- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 366
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- UID
- 12992
- يازما
- 366
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- توردا
- 80 سائەت
|
مۇنۇ بايانلارغا قاراپ باقايلى:
ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشى سىزنى سۆيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنى سۆيىمەن دېيىشى سىز بىلەن توي قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز بىلەن توي قىلىمەن دېيىشى سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن دېيىشى ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
راست دەپتۇ ، ئەرلەرنىڭ ھەممە نېمىسى يالغان ، ئۇنداقتا ئاياللار ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن توي قىلسا ...ئەجەپ ئەقىللىقكىنە؟؟! ئاياللار سىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق دېگەندەك يازمىلارنى كۆپ ئوقۇغانمەن ، ئەمما بۇنچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
يەنە قاراڭ:
رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى ھالىتىڭىز. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۇلارغا ئىشىنىشنى خالايمەن، خۇددى كوممونىزىمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەكلا.
ئاسىيلىق قىلىش ئەرلەرنىڭ قېنى. تارتىۋېلىش ئەرلەرنىڭ شۇئارى، ئەركىنلىك ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇش ئۇلارنىڭ خارەكتېرى.
ئەمدى ئەسەرنىڭ ئەسلىي ئاپتورىنىڭ مەقسىتىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى!
ئاپتۇر نېمە دىمەكچى؟ ئاسىيلىق ،ئاسىيلىق ئەرلەرنىڭ ماھىيىتى . ئۇنداقتا مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن . ئەمىسە ئەرلەرنىڭ ئاسىيلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئاياللارنىڭ چوقۇم ئەرلەرنى ئىنكار قىلىشى كېرەكلىكىدىنمۇ؟ يات جىنىسنىڭ سىزگە نىسبەتەن شۇنچە ئەھمىيەتسىز ،مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش سىزنى نىمىگە دالالەت قىلار ؟ مەنپىي -مۇسبەت قۇتۇپلۇق ئىككى جىنىسنىڭ بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن
مەنىۋىيەتنىڭ مۇۋازىنىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى ئۆزگەرتىشكىمۇ؟
ئەگەر شۇنداق قىلىش كېرەك بولسا ، بۇنىڭ ئۇسۇلى ئاسان_ ھەمجىنىسلىق ، قوش جىنىس بىرلىكى تەشكىللەش .
تەسەۋۋۇرىمىز شۇيەرگە ئۇچۇپ باردى. ئاپتۇرمۇ ئۆزىنىڭ ئەرلەرگە ئىشىنىشىنى كوممۇنىزمنىڭ ئەمەلگە ئېشىش چۈشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا ئىشىنىشىگە ئوخشىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ قاراشلىرىنى بەزى ئەرلەردە كۆرىلىدىغان سەلبىيلىكلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ ، ئۆزىنى ئاياللارغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغاندەك قىلىپ كۆرسەتكەن، شۇ ئارقىلىق بىر مەيدان پىسخىكا ئۇرۇشى تەشكىللەپ ، قىسىغىنە ۋاقىتتىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېسسىياتىنى كونتىرول قىلىۋىلىپ ، ھېچ كۈچىمەيلا مەقسىتىگە يەتكەن .
ئۇ ،بۇ بايانلارنى ئوقۇغانلىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا دەرھال ئەرلەردىن ۋاز كېچىپ ، ئۆز جىنسقا مۇھەببەت باغلاپ كەتمەيدىغىنىنىمۇ ئوبدان بىلگەچكە ، ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە ئىش كۆرگەن . يەنى ياغلىما تىل ۋاستىسىنى قوللىنىپ ، بەزى يېڭىچە تەبىرلەرنىمۇ يازمىسىغا قېتىپ قويغان:
<<رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى
ھالىتىڭىز.>>
ئاپتۇر ئۆزىمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن زىددىيەتلىك تونۇشتا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىسىدىمۇ نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆزى زېھنىدە ھېس قىلالىغان ،ئەرلەرنىڭ ئاجىز ،سەلبىي تەرەپلىرىنى ئىخچام ، كونكىرىت تىلدا كۆرسىتىپ ئۆتەلىگەن بولسىمۇ بۇنى پۈتۈن ئەرلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى دەپ قارىۋالغاچقا ، ئاسانلا يۇقىرىقىدەك چۈشكۈن ، ئاسىي ،ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەشۋىق قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەرلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكنى تەكىتلىگۈچى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق دىيەلەيمىزكىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ ئاياللىق سېھرىي كۈچىگە ، ھېسسىياتىغا ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى مۇقەددەس ئورنىغا ئىشەنچ قىلالمىغۇچى بوپ قالىدۇ،خالاس! |
|