ئىگىسى: umidwar

مۆمىنجان ۋە ئازادبېك بىرگە ئوقىغان ناخشىل     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16703
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 23:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن بىر ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، مەن سىزنىڭ ناخشىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ،تېخىمۇ تىرىشىڭ ئاكا، بىزنىڭ غايىبانە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن!

UID
8700
يازما
59
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
2011
تىزىملاتقان
2011-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-6 03:30:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۆمىنجاننىڭ بۇ قىتىملىق كىچىلىكىنىڭ دەيلىرى ھەجەپ چىقمايدىغۇ,,,,
بىزنىڭ يۇرتقا كەلگەندە بىرگە ئويۇن قويۇشلارغا قاتناشقانلىرىمىز
ھەجەپ كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتىكەن شۇ ۋاقىتلار

كۈلۈپ ياشاڭ-ئىسىل ياشاڭ

يېڭى يۇلتۇز

ئاللاھ بىزلەرنى

UID
16999
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 16:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازادبەگنىىڭ ناخشىللىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن،ئەلكۈيىگە رەھمەت.

يېڭى يۇلتۇز

مەمەتجان

UID
17000
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2011-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 17:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام
ھەر ئىككەيلەننىڭ ئاۋازى بەكلا ياخشىكەن

-

تىرىشچان ئەزا

星期三,十三节课~~~伤不起啊!!!

UID
10380
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
403
تىزىملاتقان
2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 23:10:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ چىرايلىق ناخشا ئكەن!!!优酷دىكى ئادىرىسى بارمىدۇ؟  چۈشۈرىۋالسام ياخشى بولاتتى   

تىرىشقان تاغ ئاشار

UID
17005
يازما
67
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
907
تىزىملاتقان
2011-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 22:06:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاڭ!!!!!!!!!!

UID
4864
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
92
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 22:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەقىل

بۇ ھىيىتىلىق سوۋغا ناھايتى ياخشى بولغان  كاتتا سوۋغا بۇپتۇ. مەن بۇنى كۈرۈپ مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن تۈلىگەن غايەت زور بەدىلىنىڭ  تۇنجى قەدەمدىكى نەتىجىسىنىڭ كۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاسىيادا ئەلمىساقتىن بۇيان ناھايتى زور مەدىنيەت مىراسلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن بارچە تۈرىك قىرىنداشلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ كەلگەن ، تۈرىك خەلقىنىڭ سەركىلىك رۇلىنى ئۈتەپ تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىقىنقى يىرىم ئەسىر مابەينىدىكى بىكىنمىلىكى سەۋەبىدىن باشقا قىرىنداشلار نەزىرىدىن چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقى ، ئاددىيسى ئۆزىنىڭ كاتتا نامەيەندىلىرىنى ۋە سەنئەت نەتىجىلىرىنى بولسىمۇ  مەركىزى ئاسىيادا ياشاۋاتقان  باشقا قىرىنداش تۈرىك خەلقىنىڭ ئارىسىغا يۈزلەندۈرەلمەيۋاتقان ئاق توچكا ھالىتىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۈنسىز خۇرسىنغان ئىدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە فەرغانە ، سىر ۋە ئامۇ دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كىلىۋاتقان ئۆزبىك خەلقىنىڭ مەيلى ئادەتتىكى ئاممىباب سەنئەتكارلىرى بولسۇن ياكى كۆزگە كۈرۈنگەن سەنئەتكارلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ تۈركۈملەپ  كەينى-كەينىدىن كۆپلەپ دىيارىمىز سەھنىلىرىدە پەيدا بۇلۇپ ، ئۆز ئالدىغا غايەت زور مۇۋەپىقىيەت قازىنىشى ھەم بىراقلا ئۆزبىك ناخشىلىرى نامىدا خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۈرىدە مۇئەييەنلىششى، بىزنىمۇ تەبىئىيلا ئەجەپ بىزغۇ  ئۆزبىك كۈيلىرىنى ناھايتى ياخشى ئاڭلاۋاتىمىز .ئۇنداقتا ئۆزبىك خەلقى بىزنىڭ كۈيلىرىمىز ۋە ھازىرقى دەۋىرىدىكى سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئىسىل ئىجادى كۈيلىرىدىن خەۋاردارمۇ؟ بىزغۇ ھەرقاندىقىقىغا ناھايتى كاتتا سەھنە ھازىرلاپ بەردۇق. ئەجىبا بىزنىڭ چولپانلىرىمىز شۇ ئۆزبىك سەھنىلىرىدە نامايەن بولدىمۇ؟ دىگەندەك تەبىئى ھالەتتىكى ئۆزلۈك ۋە غورۇر چۈشەنچىمىز سىڭگەن سۇئاللار بىزنىڭ ئىددىيمىزنى سىلىكىگەن ئىدى. ئەمدى بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق . ناھايتى ئەپسۇسكى بىزنىڭ سەنئەتكارلارغا تېخى مەركىزى ئاسىيا سەھنىلىرى ئۇنچە كەڭ قۇچاق ئاچقىنى يوق. بۇلۇپمۇ ئۆزبىك خەلقى ياشاۋاتقان ئەلدە خاتالاشمىسام بىرمۇ ئۇيغۇر  سەنئەتكارىمىز ئۆز نامىدا كونسىرىت بىرىپ ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلىشىشىگە ئىرىشكىنى يوق. بۇلۇپمۇ يىقىنقى 20يىل مابەينىدە دەل شۇنداق. ئاددىيسى ئۇلاردىن ھەر يىلدا بىر ئەمەس بىر قانچىسى بىزنىڭ دىياردا ناھايتى داغدۇغىلىق  ھالدا يۈكسەك ئىھتىراملار بىلەن كۈتۈۋىلىنىپ ناخشا كىچىلىكى ۋە كونسىرىت قۇيىدىيۇ تېخى تا ھازىرغىچە بىزنىڭ شۇلارنى بىسىپ چۈشكىدەك كاتتا چولپانلىرىمىز بىرەر مەيدان يەككە كىشىلىك ئىجادىيەت ناخشا كىچىلىكىنى ياكى كونسىرىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى.  بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بۇلىشى مۇمكىن. ھەممە مەسىلە  بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىزدا بۇلىشى  ناتايىن. ئەمما ھالقىلىق مەسىلە شۇكى بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىز ئىجادىيەتلىرىنىڭ تېخى ئۆزبىك دىيارىدا غايەت زور غۇلغۇلا قوزغىىغان ئەمىليىتىنىڭ بولماسلىقى ئاساسلىق سەۋەب. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە  دۇنيا سىياسى خەرىتىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، 100يىللاپ داۋاملاشقان قاششاقلىق  ، ھەر خىل مەدىنيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىلىكى ۋە مۇقىم مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك كەڭرى مەنىدىكى سەنئەت ۋارىيانتىنىڭ تازا مۇكەممەلىشەلمەسلىكى قاتارلىق ئىككىلەمچى ئامىللار بىزنىڭ بۇنداق پاسسىپ ھالىتىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بىز ئۇبدانراق دىققەت قىلىدىغان بولساق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نادىر خەلق ناخشىلىرى  ۋە كەڭ خەلق ئەتىۋارلاپ كىلىۋاتقان خەلق كۈيلىرى تا ھازىرغىچە ھەممە تۈركى قەۋىم ۋە تۇرىك ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ھۆرمەت نەزىرىنى تىكىدىغان ئۇبىكىتتۇر.  گۈھەر سۈپىتىدە ھەممىنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەي ئۇرۇنلانماقتا. ئۇلار پەقەت بىزنى شۇ خەلق ناخشىىرىمىزدىن ئاز-تۇلا ەجىربە ئالامشتۇرسا ئالماشتۇردىكى ھەرگىزمۇ ھازىرقى زامان يەككە شەخىسلىرىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن تەجىربە ئىلىپ باقمىدى. يۇقاردا دىگەندەك خاسلا ئۇلار كىلىپ داغدۇغا بىلەن بىزگە ئۆزىنىڭ كۈيلىرىنى توۋلاپ كىتىرۋەرسە بىز بىرەر قىتىممۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل نەتىجىللىرىمىزنى ئۇلارغا سۇنمىساق يەنىلا رۇشەن ھالدا پەقت شۇلارلا قىلسا بۇلىدىغان بىزنىڭ ھېچنىمىگە ھىساپ بولمايدىغان تەڭپۇڭسىز پۇزىتسىيەنىڭ چىقىشى ناھايتى نۇرمال ھادىسە. دەل مۇشۇنداق بىنۇرمال رىئاللىقىنى كۆزلىگەن مۆمىنجان ئابلىكىم بۇ جەھەتتە يىقىنقى ئاز كەم 10يىلدىن بىرى كۆپ ئىزدەندى، كۆپ جاپالارنى تارىتتى. ئۇنىڭ مەخسىدى پەقەتلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يىقىنقى زامان يىڭى نەتىجىلىرىنى شۇ ئۆزبىك خەلقىگە بىلدۈرۈش ئىدى. بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاسىيا زۇنىسىنىڭ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتىپ قۇيۇلغان ئىشىكنى ئېچىش. ھەم مەركىزى ئاسىيادا ئۇيغۇر  خەلقىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىىنى يەنە ھازىرقى دەۋىردىكى مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، ئۇلارمۇ كىلىدىغان بىزمۇ بىرىپ ئۆزىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى سۇنىدىغان دىمۇكىراتىك سەنئەت نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇھىتىنى يارىتىشتا ناھايتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. شۇ سەۋەبتىن بىز ئازىراق كاللىمىز بىلەن ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، مۆمىنجان ئۇيغۇر سەنئىتىنى خەلقئاراغا بۇلۇپمۇ قىرىنداش مىللەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشتە ھەممە ئادەمدىن كۆپ تىرىشقان ۋە كۆپ ئەگرى -تۇقاي مۇشەقەتلەنى بىشىدىن كەچۈرگەن ياخشى سەنئەتكەر ۋە تىرىشچان  يىگىتتۇر. كىشىنىڭ قىلچىلىك تۆھپىسىنى ۋە نەتىجىسىنى چۇقۇم بىلىشىمىز لازىم. شۇ جەھەتتىن مۆمىنجان قىلىۋاتقان ئىش ماھىيەتتە ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يىڭىچە بۇرۇلۇش ۋە بۈسۈش ھىسابلىنىدۇ. ھەم بۇ قىتىمقى كىچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتكەرئازادبىك نەزەربىك ئەھمەدۇۋ بولسا بىر ئۆزبىكنىڭلا چولپىنى بولماستىن بەلكى پۈتۈن تۈركى خەلقكە تۇنۇشلۇق ناھايتى كاتتا يۈز تاپقان سەنئەتكاردۇر. ئۇ مەيلى ئەزەربەيجان  ياكى مۇسكۇۋا ۋەياكى تۇركىيە شۇنداقلا مەركىزى ئاسىيادا بەش جۆمھۈرىيەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز شۇنداقلا تاتارىستان جۈمھۈريەتلەردە ئۇنىڭ تىتىملىق كۈيلىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ھەم بۇ قىتىملىق نۇمۇرنى ئۇرۇنلاشتا قىلىۋاتقان سۆزلىرىنى ئويلىساق، بۇ كىشىنىڭ ئادەم تاڭ قلىدىغان دەرجىدىكى ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەخلاق  ئۆلگىسى ئىكەنلىكىنى كۈرۋىلىش تەس ئەمەس. مەن بىلىپ  دىيارىمىزغا ئاز كەم  20مىگە يىقىن مۇشۇنداق ئۆزبىك سەنئەتكارلىرى كەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ قايسىسى  بىر ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۆزبىك خەلقى ھەققىدە ئازادبېك نەزەربىكچىلىك تۆت ئېغىز ئدىتلىق ۋە ناھايتى توغرا سۆزلەپ باقمىغان. ئەمما بۇ كىشى قولنى يۇيسا قول يۈزنى يۇيىدىغانلىقىنى ناھايتى ياخشى بىلگەن پەقەت سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى ھەممە جەھەتتىن يىتىشكەن  ، ئىسىل ، بىلىملىك نەزەر دائىرسى كەڭ بولغان بۇلۇپمۇ ئىنتايىن ئەپۇچان ۋە نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى ئىكەنلىكىنى سەھنىدە قىلغان شۇ7 سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلىدى. بۇ پەقەت بۇكىشى مۇشۇ ئۈرۈمچىدىلا شۇنداق بولماستىن بەلكى ھەممە دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئەشۇنداق نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىنسان. مەن بۇنى ئاز-تۇلا بىلگىنىم ئۈچۈن يەنى كۆپ كۈرىدىغانلىقىم ئۈچۈن دەۋاتىمەن. دىمەك شۇ ۋەجىدىن مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل بىر كىشى بىلەن دوسلۇق ۋە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشى ئۇنىڭدىمۇ شۇنداق خىسلەتلەرنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
ئەمدى مۇشۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ مەن يەنە مۆمىنجان ئابلىكىمغا تۈۋەندىكىدەك پىكىر تەكلىپىمنى بەرمەكچىمەن.
