ئىگىسى: afiyfiy

ئاتۇشلۇقلارنى ياخشى كۆرمەيمەن(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
9138
يازما
83
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2674
تىزىملاتقان
2011-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 02:00:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر مۇنبەردىكى ئاتۇشلۇقلارنى قۇزغىۋىتىپتۇ.ئەسەردىكى سۇدىگەر بالىلارنىڭ دىيالۇگى  تەبئى ۋە چىن چىىقىپتۇ.ئەمىلىيەتتىمۇ ئوتترا ئاسىيا رايۇنلىرىدا تىجارەت قىلىپ پول تېپىۋاتقان ئاتۇشلۇق بالىلارنىڭ  ئىزدىنىش،جاپاغا چىداش رۇھىنى مەدىھلىەشكە ئەرزىيدۇ.بىراق ئۇلاردا باش كۇتۇرۇپ چىققان شۇھرەتپەرەسلىك،ناتۇغرا تۇرمۇش ئۇسۇللىرى تۇزۇتۇشكە تىگىشلىك.ئۆزىنىڭ قىممىتىنى خەجلىگەن پولى ئارقىلىق ئۇلچەش،ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىگەن ئەھۋالدىمۇ قاتاردىن چۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن زۇرۇقۇپ پول خەجلەش  قاتارلىق ئىشلار مەۋجۇت .ئاللا ھ ئاتا قىلغان بايلىقنى ئۇز يۇلىدا سەرىپ قىلىشقا دەۋەت قىلىش مىنىڭچە خاسىيەتلىك ئىش.ئەفىفىگە رەخمەت .بۇ مەن كۆپ ئويلايدىغان بىر مەسىلە ئىدى.بىراق ئەپسۇسلۇنىدىغىنىم مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىنى شۇنداق بالىلاردىن قانچىسى كۆرۇپ ئىبرەت ئالار؟

چىنار

UID
2847
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-10
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 15:46:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ تىل  سەنئىتىنى شۇنداق ياخشى ئىكەن  ،لىكىن ماڭا ئاپتۇرنىڭ تىلى بەك ئىغىر كەتكەندەك بىلىندى.چۇنكى ھازىرقى جەمىئەتتە پۇل بولمىسا بولمايدۇ  (توغرا پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس)پۇل  ياخشى ئىش ،گەپ پۇلنى قانداق تىپىشتا !ھىكايىدە پەقەت ئاشۇ بىر ئۆي كىشىللىرى  تەسۋىرلەنگەن(ئاتۇشلۇق)،ئويلايلى ئاشۇ سىز ئۆچ ئاتۇشلۇقلار بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ پەن_مائارىپ ،دىن ،ئىقتىساد ئىشلىرى قانداق بوپ كىتەر ئىدى.ئۇيغۇرلار .ئىچىدە ئاتۇشلۇقلار  ئەڭ بۇرۇن سودا ،مەدىنىيەت ،مائارىپ ئىشلىرى ھەممىدىن بالدۇر ،ئەشۇ قاباھەتلىك ،قارا يىللاردا كىم(نەلىك )ھىچنىمىدىن قورقماي يورۇق دۇنياغا ئىنتىلدى؟سىز ئاتۇشلۇقلارغا قانداق باھا بەرسىڭىز بولىدۇ ،ھەممە سىز تارىخنىڭ ئاتۇش ئۇيغۇرلىغا قانداق باغا بىرىشىگە نىدا قىلىپ بىقىڭ!رايونىمىزنىڭ خىلى كۆپ جايلىرىغا بىرىپتىمەن ،كۆپىنچە شەھەرلىرىدە  جەمىئەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا بىز مىللىلار تازلىق ئىشچىسى ،ھارۋا سۆرەپ يايما ئاچىدىغان ئەھۋاللار ئىغىر بىراق ئاتۇشتا  بۇنداق ئىشلار يوق دىيەرلىك ھەتتا يوللاردا تىلەمچىىنى ئىزدەپمۇ تاپالمايدىكەنسىز،بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇنداق ياخشى ئەسەرگە ياخشى تىما تاللاڭ!ئەلۋەتتە ،بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى ،بىراق مىڭىنىڭچە ئەمىلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش كىرەك!مەنچە ،ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدىنىيەت ساپاسىنى بىز ئۇيغۇر كىشىللىرىنىڭ ئۆگۈنۈشى ،ئۈلگە قىلىشغا ئەرزىيدۇ!ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق،ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ بالدۇر ئاتۇشلۇقلار كىلىپ يوللاردا پايپاق،ئۇششاق نەرسلەرنى سىتىپ يۇرگەن بولسا ھازىر ئۇلار كاتتا ئاشخانا،رىستۇرانلارنى سالدى،باشقا يۇرت كىشىلىرى ئەمدىلەتىن پايپاق ساتقىلى تۇردى .ئاتۇشلۇققارنى (ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان <<يەھۇدى>> دىگەن گەپ راس!ئۇلار ھەقىقەتەن  ئەقىللىك كىشىلەر!ئاتۇشمۇ ھەم شۇنداق خىسلەتلىك يۇرت !
ئەسكەرتىش (مەن  ئاتۇشلۇق ئەمەس ،مەن بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچى سۇپپىتى بىلەن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى قىلدىم.)

كۆيۈمچان ئەزا

ئى اللاھ،بىزلەر

UID
4676
يازما
69
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2010-8-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 17:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت!ئۇلۇغ روزا-رامىزاندا ئىگەم سىزگە تەن ساقلىق،روھىي پاكلىق ئاتا قىلغاي!!!
بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى ھېكايە بولۇپ چىققۇسى،داۋامىغا تەشنامەن.

يوقۇرىدا بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئەسەرگە ناھايىتى تەنتەكلىك بىلەن باھا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم:

بۇ پەقەت بىر ھېكايە،بىر ئەسەر...ئاپتۇر پەقەت ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى،مەقسەت-مۇددالىرىنى مۇشۇ ھېكايىگە،ھېكايىدىكى ۋەقەلىك،پىرسۇناژ ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتىرلىرى،دىئالوگلىرىگە باغلاپ، ،بۇ ئارقىلىق  ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان سەلبى تەرەپلەرنى قېرىنداشلارنىڭ ئەقىل تارازىسى ئارقىلىق تەنقىد قىلماقچى،خالاس.

بولسا قېرىنداشلارنىڭ مەسىلىلەرگە سوغوققانلىق بىلەن ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. لۈشۈن ئەپەندى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى يېزىپ،ئەينى چاغدىكى كونا جۇڭگۈ جەمىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر ،رەزىل ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى يۇرۇتۇپ بەرگەن ئىدى.مەسىلەن: دورا دېگەن ھېكايىسى....... گەرچە شۇنچە ئۇزۇن يىللار بۇرۇن دەرسلىكتە ئۆتۈلگەن بولسىمۇ،مېنىڭ قەلبىمدە تاكى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق.................

ئاخىرىدا قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم:ئەسەر مەزمۇنى شۇنداق ياخشى كېتىپ بارىدۇ،ئەسەر ئاخىرلاشقىچە سەۋر قىلىڭ،ئاخىرلاشقاندا ئۆز پىكىرلىرىڭىزنى پۈتكۈل مىللەت نوختىسىدىن تۇرۇپ،ئىلمىي بايان قىلىڭ،تەڭ ئورتاقلىشايلى........مېنىڭچە شۇندىلا ئاپتۇر دېمەكچى بولغان،يەتمەكچى بولغان نىشانغا بىرلىكتە يېتەلەيمىز،دەپ ئويلايمەن......

ئاللاھ ھەممىمىزگە تەۋرەنمەس ئىتىقاد،كامىل ئىمان،ھەمدە ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق مېھرىنى ئاتا قىلغاي!!!!!

ئۇيقۇ-يېرىم ئۆلۈم!

UID
12025
يازما
56
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1196
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-23
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 01:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېي خەق بىر ھەممە نى دەپ داستىخانغا قويۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇ بۇ دىمەمسىز لەر ئەرنىڭ ،  بۇ تور ئەسەرلىرى شۇنداق نوچى چىقۋاتىدۇ ، بېشىنى ئوقۇپ  ئاخىرىنى ئۆزىڭىز چۇشۇرىۋالدىغان جۇرنال ئەدىبياتىدىن كەسكىن پەرىقلىنۋاتىدۇ ،
چىدايلى باللا   . خەقنىڭ ياخشى كۆرۇش كۆرمەسلىكى ئۆزىنىڭ ئىلكىدە . شەخىسكە تەۋە مەنىكەن ،

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 06:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 46قەۋەتتىكىqeqan يوللىغان 2011-08-28 00:40 غا قارتىلغان  :
بۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر. بىز ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكى،قانداق ئېدىيىنى ئالغا سۈرگەنلىكى،ئۇنىڭ تەربىيىۋى رولى قاتارلىقلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ پىكىر بايان قىلايلى.مەنمۇ ئاتۇشتىن.بىر يۇرت دېگەندە خىلمۇ خىل خاراكتىردىكى ئادەملەر بولىدۇ. مېنىڭچە ئاپتور ئەسىرىدە تىلغا ئالغان ئاكىسىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق پۇل-مال دېسە ھەممىدىن كېچىدىغان،قېرىندىشىنىمۇ تونىمايدىغان مېھرى -مۇھەببەتسىز  كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى دەپ ئويلىدىم.شۇڭا يۇرتنى دەپلا ئارىمىزدىكى ناچار تەبىئەتلىك كىشىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارمىساق،باشقىلارنى قانداق تەربىيىلىگىلى بولىدۇ؟
ئاپتور ئاتۇشتىكى ئەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر ئارقىلىق پۈتۈن جەمىيەتتە بار بولغان پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن كېچەلەيدىغان رەزىل كىشىلەرنى قامچىلىغان.
قالغىنىنى ھېكايىنىڭ ئاخىرى تۈگىسۇن،شۇ چاغدا يەنە مۇنازىرىلىشەرمىز.
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق  تىما ھەرگىزمۇ  پۇتۇن ئاتۇشلۇقلارغا ۋەكىللىك  قىلالمايدۇ ، ئەسەردىكى  تىلغا ئېلىنغان ئاكىسىغا ئوخشاش پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ، پۇلنى ئۇزۇنىڭ ياشاشتىكى غۇرۇر ،ۋىژدانى قىلىۋالغانلار  ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا ئاز ئەمەس ... ئەسەرنى چۈشەن مىگەنلەر قايتا قايتا ئۇقۇڭ ...

ئاتۇشتىىن  ئاكا -ئۇكا مۇسا بايوف ، تەۋپىق ئەپەندىدەك ئەل سۆيگەن مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى سودىگەرلەر  ئاتۇشلىق لىرىمىزغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دىسەك توغرا بۇلىدۇ ، ئىشنى يامان تەرەپكە بۇرىمايلى ،  قالغان گەپنى ھىكاينىڭ ئاخرنى ئۇقۇپ بوپ ئاندىن يازاي.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 08:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇ ئارقىلىقمۇ ئەسەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن،قاراڭلار تور يۈزىدىكى بۈتۈن ئاتۇشلۇق مۇنبەرداشلار جەم بوپتۇ......

UID
14473
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-8-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 12:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ،مەن ئاتۇشلۇقلارنىڭ پەن،مەدەنىيەت ،مائارىپ جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىگە كۆز يۇممايمەن ، مۇشۇ ھېكايىدىكى بەزى گەپلەرنىڭ كۆز يومغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتراپ قىلىشىمىز  كېرەك.
(مېنىڭ ئانامنى دېمەيسەن،- دېدى بىرى گەپنى قاپبەلدىنلا ئۈزۈپ،-پۇل ئانىلارنىڭمۇ مېھرىنى ئۈزۈۋەتتىمىكىن دەيمەن، مەن ئاتۇشقا كىرىپ باقمىغىلى توپتوغرا ئون سەككىز ئاي بولدى، ئانام: بالام، پۇل تاپساڭ ياخشى، ئاتۇشتا نېمە بار؟ يەنە بىر يىل تۇرساڭ بىراقلا تويۇڭنى قىلىمىز دەيدۇ...)
مىنىڭچە بۇ گەپ چاخچاق ئەمەس ،بەلكى ئاتۇشلۇقلارنىڭ خاراكتېرى .مەن ئاتۇشلۇقنىڭ شىركىتىدە ئىككى يىل ئىشلىگەن ،مەن يىڭى كىرگەن ۋاقىتتا شىركەتنىڭ سودىسى ئۇنچە ياخشى ئەمەسكەن ، شۇ ۋاقىتلاردا تاغىسى يېنىمىزدىن ئوغلى بىلەن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ تۇغقىنىغا قاراپمۇ قويماي ئۆتۇپ كەتكەن .يەنە بىر تاغىسىنى ئىزلەپ ئۇ چۈشكەن مېھمانسارايغا بارساق ئۆزى مېھمانسارايدا تۇرۇپ مەن سىرتتا دەپ كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان.ئەمدىچۇ شىركەتنىڭ سودىسى ياخشى ئەينى چاغدا قاراپمۇ قويمىغان تاغىسى ھەر كەلگەندە ئاتايىن شىركەتكە كېلىپ ئۇنىڭدىن ھارغىچە تىنىچلىق  ئامانلىق سورايدۇ ،مېھمانسارايدىن چۈشمىگەن تاغىسى بولسا ھەر كەلگەندە ئۇنىڭ ئۆيىدە قونىدىغان بولدى.بۇرۇن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ئاتا-ئانىسى بولسا ئەمدى ئۆيدىكى ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ قىلىدۇ.ئۇ بەزىدە مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالسا كۆڭلى بەك يېرىم بولىدۇ.ئاتۇشقىمۇ كەتكۇسى يوق .
مەن ئاتۇشقا بېرىپ باقمىغان ،ئەمما ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ قالىمەن .پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى باينىڭ قىزى بىلەن ئارلىشۋېتىپتۇ ،ھەجەپ كاللىسى ئىشلەپتۇ ئۇنىڭ .بۈگۈن پالانچى باي بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ،كەچكىچە قۇلۇمنى يۇماي تۇراي جۇمۇ.بۇ گەپلەرنى چاخچاقمىكىن دەپ قالماڭ .ھەممىسى راست بۇلغان ئىشلار . 
 

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 05:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 55قەۋەتتىكىdildar163 يوللىغان 2011-08-29 12:09 غا قارتىلغان  :
توغرا ،مەن ئاتۇشلۇقلارنىڭ پەن،مەدەنىيەت ،مائارىپ جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىگە كۆز يۇممايمەن ، مۇشۇ ھېكايىدىكى بەزى گەپلەرنىڭ كۆز يومغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتراپ قىلىشىمىز  كېرەك.
(مېنىڭ ئانامنى دېمەيسەن،- دېدى بىرى گەپنى قاپبەلدىنلا ئۈزۈپ،-پۇل ئانىلارنىڭمۇ مېھرىنى ئۈزۈۋەتتىمىكىن دەيمەن، مەن ئاتۇشقا كىرىپ باقمىغىلى توپتوغرا ئون سەككىز ئاي بولدى، ئانام: بالام، پۇل تاپساڭ ياخشى، ئاتۇشتا نېمە بار؟ يەنە بىر يىل تۇرساڭ بىراقلا تويۇڭنى قىلىمىز دەيدۇ...)
مىنىڭچە بۇ گەپ چاخچاق ئەمەس ،بەلكى ئاتۇشلۇقلارنىڭ خاراكتېرى .مەن ئاتۇشلۇقنىڭ شىركىتىدە ئىككى يىل ئىشلىگەن ،مەن يىڭى كىرگەن ۋاقىتتا شىركەتنىڭ سودىسى ئۇنچە ياخشى ئەمەسكەن ، شۇ ۋاقىتلاردا تاغىسى يېنىمىزدىن ئوغلى بىلەن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ تۇغقىنىغا قاراپمۇ قويماي ئۆتۇپ كەتكەن .يەنە بىر تاغىسىنى ئىزلەپ ئۇ چۈشكەن مېھمانسارايغا بارساق ئۆزى مېھمانسارايدا تۇرۇپ مەن سىرتتا دەپ كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان.ئەمدىچۇ شىركەتنىڭ سودىسى ياخشى ئەينى چاغدا قاراپمۇ قويمىغان تاغىسى ھەر كەلگەندە ئاتايىن شىركەتكە كېلىپ ئۇنىڭدىن ھارغىچە تىنىچلىق  ئامانلىق سورايدۇ ،مېھمانسارايدىن چۈشمىگەن تاغىسى بولسا ھەر كەلگەندە ئۇنىڭ ئۆيىدە قونىدىغان بولدى.بۇرۇن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ئاتا-ئانىسى بولسا ئەمدى ئۆيدىكى ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ قىلىدۇ.ئۇ بەزىدە مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالسا كۆڭلى بەك يېرىم بولىدۇ.ئاتۇشقىمۇ كەتكۇسى يوق .
مەن ئاتۇشقا بېرىپ باقمىغان ،ئەمما ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ قالىمەن .پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى باينىڭ قىزى بىلەن ئارلىشۋېتىپتۇ ،ھەجەپ كاللىسى ئىشلەپتۇ ئۇنىڭ .بۈگۈن پالانچى باي بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ،كەچكىچە قۇلۇمنى يۇماي تۇراي جۇمۇ.بۇ گەپلەرنى چاخچاقمىكىن دەپ قالماڭ .ھەممىسى راست بۇلغان ئىشلار . 
 
.......
بۇ ئىنكاس بىلەن دۇرۇس ئادەملىكىڭنى ئىسپاتلىماقچىمۇ ياكى ئاتۇشلۇقنى چۆكتۈرۈش بەدىلىگە ئازراق نەپكە ئېرىشمەكچىمۇ ،؟ شۇنداق بۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ خېلى يۇقۇرى ساپاسى بار ،،،،ھەتتا سەندەك پەلىپەتىش ئادەملەرنىڭ پىتنى-پاساتلىرىغا ئالدىراپ بىرنىمە دەپ يۈرمەيدۇ ،،،،"
"پالانچى باينىڭ قىزى بىلەن ئارلىشۋېتىپتۇ ،ھەجەپ كاللىسى ئىشلەپتۇ ئۇنىڭ .بۈگۈن پالانچى باي بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ،كەچكىچە قۇلۇمنى يۇماي تۇراي جۇمۇ.بۇ گەپلەرنى چاخچاقمىكىن دەپ قالماڭ .ھەممىسى راست بۇلغان ئىشلار ..."
مۇشۈ چۈپرەندە گەپلەرنى توقۇپ چىققان سەندەك مۇناپىقنىڭ قانچىلىك ئادەملىگى تورداشلارغا ئاللىقاچان ئايان بولدى ،،،،

كۆيۈمچان ئەزا

ئاۋال ئادەم بول

UID
8376
يازما
50
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1662
تىزىملاتقان
2011-1-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 11:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇش تىجارەتچىللىرىنى مەرگەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
مەنمۇ سودا مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولۇپ قالدىم،،تۈۋەندىكىلەر مىنىڭ يۈزەكى تەسىراتلىرىم.
1.ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە سودا قىلىۋاتقان ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىچىدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمايدىغان بىرمۇ ئادەمنى تاپالمايدىكەنسىز،كۈپىنچىسىنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن بىلىم سەۋىيەسىنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىلاردىن قېلىشمايدىغانلىغىنى كۆرۈپ يەتتىم،(بۇ يەردىكى بىلىم سەۋىيەسى ئونۋېرسال بىلىشىنى كۆرسىتىدۇ).ئەلۋەتتە،قەشقەر ياكى ماڭا ئۇچرىغان باشقا يۇرتلۇق كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا بەش ناماز ئىكەن.
2.ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەتتە بولۇۋاتقان كۈپىنچە ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۈزىدىن ئاجىزلارنى يۈلەشنى خالايدىكەن،مەسىلەن سىز بىر دانە پاسپورت بىلەن قۇرۇق قول ھالەتتە شۇلار تۇرۇشلۇق بازارغا بېرىپ قالغان بولسىڭىز،پەقەت سەمىمىيىتىڭىز بولسىلا بىر دۇككان ئورنى،خالىغىنىڭىزدىكى مىقدار ۋە تۈردە مال-تاۋارلىرىڭىز بولۇشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىكەن،لېكىن ھىساپنى چۇقۇم ۋاختىدا،ئىنچىكە،ئېنىق قىلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
3.ھەممەيلەن ئورتاق ھالدا ئۆز يۇرتىدىن 1-2يىل ئايرىلىپ تۇرغانلار ئىكەن،شۇڭا ئاتۇشلۇق تىجارەتچىلەر ئاتۇشلۇق قىزلار بىلەن توي قىلماي باشقا يەرلىك قىزلار بىلەن توي قىلسا ئاسانلىقچە چۈشۈنۈشكە ئېرىشەلمەيدىكەن. يەنى خوتۇلىرى تەرىپىدىن چۈشۈنۈشكە ئېرىشەلمەيدىكەن.
دىمەكچى بولغۇنۇم خوتۇن پەرزەنتلىرىدىن 1-2يىل ئايرىلىپ باشقا جايدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا خوتۇن بولغۇچىنىڭ قوللىشى بولمىسا ئىشلار تازا خەيرلىك بولمايدۇ،ياكى ئارقا سەپ خاتىرجەم بولمىسا ئالدىنقى سەپ ئوڭۇشلۇق بولماسلىغى مۇمكىن.
4.ئاتوشلۇق ئاتا-ئانا ئۇرۇغ تۇققانلار قارىماققا پۇل تاپقاننى ياخش كۆرگەندەك بىلىنىدۇ،لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ پۇلغا ئامراقلىغىدىن ئەمەس بەلكى جەمىيەتتىكى توغرا رىقابەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم،توغرا رىقابەت ئۇسۇلى دىگىنىم ؛يەنى ئاتۇشتا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايدۇ،لېكىن ئۈزىدىن ئاجىزلارنى ھەر قاچان يۈلەشنى خالايدۇ.
5.ئاتۇشلۇقلاردىن پۇل سورىسىڭىز بىرىپ تۇرمايدۇ،قانچە يېقىن تۇققان بولۇشىڭىزدىن قەتئى نەزەر.لېكىن يول سورىسىڭىز قولى كۆكسىدە.بۇ يەردە دىيىلگەن يول يوقاردا دىگىنىمدەك مەنىۋى ۋە ماددى ياردەملەر بولۇشى مۇمكىن.

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 11:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشلۇقلار  چېچىلىپ كەتمىسۇن!
مەن جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ... دېگەندەك  ناملارنى ئاڭلىغىنىمدا بىزنىڭمۇ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، كاشغەرلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، خوتەنلىك سودىەەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئىلىلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ... نىڭ بولۇشىنى، شۇ ئارقىلىق مەبلەغ بىرىكتۈرۈپ، يۈرۈشتۈرۈپ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشىنى بەكلا ئارزۇلايتتىم. ئەمما بىزنىڭ سودىگەرلىرىمىز بۇنداق قىلالمىدى، كىمنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى بولۇشى خۇسۇسىدا ككپ باش قاتۇرۇشۇپ ئاخىر بىر يەرگە كېلەلمىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش