى،قول سېلىپ ئىشلەشكە ئىلھام بىرىشى كېرەك.ئۇلارنى ئۈزى قىلالايدىغان ئىشنى ئۈزى قىلىشتەك ئىمكانىيەت بىلەن تەمىن ئىتىشى كېرەك.
4(مەكتەپ يەنە ئۇلارغا تەنتەربىيە،شئېرى-مۇزىكا،گۈزەل سەنئەت،ئىشجدىمائى ئەمىليەت دەرسىلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ كۆپرەك پالىيەت قىلىشىغا يول قۇيۇشى،شۇ ئاساستا كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ باشقا ئۇقۇغۇچىلار بىلەن كوپرەك ‹‹ئوينىشى››نى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۈزىگە ئىشىنىش روھىنى ئۇرغۇتىشى كېرەك.
5(مەكتەپ ئۇلارغا ماددىي قەھەتتىن يەردەم بىرىپ،ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ مەكتەپنى ئۇلارنىڭ ئىللىق ئايلىسىگە ئايلاندۇرۇش،شۇ ئاساستا ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
6(ئۇقۇتقۇچىلار ئۇلارغا كۈيۇنىشى، ئۇچراشقاندا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ ئۇنى خۇشال قىلىشى،ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى ئىززەتلىشى،ئۇلارنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئىشلارغا ئۇلانى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭمۇ ‹‹مەن قىلالايدىكەنمەن››دىگەن ئۈزىگە ئىشىنىش روھىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك.
7(سىنىپ مەسئۇللىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ماختاشقا ئەھمىيەت بىرىپ،ئۇلاردا باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىشقا تىرشىشى،ھەرقانداق ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋېلىپ،ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ قەتتئى ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
8(سىنىپ كوللىكتىۋىدىكى ساۋاقداشلار ئۇلار بىلان يېقىن دوست بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ يىتمسىراپ،يالغۇزلۇق ھىس قىلىشىنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
9(مەكتەپتىكى باشقا ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمىشىغا سىڭىپ كىرىپ،ئۇلارنى ئۆز قېرىدىشىدەك كۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلار بىلەن ئارلىشىش،دوست بۇلۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا تىرشىشى لازىم.
10(ئۇلاغا لەقەم قۇيۇشتىن قەتتئى ساقلىنىپ،ئۇلارنىڭ ئاجىزلىغىنى ئۇلارغا ھىس قىلدۇرماسللىققا تىرشىشى كېرەك.
يىغىپ ئېيتقاندا ئادەتتىكى مەكتەپلەر بۇنداق ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ،پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئۇلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ،ئۇلارنى ساغلام ئۇقۇغۇچىلار قاتارىغا قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشى،شۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىرشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
(ئۆز يازمام)