1- مۆمىنجان سىز شۇنداق تىرىشچان ۋە جاپاكەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ياش سەنئەتكار. نەتىجىڭىز ھەقىقەتەن گەۋدىلىك. ھەم مەن قىسقىغىنە بىر نەچچە مىنۇت سىز بىلەن بىۋاستە پىكىرلىشىپ باققان. سىز باشقىلارنى ناھايتى ھۆرمەتلەپ مۇئامىلە قىلىسىز. ھە سۆزلىرىڭز كۈپىنچە ئادەمگە سىپايە تەسىر بىرىدۇ. ئەمما سىز سەھنىدە سۆز قىلغان ۋاقىتتا سەل جىددىيلىشىشى ۋە ئالدىراپ سۆز قىلىش مەۋجۇت . ھەم سەللىمازا نەخ مەيدان ئىنكاس ھازىرلاشتا سەھۋەنلىك بار دەپ قارىدىم.
مەسىلەن مۇشۇ تىمىدىكى سۆزلەرگە قارايدىغان بولساق ئازادبىك  نەزەربىك بىلەن سىزنىڭ سۆزلىرڭىزنى سېلىشتۇرساق بەزى تەرەپىلىرىدە راسلا ئادەم ھەيران قالارلىق پەرىق بار. يەنى ئۇ سىزنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن ۋە سىزنىڭ مۇشۇ يەردە بارلىقڭىزدىن ناھايتى پەخىرلەنگەن. ھەم سىزنىڭ تىرىشىچانلىقڭىزنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بارچە پۇرسەتتە سىزنى ناھايتى چوڭ بىلگەن. ھەم ئۆز تەسىرى ئارقىلىق سىزنىڭ تەسىرىڭىزنى ئاكتىپ كىڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلىغان. شۇنداقكەن سىز بۇ كىشىنى سەھنىدە ھېچ بولمىسا شۇنىڭغا ئوخشاش ئازىراق تەرىپلەپ ئۆزىڭىزگە قۇيۇلغان ساھىبخانلىق مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز زۈرۈر. مىنىڭچە دىيارىمىزغا كەلگەن ئۆزبىك سەئەتكارلار ئىچىدە ھەممىسىنى سېلىشتۇرساق ھېچ قايسىسى ئازادبىكقا يەتمەيدۇ. تۇلىسى خاتا كەپ قالغان بىچارىلەر . ئاز ساندىكى بۇنىڭ سىرتىدىكى بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئازادبىكقا يەتمەيدۇ. ھەم بۇنى سىز ۋە ھەممەيلەن بىلىمىز.شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە ئۇ بىر ھەسسە سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ پاراڭ تەشسە سىز يەنە شۇ سەھنىدە ئۇنىمۇ بىسىپ چۈشكىدەك ئىنكاس بىلەن جاۋاپ بەرسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.چۈنكى سىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۈزىڭىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيالايسىز. ھۆرمىتىڭىز يەنە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. سىزنى ھۆرمەت قىلمىدى دىمىدىم. لىكىن قارشى تەرەپكە قارىغاندا پەرىق مەۋجۇت.
2- مۆمىنجان سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەر دائىم مۇشۇ گەپ بۇلۇپتۇ دىگەن كۈينى كۆپلەپ ئېيتىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم. بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارىشىم. سىزنىڭ نادىر ناخشىلىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپ. مۇمكىن بولسا ھەرخىل سۇرۇنلاردا ناخشىلارمۇ بىرخىل قىلىپلىشىپ قالمىسا.
يۇقارقىلار مىنىڭ تەكلىپ پىكىرىم . باشقىلار دەرھاللا ماڭا چاپلاشماي توغرا ھىس قىلسا، ھەم مەن مۆمىنجان ئابلىكىمنى ھەقىقى قوللايدىغان كىشىلەردىن. شۇڭا مىنىڭ ئىدىيەمنى خاتا بۇراپ قالماسلىقىڭلارنى سۇراپ بۇ ئۇزۇن ئىنكاسىمنى يىغماقچىمەن


بەك توغرا گەپ قىپسىز ،

تور كۈتۈپخانىسى   http://www.alma.cn

يېڭى يۇلتۇز

i lik  uyghu

UID
17062
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2011-11-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 01:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىسىت!!! مەرھۇم ئۇيغۇر ناخشىچسى مۇرات ناسىروف بولغان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا روسيەلەردە خېلى ئنئاۋىتمڭز بولغان بۇلاتتى دە!!!

UID
17227
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 21:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<مۆمىنجان بىلەن ئازادبېك > ھەر ئىككىلىسى قالتىسكەن .مۆمىنجاننىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ  يېڭى ناخشىلارنى سۇنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇلارنىڭ ئاۋازلىرى تېخىمۇ ساز بولسۇن [s:3]

UID
13869
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
344
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 12:20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىنىڭ بۇ سوۋغىسىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم . مۆمىنجاننىڭ ئاۋازىغا دەرت بەرمىسۇن ، بۇ ئىككى ناخشىچى بەكمۇ ماسلىشىپتۇ . بىر تەرەپتىن ناخشا ئوقۇپ ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ ،،،،،كۆز تەگمىسۇن !!! ئۇلارغا مەڭگۈ سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش