باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىمدا بىز سىنىپتىكى ياخشى ئۆتىدىغان 10نەچچىدەك بالا بىللە ھېيىتلىشاتتۇق. مەيلى ئۇلار بىلەن ھېيىتلىغان چاغلاردا بولسۇن ياكى ئۆيدىكىلەر بىلەن ھېيىتلىغاندا بولسۇن، ھېيىتلىغان ئۆيگە كىرىپلا ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساڭزىغا قارايتتىم. ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك سېلىنغان ساڭزىلارغا قاراپ < بۇ ئادەملەر خېلى ئەجىر قىلىپتۇ، ئەھمىيەت بېرىپتۇ ...> دەپ پەرەز قىلاتتىم. ئىككى-ئۈچ قۇرلا قىلىپ سېلىنغان ساڭزىلارغا قارىسام ئاچچىقىم كەپ قالاتتى.

بۇلارغۇ بالىلىقتىكى تۇيغۇلار ئەمدى.
مەن ساڭزا يېيىشكە خېلى ئامراق. ھەر قېتىم مەن ئۆيدە بولالماي قالغان ھېيىتلاردا ئاپام ھېلىقى مەن يەپ بولۇپ قويۇپ قويغان چىرايلىق شاكىلات قاپلىرىغا رەتلىك سېلىپ ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئاسان پارچىلىنىپ كەتمەيتتى بۇنداق قىلسا.
ئىۋۇ كۈنى ئاپاملار بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ سالدى ساڭزا. بەك ئوخشاپتۇ. قارىسام بەك ئاساندەكمۇ تۇرىدۇ. بىراق ياغنىڭ پۇرىقىدا تۇرماق راستلا سەل تەسكەن.