كۆرۈش: 34619|ئىنكاس: 35

مەيدىسى ئوچۇق قىزنى كۆرگەندە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
179
تېما
81
نادىر
0
جۇغلانما
4616
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-15 02:38:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام توردا بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلاپ قالدىم ؛ئەسلى باشقا توربەتتە ئىشلىتىلمىسۇن دىگەن بولسىمۇ ئەمما ھەممەيلەن بىر ئاڭلاپ باقسا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ سەركەردىنىڭ يوللىساڭمۇ يوللا ئاداش دىيىشىگە ئەگىشىپ بۇيەرگە يوللىدىم .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
146
يازما
45
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1479
تىزىملاتقان
2008-10-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-15 02:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىچىسىمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ئەمىسە...
خوتەنلىك، قەشقەرلىك، غۇلجىلىق، كۇچالىق، تۇرپانلىق، ئۈرۈمچىلىك... بالىلار يىغىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان سورۇننىڭ يېنىدىن مەيدىسى ئوچۇق، كىندىكى ئوچۇق، پاچىقى <خاپا بولۇشمىسىلا> دېگەندەك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىۋالغان، چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بوياپ سېغىزنى يەپ باقمىغاندەك ئاجايىپ لەززەت ئىچىدە چايناۋاتقان، گىرىم دېگەننى ھازىرلا بوياق قۇتىسىدىن چىققاندەك قېنىق قىلىۋالغان بىر مودا خېنىم ئېگىز پاشىنىلىق ئايىغىنى يەرگە كۈچەپ - كۈچەپ ئۇرغىنىچە ئۆتۈپ قالدى. ئۇنىڭ كاسسىلىرىنى تولغاپ، بەللىرىنى ئېتىپ مېڭىشىدىن بالىلار بىر - بىرىگە قاراپ پىخىلدىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. كۇچالىق بالىنىڭ كاللىسىغا دەررۇ بىر ئەقىل كېلىپ بالىلارغا دېدى:
_ ئاغىنىلەر، ئىچىمىزدە ئاغرىنىۋېرەمدۇق بۇنداقلارغا؟ بىر ئاچچىقىمىزنى چىقارمايلىما؟
باشقا بالىلار <<ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدىغان يېرىگە كەلدى>> دېيىشىپ باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇچالىق بالا بالىلارغا ھەر ئون قەدەمدە بىردىن تۇرۇپ ئالدىغان كەلگەن ھامان ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويۇشنى دېدى. بالىلار دەرھال ئون قەدەمدە بىردىن تىزىلدى.
مودا خېنىم خوتەنلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خوتەنلىك بالا قوپال ئاۋازدا دېدى:
_ ھوي سەت خاتۇن! كىيىمنى مەيدىسىگە قالاپ ئاساڭلا بوممامتــا؟ . . . ئەمچىكىڭلىنى ئاپتاپقا سېلىپ يۈرگۈچە. . . ئوبدانلام كۆرۈنۈپ قاپتۇ ئــــاينـا! .......... نېمە سەت قالايسە....ھېلى بىر تىپمە بىكا.....
مودا خېنىم تۆۋەن ئاۋازدا <<مەتو>> دەپ قويۇپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن مېڭىپ قەشقەرلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەشقەرلىك بالا بىر قېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىپەرۋا ھالدا دېدى:
_ چىرايلىق خېنوووووووم! قارىغاندا رەختنىڭ باھاسى چۈشكەن ئوخشىمامدا؟
مودا خېنىم قەشقەرلىك بالىنىڭ بېشىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە قارىۋېتىپ سەت ھىجىيىپ سورىدى:
_ قانداق دەيلا ئاپپاق غوجـــــام؟
قەشقەرلىك بالا مەنسىتمىگەندەك باشقا بالىلارغا قارىغاچ جاۋاب بەردى:
_ خەق ئىسسىقتا يالىڭاچ يۈرسە سىلە ھەممىلا يەرلىرىنى يېپىۋاپلا شۇڭا دەيمىنا...
مودا خېنىم ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا قەشقەرلىك بالا ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا دېدى:
_ سىلىگە مەندىن نەسىھەت بوپ قاسۇن خېنىم، بۇندىن كېيىن كوچىغا چىققاندا پالاق ئېلىۋالسا جۇما!
مودا خېنىم سەل ئويلىنىۋېلىپ سورىدى:
_ نېمىشقا؟
قەشقەرلىك بالا ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ ئاسمانغا يانتۇ قاراپ:
_ قارىسام ئىۋۇ پـــــــاكىز پاچاقلىرىدىن چىۋىن ھېچ ئەگىپ كېتەلمەيۋاتىدا...
مودا خېنىمنىڭ يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئاچچقىنى تەستە بېسىپ يوغان چامداپ غۇلجىلىق بالىنىڭ ئالدىغا كەلدى. غۇلجىلىق بالا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دېدى:
_ جىنىم! ئۇلارنىڭ گېپىگە خاپا بولماڭ جۇمۇ، بىرى سىزگە سالام ئېيتتى. . .
مودا خېنىم قەدىمىزنى ئاستىلىتىپ تۆۋەنرەك ئاۋازدا سورىدى:
_ كىم؟
غۇلجىلىق بالا قىلچە ئىككىلەنمەيلا مودا خېنىمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ جاۋاب بەردى:
_ بىزنىڭ ئېغىلدىكى ئېشەك، ۋەيـــــــت!
مودا خېنىم يىغلامسىرىغىنىچە كۇچالىق بالىنىڭ ئالدىغان كېلىپ قالدى. كۇچالىق بالا:
_ ھۇي خېنىم! ئەرگە تېگەلمەي ئاچچىقىڭىزنى سېغىزدىن چىقىرىۋاتامسىز؟ . . . بوشراق چاينىڭە، چىشىڭىز مايماق بوپ كېتىپتۇ ھېلىمۇ. . .
مودا خېنىم زەردە بىلەن سورىدى:
_ چىشىم نەدە مايماق؟
كۇچالىق بالا:
_ زۇۋانىڭىزغا جۈسەي تېرىۋېتەيمۇ؟ جېنىمغا دەخمىيۈز گۇي...... نېمە ۋارقىرايسىز؟ پۇتلىرىڭىز مايماق بولغاندىكىن چىشىڭىزمۇ مايماق بولمامدۇ؟
مودا خېنىم پۇتىغا قارىۋىدى بالىلار <<پاراققىدە>> كۈلۈشۈپ كەتتى. مودا خېنىم قاتتىق مات بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان قىياپەتتە مېڭىپ تۇرپانلىق بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. تۇرپانلىق بالا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ توۋلىدى:
_ ياۋپىىىىىىيېر......... مايناق بىرمىلەلا ئۇچرايدىغۇ بۈگۈن...... كىيىمىڭنى ساۋاتساڭ بۇمامدۇ ھەي پوخۋاش! كۆتتۈڭنى كۆگىلى بۇمىسا يە؟!
مودا خېنىمنى قاتتىق يىغا تۇتۇپ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىدا نېرىراقتا تۇرغان ئۈرۈمچىلىك بالىنى كۆرۈپ قالدى - دە، ئۈرۈمچىلىك بالىدىن ئۈمىد كۈتۈپ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ مەغرۇر ماڭدى. ئۇ مېڭىپ ئۈرۈمچىلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىلىك بالا ئىككى قولىنى يانچۇقىغا تىقىۋېلىپ خىيالىي تۇرغانىدى، ئۈرۈمچىلىك بالا مودا خېنىمنى كۆرۈپ بېشىنى يەر تېگىدىن چىقىرىپ دېدى:
_ ئوخخىووووو  يې خان!...... نېمە بۆشۈكتىكى ئۇكاڭنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالىسەن؟......پىت بازىرىدا ساتىدىغان كىيىملەرگە پۇلۇڭ يەتمىدىما؟......ئىچىم ئەجەپ ئاغرىدى يې.........بىرسىگە بۇنداق ئىچىم ئاغرىپ باقمىغان جۇمـــــــــۇ!
مودا خېنىمنىڭ ئاغزىلىرى ئۈمچىيىپ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى. ئۈرۈمچىلىك بالا ئۇلاپلا:
_ يې، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما! . . . پايمىقىمنى سېلىپ بېرەي كىندىكىڭگە چاپلىۋال بولامدۇ؟......يې تۈكباش! سەندىن گەپ سوراۋاتىمەن بولامدۇ؟ چېچىنى بۇيىۋېلىشىنى ما مازنىڭ.........
مودا خېنىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي <<پاڭڭىدە>> يىغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى. . .
بالىلار مودا خېنىمنىڭ كەينىدىن كۈلۈشكىنىچە بىر - بىرىگە قول بېرىشىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

شۇنداق. مەيلى قەيەرلىك بولمىسۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوغلى بولىدىكەن ئۇنداق مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىدىن چەتنىگەن، ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكىتىنى، سالاپىتىنى، پەزىلىتىنى يوقاتقانلارنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدۇ. بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ھۆرمەتلەپ بېشىدا كۆتۈرىدىغىنى شەرمى - ھايالىق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك. . . قىسقىسى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىدۇر! بىز يىگىتلەر ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتىدەك بولغاندا قىزلىرىمىزمۇ ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى بولىدۇ. چۈنكى قىزلار ئوغۇللارغا بويسۇنىدۇ.

ئاغىنىلەر، بايىقىدەك <<مودا خېنىملار>> كۆرگەندە ئىككى ئېغىز تەكگۈدەك گەپ قىلالمىساق جېنىدىن ئۆتكۈدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلايلى......ئۇنداقمۇ قىلالمىساق سەت ئالىيىپ، يەرگە شالاققىدە تۈكۈرۈۋېتىپ ئۆتۈپ كېتەيلى... بىز كەينىدىن بوينىمىزنى تولغاپ قاراپ قالغاچقىلا ئۇلار شۇنداق مەغرۇرلىنىدۇ. ھېچقانداق ئوغۇل بالا قاراپمۇ قويمىسا ئۇلار نېمىسىگە كۆرەڭلىگۈدەك؟ ئىچىمىزدە ئىنساب تىلەپ باقتۇق. پايدىسى بولدىمۇ؟ <<ئەقىلگە ئىشارە، نادانغا جۇۋالدۇرۇز>> دەپتىكەن. ئىشارىنى چۈشەنمىگەندىكىن ئەمدى جۇۋالدۇرۇز قىلايلى!
بىزنىڭ نۇرغۇن ئېسىل قىزلىرىمىز بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاشۇنداق <<مودا خېنىملار> بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كەتمىسۇن!
قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ھۆرمەتتىن باشلىنىدۇ. قىزلىرىمىز ھۆرمەتلىگۈدەك، بولسا كۆيۈپ قالغۇدەك يىگىتلەردىن بولايلى! قىزلار بىزگە كۆيۈپ قالسا ئاجايىپ ھوزۇرلىنىپ، مەيدىلىرىمىزنى كېرىپ قويۇپ ئۆزىمىزدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىمىزغۇ؟
قىزلىرىمىزنى يات مىللەتنىڭ چولپانلىرىغا كۆيۈپ قېلىشتىن توسايلى...كۆيسە بىزدەك يىگىتلەرگە كۆيسۇن. . . بىز يىگىتلەردىن پەخىرلەنسۇن، سۆيۈنسۇن، بىزنى روھىي يۆلەنچۈك قىلسۇن! بىزمۇ نى - نى دۇنيا گۈزەللىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا تەڭ قىلمىغاندەك قىزلىرىمىزمۇ بىزنى كورىيەلىك، ھىندىستانلىق. . . چولپانلارغا تەڭ قىلمايدىغان بولسۇن!

ماقا ئەمسە... بىر قولغا ئادىمىيلىك ۋىجدان، بىر قولغا مىللىي غورۇرنى ئېلىپ ھەقىقىي ئەركەككە خاس سالاپىتىمىز بىلەن قىزلارنىڭ ھۆرمىتىگە ھۇررا````!!!

سائەت ئەسلى نۇقتىغا قايتسىمۇ ۋاقىت  ئۆزگەرمەيدۇ.

UID
1525
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2009-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2009-6-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-15 10:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاڭلاپتىكەنمەن

كۆيۈمچان ئەزا

چالىقۇشى

UID
1523
يازما
189
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
702
تىزىملاتقان
2009-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-15 12:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇرۇن ئوقۇپ بولغانىكەنمەن ،ئاۋازلىق ئىشلىگىنى  تىخىمۇ ياخشى بوپتۇ.....
ھەممە ئوغۇللار  ئاپتوردەك ئويلىيالىغان بولسا نېمە دىگەن  ياخشى بولاتتى-ھە!!!

ئۆزۈڭدە ئىشەنچ،ئىرادە ، غايە بولسۇن .غايىسى يوق ھايات يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشايدۇ !!!   ئۇنىڭ نەگە چۈشىشى شامالغا باغلىق .
erki بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-15 14:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
1429
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2009-2-22
ئاخىرقى قېتىم
2009-4-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-17 12:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇرۇن ئاڭلىغان

UID
1620
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2009-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2009-4-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-2 18:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللائەجرىڭىزنى بەرسۇن ياخشى يوللاپسىز

UID
1772
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2009-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2009-4-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-29 12:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق ئەسەرلىرىڭلارغا نىمە بولدى  يا  قۇيۇلمايدۇ   يا كۇچۇرۇلمەيدۇ ؟

UID
4431
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 01:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇيەردەئۇنداقلار يوق .بوپقالسا مەن چۇقۇم   

UID
3228
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-11 08:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭكىدىمۇ قۇيۇلمىدى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش