ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 8280|ئىنكاس: 21

گۇناھىمىز نېمە ئىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

كەلدۇق، كېتىمىز.

UID
5221
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
959
تىزىملاتقان
2010-8-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 19:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۇناھىمىز نىمە ئىدى؟

 

ياقۇببېك ۋەلىخوجايېۋ

<<ئۆزبېكىستان ئەدەبىيات سەنئىتى>> ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 2- سانىدىن ئابدۇقادىر قارلۇغ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان


1937-يىلنىڭ كەچ كۈزى بولسا كېرەك،ئاتىمىزنى كىمدۇر بىرسى‹يولدىن تايدۇرغان›.‹كۆرۈپ تۇرۇپسەنكى،زاماننىڭ ئەلپازى بۇزۇق،سەن ھەم پەيزۇللانىڭ تەقدىرىڭلار قىل ئۈستىدە،بالا-چاقام كوچىدا تەمتىرەپ قالمىسۇن دىسەڭ يۈر بىز بىلەن...› دەپ ئېيىتقاندا ئۇ لاقا-لۇقىسىنى يىغىشتۇرۇپ، كۈدە كۆرپىسىنى يۈدۈپ تەۋەككۇلچى ئالاماننىڭ ئارقىسىدىن ئەگشىپ ئۇيغۇر يۇرتلىرى تەرەپلەردىن باشپاناھ ئىزدىگەنلەر بىلەن بىرگە ۋەتەننى تەرك ئەتكەن.

ۋەتەنگادالىقنىڭ ئىپتىداسى مانا شۇنداق باشلانغىنى ئېنىق.لېكىن بۇ قەدەمنىڭ ھەم ئۆمرى ئۇزاق بولمىغان.1939-يىلىغا بارماي كىمدۇر ئۇچلىغان ئۆتكۈر شەمشەرنىڭ تىغى ئۇنىڭ ھەم ئەزىز بېشىغا چۈشكەن.ئانىمىز تاجىنىسا بېگىم بىر ئېتەك بالا، يەنى يەتتە پەرزەنىد بىلەن بەرىبىر كوچىدا،ناتونۇش يۇرتلاردا تەمتىرەپ قالغان.

 1937-يىلنىڭ شىددەتلىك بوران چاپقۇنلىرىدىن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل پەرزەنىتلىرى قاتارى ۋەتەننى تەرك ئەتكەن، يىراق-يېقىن يۇرتلاردىن پاناھلىق ئىزدىگەن بىگۇناھ كىشىلىرىمىزنىڭ جېنى ھەم ئامان قالمىدى.بۇ جاھالەت قىلىچىنىڭ دەستىسىدە شۈبھىسىز ‹خەلقلەر ئاتىسى› سىتالىنىىڭ مۆھىرى بار ئىدى.

بۈگۈن قايتا قۇرۇش ۋە ئاشكارىلىق ھەدىيە ئەتكەن ھۆرىيەت نەتىجىسىدە،ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولغان ۋەتەنداشلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەت ۋە مۇسىبەتلەر تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ.نەزىرىمدە بۈگۈن تەقدىر تەقەززاسى بىلەن چەتئەللەردىن پاناھلىق ئىزدىگەن، پىشانىسىگە ‹ۋەتەن گادا›لىقى پۈتۈلگەن، ‹ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە خىيانەت قىلغانلار› دەپ تامغا بېسىلغان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇش،ئۇلارنىڭ تەرجىمەھالىغا تېخىمۇ ئېنىقلىق  ۋە روشەنلىك كىرگۈزۈش،قەتلىئام قىلىنغان مىڭلاپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رويخەتلىرىنى ھەم ئېلان قىلىش پەيتى كەلدى.

ئۆز يۇرتىدا ‹ۋەتەن ساتقۇچ›،‹خائىن› دەپ ئاتىلىپ دۈشمەنلەر رويخېتىگە قوشۇلغانلارنىڭ ئۆزگە ئەللەردىكى تۇرۇش-تۇرمۇشى، ئىش-پائالىيەتلىرى قانداق بولدى؟ بۇلار ھازىرغىچە كۆپچىلىككە قاراڭغۇ بولۇپ كەلمەكتە...ئايرىم كونا ئۇدۇمدىن تا بۈگۈنگىچە ۋاز كەچمىگەنلەر ‹بىر بالاسى بولمىسا، يۇرتنى تاشلاپ كېتىشەرمىدى؟› دىيىشىپ، ھامان قارا ساناب دوق قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتالماي يۈرۈشمەكتە.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ھەقىقەتنى يورۇتماق،‹ۋەتەن گادا› ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ تەقدىرىدىن، يۈرۈگىدىكى ئارزۇ ئۈمىتلىرىدىن سۆزلىمەك جاھىزدۇر.

چەتئەللەردىكى ئۆزبېكلەر ۋۇجۇدىدا جۇش ئۇرغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئەركىن ۋاھىدوۋ ‹ياشلىق› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە شۇنداق ئىزھار ئەتكەنكەن:‹تۈرلۈك سۆھبەت ئەنجۇمەنلەردە، مەن شۇنىڭغا ئەمىن بولدۇمكى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۆزبېكنىڭ قېنىدا ئۆز ۋەتەن مېھرى جۇش ئۇرۇپ تۇرۇپتۇ.ئۆزبېكىستانلىق يىگىت قىزلار مېنى كەچۈرسۈنكى،بىز گاھى ۋەتىنىمىزدە ياشاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيمىز، مەن كۆرۈپ سۆھبەتلەشكەن ۋەتەنداشلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا بولغان مۇھەببىتى مىڭ ھەسسىلەپ ئارتۇق دىسەم لاپ بولماس؛ئادەتتە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاينى ۋەتەن دەيدۇ.لېكىن سۈرىيەدە تۇغۇلغان يا ماراكەشتە دۇنياغا كەلگەن يا ئىستامبۇلدا كۆز ئاچقان ئۆزبېك ئۈچۈن بەرىبىر، ۋەتەن بۇ پەقەت ئۆزبېكىستاندۇر.›

 شۇنداق، بۇ ئەينى ھەقىقەتتۇر. مەن بۇنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەنمەن. بىز ياشىغان جاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئاۋات شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ غۇلجا دەپ ئاتىلاتتى. ئىقلىمى مۆتىدىل،تۇپرىغى مۇنبەت،سۇلىرى ئەلۋەك، گۈزەل ۋە باي بىر يۇرت ئىدى.جەننەت تىمسالى باغلىرىدا پىشقان مىۋىلەر جاننى ياشارتاتتى.ھوسۇللۇق يەرلىرىدە يېتىلگەن بۇغدايدىن پىشۇرۇلغان نېپىز ئاق نانلار ئاجايىپ يىىشلىك ھەم لەزىز ئىدى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتى ئوچۇق، باغرى زىمىنىدەك كەڭ، تىلى تىلىمىزغا يېقىن،دىلى دىلىمىزغا پەيۋەندە،دىنىمىزغا پەيۋەندە، دىنىمىز ھەم بىر ئىدى. ئاللاھقا سېغىنماق ئۈچۈن ‹ئۆزبېك مەسچىدى› ئاچماقنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۆز سىمايىڭنى ئىزدەش ئۈچۈن ‹ئەنجان رەستىسى›گە بارماق زۆرۈر ئەمەس ئىدى.

بۈگۈن بېشىمىزغا مۇسىبەت چۈشكەندە، باغرىنى ئاچقان، نېنىنى،جايىنى،سۈيىنى ئايىمىغان بۇ كۆڭلى ئوچۇق مەردانە خەلقتىن ئۆزرە سوراپ ئېيتىمەنكى،بەرىبىر ئەشۇنداق قۇتلۇق ماكان ھەم ئۆزبېكلەر ئۈچۈن ئۆز ئېلى ئورنىنى باسالىغان ئەمەس. ئۆزبېكلەر مەيلى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ئالتاي، چۆچەك،ئۈرۈمچى، غۇلجا،تۇرپان، قۇمۇل،قەشقەر، خوتەنلەردە بەھوزۇر ئىستىقامەت قىلغان بولسۇن ئەمما، ئۆز ۋەتىنىگە ئەندىجان،فەرغانىغا،سەمەرقەنت، بۇخاراغا،تاشكەنت، خارەزىمگە ئىنتىزار بولۇپ ياشىغان.

بىز بوخچىمىزنى مۈرىمىزگە ئېسىپ، خەت ساۋادىمىزنى چىقارماق نىيىتىدە مەكتەپ بوسۇغۇسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان بالىلىق چاغلىرىمىزدا كۆپ نەرسىلەردىن بىخەۋەر ئىدۇق. ئۆزلىرىنى ئەلگە باش دەپ ئويلىغان ئاتىلىرىمىز ھالى تۈزۈكرەك باشپاناھ تېپىپ ئۈلگۈرمەي پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتماق ئۈچۈن ئۆزبېك مەكتەپلىرىنىڭ تەشۋىشىنى قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىكەن.

خاتىرەمنىڭ يارقىن بەتلىرىدە ئۆچمەس بولۇپ مۆھۈرلىنىپ قالغان بىر ۋەقەنى ئەسلەيمەن. ئۆزبېك مەسچىدى نىڭ تارغىنە سەيناسىدا قاتار-قاتار بولۇپ سىنىپمۇ-سىنىپ تىزىلىپ تۇرغانمىز. قارشىمىزدا كۈلرەڭ ماتادىن تون كىيگەن،سارغۇچ سەللە ئورىغان، ئاجايىپ روھلۇق، نۇرانە بىر كىشى تەلەپۇز قىلغان ئۆزبېكچە سۆزنىڭ چىرايلىق ئاھاڭلىرىنى، جەزبىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ھىس قىلغانمەن...

(داۋامى بار...)




قارلۇغ بىلوگىhttp://Qarluq.blogbus.com
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4979
يازما
131
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
4874
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 02:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز قېرىندىشىم!
يازمىڭىزنىڭ باشلىنىشىدىنلا ھېسياتىم ئۇرغۇپ كەتتى!!! بەك ھاياجانلاندۇرغۇچى ئەسەردەك قىلىدۇ، داۋامىنى تېزراق باشلاڭ!

ئاللاھ بۇيۇك

UID
14900
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 06:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالدى بىلەن قىلعان ئەجرىڭىزگە تەشەككۇرلرىمنى ۉە سالىمىمنى يوللاي.
يازمىڭىزنى كۆرۇپ چىقتىم .گەرچە ئاحىرى تولۇق يىزىلمىعان بولسىمۇ،بۇ ۆقىىقىىعىنا ھاياتىمدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىعانلىرىم مىنى قەلەم تەۉرىتىشكە ئالدىرتىپ قويدى ئەيىپكە بۇيرىمىعايسىز......
  ئىنسان ئوعلى. مەيلى قايسى بىر مىللەتتىن بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى بىر يەرىدە  تۇعۇلعان بولسۇن،ياشىعان بولسۇن،ئەلۋەتتە ئۆزئانا ۉەتىنىنى سىعىنىدۇ،قىزىقىدۇ تەلپۉنىدۇ.
  ئۆز ئانا ۉەتىنىگە بولعان سىعىنىش تەلپۉنۉش پەقەت ئۆزبەكلەرگىلا حاس مىللى پىسحىكا ئەمەس.
بىزنىڭمۇ 90-يىللاردىن كىيىن ۉەتەن سىرتىدا تۇعۇلعان نوپوسىمىز كۉنسىرى ئارتىپ بارماقتا.
ئەنە شۇ كىلەچىگىمىزنىڭ ئۉمۉتلىرىگە نەزەر سالدىعان بولساق،ئۇلاردىكى مىللى ئاڭ، ۋەتەنپەرۉەرلىك ۋە ئانا ۋەتەن سۆيگۉسى حىلى-حىلىلىرىمىزدىن كۉچلۉك.مەن كۆرگەن ئۇيعۇر مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەتلىرى ئىچىدە 90% دىن كۆپرەكى چەتئەلدە تۇعۇلعان بولسىمۇ يەنىلا ئانا تىلىدا تىلى چىققان.(سۆيۉنۉشكە لايىق).
  بۇ توعۇرلۇق تىحىمۇ چوڭراق مىسال ئىلىپ ئۆتسەك،ئامرىكىعا قۇل بولۇپ سىتىلعان نىگىرلار ئافرىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۉەتىنى بىلىشىدۇ.
   ئۇلۇع ھون ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ئالتاي ۉە تەڭرى تاعلىردىن ياۋرۇپاعا ئىستىلا قىلعان ھونلارنىڭ ھازىرقى ئەۉلادى بولعان ۋىنگىرىيەلىكلەر(ھونگارلار) ھەم ئەسلى ئانا ۉەتىنىنى قىزىقىش ھەن سىعىنىش ئىچىدە حاتىرلىشىدۇ. تارىحلىرىعا يىزىشىدۇ.
  تۉركىيە تۉركلىرىنىڭ تىحىمۇ روشەن بولۇپ، ئوتتۇا مەكتەپ تارىح كىتىپلىرىداھەم  تارىم ئويمانلىقى،ئالتاي يايلاقلىرى،تەڭرى تاعلىرى ۉە بۇعدا چوققىلىرىعىچە تەپسىلى يەر ئالعان.
  91-يىلى سابىق سوۉىت ئىتتىپاقى پارچىلانعاندىن كىيىن ،قەشقەر،حوتەن،ئۇرۇمچى،عۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئۆي زىمىنلىرىنى سىتىشىپ،يىڭىدىن جۇمھۇريەت بولۇپ قۇرۇلعان{ئۆزۋەتەن}لىرىگە قايىتقان ۉە يەنىلا ئۇيعۇرلارعا ئوحشاش قىسمەتكە دوچ كىلىپ،ئارزۇلاپ قايىتقان {ئانا ۋەتەن}لىرىدە {كىتاي} ئاتىلىپ چەتكە قىقىلعاندىن كىيىن يەنىلا شۇ ئۇيعۇرنىڭ يۇرتىعا قايتىپ،تاش تۇپرىقىنى كۆزىگە سۉرتۉشكەن قازاق،قىرعىز،ئۆزبەكنى جىق كۆگنمەن.
ئۆزبەك (قىرىنداشلىرم)ىمىزعا.......تىلىمىز تىلىعا باقىۋەندە بوپتۇ،دىنىمىز ھەم دىنىعا،دلىمىز ھەم دىلىعا باقىۋەندە ئىكەن...ئۇلار بىز ئۇچۇن نىمە بوپتۇ؟؟؟!!!! نىمە بولۇپ بىرىپتۇ!!!
مىللى كىملىكى ئۇيعۇر بولعانلىقى ئۇچۇنلا ئوچۇقتىن - ئوچۇق چەتكە قىقىلىش،ھۆكۉمەت ئورۇنلىرىعا ۉە شەحىسلەرگە ئىشقا كىرەلمەسلىك،سەنئەتتەھەم سەھنە بىرىلمەسلىك،يەكلىنىش ئوتتۇر ئاسىيا جۇمھۇريەتىدە ياشاۋاتقان پۉتۉن  ئۇيعۇرلىرىمنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىدۇر....
مەن بۇ يەردە تەپرىقۋازلىق،مىللەتچلىك ئىدىيەسى تەشۋىق قىلماقچى ئەمەس، پەقەت  قورساق كۆپۉگۉمدىن سۆزلەپقالدىم،ئەمگىكىڭىزگە بىھۆرمەتلك قىلعۇم يوق،كەچۉرۉڭ...
ۋەتىنىنى بەك سىعىنىپ كەتكەن شىنجاڭدىكى ئاز ساانلىق مىللەت قىرىداشلىرىمعا دەيدىعىنىم ھۆكۉمىتىمىزنىڭ ئادىل سىياسىتى بىلەن ئىشىك داعدام ئوچۇق...
(يۇقارقىلار ھەممىسى شەحسى كۆز قارشىم مەندىن باشقا ھىچكىمگە ۉەكىللىك قىلالمايدۇ ھەم قىلمايدۇ.!!!

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 21:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىززىقىدىغان تېمىدىن يەنە بىىرى باشلانغاندەك تۇرىدۇ ..
ھازىرچە بىرنىمە دىمەي تۇراي ...داۋامىنى كۈتىمەن.

UID
10313
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1450
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 23:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"سەنمۇ ياشا ،مەنمۇ ياشاي ،ھەممىمىز تەڭ ياشايلى !" دېگەن دېموكىراتىك ئىدىيەنى ئاڭ ئۇدۇمى قىلغان سۆيۈملۈك خەلقىم  ھەرقانداق  كىشىگە ئەنە شۇنداق كەڭ قورساق،سېخى مۇئامىلە قىلغان ئىدى.  ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئىدىينى ئۆزى بىلەن ئوخشاش نېيەتتىكىلەر توغرا چۈشەنگەن بىلەن،قارانىيەتلەر تەرىپىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ كېتىلدى! شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ بۇ ئاقكۆڭۈللىكىمىز ساختىپەزلەر كاللىسىدا "كالۋا، ساددا" دېگەن ئۇقۇم  مەنىسىدە ئەكىس ئەتتى!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.

UID
3215
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
523
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 21:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلۇق (ئىسىم خاتا بۇلۇپ قالغان بولسا كەچۈرۈڭ)ئەپەندىم،مەن تىمىڭىزنىڭ كەينىگە تەلمۈرگىلى خىلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى، بېشىنى يوللىغاندىكىن ئاخىرىنىمۇ يوللىۋەتمەمسىز.

UID
15287
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2011-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 05:28:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىجىل بولۇڭلار........................
                      بىز قانچىلىك.......................
                            ھەقىقى يۇركتىن تىڭشاڭلار كوپچىلىك............

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12614
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 21:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرت ئوغلى ئەپەندىم -ئىنكاسىڭىزنى باشتىن-ئاخىر بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز . ھەممە خەتنى توخۇ چوقۇۋەتكەندەك بىر خىل بولۇپ قاپتۇ .

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 18:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇناھىمىز نىمە بولدى؟
گۇناھلەر شۇكى، ئەقلىمىز گال، تەپەككۈرىمىز تۇمانلىق.

ئۈمىدلىك ئەزا

ئادەم بولماق تەس

UID
4949
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 17:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىyurtoghli يوللىغان 2011-09-30 06:31 غا قارتىلغان :
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالدى بىلەن قىلعان ئەجرىڭىزگە تەشەككۇرلرىمنى ۉە سالىمىمنى يوللاي.
يازمىڭىزنى كۆرۇپ چىقتىم .گەرچە ئاحىرى تولۇق يىزىلمىعان بولسىمۇ،بۇ ۆقىىقىىعىنا ھاياتىمدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىعانلىرىم مىنى قەلەم تەۉرىتىشكە ئالدىرتىپ قويدى ئەيىپكە بۇيرىمىعايسىز......
  ئىنسان ئوعلى. مەيلى قايسى بىر مىللەتتىن بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى بىر يەرىدە  تۇعۇلعان بولسۇن،ياشىعان بولسۇن،ئەلۋەتتە ئۆزئانا ۉەتىنىنى سىعىنىدۇ،قىزىقىدۇ تەلپۉنىدۇ.
  ئۆز ئانا ۉەتىنىگە بولعان سىعىنىش تەلپۉنۉش پەقەت ئۆزبەكلەرگىلا حاس مىللى پىسحىكا ئەمەس.
بىزنىڭمۇ 90-يىللاردىن كىيىن ۉەتەن سىرتىدا تۇعۇلعان نوپوسىمىز كۉنسىرى ئارتىپ بارماقتا.
.......
كاللا دىسە پاچاق دىمەيلى، كىم بۇ يەردە ۋەتەن سېغىنىشى ئۆزبېك مىللىتىدىلا دەپتۇ؟ ئەسەر ئاپتورى ئۆزبېك بولغاچقا ئەسەردە بايان قىلىنىۋاتقان ۋەقە ھەم ئىشلار ئۆزبېك ھەققىدە بولۇۋاتقىنىنى ئاڭقىرالمىدۇقمۇ؟ مۇنبەردىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىنى چالغىتمايلى قارا-قورساق سەركىلەر! ئەسەرنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش