- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 53
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1615
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-25
- UID
- 10177
- يازما
- 53
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1615
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-25
- توردا
- 0 سائەت
|
ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق بولسا، ئوقۇماسلىق كېرەك! (1) كوزىچى يار بېشىدا ساپالچىلىقنى ئوقۇش، (2) تۆشۈك دەرۋازىدا ناۋايلىق قىلىشنى ئوقۇش، (3) خام بازىرىدا...نى ئوقۇش،(4)... دە بورا توقۇشنى ئوقۇش.... دە سېۋەت توقۇشنى ئوقۇش....دە ئات-ئىشەككە تاقا قېقىشنى ئوقۇش....كېرەك، شۇنداقمۇ؟!
ئامېرىكىلىق قارا يۇلتۇز رايىس توغرىلىق يېزىلغان بىر كىتاپقا ئۇنىڭ مۇنۇ گەپلىرى قىستۇرۇلۇپتۇ : بىز (قارا تەنلىكلەر)ئاق تەنلىكلەردىن بىر ھەسسە ئارتۇق تىرىشساق ئۇلار بىلەن تەڭ بولىمىز، ئىككى ھەسسە ئارتۇق تىرىشساق ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىمىز.
نىمىدە تىرىشىدۇ؟ ئاۋال ئوقۇشتا، مۇشۇ زامان ئىنسانلىرى ئېرىشكەن بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتە تىرىشىدۇ.
بىز بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت بۇيرىغاننى ئوقۇۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، يۇرتىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئانچە-مۇنچە ماس كېلىدىغان بىلىملەرنى ئوقۇۋاتىمز. لېكىن ھەرقانداق بىلىم شۇ بىلىمنى ئالغان شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەڭ ئاۋال پايدىلىق بولۇشى يەنى جانغا ئەسقېتىشى كېرەك، ئەسقاتمىسا ئۇ مەنىۋى ئەخلەت ھىھاپلىنىدۇ (ھىچ بولمىسا ھازىرچە ئەخلەتتۇر).
ئەسقاتمىغان بىلىم كىشىنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ. سەرپ قىلغان ۋاقىت، زېھنىي كۈچ، ئاتا-ئانىلار مۇشاققەت ئىچىدەتاپقان، پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق كىشى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ سەرپ قىلغان پۇلنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىدۇ.
ئاتالمىش ئوقۇمايمۇ كۈنلىرىنى گۈلدەك ئۆتكۈزىۋاتقانلار يۇقۇرىلاپ مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىلەن ئەسقىتىدىغان بىلىملەرنى جەمئىيەتتە ئوقۇغان. <داشۆ> پۈتتۈرگەن ئىشسىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش ئوقۇمىغان ئەمما بېيپ كەتكەن دوستلىرى ئالدىدا تولىمۇ بىچارىدۇر.ئالىي مەكتەپلەردە كۈنلىرىنى ئويناقلاپ ئۆتكۈزگەن بالىلىرىمىز ئەمدىلىكتە جان ساقلاشنىڭ ئېپىنى تېپىپ بولالماي تەمتىرەپ قالماقتا، بەزىلىرى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە...نىمە دەپ ئوقۇغان بولغىيىتتىم؟
ئۇلار ئۆزى ئىش تېپىشى كېرەك! مەمۇرلار ئىمتىھانى بولۇپ تۇرغىنى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلار بەك ئاز، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردا ئادەم دىگەن غىققىدە. كارخانىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجى تولىمۇ ئاز (ئەڭ ئاۋال سانى ئاز)، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىش ھەققى مەسىلىسى بار. ھېلىقى ئەسقاتىدىغان بىلىملەرنى ئوقۇش دىمەكلىك <قارا قورساقلار> غا شاگىرت بول دىگەن گەپ.شۇنداق بولغاندىمۇ قانچە يىل شاگىرت بولارمەن؟
بولدىلا، دىخان مىللەت دىگەن يەر تېرىغۇلۇق. بىكار يەر بارمۇ؟ بولمىسا نىمە ئامال، ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالدى، ئوينىڭ ئىشىغا قارىشىپ بېرەي، يەرنى مەن تېراي! بىكاردىن بىكارغا ئوقۇپتىمەن دە، ئىسىت!
ناھايىتى قىيىن، ئەمما ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈر مەسىلە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، تورداشلار، ئويلىغانسېرى خىياللىرىم چىگىشلىشىپ كەتتى. شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۈمكىنكى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى كەلگۈسىدە بىر مەھەل ئىشسىز قالىدۇ. بىلىملىك ئەمما ئىشسىز بىر قاتلامنىڭ ياشاش، بەلكى نورمال ياشاش ئېھتىياجىغا جەمئىيەت چوقۇم مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. |
|