كۆرۈش: 25108|ئىنكاس: 56

نغمەت راخمانغا بىلەت تاشلاڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10510
يازما
6
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 21:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نغمەت راخمانغا بىلەت تاشلاڭ
« نۇرانە رىياسەتچى » نامىغا ئېرىشكەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەت راخمانغا بېلەت تاشلاڭ

بېلەت تاشلاش ئادرېىسى:http://v.qq.com/zt2011/cstvf2011/host1.htm


ھۆرمەتلىك دوستلار:
2011-يىللىق جۇڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىلىۋىزىيە بايرىمىنىڭ ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان ئەر رىياسەتچىنى توردا باھالاش پائالىيىتى قىزغىن ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ، بۇ قىتىمقى نامزاتلار ئىچىدە «ئاز سانلىق» مىللەتلىگە ھەمدە بىزنىڭ شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستاسىدىكى تالانتلىق قىرىندىشىمىڭ نىغمەتمۇ باركەن. نىغمەت ئىنىمىز نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزىنىڭ مەركەزدىكى خىزمەت ئەۋزەللىگىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شىنجاڭ خەلقىمىزنىڭ يىڭىچە ئوبرازىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قايتىدىن تىكلەش، شىنجاڭنى ، قىرىنداشلىرىمىزنى،  مىللەتلەرنى جۇڭگوغا تونۇتۇشتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇ ئىنىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ رىغلەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن يەنە بىر قىتىملىق بىلەت تاشلاش جىڭىنى باشلايلى! تور دۇنياسى بىزگە قىرىنداشلىرىمىزنى، دىيارىمىزنى ئالدىغا چىقىرىپ يورۇتۇپ پۇرسىتىنى بەردى. تۆتىنجى رەت ئوڭ تەرەپتىكىسى ئىنىمىز نىغمەت بولىدۇ.

[img]http://www.baxlan.comتېلېۋىزىيە مۇنبىرىدىكى يېڭى يۇلتۇز « نۇرانە رىياسەتچى » نامىغا ئېرىشكەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان توغرىسىدا
ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، ئەمىلى تىرىشچانلىقى، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشى ئارقىلىق گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئۇچۇن داغدام يول ئىچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان رادىئو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ياشلار خېلى كۆپ.
جۇڭگو ئاخبارات - تارقىتىش ئۇنىۋىرستېتنىڭ دىكتۇر - رىياسەتچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان، ئەمما تېخى ئوقۇش تاماملىماستىنلا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2- قانىلىغا « نۇرانە رىياسەتچى » نامى بىلەن تاللانغان نېغمەت راخمان - ئەنە شۇنداق ئىقتىدارلىق ھەم جاسارەتلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى .
نېغمەت راخماننىڭ بۇنداق يۇقىرى نام - شەرەپ بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىلىككە تاللىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئامىتى كېلىپ قىلىش بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى .
نېغمەت راخمان ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا مەكتەپ ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغاچقا، ئۇنىڭدا مۇشۇنداق ھارماي تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ، كەمتەر، چىقىشقاق ، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان ئېسىل مىجەز يىتىلگەن .
ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شۇڭا ھەر يىلى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان. 1993- يىلى مەملىكەت بوي« 100 ياخشى ئوقۇغۇچى » نىڭ بىرى ، 1994- يىلى ئاپتونوم رايون بويچە مۇنەۋۋەر پىئونېر بولۇپ باھالانغان . 1995- يىلى مەملىكەتلىك 3 - نۆۋەتلىك پىئونېرلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ، باش شۇجى جىياڭ زېمىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن .
ئۇ كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئامراق بولۇپ ، دەرسىكەن سىرتقى ۋاقىتلاردا ، رەسىم سىزىشتا ئالاھىدە ماھارەت يېتىلدۈرگەن . ئۇنىڭ « كارۋان» ناملىق رەسىمى ھازىر ۋاشىنگتوندىكى ئۆسمۈرلەر بەدىئىي سۈرەتلەر موزىيىدا ساقلانماقتا. « شادلىق » ناملىق رەسىمى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى » دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
ئۇ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىنگلىز تىلىغا قىزىققانلىقى ئۇچۇن، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن . ھەمدە ناخشا - ئۇسۇلغا قىزىققانلىقى ئۇچۇن سەنئەت ئۆمىكىگە تەربىيىلەشكە بەرگەن. ئۇ 10 ياشقا كىرگەن يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن << خەلقئارا بالىلار سەنئەت فېستىۋالى>>غا خەنزۇچە- ئىنگلىزچە قوش تىلدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم لەپەر ئورۇنداپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن . مانا بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىككە تاشلىغان تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغان . بۇ مۇسابىقە كېيىنكى يىلى بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندە نېغمەت يەنە رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان . 1996- يىلى ئۇ ششۇاڭبەننادا ئۆتكۈزۈلگەن « دوستلىشىش » پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ « تۇلپار » مۇكاپاتىغا ، 1999- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ، 2002- يىلى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . بۇ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى نېغمەتنىڭ ئۆيىگە تېلېفون بېرىپ ، ئۇنى مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇ شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شىنجاڭدىكى خەنزۇ يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئىچىدە 2 - بولۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن دىكتۇر - رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
نېغمەت ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ ، ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېرىشەلمىگەن بۇ ئالاھىدە نەتىجىگە تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېرىشىش - ئونىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
- سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا سىرتلاردا ئىشلەپسىز- ھە! دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
- ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىمنى ئەڭ مەنىلىك ئەڭ كۆڭۈللۈك. دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ، بېيجىڭ « كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى » دا شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرى رىياسەتچى بولۇپ ئىشلىدىم. دەسلەپتە ئاتا - ئانام ئوقۇشۇڭغا تەسىر يىتىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىدى . بىراق مەن ، بۇ مەن ئۇچۇن ئەڭ قىممەتلىك بىر چېنىقىش پۇرسىتى دەپ تۇرۇۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانام مىنىڭ پىكرىمگە ھۆرمەت قىلدى . بۇ جەرياندا مەن ئۆزۈمنى كەسپى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردىم . شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئاتا - ئانامدىن خىراجەت ئېلىشنى توختىتىپ ، ئوقۇش پۇللىرىمنى ھەل قىلىپ كەلدىم.
نېغمەتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قايىل بولدۇم.
نېغمەت ئۆتكەن يىلى يەنە « جۇڭگو مائارىپ قانىلى » نىڭ بالىلار ئىنگلىز تىلى پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كەڭ كۆرۈرلمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئۇ بۇ يىل 2- ئايدا ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشىپ ، 400 دىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچى ئىچىدىن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2- قانىلىغا قوبۇل قىلىندى.
بۇ يىل بۇ ئىستانسىنىڭ 3- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان 4200 رىياسەتچى قاتناشقان « كۆڭۈللۈك مەجمۇئە » پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارى بىلەن ئۇچ كۈچلۈك رىياسەتچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، « نۇرانە رىياسەتچى » نامىغا ئېرىشتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان 23 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە رىياسەتچىلەر ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىشى ئاجايىپ بىر مۆجىزە . ئۇنىڭ بۇ شانلىق نەتىجىلىرى ھەر قانداق كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ئەلۋەتتە .
نېغمەت ھازىر مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2 - قانىلىنىڭ « ئائىلىلەرنى ھەرىكەتلەندۇرەيلى » پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۇ يېقىندا « گەيرۇي لوڭقىسى » نى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىدە شىنجاڭدىكى ياش رىياسەتچىلەرنىڭ 5- نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە cctv-2 قانىلىنىڭ « ئائىلىلەرنى ھەرىكەتلەندۇرەيلى » پروگراممىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ماھىرلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلدى .
ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بىر بالىنىڭ خەلقنى سۆيۈندۈرگىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش - قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ئىشىنىمىزكى، نېغمەت چوقۇم يېڭى خىزمەت ئورنىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. پارلاق كېلەچەك ئۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.


نېغمەتنىڭ ئىشلىرىنى قوللىسىڭىز چوقۇم بىر بېلەت تاشلىشىڭزىنى ئۈمىد قىلىمىز!

سېم سېم  يامغۇر
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
14387
يازما
34
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1204
تىزىملاتقان
2011-8-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 01:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق تاشلايمىز؟

چېچەن

UID
14890
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 10:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  5-بېلەتنى  تاشلىدىم  ئەمىسە  !

UID
11517
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2011-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 10:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
刷新  قىپ تۇرۇپ تاشلىسا قايتا- قايتا تاشلىغىلى بولىدىكەن ھە باللا ..............................!!

alkuyi mening sirdax dostum.

UID
14890
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 10:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېغمەت  ھازىر چە  3- ئورۇندا  قېنى غەيرەت  قىلايلى  !  قېرىنداشلار  !!!!!!!!!!

UID
15372
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 10:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، مەن ئار- ئارقىدىن 10 بىلەت تاشلىدىم، يەنە تاشلايمەن!

UID
12839
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 11:43:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىكا  بولساملا تاشلاۋاتىمەن...ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرايلى دوسلار!

UID
14485
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-8-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 11:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 10نى تاشلىدىم .قىنى دۇستلار ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلەيلى.

UID
6692
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2665
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 11:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توختىماي تاشلاۋاتىمەن ، ھەممەيلەن تاشلايلى !

بەخىت بىلەن ئازاپ قوشكىزەك

UID
9058
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 15:31:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇتاشلاي!   加油!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش