ئەنجۈر ساتقۇچى قىز
ساتتى بىر قىز ئاشخانىدا ئەنجۈرنى
ساتتى ئۇ قىز يۈرۈكۈمنى ۋاراقلاپ
ياشاپ قالدىم شېئىر بىلەن شۇ لەھزە
سۆيدى ئاسمان سۆيدى يەرنى قۇچاقلاپ
قىز ساتقىنى ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈرىكى
كۆيۈپ كەتتىم ئازابلاردىن چاراسلاپ
سوراپ قالدىم ئاشۇ قىزدىن ئىسمىنى
ئۇماقلىققا، ئەقىللىققا پايلىماي
جاۋاپ بەردى يادلىغاندەك جۈملىنى
دۇدۇقلىماي،يا قىزارماي،ئويلىماي،
"يۇلتۇز بۇلۇپ تۇغۇلدۇممەن كېچىدە
-بىر نان كەبى يەرشارىدەك دۇنياغا
-سودا قىلىپ يۈرمەكتىمەن تىمىسقىلاپ
-ئىگە بولاي دەپ ھاياتتا مەناغا"
ئەنجۈر ساتقان ئالتە ياشلىق ئەلفىرە
شۇنداق دېدى قول كۆتۈرگەچ ئاللاھغا
شۇ كوچىدا ئۆزگىلەرنىڭ ئالدىدا
مىۋە سېتىپ يۈرمەكتىكەن ئوماق قىز
ئەجنەبىيلەر دوپپىسىغا قاراپتۇ
لېكىن قىزنىڭ خېرىدارى ئەمەسمىز،
ئىھ ھاياتلىق ئېغىرمۇ ھە؟سەن شۇنچە
سەبىيلىكنى ئوغۇرلايسەن نىمىشقا؟
ئېلىپپەنى ئۈگەنسىكەن بالىلار
ئاھ زېمىننى تىنچ -ئامان قىلىشقا،
پۈتۈن مەلەك ئازابلاندى بۇ قېتىم
پەرۋاسىزسەن( ھايات) يەنە بۇ ئىشقا؟!
سودا قېلىش ئەيىب ئەمەس ئىنسانغا
ئادەملەرمۇ ئەنجۈر بۇلۇپ قالمىسا
بالا-بالا ،ئاتا بولسا ئاتىلار
ھەممە ئىشلار ئۆز جايىدا يايرىسا
چاشقان بىلەن ئۇسۇللاردا مۈشۈكلەر
توشقان بىلەن مەي ئىچىدۇ تاش قۇمچاق
مۇھەببەتنى چەيلىمەكتە كۆزىدە
سۇرۇخ سۈرگەن لەۋلىرىگە ئاق بوغماق
ئۆز قىزىنى تونۇمايدۇ سەھنىدە
مەقسىتى شۇ ئەنجۈردەكلا بوپ قالماق،
ئىللىق شامال ،ياسىمەنگۈل،قۇشقاچلار
زۈھەل يۇلتۈز ،سىم-سىم يامغۇر ،ئاي -قۇياش
شىئېر ئۇپۇق تىلاۋەتتە دۇنيارىم
سەنمۇ شۇنداق تۇيغۇدىمۇ ئەي ئاداش؟!
2011\7\20 ئۈرۈمچى