ئىگىسى: degiz

بالىلىرىمىزنى بۇ ھاڭدىن تارتىۋالغىلى بولامدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15483
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2011-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 21:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ .رەھمەت سىزگە

ئۇيغۇرقىزى

UID
15565
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-9-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 13:12:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بالىلارنى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم. ئەگەر سىز بالىلارنى  چ چ دىن ياكى تور ئويۇنىدىن چەكلىسىڭىز، بالىلار بۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بولىدۇ، ھەتتا سىز بايقىغان ھېلىقى چ چ ئوينىمايدىغان %5 بالىلارنىمۇ زەھەرلەيسىز. چاپاق ئالىمەن دەپ كۆزنى قارغۇ قىلىسىز. ئويلاپ بېقىڭ، كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ؟؟؟         تور، تور ئويۇنى ئەڭ ئاۋال نەدە پەيدا بولغان؟ بۇنى ئىجات قىلغانلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوينايدىغاندىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزدەك تورغا خۇمار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇلار بۇمەسىلىنى قانداق ھەل قىلغاندۇ؟      سىز بىر مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم مۇنداق بىر ئاددى مەسىلىگە يولۇققان دەپ ئويلايمەن: ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۆگەن دەپ بۇيرۇق بەسىڭىز ئۇلا دەل ئەكسىچە سىز كۈتكەندەك ئۆگەنمەيدۇ. بالىلار تور ئويۇنىغا ئامراق بولغان بىلەن، لېكىن بالىلارتور ئويۇنى ئەمەس، سىزنىڭ بۇيرىقىڭىزغا بويسۇنىدىغان. مەن دىگەن بۇ رېتسىپنى سىناپ بېقىڭ، چوقۇم مەنپەئەتىنى كۆرىسىز. ئەگەر راستىنلا بۇ كېسەلنى داۋالىماقچى بولسىڭىز مەندە ھاقىقەتەنمۇ شىپلىق رىتسىپ بار. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

