- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 90
- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-15
- UID
- 15121
- يازما
- 7
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 90
- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-15
- توردا
- 0 سائەت
|
دوسلار ياخشىمۇسىلەر، مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىردىم، بۇندىن بۇرۇن پەقەت مۇنبەر مارىلاپ، رەسمىي ئەزا بولۇپ باقماپتىكەنمەن، مانا ئەمدى تاللاپ تاللاپ سەرخىللىرىدىن تاللاپ، ئۆزۈمنى دەڭسەپ كۆرۈپ، قىزىرىپ تاتىرىپ كىرىپ كەلدىم بۇ مۇنبەرگە، ئەمدى قۇرۇق قول كىرسەم ھەيدەپ سالمىسۇن، ماۋۇ مۇنبەردىكى بالىلار قولۇمغا قاراپ قالمىسۇن دەپ، ئاز بولسىمۇ، ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان مۇنۇ يۇمۇرلارنى (كۈلسىڭىز يۇمۇر، كۈلمىسىڭىز بايان دەپ تۇرىلى ھازىرچە مەن يېڭىياچى بولغاندىكىن) ئالغاچ كەلگەن. ئەمدى قوبۇل قىلامسىلەر ياكى كۈدە-كۆرپەڭنى ئال، يىغىشتۇر دەپ سۈپۈرگە بىلەن قوغلاپ چىقىرامسىلەر بىلەلمىدىم، ھەرھالدا ھازىرچە كىرىپ تۇردۇم. ئەمدى مۇشۇنداق قىلىپ ئاستا ئاستا تونۇشىۋالارمىز دەپ ئويلىدىمغۇ. قېلىنلىق يېرىم دۆلەت ئەمەسمۇ! قاندا دىمىدىم؟
رىۋايەتلەردىكى كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئادەملەر
خىزمەتكە چۈشۈپ تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالدىمدە، خۇشال ھالدا پۇلنى يېڭى بېجىرگەن بانكا كارتىسىغا كىرگۈزىۋېتىش ئۈچۈن بانكىغا قاراپ چاپتىم. كىم بىلسۇن بانكا ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتقانلارنىڭ كۆپلىكىدىن يەنە بىر-ئىككى سائەت ساقلىسام ئاندىن ماڭا نۆۋەت كېلىدىغاندەك قىلاتتى. شۇنداق بولسىمۇ تۇنجى مائاشىم بولغاچقا بانكىغا سېلىۋېتەي دەپ ئويلاپ، ئۆچىرەت كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم، شۇ ئارىدا كەينىمدىكى بىر يىگىت دولامغا ئۇرۇپ : " پۇل ئامانەت قويغىلى كەلگەنمۇ ؟ " دەپ سورىدى، مەن "ھەئە" دەپ چاۋاپ بەردىم، ئۇ يەنە " ماۋۇ توغرا كەپقالغاننى كۆرۈڭ، مەن پۇل ئالغىلى كەلگەن ، سىز پۇل ئامانەت قويغىلى كەپسىز، بولمىسا مۇنداق قىلايلى سىز شۇ ئامانەتكە قويىدىغان پۇلنى ماڭىلا بەرسىڭىز، سىزمۇ، مەنمۇ ئۆچىرەت ساقلايمىز دەپ ئاۋارە بولماي، ۋاقىت تېجەپ قالاتتۇق ئەمەسمۇ؟" ئويلاپ باقسام بۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بار، نىمە قىلىمەن بىكار نەچچە سائەت ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ئۆچىرەت ساقلاپ، شۇنىڭ بىلەن خۇشال ھالدا پۇلنى ئۇ يىگىتكە بېرىپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم.
كارتا ئوقۇش[
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، ئۆيىمىز بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاتام ماڭا ئايلىق كارتا بېجىرىپ بەردى، بۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ شوپۇر ئاكاشقا كارتىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ئىچىگە قاراپ ماڭدىم، كەينىدىن شوپۇر ماڭا قاراپ، سىڭلىم كارتىڭىزنى ئوقۇتۇڭ ( خەنزۇچە دۇكا) دىدى، مەن جايىمدا تۇرۇپلا يۇقىرى ئاۋازدا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش ئەترىتى ظاي س كارتىسى"دەپ ئوقۇدۇم، شوپۇر ئاكاش،" ماۋۇ يەرگە ئەكىلىپ (كارتا ئوقۇتۇدىغان جاينى كۆرسىتىپ ) ئوقۇتۇڭ" دىدى. مەن ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئىشىكىگە كېلىپ، تېخىمۇ جاراڭلىق ئاۋازدا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش ئەترىتى ظاي س كارتىسى" دەپ ئوقۇدۇم، ئاپتوبۇستىكىلەر ۋە شوپۇر ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى |
|