- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 463
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 15679
- تىزىملاتقان
- 2010-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-21
- UID
- 8033
- يازما
- 463
- تېما
- 32
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 15679
- تىزىملاتقان
- 2010-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-21
- توردا
- 22 سائەت
|
‹مەن قاچان بۇ تۈرمىدىن قۇتۇلىمەن ›
ئۆسمۇرلەر تىلى
ناھايىتى ئىنىقكى ،مەن ئۇچۇن ئۆيدە ئاپام بولمىسا نىمىدىگەن ياخشى ھە ! لىكىن ئاچام ئۇچۇن بىر دوزاخ بولىدۇ بۇ ئۆي. ئەسلەپ باقسام، ،ئۆتكەن يىلى يازلىق يازلىق تەتىلدە ، ئاپام قەشقەرگە كەتكەندە ، مەن ئۆينىڭ ئىككىنچى خوجايىنى بولدۇم ، دادام بولسا يەنىلا مەندىن تەخت تالىشىپ، بىرىنچىلىكنى ئىلىۋالدى.
شۇ كۇنلەردە ئۆيىمىزگە قەدەم باسسىڭىز ، ئاڭلايدىغىنىڭىز :‹ماۋۇ كاساپەت مۇشۇك ، يەنە گىلەمگە چىچىپ قويۇپتىغۇ، ›دىگەن سۆزلەر قۇلىقىڭىز تۇۋىدە جاراڭلايدۇ، دىمىسىمۇ بۇ تۇكلۇك ھايۋاننىڭ ئۆزى ئوماق بولغىنى بىلەن ، مۇشۇ سۇيدۇكى بىلەن پوقى كىشىنى قەۋەتلا بىزار قىلىدۇ. شۇڭا ئاپام ھەدىسىلا، مىنى ‹مۇشۇكۇڭنى كۆزۇمدىن يوقات ›دەپ، تاھازىرغىچە بۇ پەرمانىنى ماڭا ئۆتكۇزەلمىدى. مەن بۇ نەتىجەمدىن تولىمۇ خۇرسەن .
پۇتۇمنى كىرىسلوغا مىنگەشتۇرۇپ، تىلۋىزۇر كۆرۇش ، ئاپام يوق ۋاقىتتىلا ئىرىشەلەيدىغان ، كاتتا پۇرسەت، دادام بولسا خورەكنى بولىشىغا خورۇلدىتىپ، پىشمىغان خام قاپاقتەك ئۇخلايدۇ. ئەگەر ئاپام بولسا :‹يەنە تىلۋىزۇرنى ئىچىۋاپسەنغۇ ؟ماڭ ئۆگىنىشىڭنى قىل ، كۆزۇڭگە تەسىرى بار › دەپ گازىرچى خوتۇندەك كوتۇلداپ كىتىدۇ، بەزىدە ئاپامنىڭ ئاغزىغا بىر سىرتما بىكىتىپ قويغۇم كىلىدۇ، نىمىشقا دىسىڭىز ، ئاپام قۇلىقىم تۇۋىدە تولا كوتۇلداۋىرىپ، باشقىلار گەپ قىلسىمۇ، ئاپامنىڭ ئاشۇ گەپلىرى ئەكىس يانىدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا لازىمى بولغاندا، شارتتىدە ئىچىپ بولمىسا، ۋاققىدە ئىتىپ قويسام، بىرئاز ئارام تىپىپ قالىدىكەنمەن .
شۇنداق قىلىپ ئاپاممۇ قەشقەرگە كەتكەن بولدى، مەن بۇ تۇرمىدىن ۋاقىتلىق قويۇپ بىرىلدىم دىسەممۇ بولىدۇ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۆينىڭ راھىتىنى سۇرىۋالالايدىكەنمەن ، ئاچام بولسا ئۆي ئىشلىرى ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن ھىرىپ ھالى قالمايدۇ، دادام بولسا دوككاندىن يىنىپلا ، ئۆزىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۇچۇن ، تىزلا ئۇخلاپ قالىدۇ. لىكىن بىر كۇنى بۇ ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماي قالدى .دادام ئەمدى مەندىن تەخىتنىڭ ئىككىنچىسىنى تالىشىپ، چاكىرى قىلاي دىگەن ئوخشايدۇ، تىخى ئۇنى ئاز دىگەندەك ئاچاممۇ ماڭا جەڭ ئىلان قىلغىلى تۇردى .
‹ھەي ياغاچ قۇلاق ، ھەجەپ ھەددىڭدىن ئىشىپ كەتتىڭغۇ، تالادىكى ئەبگا دوسلىرىڭدىن سىنى ئاران ئاجىراتساق، ئۆيگە كىلىپلا، يەنە تىلۋىزۇر، ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناپ، ئاچاڭغا ئازراقمۇ ياردەملىشىپ بەرمەيسىنا ؟!›
‹راس دادا، بۇ ھازىر ئاپام يوق، بىزنى تازا بوزەك قىلىۋاتىدۇ. ئاپام بولسا، قۇلىقىدىن تارتىپ، تامغا مىخلاپ قوياتتى ، بۇ بىغەرەزنى !›
بۇ ئىككەيلەن دەل ئاچام بىلەن دادام ئىدى، نىمە بولدىكىن بۇلارغا ، تازنىڭ ھەققى چۇشتىن كىيىن دەپ، نەچچە كۇندىن بىرى گەپ قىلماي، ئەمدى زۇۋانى ئىچىلىپلا قاپتۇ.توغرا ئاپام بەك ھىلىگەر ، چوقۇم تىلفۇندا گەپ ئۆگەتكەن گەپ. تىخى ئاچامنىڭ سۇۋاقچىلىق قىلىپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان .
ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئاپام بولسا ‹ئەخلەتنى تۆكىۋەت ، چايداندا چاي تۇگەپتۇ، قاينىتىپ قوي، ئەتە ئەتىگەنلىك بازارغا بىرىپ كۆكتات ئەكىلىمىز ، باردۇرراق يات›
ئەييۇھەنناس ، بەزىدە ئاپام ‹كوت-كوت›لىقىنى چەكتىن ئاشۇرۋىتىدۇ.يىپتىن يىڭنىسىغىچە ، خۇددى ئابدالنى پىتىر ناندىن قىل سۇغار دىگەندەك ، زىغىرلاپ كىتىدۇ.ئۇنىڭ مىجەزىغا كەلسەك، بىر تىيىننىڭ تۆشۇكىدىن مىڭ ئاتلاپ ئۆتۇپ، يەنە ئۆتكىسى كىلىدىغان ، بىر ئاياغنى باشقا يەردە ، بىر كوي ئەرزان بەرسە ،10كوي كىرا قىلىپ، ئىلىۋىلىشتىن يانمايدىغان ، ئەمما بەك مىھرى ئىللىق ئايال.
ئۇزۇن گەپنىڭ كالتىسى، بىشىمغا بىرغەم ياغدى، ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەندەك، ئەتە ئاپام ئۇرۇمچىگە يولغا چىقىدىكەن . ئەستاغپۇرلا تىخى تاپشۇرقۇمنىڭ بىرسىنىمۇ ئىشلەپ بولالمىغانتىم . يەنە شۇ تاپشۇرۇق، يەنە شۇ ئۆگىنىش، يەنە شۇ ئاپامنىڭ كۆتۇلداشلىرى. مۇشۇ ‹تاپشۇرۇق›دىگەن نەرسىنى قايسى ئايپاڭۋاش ئىجاد قىلغان بولغيتتى. تۇتۇۋالسام تۇكىنى تەتۇر يۇلمىسام خەپ !
يەنە ھىلىقى ‹چارەكلىك› ‹مەۋسۇملۇك› دىگەن ئىمتىھانلارچۇ ؟ ھەردائىم ئاپامنىڭ ‹ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەك ، ئاق قىلىمەن ، كۆك قىلىمەن ›دەپ قورقاق سىلىشلىرىنى ئويلىسام ، بەدىنىم تىكەنلىشىپ كىتىدۇ. ئۆتەلمىسەم بىشىمنى ئوچاق قىلىشتىن يانمايدۇ.
ئاپامغۇ كەلدى، لىكىن بىر چاتاق يىرى، قەشقەردىن ئاپام مومامنىمۇ بىللە ئالغاچ كەپتۇ . مومامغا كەلسەك، كوتۇلداشتا ئاپامنىڭ ئۇستىگە چىقىپ مانتا يەيدىغان خوتۇن بۇ ! ھەي ئاپام بىلەن مومام ئىككىسى بىرلىشىپ مىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىدىغان بولدى. بىر چاغلاردا يۇتقا ساياھەتكە بارسام ، مومام ماڭا :‹ ھەي نادان باللىرىم ، ھازىر شۇنداق دەيسىلەر، كىيىن بىر پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا، قەدرىمىزگە يىتىسىلەر › دەپ بىرمۇنچە ۋەز-نەسىھەت ئىيتقانىدى. راست گەپنىڭ ئۆزى شۇكى ، مومامنىڭ زۇۋان دەرۋازىسى ئىچىلسا، يۇمدۇرماق بەسىمۇشكۇل .
بۇ تۇرمىدە بەكلا قىينالدىم ، مومام كەلگەندىن بىرى تۇزۇم تىخىمۇ قاتتىقلاشتى. ‹سىنى مەكتەپتىن 4تىن 45ئۆتكەندە قويۇپ بىرىدۇ، 5تىن 20ئۆتكىچە كىلىپ بولالمىساڭ، پاچىغىڭنى چاقىمەن ›دەپ دەككەمنى بەردى. بىرەر سائەت كەڭكۇشادە ئوينىغىلى بولمىسا، سىنىپ دىگەن بۇ قوتاندامۇئەللىملەر قالايمىغان، ئالا-تاغىل مەرەپ، تىخى ئارام بەرمىسە،قانداق تۇرمۇش بولدى بۇ !
بوۋامغا مومام توغۇرلۇق داتلاپ بەرسەم :‹قارا بالام ، بۇ خوتۇنچۇ شەيتانغا دەرس ئۆتىدىغان ، توشقاننى ئۆمىلەپ يۇرۇپ تۇتىدىغان ئادەم › دىگەنىدى، راستىنلا شۇنداق ئىكەن .گەرچە مىنى ھەقىقى بىر تـۆمۇر كىشەندە كىشەنلىمىگەن بىلەن ، روھى دۇنيارىم پولات بىلەن قۇلۇپلاندى.
مەھەللىدە شۇنداق ئەركىن ئوينايدىغانلارنى كۆرسەم ، مەنمۇ شۇلارغا ئوخشاشقۇ دەيمەنيۇ، لىكىن ئانامنىڭ ئالدىدا بۇ گەپنى قىلىشقا جۇرئىتىم يوق ، بەلكى بۇ گەپنى قىلسام ‹سەن ئۇلارغا ئوخشىمايسەن ، ئۇلار ھامان بىر كۇنى خۇمدانغا كىرمەي، ئويۇنغا كىرگەننىڭ دەردىنى تارتىدۇ ، سەن بىزنىڭ پەخرلىك ئوغلانىمىز › دەيدۇ، گەرچە شۇنداق بىر پەخىرلىكنىڭ شاھىدى بولاي دىسەممۇ ، لىكىن مىنىڭ يەنىلا ئەركىن يۇرگۇم بار . ئارزۇيۇم بويىچە ئىش قىلغۇم بار. بەلكىم ئىنسان تەبىئىتى ئەركىنلىككە مايىل بولسا كىرەك.لىكىن ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ‹پەخىرلىك› بالىسى قىلىش ئۇچۇن ،بىزنى تۇرمە ئازابى قىينايدۇ.
بوپتۇ بۇگۇن خەلقى ئالەمگە قارنىمدىكى دەرت-ئەلىمىنى تۆكىۋالاي :
مەن رىمىنۇتچىلىققا قىزىقىمەن ، يولدىن ئۆتكەچ ، بۇزۇلۇپ كەتكەن سائەت ھەرخىل توك سايمانلىرىنى كۆرسەم يىغىۋالغۇم كىلىدۇ . گەرچە مەن تىخنىك خادىملاردەك تۇزۇكرەك بىرەر ئىش قىلالمىساممۇ ، ھەرھالدا بەزىبىر كىچىك مۇۋەپپىقىيەتلەرگە مۇيەسسەر بولدۇم .
بىراق ئاپامچۇ ؟ مىڭ بىر مۇشەققەتتە يىغىپ چىققان نەرسىلىرىمنى تاشلىۋىتىدۇ ياكى ئەسكىپۇرۇشقا سىتىۋىتىدۇ .تىخى نىمە دەيدۇ بىلەمسىز ؟" بۇ لاقا-لۇقا بىلەن نىمە ئىش قىلالايتتىڭ ؟ ئاۋۋال ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقۇ " دەپ كۆڭلۇمنى چىۋىن يەۋالغاندەك قىلىپ قويىدۇ . نىمە ئامال ، ياراتقان ئىگەم ، مۇشۇ ئايالنى مىنىڭ ئاپام قىلىپ تاللاپتۇ . بويسۇنماي ئامالىم يوق .
مەن ئەركىن ئازادە كىتاپ ئوقۇشقا مۇزىكا ئاڭلاشقا ، پۇتبۇل فىلىملىرىنى كۆرۇشكە ھىرىسمەن .شۇغىنىسى بۇ ئىشلارغا ئادەتتىكى كۇنلىرى ۋاقتىم يەتمەيدۇ . ئاران بىر كەلگەن شەنبە يەكشەنبە كۇنلىرىمۇ ، مىنىڭ ئارامىمدا ئەمەس . ئاتالمىش ئاپام دادامنىڭ "پەخىرلىك ئوغلان"ى بولۇش ئۇچۇن ، كۇرۇسقا بارمىسام بولمايدۇ .
مەن دوست تۇتۇشقا ئامراق . دوستلىرىم بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىپ، كۆڭلۇمنى ئاچقۇم بار . بىراق ئۆيدىكىلەر "يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قالىسەن "دەپ ھىچكىم بىلەن ئالاقە قىلغۇزمايدۇ .ئەلۋەتتە مەنمۇ يامان بىلەن ياخشىنى پەرق ئىتەلەيمەندە ؟!
مەن ئۆگىنىش قىلىشقا قىزىقاتتىم . بىراق ئاپام تولا بىسىم ئىشلىتىپ، مىنى زىرىكتۇرىۋەتتى .
مەن يىڭىلىققا بەكرەك ئىنتىلىمەن . . ئۆزۇمنى چوڭ بولغاندەك ھىس قىلىمەنۇ ،بىراق ئاپامنىڭ "سەن تىخى كىچىك "دىيىشى بىلەنلا، كەيپىياتىم 180گىرادوس تۆۋەنلەپ كىتىدۇ .
ئاپام نىمىشقا مىنىڭ كۆڭلۇمنى چۇشەنمەيدىغاندۇ ؟ ئەجىبا بىز ئۆسمۇرلەر ماشىنا ئادەممۇ ؟ مۇستەقىل پىكرىمىز ، دۇنيا قارىشىمىز ، كىشىلىك قىممەت ئۆلچىمىمىز ، ئارزۇ -غايىلىرىمىز بولسا نىمىشقا بولمىغۇدەك ؟ نىمىشقا شۇلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇشكە توسالغۇ بولىدۇ ؟
بىز قاچانغىچە بۇ توسىقى يوق تۇرمىدىن قۇتۇلالمايمىز ؟
مەنبەسى :ئىجادىيەت خاتىرەم
ئەسكەرتىش :ھىچقانداق مۇنبەرگە مۇئەللىپنىڭ رۇخسىتىسىز يۆتكەشكە قەتئى رۇخسەت قىلىنمايدۇ ! |
|