مەڭگۈ ئۆزەڭنى يو

UID
1988
يازما
103
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
3510
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 19:11:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۈچۈن مەزكۇر تېما ھەم تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مەنمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
قارىسام خېلى كۆپ ساندىكى مۇنبەرداشلاردا بۇ ئىشقا باتناش خاپا بولۇش پىسخىكىسى جىقراق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، بۇ ئىشنى رەنجىش، تاپا-تەنە قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن تاپا-تەنىنى قويۇپ تۇرۇپ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنىش كېرەك.ھىچ بولمىغاندا كۆپچىلىك بىرەيلەن بىر ئېغىزدىن پايدىلىق پىكىر قىلسىاقمۇ خېلى كۆپ پايدىلىق پىكىرلەر توپلىنىپ قالىدۇ.
ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇ بالىلاردا ئومۇملاشقان يانفۇن ئويناش ۋە تورخۇمارلىق كېسىلى ھەققىدە ئويلىنىپ قالغان ئىدىم. چۈنكى ئاچامنىڭ قىزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇيدىغان بولۇپ، تەتىللەردە چوڭ ئۆيگە كەلسە قولىدىن يانفۇن چۈشمەيتتى، ھەتتا كېچىلىرىمۇ يانفۇندا كود كودقا چىقىپ دوستلىرى ساۋاقداشلىرى بىلەن پاراڭلىشاتتى، يانفۇنى بىردەم ئۆيدە قېپ قالسا ياكى تېلفۇن ھەققى يېتىشمەي مۇلازىمىتى توختاپ قالسا، پۈتى كۆيگەن توخۇدەك تىتىلداپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالاتتى، كۆپ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن توردا دەرس ۋاقتىدا كود كوددا ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئۆزىدىن سورىسام كومپىيۇتۇر دەرس ۋاقتى ئىدى ياكى مۇزاكىرە ئىدى، دەپ  جاۋاپ بەردى ، كېيىنچە مەن توردا بولسام كۆرۈنمەس بولدى، ئاچامغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ يانفۇننى تارتىۋالساڭ بولمامدۇ دىدىم ،ئاچام مەكتىۋى بىلەن ئۆينىڭ ئارىسى يىراق ، ئۆيگە سەل كېچىكىپ قالسا ئەنسىرەپ تۇرالمايدىكەنمىز، يا كۈندە بالىنى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە شارائىت يار بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ يانفۇندىن تورغا چىقىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن، چەكلەپ خېلى كۆپ تەربىيە قىلدىم ، ماقۇللا دەپ جاۋاپ بېرىدۇ بىراق يەنە شۇنداق ئۆزگەرتمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەرسىلەردىن بىزنىڭمۇ ئانچە خەۋىرىمىز بولمىغاندىكىن زادى توردا نىمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بەك بىلىپ بولالمىدۇق دەپ جاۋاپ بەردى.كېيىنچە باشقا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ باللىرىدىمۇ يانفۇننىڭ ئاساسەن ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم بولىدىغان، ،ئۆزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇن ئەكىپ دەرس ۋاقتىدا ئويناپ ئولتۇرغانلىقىدىن كۆپ ۋايساپ تۇرۇپمۇ بالىسىغا ئۆزىنىڭ كونا يانفۇنىنى بېرىپتۇ، مۇشۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇمۇ سەل ئوڭايسىزلىق ھىس قىلىپ گەپنى ئەپقاچتى. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلاردا ئومۇلاشقان يانفۇن ۋە تورخۇمارلىق كېسىلىنىڭ سەۋەپلىرى ئوخشىمايدۇ.
بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ ئىش ئورنى يىراقتا، ياكى مەكتەپ ئۆيدىن يىراقتا شۇنداق بولغانلىقتىن بالىلارنىڭ تېنچ ئامانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتا ئانىلار يانفۇن سەپلەپ بېرىدۇ، ،بۇنداق سەۋەپتە سەپلەپ بېرىلگەن يانفۇنلارغا ئاتا-ئانىلار تېلفۇن قىلىش ۋە ئېلىشتىن باشقا مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تاقىتىۋەتسە ھەم يانفۇن ھەققىنى تېجەپ قالغىلى ھەم بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا يانفۇندا تورغا چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بىراق شۇنىڭدىمۇ بالىلار بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىپ ئۇلارنى قايىل قىلىش زورۈر بولىدۇ، بالا دىلىدىن سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭزغا قايىل بولمىسا سىز قانچە توسىغانچە ئىش  شۇنچە ئەكس تەسىر بېرىدۇ بولۇپمۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىز 1-، 2-يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا داۋالغۇش بولغان مەزگىللەردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.بالىنىڭ يانفۇندا دەرس ۋاقتىدا تورغا چىقىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە  ئۇلارنىڭ توردىن توغرا ئۇسۇلدا پايدىلىنشىغا بەلگىلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنى توردىن پايدىلىق ماتىرىيال، سودا ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا يېتەكلەش شۇ ئارقلىق تورنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى تونۇتۇش كېرەك.
يەنە بەزىلەر بولسا بالىلاردا ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بالىسىنىڭ ‹‹قاتاردىن قالماسلىقى›› ئۈچۈن ئېلىپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدى بىلەن چوڭلار ئۆزىمىزدىكى بەسلىشىش ، قارىغۇچىلارچە مودا قوغلىشىش پىسخىكىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن بالىغا توغرا تەربىيە قىلىشىمىز كېرەك.
كود كود مەسىلىسىگە كەلسەك ھازىر نۇرغۇن مۇنبەرداشلار ئېيتقاندەك ناھايىتى كىچىك ياشتىكى بالىلارنىڭ كود كود نومۇرى بار ئىكەن، ئوغلۇمغىمۇ ئۆزىنىڭ تەلىۋى بىلەن نومۇر بېجىرىپ بەردىم ، ھەم ئۆزىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كۈندە ئىشخانىدىن كود كودىنى ئېچىپ قويىدىغان بولدۇم، (شۇنداق قىلغاندا دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن)، بۇ جەھەتتە بەك قاتتىق قوللۇق قىلمىدىم، كود كود نومۇرى مېنىڭچە بالا ئۈچۈنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مەخپىيەتلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بالا سىزگە ئىشىنىپ ئۇنى ئېچىپ قويۇشنى ئېيتقان ئىكەن، دىمەك ئارىدىكى بۇ خىل دوستانە مۇناسىۋەتنى ساغلام ساقلاپ قېلىش كېرەك، مۇشۇ ئاساستا بالىلارنىڭ دوستلىرىنى، ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى، بالىنىڭ پىسخىك ھالىتىنىمۇ بىلگىلى بولىدىكەن ھەمدە ئورتاقلىشىدىغان تېمىڭىزدىن بىرسى كۆپۈيىدىكەن،مېنىڭچە ئاتا –ئانا بىلەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئازادە پىكىرلىشەلەيدىغان ئىچىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتالايدىغان دوستانە مۇھىت بولمىسا بولمايدۇ،بىراق بۇ يەردە تەكىتلەش زۆرۈر يەنە بىر ئىش شۇكى بالىڭىزنىڭ يانفۇننى ، تورنى توغرا ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئاتا-ئانا بولغىچىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۇنۋېرسال كەسپىي ساپا بولمىسا بولمايدۇ، ئەگەر سىز بۇ شارائىتنى ھازىرلىمىسىڭىز بالىنىڭ نەزىرىدە ھىچنەرسە بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ بالا پىكرىڭىزنى ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ، ھەم ئۆزىڭىزمۇ زادى قايسى تەرەپتىن توسۇش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىسىز، شۇڭا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –ئانا بولغۇچىمۇ بەلگىلىك  ئۇنۋېرسال ساپانى يېتىشتۈرىشى بىلگەنلىرى ئارقلىق بالىنى يېتەكلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرداش جېك ئېيتقاندەك ئۆيدە ئۆزىڭىز بار چاغدا بالىلارغا تورغا چىقىش شارائىتىنى ھازىرلاپ ئۇلارنىڭ چوڭلاردىن يوشۇرۇنچە تورغا چىقىش خاھىشىغا خاتىمە بېرىش كېرەك،ھەمدە باشقا مۇنبەرداشلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەردىكىدەك بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش ھەم ئۇنى يېتىلدۈرۈش شۇ ئارقىلىق بالىلارنى ساغلام پائالىيەتلەرگە يېتەكلەپ ئۇلارنىڭ تورخۇمار بولۇپ قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.
ئاخرىدا تەكىتلەيدىغىنىم ھەممىدىن مۇھىم نۇقتا ئاتا ئانىلار يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارغا ھەمرا بولۇشى، ھەرۋاقىت بالىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقى، نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىشى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بالىسى توغۇرلۇق كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ قايسى تەرەپلەردە ئۆزگۈۈرۈش بولىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئاساستا بالىنى نىشانلىق مەقسەتلىك يېتەكلىشى كۆپرەك مۇڭدىشىپ بالىغا يېقىنلىشىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا تور ئوريۇنلىرى ۋە كود كود ئالاقىسىمۇ ئۇنچىلىك قورقۇنچلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ .

نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇپ ياشايسەن!

UID
11028
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2011-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 19:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالەت شەكىلىنىپ بولدى
ھەمىمىز
بالىرىمىزغا بولغان تەلىم تەربىيەنى كۇچەيتەيلى

UID
15544
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
362
تىزىملاتقان
2011-9-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 21:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىرىمىز مەدىنىيەت ۋە دۇنيا  قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ.
بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرىۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس،بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتقاد ئىستىراتىگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك"
"دادىلار مىللەتنىڭ تۈۋرىكى،قول-قانىتى.دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن،باتۇرلۇق بىلەن،چىۋەرلىك بىلەن،ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى،ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق،مۆجىمەللىك،پەمسىزلىك،بېلى بوشلۇق،ساداقەتسىزلىك،ھەماقەت-
لىك ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك.دادىلار قەيسەرلىكتە،چىدام-جاسارەتتە،
ئىلىم- ھۈنەردە ،ۋاپادارلىقتا،ئەل-يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە.......پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇ
لالىشى كېرەك."
"بىزگە غايىلىك بالىلار كېرەك""بىزگە مەسئۇلىيەتچان بالىلار كېرەك""بىزگە ۋاپادار بالىلار كېرەك"
ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك،يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئەخلاق –پەزىلەتلىك،جۇشقۇن،مۇسەقىل پىكىر قىلالايدىغان قىيىنچىلىق ئالدىدا داد دىمەيدىغان،ئۈمىد-ئارزۇغا باي ئەجداد روھىغا،ئاتا-ئانىلار ئەجرىگە يۈز كېلەلەيدىغان تىرىشچان رىئاللىقا يۈزلىنەلەيدىغان،ئۈگەنگەن بىلىم ماھارەتنى ئەمىلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان،ئۆزىگە تاينىپ قۇدرەت تاپالايدىغان سىتودىنتلار كېرەك.
شۇنداق بىزگە كۈيۈمچان،ئوتتەك ئانىلىق مېھرى بىلەن ۋەتەننىڭ،مىللەتنىڭ تاغدەك ئېغىر ئارمانلىرىنى،مۈشكۈلاتلىرىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان پولات ئىرادىلىك ئەزىمەتلەرنى تاۋلاپ چىقالايدىغان،پۈتكۈل جىسمى ۋە روھىدىن تۇمارىس،نۇزۇگۇملاردەك جەسسۇرلۇق،پاكلىق،تەۋرەنمەس ئىتقاد بالقىپ تۇرىدىغان ھەقىقى ئۇيغۇر ئانىلار كېرەك.
قەيسەرلىك،باتۇرلۇقتا باللىرىغا ئۈلگە بولالايدىغان،چۈشكۈنلۈك،بېلى بوشلۇق،ساختىپەزلىك دىگەندەك ناچار خاھىشلادىن پاكلىنالىغان،روھى ىساپ،ئىرادىسى مۇستەھكەم،مەسئۇلىيەتچان،ئەتراپىدىكىلەرگە،ھچ بولمىغاندائۆز ئائىلىسىگە ھەقىقى تۇۋرۈك بولالايدىغان دادىلار كېرەك.
ئەمما بىزگە بۇنداق دادا،ئانا،بالا،سىتۇدېنتلارنى باشقىلار يېتىشتۈرۈپ بەرمەيدۇ،ئارىيەتكە بېرىپ تۇرمايدۇ،تىلسەك تاپارمىز شۇڭا تىلەيلى،تىلەپلا ئولتۇرماي ھەركەتلىنىەيلى،ھەرىكەت-بەرىكەتقۇ،بۈگۈنلا، بولمىسا ئەتە يەنە بولمىسا ئۆگۈن ئىشقىلىپ پات-ئارىدا  ئۆزلىرىمىزنى تىلىگىمىزدىكى دادا،ئانا،بالا،سىتۇدېنت،ئەدىپ.......
لەرگە ئايلاندۇرايلى.بۈگۈنكى ھالىمىز ئەتە ئۈچۈن ساۋاق بولسۇن،ئەتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بۈگۈنكى زەئىپ تېنىمىزگە كۈچ ئاتا قىلسۇن.   
تەلەي قۇبۇل قىلىشقا تۇلۇق تەييارلانغانلارغا بېرىلگەن سوۋغىدۇر،ئۇ ئەزەلدىن سەۋەپسىزلا بىراۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلمايدۇ،بىر مەقسەت ئەتراپىغا سىڭدۈرۈلگەن مېھنەتلا بۇ ھوما قۇشنى ھەرىكەت ساھىبىنڭ بېشىغا قوندۇرالايدۇ.مۇشۇنداق بولغاندا   بالىلىرىمىزنى چۇقۇم قۇتقۇزۇپ قاللايمىز.......

UID
13069
يازما
25
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
745
تىزىملاتقان
2011-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 13:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا تېلېفوندا تورغا چىقىش دەيدىغان گەپ يوق ئىدى، لېكىن دەرستىن چۈشكەندە پۇرسەت تاپساقلا بىر نەچىمىز تورغانىغا كىرۋالاتتۇق. تاماق يەيدىغان پۇلنى تېجەپ ئاش قۇرساق تورخانىغا كىرىپ بىردەم ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ چىقىۋالساق شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كېتەتتۇق.
مانا ھازىر خىزمەتكە چىقىپ كۈندە دېگۈدەك كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا كۈندە دېگۈدەك 8-10 سائەتكىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىغان، تور كۆرۈپمۇ زىركىدىغان بولدۇم. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرمايدىغان خىزمەت قىلسام نېمە بۇلاتتى دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.
شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدىن شۇنداق ئەنسىرگەن مەن راسلا تورغا خۇمار بولۇپ قالدىممۇ دەپ، كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمىز دەپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇ خۇمالارمۇ بېسىقىپ قالغان. ھازىر پۈتۈنلەي خۇمادىن چىققاندەكلا.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2209
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-12
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 13:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار تىلاۇندا تور ئوينىغاندىن سىرت،بالدۇرلا مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىغىمۇ كىرىپ قالىدىكەن،مىنىڭ ئاچامنىڭ قىزى نەچچە قىتىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قىلىپ نەسىھەت قىلدۇق،ئۇ سىڭلىم ھە دەپ قويۇپ تىلىفۇندا يەنە داۋاملىق ئارىلىشىپ يۇرۇپتۇ،بىر تىلفۇن قولىغا چىقسا يىرىم سائەتتىن كەم سۆزلەشمەيدۇ،بىز تىلفۇن قىلساق ئالدىراشلا چىقىدۇ،شۇڭا بۇ قىتىم تىلىفۇننى ئىلىۋالماقچى بولىۋاتىمىز.

يەيدىغان زەھەر بار،دىمەيدىغان گەپ بار. دىگەن گەپنى قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ،دىمىگەن گەپنى دىۋالغىلى بولىدۇ،ئۈمىدۋار ياشاش كىرەك.

يېڭى يۇلتۇز

ئۆزۈڭنى ئەر چاغل

UID
15699
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-3 09:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنداق نەرسىلەر بىلەن تونۇشقان ئىدىم ، ھەي ، ھازىرقى بالىلارنى - زە  !

چىچىڭنىڭ ئاقارغىنى ئۆلۈمدىن بىشارەتتۇر ، تىنىڭنىڭ ئېگىلگىنى ئۆلۈمگە بەرگەن سالامىڭدۇر .

UID
15933
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 01:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھۋال جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ يەنە تەرىپىنىڭ كۆرۇنىشى. بۇ ئەھۋالنى  ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس،قاخشغان بىلەن ئىش پۇتمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ خىلدىكى يۇزلىنىش پۇتۇن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت تۇرسا، ئەڭ مۇكەممەل قانۇنلارمۇ بۇ يۇزلىنىشنى توسوپ قالالمايدۇ. كەلگۇسىدە   تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ، مەكتەپلەر پۇتۇنلەي چ چ لىشىدۇ. ئوقوغوچىلار توردا مۇھببەتلىشىدۇ. < ھازىرغۇ يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ بۇ ئىشلار > . توردا <  ئادەم > بولوشنىڭ يولىنى ئىزلەيدۇ،  توپلاشقان قارا گۇرۇھلار مەكتەپلەردىمۇ  شەكىللىنىدۇ.  21 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا بارغاندا دۇنيادا ئاجايىپ بىر  < زامانىۋىلاشقان >  ئىنسانلار توپى شىەكىللىنىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپ تەربىيىمىزدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ساقلانغان. ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىگە  ييېتىشەلمەيۋاتىمىز. چ چ پەن -تېىخنىكىنىڭ مەھسۇلى تۇرسا نىمىشكە ئۇنى چەكلەيمىز؟ سەۋەپ دەل بىزنىڭ ئاددى كاللىمىزدا،ئەمىليەتتە  بىز تەييار نەزىريە، تەييار فورمىلا ئارقىلىق ماشىنا ئادەم تەربىيەلەۋاتىمىز،  بىز ئوقوغوچىلار غا  مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا كەتسە پوققا كېرەككە كەلمەيدىغان ئۈلۈك  نەزىريەلەرنى ئۇگۇتىۋاتېمىز.  مەكتەپ قېلىپ بولسا ، ئوقوغوچىلار گويا لاي، خالاس.  مەكتەپ ھازىرقى بالىلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە تاملىرىنى شوئارلار قاپلاپ كەتكەن ئېلان تاختىسى، كېرەكسىز قەغەزلەر بىلەن قاپلانغان جاي،بىر توپ قويلارنى ئەتتىگەندە سولاپ قويوپ كەچتە ئۆيلىرىگە قايتۇرىدىغان  زامانىۋى قاشا. ئۇنداقتا بالىلار بالىلىق خۇشاللىقىنى چ چ دىن تاپىدۇ. م پ 3 دىن تاپىدۇ  توردىن ئىزلەيدۇ. مەسىلىنىڭ يىلتىزى رەڭگارەڭ تەپپەككۇرغا باي بالىلاردا ئەمەس ،بەلكى بىز مائارىپچىلاردا، كۇندىن-كۇنگە جاھان ھاسىلاتلىرىنىڭ كەينىدە قېلىۋاتقان ،قۇرۇق نەزىريەدىن باشقا جەمىيەتكە ئەمەلى پايدا  يەتكۇزەلمەيۋاتقان مائارىپىمىزدا. يەنە نۇرغۇن گەپلەر با ئىدى، ۋاقىت ئېھتىياجى سەۋەۋىدىن گەپنى مۇشۇ يەرەگىچە قىلاي..................

ئۇستۇڭدىكى قوياشنى كۆرىمەن دەيدىكەنسەن ، بېشىڭنى كۆتۇر، ئالدىڭغا قارا، يىقىلىپ كەتمە.

UID
16221
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 14:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئلەيكۇم،  تورداشلار بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ .بۇ ھەقتە مېنىڭ قارىشىم :ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تېخىمۇ  چوڭقۇر تونۇپ،كەچتە ئائىلگەقايتىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى  پائالىيىتىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم .ئائىلىدە بالىلار ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا ئۆزى تېلىۋىزور كۆرىدىغان ،ئۆزى ئۆيۇن ئوينايدىغان ،بالىلارنى ئۆگىنىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا،ئۆزى قاتار چاي ،ئولتۇرۇشلارغا كېتىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك .ئىمكانىيەت بولسىلا بالىلار نىڭ يېنىدا  كىتاپ -ماتىريال كۆرۈپ،ئۇلارغا ھەمرا بولۇش لازىم .بالىلار نىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن  ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن  بولسا تەربىيىنى كۇچايتىش ئۇلارنىڭ يانفۇن تۇتىشىنى قەتئى چەكلەش،ئوقۇتقۇچىلاردىن قەرەرلىك ھالدا ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرۇش لازىم . ( سىنىپ مۇدىرى شۇنى توغرا چۈشۈنۈپ، ماسلاشقىدەك ياخشى  ئوقۇتقۇچى بولسا )ياتاقلىق مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى ماسلاشمىسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش  ھەقىقەتەن قىيىن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش