كۆرۈش: 11510|ئىنكاس: 14

پەرمان نېمە ئۈچۈن كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5751
يازما
41
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
791
تىزىملاتقان
2010-9-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 11:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرمان نېمە ئۈچۈن كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.


چاڭچۈن شەھەرلىك گىۋاڭدا ئەينەك ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرى سالاھىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ كىشلەر تەرپىدىن مەجبۇرى چېقىۋىتىلدى، بۇ ئىش توغرولۇق ئېرداۋ رايۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ئېچىش سودىگىرى « ئەھۋالدىن خەۋرىمىز يوق » دېدى، يەرلىك ج خ ئورگانلىرى « ساقچى تەرەپ چېقىپ كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا ئارلىشىشغا بولمايدۇ » دېگەن باھانە بىلەن دېلۇ تورغۇزۇشنى رەت قىلدى، ( 2011-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى « جۇڭگۇ ياشلىرى » گېزىتىدىن)

چاڭچۈن شەھەرلىك گىۋاڭدا ئەينەككە ئىش قۇشۇش زاۋۇتىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 2900 كۇۋادىرات مېتىر، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 20 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق، ئېرداۋ رايۇنلۇق ھۆكۈمەت، تىيەنخۇي يەر مۈلۈك شىركىتى باھالاش شىركىتىنى تېپىپ 14 مىليۇن 500 مىڭ يۈەن باھالاتقان بولۇپ، باش دىرىكتۇر ليوفىڭخۇۋا باشقا بىر باھالاش ئورگىنىنى تېپىپ باھالاتقاندا 28 مىليۇن چىققان، لىكىن قۇرۇلۇش قىلغۇچى سودىگەر بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەچكە زاۋۇت ئۆينى مەجبۇرى چېقىپ، كىرەكسىز نەرسىگە ئايلانغان، سالاھىتى ئېنىق بولمىغان كىشلەر تەرپىدىن مەجبۇرى چېقىلىپ مەجبۇر كۆچۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇلار دېلو مەلۇم قىلغاندا ج خ ئورگانلىرى « كۆچۈرۈپ چېقىش ئىشلىرىغا ئارلاشمايمىز » دېگەن باھانە بىلەن كارى بولمىغان، ئەسلىدە كارخانىلارغا ياردەملىشىپ مەجبۇرى چېقىش مەسئۇلىيتىنى ئېنىقلاپ بېرىش ج خ ئورگارنلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ، بىر ئۆيگە ئوغرى كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىنىڭ دېلو مەلۇم قىلغانلىغى بىلەن ئوخشاش ئىش. ئېنىقىكى بۇ ۋەقەنىڭ ئوبىكتى ئېچىش سودىگىرى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھۆكۈمەت بولۇپ، ج خ ئورگانلىرى ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇش، بۇ دېلو شىنخۇا تورى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرپىدىن ئاشكارلانغاندىن كېيىن، چاڭچۈن شەھرى بىلەن ئېرداۋ رايۇندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتىكۇم، ھۆكۈمەت ۋە ج خ ئورگىنى يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن، بۈگۈنكى كۈندە جەمىئيەتتە قانچىلىغان دېلولارنى ھۆكۈمەت قانات ئاستىغا ئېلىپ، خىزمەتتە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرپىدىن ئاشكارىلانغاندا، دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ سىنئالغۇ ئالدىدا باشقىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئالدىرايدىغانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بۇرۇن قەيەرگە كەتكەن بولغىتى ؟ يەنە بۇنىڭدىمۇ قېلىن ( نۇمۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان ) ئەمەلدار بارمىدۇ ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېرداۋ رايۇنلۇق تۈر ماسلاشتۇرۇش گوروپىسىنىڭ مەسئۇلى لىي جىڭ تېلىغۇندا لىيۇفىڭخۇۋا بىلەن كۆرۈشۈپ « سەن مۇخبىرنى تاپقىنىڭنىڭ نېمە پايدىسى ؟ ھەر قانچە ئىزدەپ ئاۋارە بولساڭمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا بىز ھەل قىلىمىز ئەمەسمۇ ؟»  دېگەن، بۇ چېكىدىن ئاشقان ئەبلەخنىڭ گېپى بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋال ھۆكۈمەت قۇلىغىنى يوپۇرۋېلىپ، يالغان گاس بولىۋىلىپ ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان، ھازىرقى ئەھمىيەت بېرىش ئاخبارات ۋاستىلىرى جامائەت پىكىرىنىڭ  بېسىمى ئاسىتىدىكى ياسالما ( ساختا ) ھەرىكەت ! بۈگۈنكى كۈندە قانچىلغان ئىجتىمائى مەسىلىلەر ئاخبارات ۋاستىلىرى جامائەت پىكىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئارقىسىدا ھەل بولدى؟ ھازىر ئاۋام مەسلىگە يولۇققان ھامان ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىزدەش بىردىنبىر تاللاش بولۇپ قالدى، نۆۋەتتە مەجبۇرى چېقىش ۋەقەسىدىكى گۇماندار سۇلېيخۇا « ھۆكۈمەت بىلەن شەخىسنىڭ مال –مۈلىكىگە قەستەن زىيان  يەتكۈزۈش » دېگەن نام  بىلەن قولغا ئېلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زوراۋانلىق بىلەن مەجبۇرى چېقىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىققاچقا؛ چېقىش كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن قانچىلىغان ئاجىزلار توپى ئۆيى تۇرۇپمۇ ئۆيگە قايتالمايۋاتىدۇ ؟ قانچىسى مەجرۇھ بولۇپ قالدى؟ بەزىلىرى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىلدى، چېقىش كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن قانچىلىغان كىشى تەركى دۇنيا بولۇپ كەتتى ؟ قانچىلىغان ئادەم يىلبويى ئەرز قىلىۋاتىدۇ ؟ ئېچىش سودىگەرلىرى ھېچنەرسىگە قارىماي، سەۋەبسزلا خۇددى باندىتلارغا ئوخشاش ئاجايىپ ئېچىنىشلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، رەھىمىسزلىك بىلەن ئادەم ئۇرۇپ « تۇسالغۇ » لارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانلىغى كىشىنى قاتتىق چۈچۈتىدۇ ۋە تۇنجۇقتۇرىدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيانقى قانلىق مەجبۇرى چېقىش ۋەقەلىرىگە قارىتا 2010-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەن « يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، چېقىپ كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقى قوغداش توغرىسىدا جىددى ئۇقتۇرۇش » نى ئېلان قىلىپ 5668-نۇمۇرلۇق ھۆججەت تارقاتتى، 2011-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى « دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەردىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى»، 590-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بويرۇقىنى تارقاتتى، بىراق، ئىنتايىن قورقۇنۇچلىقى مەرگەزنىڭ ھۆججەتلىرىنىڭ روھى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سەنمۇ گېپىڭنى دەۋەر، مەنمۇ قېلنلىقىمنى قىلاي دەپ مەركەزنىڭ بويرۇقلىرىغا پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن جايلاردا زوراۋانلىق بىلەن مەجبۇرى چېقىش سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتەك ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، قانچىلىغان ئۇرۇن ئاشۇنداق پاجىئەلىك مەجبۇرى چېقىش ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن ئاخبارات ئۇرۇنلىرىنى قامال قىلدى، كۆپلىگەن تورلارنى تازلىدى؟ مۈلۈك قانۇنىدىن تارتىپ « دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىشۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى » غىچە قانۇن ھۆججەتلەرگە ئامما ئاجايىپ زور ئۈمىتلەرنى باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرى ئۆزىنى يەرلىك خاقان چاغلايدىغان يەرلىك خاقانلار ئالدىدا بىر ۋاراق قوڭ ئېيتىدىغان قەغەزچىلىكمۇ بولالمىدى، مەركەز ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، بىراق بارلىق تەدبىرلەر كارغا كەلمىدى ! يەرلىكتىكى ئاساسلىق ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدارلار ئۆز ئالدىغا بىر ھاكىمىيەت تىكلەپ، قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلدى، ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن –نىزاملىرىنى بىر تال تۈكىگە، چېۋىقىغىمۇ ئالماي، ئاساسلىق باشلىقلارنىڭ ئىرادىسى قانۇن بولدى، مەجبۇرى چېقىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەلدارلار ھەرگىز ۋاستە تاللىمىدى، ھەتتا پۇقرالار ئۆلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى چېقىلسىلا پۇخادىن چىقتى، ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن –نىزاملىرى قانداق بولماقچى ؟ مەجبۇرى چاققۇچىلار سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىلغاندىن كىيىن، سوت مەھكىمىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا كەسكىلى بولمايدىغان قويۇق مۇناسىۋەت بولغىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى ئومۇميۈزلۈك سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ، يەر ئېلىشنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىگى، تولۇقلىمىنىڭ ئۆز ئورنىغا تەككەن ياكى تەگىمىگەنلىكى يەنىلا ئەمەلدارلارنىڭ دېگىنى ھېساپ بولدى، مەجبۇرى چېقىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئاۋامنىڭ بايلىغىنى تارتىۋىلىش تۇرسا يەنە قانداقمۇ خەلىقنىڭ رايىنى ئىپادىلەيدىغان بوشلۇق بولسۇن، نەدىمۇ ئۆيى چېقلغۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەردىنى ئېيتالايدىغان بوشلۇق بولسۇن ! شۇنچىلىغان قانۇن-نىزاملار بىر پارچە چېقىش بويرۇقىغا تەڭ كېلەلمىگەن بىلەن بىر ۋاراق چېقىش كۆچۈرۈش  ئىلانى چېقىرىلىپ كۈچۈرۈلگۈچى كىشلەرنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئويلىغان ئويلىرىنى بىتچىت قىلىۋېتەلەيدۇ –دە !

سودا مەنپەتى ئۇمۇمنىڭ مەنپەتىنى قىستىماقتا، چېقىش كۆچۈرۈش ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى قىستاپ بىر يەرگە ئاپىرىپ قويدى، گوۋۇيۈن چىقارغان مەجبۇرى چېقىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن-نىزاملارغا يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئېچىش سودىگەرلىرى ياۋايىلارچە ( ئەشەددى) جەڭ ئېلان قىلدى.

مەجبۇرى چېقىش ئاۋامنىڭ يۈرت –ماكانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، خەلىقنىڭ كۆڭلىنى پارچىلىۋەتتى( بۆلىۋەتتى) ئۆيى چېقىلغانلار جەمئىيەتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قىستاپ ئاپىرىپ قويۇلدى، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ھاياتىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىغىدىن بولدى –ئەمەسمۇ ! 5-ئاينىڭ13 -كۈنى گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش تۈزۈمىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، زوراۋانلىق بىلەن چېقىپ كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق بۇلارنىڭ قىلچە ئۈنىمى بولمايلا قالماي، ئارتۇقچە ئىش بولۇپ قالدى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان قانۇنسىز تىپىك دېلولارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلماي، ئۇنى تاشلاپ قويۇپ، مۇۋاپىق بولمىغان شەكىللەرنى قوللاندى، بۇنداق قۇرۇقتىن قۇرۇق تەكشۈرۈشنىڭ يەنە قانداق ئۈنىمى بولماقچىدى ؟ زورلۇق بىلەن مەجبۇرى چېقىش قائىدىسىنى بۇزۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى نوپۇزىنى يوقاتتى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىززەت –ئابرويى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، ھۆكۈمەت پەرمانى كارغا كەلمەي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئېغىر زىيان سالدى،  ھۆكۈمەت پەرماننىڭ كارغا كەلمىسە، ھەرقانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ كارغا كەلمەسلىگى بارلىق قالايمىقانچىلىق يۈز بىرشىنىڭ مەنبەسى ! بۇنداق ئىشلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغاشقا تېگىشلىك ئەمەسمۇ ؟

« فىلىيەتونلار گېزىتى » نىڭ 2011-يىل 14-ئېيۇن سانى 1- بەتتىن سۇلتانى تەرجىمىسى.        
ئادىرىسى : شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو- تېلىېۋىزىيە مەكتىۋى پەيزاۋات شۆبىسى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7278
يازما
8
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
338
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 23:52:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي چېقىش- كۆچۈرۈشكە ئائىت پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردىغان قانۇن نىزاملار بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار ئالەمچە خۇشال بولغان بولاتتۇق.

كۆيۈمچان ئەزا

دۇنياغا دوستلۇق

UID
10634
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3016
تىزىملاتقان
2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 23:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارىغاندا ئۆي چېقىش بورىنى كەڭ دائىرىلىك ئىشقا ئايلىنىپتۇ،پۇخرانىڭ ئۈيىنى چېقىشقا ئالدىرىغان ئەمەلدار چۇقۇم باشقىلاردىن مائاشتىن سىرىت مائاش ئالغان ياكى ئۇنىڭ باشلىغى مائاش ئالغان،شۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىستىلى تۈزۈتۈلسە ئاندىن ئىشلار ياخشىلىنىدۇ

ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەڭلار،ئەتىنى بىلمەيمىز،تۇنۈگننى ئەكىللەلمەيمىز ،بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت بۈگۈنلا بار،دىققەت قىلىڭلار،سىلەرگە ئىشىنىمەن

UID
3436
يازما
37
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1308
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 16:14:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزدە قانۇن -نىزاملارنىڭ تۈزىلىشىدە مەسلە يوق ،گەپ ،ئىجرا قىلىشتا .سوت،تەپتىش ئورگانلىرىدىن تارتىپ ھەرقايسى مەمۇرى ئورگانلارغىچە قانۇننىڭ  ئىجراسى مۇكەممەل ئەمەس ،مۇكەممەل ئەمەسلا ئەمەس  بەلكى، قانۇنغا خىلاپ قانۇن ئىجرا قىلىدۇ ،شۇنداق تۇرسا ئاقىۋەت نىمە بولماقچى؟!!!

UID
3605
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
458
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 16:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ھەق گەپنى يېزىپتۇ. لېكىن بۇنى مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر كۆرەمدۇ؟
مېنىڭ يېڭى سالغان ئۆيۈمنىمۇ ئالدىنئالا ھېچقانداق "ئوقتۇرۇش" چىقارماي تۇرۇپلا چېقىۋەتتى. ئۇلارنىڭ قىلغىنى تۈپتىن خاتا ئىدى، ئەمما سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق...

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 17:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگو چوڭ دۆلەت ئادەم جىق ، ئادىل رەھبەرلەر يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ.
شۇ تۆۋەندىكى ئىشلار ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن يۇقۇرغا بارغۇچە ۋاراڭ -چۇرۇڭدا بىسىلىپ كىتىدۇ.
سىز ئۆيىڭىز چىقىلغاندا  قانۇنسىزلىقىغا ئىنىق پاكىتىڭىز بولسا دادىللىق بىلەن چىقىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋىلىڭ . قولىدىن كەلسە سىزنى بىسىۋەتسۇن. بۇ خەۋەر چوقوم داغ-دۇغا قوزغايدۇ.  سىز ناھەق ئۆلۈپ كەتسىڭىزمۇ بۇ قىلغىنىڭىز دۆلەتكە  كۆرسەتكەن ھەقىقى خىزمەت ، تۆھپە ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى قانۇننى ئاياق -ئاستى قىلىۋاتقان شۇ مەمۇرلار دۆلەتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلىرىدۇر.  ئۇلار چوقوم پاش بولىشى كىرەك .  

UID
3605
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
458
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 17:43:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۆيىڭىز چىقىلغاندا  قانۇنسىزلىقىغا ئىنىق پاكىتىڭىز بولسا دادىللىق بىلەن چىقىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋىلىڭ . قولىدىن كەلسە سىزنى بىسىۋەتسۇن.
....................................
مەن ئۆيدە بولغان بولسام شۇنداق قىلاتتىم. ئۇلار ئۆيدە ئادەم يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ چېقىۋېتىپتۇ.

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 00:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋەقە ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ بىراق بىزنىڭ بەزى يەرلىك خاقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس .  غۇلجا شەھرىنىڭ دۆڭمەھەللىگە بارىدىغان يول دوقمۇشىدا 9 - رايون دەپ ئاتىلىدىغان ئاھالىلار رايونى ، ھەم بۇ رايوننىڭ ئىچىدە 9 - رايون  ئاھالىلار كومىتىتى بار  . بۇلتۇر بۇ ئاھالىلار رايونىنىڭ يېنىدىن ناغىرچى مەھەللىسى تەرەپكە قاراپ يېڭىدىن يول ئېلىندى . قارىغاندا مەلۈم بىر  ئايالنىڭ ئۆيىمۇ ئۇرۇنسىز ئەڭ بولمىغاندا بۇ ئايالنىڭ رازىلىقىسىز چېقىۋېتىلگەن بولسا كېرەك ، ئەرز قىپتۇ لىكىن ئاققۇزالماپتۇ . ئامالسىز يۇقىرىلاپ ئەرز قىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاۋارىچىلىق باشلىنىپ ،بۇ ئايالنىڭ يەنە ئەرز قىلىپ ئاۋارىچىلق تۇغدۇرىشىنىڭ ئادىنى ئېلىش ئۈچۈن 9 - رايون ئاھالىلار كومىتىتىدا ئىشلەيدىغان كادىرلار نۆۋەت بىلەن  تاكى ھازىرغىچە بۇ ئايالنىڭ ئوبۇرنىغا كىرگەن چىققىنىدىن تارتىپ نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن . يېقىندا نازارەتچىلىك ياخشى بولماي بۇ ئايال بېيجىڭغا كېتىپتىكەن مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇن ، رەھبەرلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن"  تۇتۇپ  " كېلىنىپتۇ . ھازىر ئۆيدىكەن . ھەممىدىن قىززىقى بۇ ئايالىنىڭ بېيجىڭغا كېتىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ئايالنى بېيجىڭغا بېرىپ ئېلىپ كېلىشكە كەتكەن بارلىق چىقىم ئۈچۈن ئاساسى قاتلامنىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسىدىن دىدىمۇ، ياكى شۇ كۈندىكى دىژورنىلاردىن دىدىمۇ ئىشقىلىپ 500 يۈئەندىن پۇل تۇتىۋاپتۇ . توۋا دەپ ياقامنى تۇتۇپ قاپتىمەن !

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 13:53:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7- قەۋەتتىكى ئىنكاسقا:
بۇ گەپ راست بولسا پاكىتىنى تولۇق تەيارلاپ جاڭ چۈن شەننىڭ بىلوگىغا ئەۋەتسە بولىدۇ.
ئادرىسىنى بەيدۇدىن تاپقىلى بولىدۇ.
جاڭ چۈن شەننىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق خىزمىتى؛ يەرلىك خاقانلارنى تازلاش ۋە شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدى مۇقۇملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش.

باھا سۆز

karabeg  بولمىسا، جاڭ چۈنشەننىڭ ۋاقتى بولاندۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:28:25
karabeg  ئاخماق بولماڭ. تورغا چىققىلى يېزا ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ شوجىڭىنىڭ ۋاقتى  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 18:27:17

UID
3605
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
458
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 15:22:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adiyat ، مېنىڭ ئىشىمنىمۇ جاڭچۈنشەننىڭ بلوگىغا يوللايدىغان ئىش ئىدى... ئۆي چېقىلىش جەريانىنىڭ يېزىلغان ماتېرىيالى بار. (ئۆي چاققۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپتىن خاتا ھالدا ئېلىپ بېرىلدى)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش