كۆرۈش: 32793|ئىنكاس: 177

ھونولۇلۇ خىياللىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 18:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ ئېلاۋىسى: ئىككى ئاي بۇرۇن  مۇنبەردىن چېكىنىش ئالدىدا رامىزان تۈگىگەندە كىرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنىدىم. مانا ھەش-پەش دېگۈچە گۈزەل رامىزان ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىگە قەدەم قويۇپ روزى ھېيتنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇراۋاتىمىز.بۇ بىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالاھىدە، ھاياجانلىق كۈنلەر. شۇ ۋەجىدىن ئەلكۈيى تورىدىكى كونا يېڭى دوستلارغا سالام بېرىش ئۈچۈن ئەلكۈيى تورىغا روزى ھېيت ھارپىسىدا مۇنبەر ھاياتىمدىكى ئىكىنچى تېمىنى يوللاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. قېرىنداشلىرىمغا سۇنۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ ھېسبايان 2008-يىلى 8-ئايدا يېزىپ ئاخىرلاشتۇرغان "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە" ناملىق كىتابىمنىڭ 6- بابى بولۇپ، بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا تەھرىلەپ ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم ئەلكۈيى تورىدا بۇ بابنىڭ ئەسلى نۇسخسنى ۋە باشقا بىر-ئىككى بابنى چاتما يازما سۈپىتىدە ئېلان قىلىش قارارىغا كەلدىم. گېزى كەلسە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، مەن ساياھەت ئەدەبياتى يېىزىقچىلىقىنى ۋە ئەدەبىي خاتىرە يېزىقچىلىقىنى 2008-يىلى توخىتىتىپ ئىلمي ماقالە ۋە ھېسماقالە يېزىقچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا يازمىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەسلىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىم ئۈچ يىل بۇرۇنقىغا ئوخشماسىلىقى مۇمكىن. يېقىندا مۇنبەرلەرنىڭ رايىنى كۆزىتىپ ئوقۇرمەنلەردە يەنىلا ساياھەت ئەدەبياتى شەكلىدىكى ئەسەرلەرگە مايللىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم، قېرىنداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
                                                        ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونۇلۇلۇ خىياللىرى(1)
                                                                 6-باب: پروفېسسورلىرىم نېمە دەيدۇ؟

          ئۆزىمىز تونۇش بىر ئۆيگە كىرسەك ، ئۆيدە يېڭىدىن پەيدا بولۇپ قالغان چىراغ ، رەسىم، سائەت دېگەندەك نەرسىلەرنى ئوڭايلا بايقىۋالىمىز. ئەمما ، ئۆزىمىزگە تونۇش ئۆيدىن يۈتكەن نەرسىلەرنى بايقاش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس . كۆزلىرىمىز ، قۇلىقىمىز يېڭىدىن پەيدا بولغان ئادەملەرگە ، نەرسىلەرگە سەزگۈر؛ لېكىن ئارىمىزدىن يۈتكەن ئادەملەرنى ، نەرسىلەرنى دەرھال ھېس قىلماق ئاسان ئەمەس. بەزىدە مەلۇم قىممەتلىك ئادەم ياكى نەرسە ئارىمىزدىن يۈتۈپ نەچچە ھەپتە ، نەچچە ئاي ، ھەتتا نەچچە يىل ئۆتكەندىمۇ بىز ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنىڭ قانچىلىك بوشلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيمىز. بۈگۈن ئۇيغۇرلار قىممىتىنى دەرھال ھېس قىلالمايۋاتقان، ئەمما يوقلۇقى بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تېيىز – چوڭقۇرلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىجتىمائىي توپ بار . بۇ ئىجتىمائىي توپ دەل ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، شەرىپىدىن ئۆمەر ، خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايۇپ قاتارلىق ۋاپاتى بىلەن ھەم مۇنبەردە ھەم مەتبۇئاتتا زور يوقىتىش پەيدا قىلغان كلاسسىك زىيالىيلار توپىدۇر. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئىلىم ھەم پەزىلەت بابىدا يېتىلگەن پروفېسسورلارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىم دەل زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ئورنى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان چاغلىرىم بولغاچقا، مەكتەپتە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپلا يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ باشقا پروفېسسورلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدىم.

       تۇنجى بولۇپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم (advisor)، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى (Graduate Chair) دوكتور سۈن كىچەي (Sun–ki chai) بىلەن كۆرۈشتۈم . ئۇ – ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Starford University) دا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ، چىرايىدىن ھەمىشە يېقىملىق تەبەسسۇم كەتمەيدىغان 45 ياشلار چامىسىدىكى سالاپەتلىك ئادەم ئىدى. مەن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىشلەيدىغان پروفېسسورلارنىڭ سېھرىي كۈچى، پەزىلىتى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئىجابىي باھالارنى، تەرىپلەرنى ئاڭلىغاندىم. كورىيە قان سىستېمىسىدىن بولغان، باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە پۈتۈنلەي ئامېرىكا مائارىپىنى قوبۇل قىلغان يېتەكچى پروفېسسورۇم سۈن كىچەيدە تەسەۋۋۇرۇمدىكى پروفېسسورلارنىڭ جىمى ئالاھىدىلىكلىرى تېپىلاتتى . پەقەتلا ئۆڭى ۋە كورىيە فىلىملىرىدە جىق كۆرگەن مۇلايىم، ئېغىر – بېسىق ، كىنو چولپانلىرىغا خاس سالاپىتى ئۇنى خىيالىمدىكى ئاق تەنلىك پروفېسسورلاردىن سەل پەرقلەندۈرۈپ تۇراتتى.

       ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا مەسئۇل خادىم تېپىپ بەرگەن ئېلخەت ئادرېسى بويىچە دوكتور سۈن كىچەيگە خەت يازدىم . پروفېسسور ئەتىسى ئەتىگەندىلا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. جاۋاب خەتتە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقتىمنىڭ بار – يوقلۇقىنى سوراپتۇ . ۋاقتىم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يېزىۋەتتىم. چۈشكە يېقىن سىم – سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى . مەن بالكونى ئوچۇق ئاشخانىمىزغا بالدۇرراق چىقتىم – دە ، چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلغاچ پروفېسسور مەندىن سوراپ قېلىش ئېھتىمالى بار سوئاللارنى پەرەز قىلىپ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . ئەمما سەل _ پەل جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. سەۋەبى : بىرى ، مېنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاللىغىنى دەل مۇشۇ پروفېسسور بولۇپ ، سوئالىغا لايىقىدا جاۋاب بېرەلمەي قالسام سەت بولارمۇ دەپ ئەندىشە قىلاتتىم . يەنە بىرى ، تۇنجى ئۇچرىشىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سۆھبەت داۋامىدا ئۆزۈمنى قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭلۈمدىكىدەك ئىپادە قىلالىشىم ۋە ئۆزۈم تاللىغان «كىملىك ۋە شەھەرلىشىش» تېمىسى ھەققىدە قانچىلىك تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىم پروفېسسورنىڭ ماڭا بولغان چۈشەنچىسىدە مۇھىم رول ئوينايتتى . يەنە كېلىپ ، جىددىيلىشىشىمگە ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا پسىخىكامدا تەبىئىي ھالدا يىلتىز تارتقان ئامېرىكا پروفېسسورلىرىنى چوڭ بىلىش ھېسسىياتىمۇ سەۋەب بولۇۋاتاتتى .

        يېتەكچى پروفېسسورۇم بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىمىز ئۆزۈم ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك تەبىئىي ۋە ئوڭۇشلۇق بولدى . پروفېسسورنىڭ مېنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشخانىسىغا باشلىشى بىلەن جىددىيلىكىم سەل پەسەيگەندەك بولدى . مېنى ھەيران قالدۇرغان نۇقتا شۇ بولدىكى ، مۇلايىملىق ۋە سىيلىقلىق ئاياللارنىلا ئەمەس ئەرلەرنىمۇ ئاجايىپ زور سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن . پروفېسسور سۈن كىچەينىڭ چىرايىدىكى تەبىئىي كۈلۈمسىرەش ، گەپ قىلغان ئاھاڭىدىكى ، يۈرۈش – تۇرۇشىدىكى سىپايىلىك تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىلا ماڭا بۆلەكچە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى ھەم جىددىيلىكىمنى سەل – پەل بولسىمۇ يەڭگىللەتتى .

- ئاۋۋال بىر ئىستاكاندىن قەھۋە ئىچەيلى ، – پروفېسسور بىر دەمدىلا ئىككى ئىستاكان قەھۋە دەملەپ بىرىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ، بىرنى ئالدىمدىكى ئورۇندۇققا قويدى .

- سىز تولۇق كۇرستا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇماپتىكەنسىز ، – دېدى پروفېسسورۇم قەھۋەدىن ئوتلىغاچ ، – ئەمما شەخسىي بايان (Personal Statement)① ىڭىزدىكى بەزى قاراشلىرىڭىز ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن قىلغان ئىشلىرىڭىز مېنى قىزىقتۇردى . بەلكىم ، «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا مەسئۇل دوكتور كىم سىمول سىزگە دېگەن بولۇشى مۇمكىن ، سىزنى مەن تاللىغان .

- رەھمەت ، – دېدىم مەن تەمى قىرتاق ، ئەمما باھاسى قىممەت قەھۋەنى (باھاسىنىڭ قىممەتلىكىنى كېيىن ئۇقتۇم . ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ھەرقانچە قىلىپمۇ قەھۋە ئىچىشكە كۆنەلمىگەنىدىم) بايقىماستىن گۈپپىدە ئېچىپ سېلىپ ، – مېنى سىزنىڭ تاللىغانلىقىڭىزنى كىم سىمول ماڭا ئېيتقان .

- «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئاسان قولىغا كېلىدىغان پۇرسەت ئەمەس . سىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .

- رەھمەت ، – دېدىم پروفېسسورنىڭ گېپىدىن ئىلھاملىنىپ ، – جەمئىيەتشۇناسلىق بىزدە بىر بوشلۇق . بىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن جاۋاب ئىزدەيدىغان تېمىلار بەك جىق . بۇرۇن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇمىغان بولساممۇ ، «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا تاللانغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە خېلى ئىزدەندىم ، تىرىشىپ ئوقۇيمەن .

جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى كىملىك تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلىقىمدىن پروفېسسورنىڭ خەۋىرى بار ئىكەن . ئۇ گەپ ئارىلىقىدا قايسى نۇقتىنى تۇتقا قىلىدىغانلىقىنى سورىدى . مەن «شەھەر ئۇيغۇرلىرى ۋە كىملىك» دېگەن تېمىدا ئىزدىنىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم . ئەسلى پروفېسسورمۇ كىملىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ۋە بۇ ساھەدە «كىملىكنى تاللاش» (Choosing Identity) دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغانىدىكەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بىرەر تۇغقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بىرەر مىللەتتىن بولۇپ قالسا ، ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى شۇ مىللەتنىڭكىگە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىدىن پۇشايمان قىلىدىغان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس . ئەمەلىيەتتە بۇ بۈگۈنكى تۈرلۈك جىددىي كرىزىس ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كاپىتالى نۇقتىسىدىن ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە بۇ ھادىسىنىڭ شەخسنىڭ سۇبيېكتىدا سېنتىزلاشتىن ئۆتۈپ ئىجتىمائىي رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى . بۇ ھەقتىكى بايانلار پروفېسسور سۈن كىچەينىڭ يۇقىرىقى كىتابىدا بار بولۇپ ، ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىلىق بولۇشقا نېمە ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقى ، ئەمما ئامېرىكانلارنىڭ دۇنيانىڭ نەرىگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆز كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كىملىك ھادىسىسىنىڭ چوڭقۇر سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنغانىدى . كىملىكنى تاللاش ئەمەلىيەتتە ھوقۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى .

پروفېسسور سۈن كىچەي بىلەن يېرىم سائەتكە يېقىن پاراڭلاشتۇق . ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر پىكىردىن كۆرە ئادەمگە ئۈنسىز تەربىيە بېرىدىغان سىپايىلىكى ۋە كۆڭۈلچەكلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بىرەر نۇقتىدا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغىنىمدا ياكى ئۆزۈمگە تازا تونۇشلۇق بولمىغان تېمىلاردا ئويلىنىپ قالغىنىمدا، پروفېسسور مېنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن گەپنىڭ تېمىسىنى مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەزمۇنغا يۆتكەيتتى. بۇ ھالدا مەنمۇ ئۆزۈمنى دەرھال ئوڭشىۋالاتتىم – دە ، يەنە بىر تېمىنى چۆرىدەپ بولۇۋاتقان پاراڭغا دەرھال كىرىشەلەيتتىم . ئارىلىقتا ئائىلە ئەھۋالىم ، قىزىقىشىم ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم خۇسۇسىدا پاراڭلار بولۇندى . سۆھبىتىمىز ئاخىرلىشىدىغان چاغدا مەن ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر داپ بىلەن بىر ئايالچە دوپپىنى خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە پروفېسسورغا سۇندۇم :

- ئاددىي بولسىمۇ قوبۇل قىلىڭ . بۇ چالغۇنىڭ ئىسمى داپ ، ئۇيغۇر سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چالغۇ . بۇ باش كىيىمنىڭ ئىسمى دوپپا ، ئۇنى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز قولى بىلەن تىككەن . بۇ دوپپىنى ئايالىڭىزغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەنىدىم .

پروفېسسور «نېمىدېگەن چىرايلىق!» دەپ دوپپىنى سىيلاپ كەتتى ۋە ماڭا قايتا – قايتا رەھمەت ئېيتقاچ داپنى تاراڭشىتىپ باقتى . پروفېسسور دوپپىنى سىيلاۋاتقان شۇ دەقىقىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى» ناملىق كىتابىدىكى دوپپىلارنىڭ ياپونىيىگە كەلگۈچە بويىقى چىقىپ ئادەمگە بەرگۈسىز بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار ئېسىمدىن كېچىپ ئۈلگۈردى. پروفېسسور دوپپىنى كىتاب جاھازىسىغا تىزدى، داپنى ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا ئاستى ۋە ھېسسىياتلىق قىلىپ : «مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن! سىز جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ھەم مېنىڭ قولۇمدا تەربىيىلىنىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر بولدىڭىز . سىز بەرگەن بۇ يادنامىلار ماڭا ئۇيغۇرلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ!» دېدى . ئامېرىكانلار ئادەمنى گەپ ئارقىلىق خۇش قىلىشنى بىلەتتى. يېتەكچى پروفېسسورنىڭ يۇقىرىقى گېپى مېنى خۇشال قىلدى.

خوشلىشىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم ؛ پروفېسور ئىشىك تۈۋىگىچە ئۇزىتىپ چىققاچ نېمە ئىش بولسا تارتىنماي ئۆزىگە دېيىشىمنى تاپىلىدى ۋە گېپىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۆزۈم قىزىققان «شەھەرلىشىش ۋە كىملىك» دېگەن تېما ھەققىدە قورقماي ئىزدىنىشمنى ئېيتتى. پروفېسسورۇمنىڭ ئىشخانىسىدىن جىددىيلىكىم يوقالغان، ئىلھام ۋە كۈچكە تولغان ھالدا روھلۇق يېنىپ چىقتىم . قايتقۇچە بىر پروفېسسوردىكى پەزىلەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭمۇ ئوقۇغۇچىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم . پروفېسسور پەزىلەتنىڭ ئۈنسىز تەربىيىدىكى رولىنى ماڭا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا ھېس قىلدۇرۇپ تۇردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2007 – يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا قىلغان ياخشىلىقى مەندە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى .

2007 – يىلى 22 ، ماي – مەن يازلىق تەتىلدە ئائىلەمدىكىلەرنى يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىدىغان كۈن ئىدى . ئايروپىلان ھونولۇلۇ ۋاقتى سائەت بىردە ئۇچاتتى . يۈك – تاقلىرىمنى ئېلىپ ماڭىدىغان ماتېرىياللىرىمنى تەكشۈرۈۋېتىپ تۇيۇقسىز يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمدىن خەت ئېلىۋالمىغانلىقىمنى بايقىدىم . ئادەتتە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ زىيارەتتىكى ئىلىم ئىگىلىرى(访问学者 ,Visiting Scholar)گە بېرىلىدىغان J-1 تىپلىق ۋىزىسى يىلدا بىر بېرىلىدىغان بولۇپ ،  قايتاشىمدا يەنە ۋىزا ئىلتىماس قىلىشىم كېرەك ئىدى . ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان ھۆججەتلەر قاتارىدا فاكۇلتېتنىڭ خېتىنى ئېلىۋېلىشىم كېرەك ئىدى .  جىددىيلەشتىم ، بۇ چاغدا ئەتىگەن سائەت توققۇز بولغان بولۇپ ، ئايروپىلان ئۇچۇشقا يەنە تۆت سائەت ۋاقىت قالغانىدى . قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جىددىي ئويلاندىم . ئېلخەت يازسام ئۈلگۈرمەيتتى . نائىلاج پروفېسسورنىڭ يانفونىغا تېلېفون بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم .

- ياخشىمۇسىز، پروفېسسور؟ – دېدىم تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن ، – سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى .

- مەن ئىشخانىدا ئەمەس ، – قارشى تەرەپتىن جاۋاب كەلدى ، – نېمە ئىشتى؟

- قايتاشىمدا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىپ قايتىدىن بىر يىللىق ۋىزا ئېلىشىم كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن فاكۇلتېتنىڭ مېنىڭ بۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلىقىم ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خېتىگە مۇھتاج ئىدىم .

- نېمىشقا بۇرۇنراق ئالاقە قىلمىدىڭىز؟ – دېدى پروفېسسور تېلېفوندا ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا .

- ئالدىراشلىقتا ئۇنتۇپتىمەن ، – دېدىم مەن ئوڭايسىزلىنىپ ۋە ئۇنتۇغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدە ئۆزۈمگە كايىپ ،  – كەچۈرۈڭ پروفېسسور ، بۇنداق قىلمىسام بولاتتى .

- مەن ھازىر ئۆيدە ، – دېدى پروفېسسور، – ئۆيۈمدىن مەكتەپكىچە 15 مىنۇتلۇق يول، ئىشخانىغا بېرىڭ ، مەن تونۇشتۇرۇش خېتىنى چىقىرىپ بېرەي .

«رەھمەت» دەپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويدۇم . پروفېسسورنىڭ ئىشخانىسىدىن كومپيۇتېردا ئۇرۇلۇپ تامغا بېسىلغان خەتنى ئېلىپ ياتىقىمغا قايتقۇچە پەزىلەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىگە ئۈنسىز تەربىيە بېرەلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم . ئۈرۈمچىدىكى بەزى كەچمىشلىرىم ئېسىمدىن كەچتى . ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئالدانغانلىرىمدا، خاتا چۈشىنىلگىنىمدە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغىنىمدا ئەتراپىمدىكى ئاز بىر قىسىم ئادەملەردىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدىم ۋە تەبىئىي ھالدا : «ئەسكى ئادەملەر ئارىسىدا ياخشى پۇقرا بولۇش ئەخمەقلىقمۇ نېمە!» دېگەندەك ئويلاردىنمۇ خالىي بولالمىغانىدىم . شۇ تاپتا پروفېسسور ئاددىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ ئويۇمنىڭ تەلتۆكۈس خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، پەزىلەتنىڭ كۈچى ھەققىدە ئۈنسىز دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ماڭا ئەسكىگە ئەگىشىپ ئەسكى بولۇشنىڭ ياكى جەمئىيەتتىن قاقشاپ ئۆز ھەرىكىتىنى مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئۆزلۈكىگە قايتىش، چىن تۇيغۇلىرىنى تېپىۋېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر ئادەم ئۈچۈن ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.



2



مەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، دەرسىنى ئاڭلىغان ئىككىنچى پروفېسسور ماڭا كۈزلۈك مەۋسۈمدە «جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىدىن ئومۇمىي بايان» دېگەن دەرسىنى ئۆتكەن ئايال پروفېسسور، دوكتور ناندىتا شارما (Nandita Sharma) . ئىسمىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ، ئۇ ھىندى قان سىستېمىسىدىن بولۇپ ، 40 ياشلار چامىسىدىكى ۋىجىك ، پاكار ئايال ئىدى .  ئۇ دۇنيادىكى مەشھۇر 100 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىدە (2006 – يىلدىكى سىتاتىستىكا) 19 – ئورۇندا تۇرغان كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ ، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىشتىن بۇرۇن كانادا يورك ئۇنىۋېرسىتېتى (York University) دا نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ، «دۆلەت ئىچى ئىگىلىكى» (Home Economics) دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرغانىدى .  دوكتور ناندىتا شارمانىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ چىرايىدىن ھىندىلارنىڭ تىپىك چىراي ئالاھىدىلىكى تېپىلاتتى . تۇرۇقىدىن قارىسا ھېچكىمنىڭ پروفېسسور دېگۈسى كەلمەيدىغان بۇ ۋىجىك ئايال چاققان كىيىنىشلىرى ، ياغاق يۈزى ۋە ئەرلەردەك كۆينەك ، ئىشتان كىيىپ يۈرۈشلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى . تۇنجى قېتىم دەرس تىزىملىكىدە Sharma دېگەن ھىندىچە ئىسىمنى كۆرۈپ سەل ئۈمىدسىزلەندىم . سەۋەبى، ھىندىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ، ئۆز تىلىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئاسان ئاڭلىغىلى بولمايتتى؛ يەنە كېلىپ مەن ئاق تەنلىك پروفېسسورلاردىن دەرس ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايتتىم. ئۇنىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلاپلا بايىقى ئەندىشەمنىڭ ئورۇنسىز ۋە ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دوكتور ناندىتا شارما ئىنگلىز تىلىنى ساپ ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا ناھايىتى ئوچۇق ھەم چىرايلىق سۆزلەيتتى؛ پات – پاتلا قىلىۋاتقان گېپىدە ئادەمنىڭ ئېسىگە كەلمەيدىغان تېرەن پىكىرلەر بىلەن كاللامنى ئېچىپ مېنى خىياللار قوينىغا غەرق قىلاتتى . كېيىن بىلسەم ، بۇ ئوقۇتقۇچىمىز كانادالىق مەشھۇر ئايال جەمئىيەتشۇناس، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق پروفېسسورى، ئاياللار نەزەرىيىسىدە يېڭى يول ئاچقان دوروسى سىمىس (Dorothy Smith) نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن . دوروسى سىمىس ئاياللارنىڭ بەدىنى بىلەن سىياسىي ھوقۇقىنى باغلاپ ئۆز ئالدىغا نەزەرىيە سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ ، 1996  – يىلى «ئاياللار نەزەرىيىسى (Feminism Theory) بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىق  نەزەرىيىسىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى» دېگەن باھا بىلەن ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىغا نائىل بولغانىدى . دوكتور ناندىتا شارما دەرس ئارىلىقىدا ئۇستازى دوروسى سىمىسنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئالاتتى . ئىنتوناتسىيىسىدىن ئۇنىڭ ئۇستازىدىن قانچىلىك پەخىرلىنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى . دوكتور ناندىتا شارمانىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆتكۈر پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ، ئىلغار زىيالىيلارنىڭ تەلىمىنى ئالغان ئادەمنىڭ ھامان ئىدىيىدە چاقنايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پاكىت مەلۇم بولۇپ تۇراتتى.

ناندىتا شارمانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى بىر مەسىلىگە بولغان قارىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا ۋە كۈتمىگەن نۇقتىدىن پىكىر قىلىشىدا ئىپادىلىنەتتى . ئۇ 2007 – يىلى باھار مەۋسۈمى (spring semester) دە تەشكىللىگەن «مىللەت ، ئىرق ، سىنىپ» (Nation, Race, Class) دېگەن سېمنارىيىسى (Seminar)② دە ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە ، قايىل قىلارلىق قاراشلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلدى . ئارىلىقتا ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ھەققىدە ئېيتقان بەزى قاراشلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى . ئادەتتە مەن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۆز مىللىتىگە مۇھەببەت باغلاشنىڭ زىيىنى يوق دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، دوكتور ناندىتا شارما مىللەتپەرۋەرلىك (Nationalism) نى پۈتۈنلەي زىيانلىق پسىخىكا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.- پروفېسسور، سىزنىڭ زىيانلىق دەپ قارىۋالغىنىڭىز مىللەتپەرۋەرلىك ئەمەس مىللەتچىلىك (ethnocenterism) بولسا كېرەك ، – دېدىم مەن چۈشىنەلمەي . چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «مىللەتچىلىك» سۆزى سەلبىي مەنىدە ، «مىللەتپەرۋەرلىك» سۆزى ئىجابىي مەنىدە ماڭاتتى.

- ياق ، مىللەتپەرۋەرلىك ، – دېدى ناندىتا شارما ، – ھازىرقىدەك ھەمكارلىق تەكىتلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ئۆز مىللىتىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش – بىر چاكىنىلىق ھەم زىيىنى  كۆپ پسىخىكا . ئىككىنچى دۇنيا بالايى – ئاپەتلىرى ۋە فاشىزمنىڭ دۇنياغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى چاكىنا مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ نەتىجىسى . مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش ئۈچۈن مىللەت ئۇقۇمىنىڭ مېغىزىنى چۈشىنىش كېرەك . بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ، بېندىكت ئاندېرسون (Bendict Anderson) نىڭ «تەسەۋۋۇردىكى جامائەتچىلىك» (imagined communities) دېگەن كىتابىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى قايىل بولمىغان يەرلىرىم خۇسۇسىدا پروفېسسور بىلەن ئۇزۇنراق پىكىرلىشىشكە مۇمكىن بولمىدى . ئەمما ، دوكتور ناندىتا شارمانىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئەتىسى كۇتۇپخانىدىن بېندىكت ئاندېرسوننىڭ «تەسەۋۋۇردىكى جامائەتچىلىك» دېگەن كىتابىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇدۇم . بۇ كىتابتىكى نۇرغۇن يېڭى قاراشلار مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى . بېندىكت ئاندېرسوننىڭ بۇ كىتابى 1983 – يىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان قايتا – قايتا بېسىلىپ مىللەت ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق ھەم ئەڭ جىق سىتاتا ئېلىنىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى . كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئويلىنىش» دەپ قويۇلغانىدى . كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى – «مىللەت – تەسەۋۋۇردىكى جامائەتچىلىك» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى . بېندىكت ئاندېرسون ئۆز كىتابىدا قاراشلىرىنى مۇنداق شەرھىيلەيدۇ: «مىللەت شۇنىڭ ئۈچۈن تەسەۋۋۇرىدىكى جامائەتچىلىك ئىكەنكى ، ھەممە مىللەت ئەزالىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ، بىر – بىرىنى تونۇپ بولالمايدۇ . لېكىن ، ئۇلار خىيالىدا ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر توپنىڭ ئەزالىرى دەپ تونۇيدۇ . مىللەتپەرۋەرلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنى ئەزەلدىن مەۋجۇد دەپ قاراشسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مىللەت – ھازىرقى زاماندىكى ئىنقىلابلارنىڭ نەتىجىسى . يېزىق ، مەتبەئە مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ، ساۋاتلىقلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ھازىر كىشىلەر ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر سىياسىي جامائەتچىلىكنىڭ ئەزالىرى دەپ قارايدىغان  بولدى.»

ناندىتا شارمانىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى شۇ ئىدىكى ، ئۇ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن شۇ تېمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىدىغان نادىر كىتابلارنى تونۇشتۇراتتى ۋە ئوقۇپ كېلىشىمىزنى تاپىلايتتى . مەن بۇ جەرياندا دوكتور ناندىتا شارمانىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) نىڭ مەشھۇر پروفېسسورى جەمېس سىكوت (James Scote) نىڭ «دۆلەتكە ئوخشاپمۇ تۇرىدۇ» (Seeing Like a state)، فرانسىيە مۇتەپەككۇرى ئېتېيىن بالىبار (Etein Balibar) بىلەن ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى ۋاللېر ستەيىن (Waller Stain) نىڭ «مەۋھۇم كىملىك» (Ambiguous Identity) دېگەن كىتابلىرى بىلەن ئۇچراشتىم ۋە بۇ كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا دوكتور ناندىتا شارمانىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىنى – تەييار بىلىمنى سۆزلەش ئەمەس ، مەلۇم تېمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كەڭ ئۇچۇر زاپىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىنى ئېچىشىغا، مۇستەقىل پىكىر قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدىم .

مەنبەسى: ئۆزۈمنىڭ "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە" ناملىق كىتابى. داۋامى ھەر بىر سوتكىدا بىر ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. ئەسلى نۇسىخسى بويىچە يوللانغان بۇ  يازمام ئەلكۈيى تورىغا مەنسۇپ بولۇپ خالىغانچە يۆتكەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

داۋامى بار

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 19:01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلۈك ھەققىدە چەتئەل بىلەن دىيارىمىزنى ، باشقا مىللەتلەر بىلەن مىللىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەپەككۇر قاتلاملىرىغا چۆمدۈرگەن ماقالىلىرىڭىزنى بۇرۇندىن ئوقۇپ كېلىۋاتاتتۇق . يۇقىرىقى ئەڭ يېڭى چەتئەل ھاسىلاتلىرىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر . مۇمكىن بولسا داۋاملىق يوللاپ تورداشلارنى ئۆزلۈك ھەققىدە ئىزدىنىشكە ، ئاڭ-تەپەككۇرنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
يازمىنى تەپسىلى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاپ ، ئىنكاس سالمىقى زورىيىشى مۇمكىن ...

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
801
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 19:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالدى بىلەن ئۇيغۇرزادە ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ كىتابىڭىز توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بەرگەنىدىڭىز، مۇنبەردە پارچىسىنى ئوقۇش نېسىپ بوپتۇ، ئاللاھ خالىسا ئۆزلۈك ۋە كىملىكتىن كېيىنكى يەنە بىر ھەقىقىي چەتئەل قىرغاقلىرىدىن سېلىنغان ئۆزلۈك نەزەرلىرى بىلەن سىردىشىش نېسىب بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
سىزگە يەنە بىر سالام، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.

UID
14211
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 20:27:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە،ھېسماقالە دېگەن قانداق ماقالە؟

UID
4384
يازما
92
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2672
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 21:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئەسىرىنى بۇ يەردە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم.
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ قىزغىن بىر ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمەن مۇئەللىم.
ئەسەرلىرىڭىزنى ئەلكۈيىدە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

UID
10479
يازما
98
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2141
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-31
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 23:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا . يازمىللىرىڭىزغا تەشنا بولۇپ تۇرغانتۇق .      رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

UID
2549
يازما
101
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3501
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-15
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 00:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زادەنىڭ  تېتىملىق تىمىللىرى بىلەن رامىزاننىڭ ئاخىرىلىرىنى ئۆتكۈزگىدەكمىز...ھارماڭ مۇئەللىم........................

ئۈرۈمچىدىكى بەزى كەچمىشلىرىم ئېسىمدىن كەچتى . ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئالدانغانلىرىمدا، خاتا چۈشىنىلگىنىمدە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغىنىمدا ئەتراپىمدىكى ئاز بىر قىسىم ئادەملەردىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدىم ۋە تەبىئىي ھالدا : «ئەسكى ئادەملەر ئارىسىدا ياخشى پۇقرا بولۇش ئەخمەقلىقمۇ نېمە!» دېگەندەك ئويلاردىنمۇ خالىي بولالمىغانىدىم . شۇ تاپتا پروفېسسور ئاددىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ ئويۇمنىڭ تەلتۆكۈس خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، پەزىلەتنىڭ كۈچى ھەققىدە ئۈنسىز دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ماڭا ئەسكىگە ئەگىشىپ ئەسكى بولۇشنىڭ ياكى جەمئىيەتتىن قاقشاپ ئۆز ھەرىكىتىنى مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئۆزلۈكىگە قايتىش، چىن تۇيغۇلىرىنى تېپىۋېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر ئادەم ئۈچۈن ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى....................

مەنچە بۇلارنى بەك كىچىكىپ ھىس قىپتىكەنسىز........مەن سىزنى ئۈرۈمچىدىكى چاغلىرىدىلا ھىس قىلىپ بولىشى كىرەك دەپ بىلەتتىم......
ئاخىرىغا تەشنامەن

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ھۆكۈمران

UID
2173
يازما
39
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1149
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 01:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادىنىڭ كىشىنى ئويغا سالىدىغا ماقالىلىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ماقالىسىگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن .
تېما ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىمنى كېيىنچە يازاي .

ئەركىنلىك ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك  .

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 02:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىmaxal20 يوللىغان 2011-08-21 19:20 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالدى بىلەن ئۇيغۇرزادە ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ كىتابىڭىز توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بەرگەنىدىڭىز، مۇنبەردە پارچىسىنى ئوقۇش نېسىپ بوپتۇ، ئاللاھ خالىسا ئۆزلۈك ۋە كىملىكتىن كېيىنكى يەنە بىر ھەقىقىي چەتئەل قىرغاقلىرىدىن سېلىنغان ئۆزلۈك نەزەرلىرى بىلەن سىردىشىش نېسىب بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
سىزگە يەنە بىر سالام، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنىم مەشئەل. مالايىسيادىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ ئۆيگە ئامان-ئېسەن قايتىۋالدىڭىزمۇ؟ ئشىلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقتىم كۆپ چاغلاردا مۇنبەردە خېلى ئۇزاق تۇراتتىم. ھازىر ۋاقىت سەل قىس، كۈندە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى ئارىلايدىغان ۋاقتىم بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ. يازمىنىڭ ئىملالىرىنى توغرىلاش، جۈملىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا  بۆلۈپ يوللاشقا، ھەر بىر ئابزاسنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈشكە توغرا كەلدى.  داۋامىنى كېچىكتۈرمەي يوللايمەن. ساقلىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 03:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىfaniy يوللىغان 2011-08-21 20:27 غا قارتىلغان  :
ئۇيغۇرزادە،ھېسماقالە دېگەن قانداق ماقالە؟
       ماقالە شەكلىدە يېزىلغان، ئەمما رەسمىي ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان، ھېسسىيات قېتىلغان ماقالە. نۆۋەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋيىسى ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجى يەنىلا بۇنداق ماقالىلەرنىڭ  ئاز-تولا يېزىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالە بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋاقتىلىق ئسىمنى قوللىنىپ تۇردۇم.جۈملىدىن مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازملىرىم ئىلمىي ماقالە، ھېسماقالە، ھېسباياندىن ئىبارەت ئايرىم-ئايرىم ئۈچ شەكىلدە يېزىلىدۇ.
             ئەسلى مۇناسىۋەتلىك  ئاتالغۇلاردا ئىچنكىلىشىشىمىز كېرەك ئىدى. بىزدە ماقالە دېگەن سۆزنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسىدە پاخالىشىش بولدى، ماقالە ئۆلچمىگە چۈشمەيدىغان نەرسىلەرمۇ قارا-قويۇق مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئاتالدى. بۇنداق بولسا بولمايدۇ.          
          يەنە بىرسى ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىمىنىمۇ قايتا دەڭسەپ كۆرشىمىز كېرەك.  مەن ئىلمىي ماقالىنى ئۇنداق ئاسان چۈشەنمەيمەن. ئۇيغۇرلاردا تەبىئىي پەندە قانداق بىلمىدىم، ئىجتمائىيەت، ئادەمىيات پەنلىرى ساھەسىدە ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالىلەر بارماق بىلەن سانىغاننىڭ ئورنىدا ئاز(مەسىلەن، مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە خەمىت تۆمۈر بىرلىشىپ يازغان "چاغاتاي تىلى ھەققدىكى قاراشلىرىمىز" قاتارلىق ماقالىلەردەك).بىدە ئىلمىي ماقالە دەپ يېزىلۋاتقان ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ھېسماقالىدۇر. ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالە بولۇش ئۈچۈن تەتقىقات سوئالى بولۇش، تەتقىقات قىممىتى بولۇش، نەزەريىۋىي چوڭقۇرلۇق بولۇش، دەلىل ئسىپات بولۇش، دەلىل-ئسپاتنى توپلايدىغان مېتودكا بولۇش، ئېنىق نۇقتنەەر بولۇش، پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇش ۋە باشتىن ئاخىر باش تېمىدىن چەتنىمەي، ھېسسيات ئارىلاشتۇرماي ئىزچىل پىكىر قىلىش قاتارلىق ئۆلچەملەرگە چۈشۈشى كېرەك.
           ئۆزۈمنىڭكىگە كەلسەم، ئوي-تەسىراتلىرىمنى بايان شەكلىدە ئۇدۇل، تۈز ئوتتۇرىغا قويىدىغان يازمىلارنى بۇ تېمىدىكىدەك ھېسبايان دەپ ئاتىدىم. يازملارنى  بۇنداق كاتېگورىيەىگە ئايرىش باشقىلارغا ئەھمىيەتىسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، يازملىرىمنى رەتلەپ ئارخپلاشتۇرش،   ئوخشمىغان ئېھتياج ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكلىدىكى يازمىلارنى نشانلاپ يېزىش زۆرۈريىتىنى ئويلاشقاندا مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئاتالغۇلار ۋاقتىلىق ئاتالغۇ بولۇپ، ئۆزۈم ئۈچۈن مۇھىم ۋە زۆرۈر، باشقىلارغا تېڭىش نىيىتىم يوق.
       سىز سورىمىغان بولسىڭىز ئەسكەرتىش بەرمەي ئۆتۈپ كېتەرمەنكەنمەن. بۇنى ئسېىمگە سالغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئامان بولۇڭ.
    قالغان قېرىنداشلىرىمغىمۇ رەھمەت.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش