يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى پەرۋىش قىلىش ھەققىدە
ئاسگۈل باقى
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدىن)
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دېگىنىمىز، ھامىلە ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ، كىندىك بوغۇلغان ۋاقىتتىن 28 كۈنلۈك بولغۇچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا(ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغانلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە) مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىنمىسا تۈرلۈك يات ماددىلار(ۋىرۇس، باكتېرىيە، پارازىت قۇرت قاتارلىق) سەۋەبلىك، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. ھەتتا كىچىككىنە بەزى كېسەللىكلەرمۇ بوۋاقنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۇمكىن.
دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئوخشاش ئەمەس. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 1~28كۈندە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 20دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدە ئافرىقىدىلا 15 دۆلەت بار. ھەريىلى ئافرىقىدا ئېيىغا توشمايلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بوۋاقلارنىڭ سانى1مىليون160مىڭغا يېتىدۇ. ھالبۇكى مەملىكىتىمىزدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى خېلىلا بېسىپ چۈشتى؛ بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 1~28كۈندە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى‰13.2.(مەنىسى: 1‰=1/1000)
شۇڭلاشقا بوۋاقلارنى مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش نۆۋەتتىكى ئاساسلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە چېتىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1. بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش: بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولمىغان، kg2.5 دىن تۆۋەن بولغان بوۋاق ئۆزىنى ئىسسىتالمايدۇ. بولۇپمۇ ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسسىق ساقلاشتا پاختا، يۇڭ يۆگەكلەردە پۇختا يۆگەش، گىرىلكىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك.
2. مۇۋاپىق ئەمدۈرۈشكە دىققەت قىلىش: ئەمدۈرۈشتە ئانا سۈتىنى ئاساس قىلىش ئانا سۈتى كەمچىل بولسا، كالا سۈتى ياكى ئالىي سۈت پاراشوكنى قوشۇمچە قىلىپ ئەمدۈرۈش كېرەك. بوۋاقنىڭ ئېمىش ئىقتىدارى ئاجىز بولسا نەيچە ئارقىلىق ئەمدۈرسە بولىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان تۈزۈلۈشى تۈز، سىغىمى كىچىك بولۇپ ئەمدۈرگەندىن كېيىن سۈت مىقدارى ئېشىپ كېتىش ياكى ھاۋا سۈمۈرۈۋېلىش سەۋەبىدىن سۈت يېنىپ قېلىشى ياكى قۇسۇۋېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەگەر سۈت يېنىپ قالسا بوۋاقنىڭ بېشىنى ئۈستۈن قىلىپ دۈمبە قىسمىنى يېنىك شاپىلاقلاش لازىم. ئەگەر قۇسۇق كانايدە تۇرۇپ قېلىپ چىقىرالمىسا بالىنىڭ چىرايى كۆكىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ دۈمبىنى شاپىلاقلىسا نەپەس يولى راۋانلىشىپ نەپەس ئەسلىگە كېلىدۇ.
3. تىرە پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تېرىسى بىر قەدەر يۇمران بولۇپ، قولتۇق، بۇيۇن، تېقىم قاتارلىق ئاسان كىر تۇرۇۋالىدىغان ئورۇنلارنى قول بىلەن سۈرتمەي يۇمشاق پاختا رەختلەرنى ئىلمان سۇغا چىلاپ سۈرتۈش، مەشغۇلات قىلغاندا ھەرىكەت يېنىك بولۇش كېرەك.
4. ئېغىز پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئېغىز پەرۋىشى دېگەندە ھەر قېتىم ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئانا كۆكسىنى پاكىز سۈرتۈپ ئەمدۈرۈش چاينى مۇۋاپىق بېرىپ ئېغىز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. بوۋاقنىڭ سوسكا، ئىمزىكى قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەر كۈنى قايناق سۇدا مىكروپسىزلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئېغىز بوشلۇقى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
5. كاسسا پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەش: بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىق مەقئەت ئەتراپىدا تېرە قىزىرىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا تېرىسى يېنىك زەخىملىنىپ سۇ چىقىپ قالىدۇ، بۇ، سۆڭگەچ قىزىرىش ياكى سۈيدۈكتىن بولغان تېرە يۇقۇملىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
چوڭ-كىچىك تەرەت ئىچىدە تېرىنى غىدىقلىغۇچى ماددا بولۇپ. مەقئەت ئەتراپى تېرىسىنى غىدىقلاشتىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈيدۈك لاتىسىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ چوڭ كىچىك تەرەتتىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ يۇمشاق پاختا لاتىلار بىلەن تېرە ئاسرىغۇچى مايلارنى سۈرتۈش لازىم
6. كىندىك پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەش: تۇغۇلغىلى ئۇزۇن بولمىغان بوۋاقلارنىڭ كىندىكى چۈشۈشتىن بۇرۇن يۇيۇندۇرماي بەدەننى ھۆل لۈڭگە بىلەن سۈرتۈپ بېرىش كېرەك كىندىك چۈشكەندىن كېيىن غىدىقلاش كۈچى يۇقىرى بولمىغان بوۋاقلارغا ئىشلىتىدىغان سوپۇنلارنى ئىشلىتىش كېرەك. كىندىك ئۆزى چۈشمىگۈچە مەجبۇر تارتماسلىق ھەر كۈنى %75 لىك ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
7. بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلغاندا تازىلىققا رىئايە قىلىش: ھەر قېتىملىق پەرۋىشى خىزمىتىدىن بۇرۇن قولنى پاكىز يۇيۇپ بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئەگەر پەرۋىش قىلغۇچى يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا بوۋاقلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولسا چوقۇم ئايرىپ داۋالاش ئادەملەرنىڭ كۆپ ئۇچرىشىشىنى چەكلەپ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىش، ئاز ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەمچىكى تۇغۇلۇپ 5-4 كۈندىن كېيىن ئېشىپ يوغىناپ قالىدىغان بولۇپ، بەزىلەردە ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىپ قالىدۇ 10-7 كۈندە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىت بولىدۇ، بۇ ئانا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىكى ئاياللىق گورمون بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە ئۆتۈپ بىر قەدەر كۆپ بولغان گورمون سۈت بېزىنى پەيدا قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئوغۇل قىزلاردا ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ، 2-3 ھەپتىدە يوقىلىدۇ، شۇڭا ھەرگىز سىقماسلىق كېرەك.
8. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى: يېتەرلىك ئۇخلاش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بوۋاقنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا ئۇخلاش ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق خېلى ۋاقىتقىچە كۈندە 22-20 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ، بوۋاق ئۇخلاشقا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرا ℃25-℃24 قىچە بولۇپ بوۋاقنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەسلىك ياكى قېلىن يېپىندۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى بوۋاقنىڭ باش قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا قارىغاندا ℃3 ئەتراپىدا تۆۋەن بولۇپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسا بوۋاق بىئارامسىزلىنىپ نورمال ئۇخلىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەچكە كۈندۈز ۋە كېچىگە نىسبەتەن ئۇقۇم بولمايدۇ، شۇڭا دائىم كېچە-كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ كېچىدە ئويغىنىپ يىغلايدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى: كۈندۈزى بوۋاق ئۈچۈن زىيادە تىنچ مۇھىت ساقلاش ھاجەتسىز، ئۆي ئىچىدە پاراڭلىشىش كېرەك بولسا نورمال پاراڭلاشسا بولىدۇ.
9. بوۋاقنى نورمال كىيىندۈرۈش لازىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ مېتابولىزم ھەرىكىتى تېز بولىدۇ، شۇڭا بوۋاققا كۆپ كىيىم كىيىدۈرۈش ھاجەتسىز چوڭلارغا قارىغاندا بىر قۇر كىيىمنى ئارتۇق كىيىندۈرسىلا كۇپايە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ ئاسان ئاغرىپ قالمايدۇ.
10. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش. تېببىي ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۈندە يۇيۇش كېرەك، كىندىكى چۈشمىگەن بوۋاقلارنى يۇماي ھۆل لۈڭگە بىلەن سۈرتۈپ بېرىش لازىم. بىراق شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلى بوۋاقنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا قاراپ يۇيۇندۇرسا بولىدۇ، يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۈندە 2-1 قېتىمغىچە يۇيۇندۇرۇش كېرەك، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ بۇيۇن قىسمى قولتۇق، تېقىم، يىرىق قىسىملىرىغا مۇۋاپىق ئۇپا سۈرتۈپ قويۇش لازىم. كۈز ۋە قىش پەسلى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃26-℃24 ئەتراپىدا كونترول قىلىپ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇندۇرۇش ئەگەر شارائىت بولمىسا ھەپتىدە 2-1 قېتىمغىچە يۇيۇندۇرسىمۇ بولىدۇ.
11. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن سۇ تولۇقلاش: ئانا سۈتى ئېمىۋاتقان بوۋاق ئۈچۈن سۇ تولۇقلاش ھاجەتسىز، ئەگەر بالدۇر ياكى كۆپ سۇ تولۇقلىغاندا (چاي بەرگەندە) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويۇپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، سوسكا ئېمىدىغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا مۇۋاپىق چاي بېرىپ سۇ تولۇقلاش لازىم. ئەگەر قىزىرىش، تەرلەش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن سۇسىزلانسا ھەر قانداق بوۋاققا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر.
12. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قەۋزىيەت بولغاندا بىر تەرەپ قىلىش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا ئىلمان سۇ بىلەن ياكى پەلكۈچ بىلەن مەقەتنى غىدىقلاش ۋەياكى بارماق بىلەن يېنىك ئۇۋىلاش لازىم، ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا بوۋاقلارغا ئىشلىتىدىغان كەيسەيلۈ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك بىراق كەيسەيلۈنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ،چۈنكى دائىم ئىشلەتكەندە بوۋاق بۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىش ئېھتىمالى بار، ئەگەر بوۋاق دائىم قەۋزىيەت بولسا بالىنىڭ پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسە تەرەت راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى قارمىقىدىكى ساقلىق-ساقلاش ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى