ئىنگىلىز تىلى ئۆگنىشتىكى يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل -گىرامماتىكا ئۆگىنىشتىن توختاڭ
بۇ بولسا ئامرىكا جاپاسىز ئىنگىلىز تىلى كۇلۇبى تەۋسىيە قىلغان ئىنگىلىز تىلىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ قائىدىسى بولۇپ ،بۇ يەردە ئىككىنجى قائىدىسى يوللاندى.
ئڭككىنجى قائىدە گىرامماتىكا ئۆگىنىشتىن توختاڭ
ئانجېلىنانىڭ ھېكايىسى
مېنىڭ ئىسمىم ئانجېلىنا، پاراگۇايلىق ئوقۇغۇچى. مەن ئا ج دىن ئۆگىنىشنى باشلىغاندا، ھېچقانچە سۆزلىيەلمەيتتىم. مەن ئېنگىلىزتىلى گىرامماتكىسىنى بىرقانچە يىل ئۆگەنگەن ئدىم، بىراق سۆزلىيەلمىگەن ئىدىم. <<A.J.Hoge>> نىڭ جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى دەرىسىنى بىرىنجى قېتىم بىلگىنىمدە گىرامماتىكا ئۆگىنىشنى ئويلىغان ئىدىم. قانداقلا بولمىسۇن، مېنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى ھەرگىز گىرامماتىكائۆگەتمەيدىكەن. گىرامماتىكىنىڭ ئورنىغا ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن. غەلىتە يوللار ئارقىلىق بىر قانچە قېتىم ئېيتىپ بەردى. داۋاملىق سۇئال سورىغان ئىدى ھەم سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئىدى. سۇئاللار بولسا ئالاھىدە ئاسان ئىدى. سەمىمىيلىك بىلەن دىسەم، ئازىراق قايمۇققان ئىدىم. ئۇنى بىر ئەسەبىيلەشكەن ئوقۇتقۇچى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. گىرامماتىكىنى كۆپ ئۆگىنىش لازىم دەپ ئويلايتتىم.
جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن غەلىتە بىر ئەھۋال يۈز بەردى. سۆزلەش ئىقتىدارىم كۆتۈرۈلدى! دوستلىرىم مەندىن قانداقسىگە بۇنداق تىز ئۆستۈرگەنلىكىمنى سورىغان ئىدى. <<A.J.Hoge>> نىڭ ناھايتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم، ئۇنىڭ ھېكايىلىرى، سۇئاللىرى ھەم ماقالىللىرى ئېنگىلىزتىلىنى گىرامماتىكىسىز سۆزلەشنى ئۆگەتكەن قائىدىسى ئېدى. ۋاھ ھ ھ!
ئانجىلىنا ناھايتى ياخشى ئوقۇغۇچى، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئۆگىنىشى جاپاسىز ئېنگىلىزتىلىنى كۈنىگە 5 سائەت ئاڭلىغانلىقى. قانداقلا بولمىسۇن، كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلاپ بەرسىڭىزمۇ ئۆستۈرەلەيسىز.
ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز... بىراق چوقۇم 2-قائىدە بويىچە قىلىشىڭىز كېرەك.
ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا توختاڭ. گىرامماتىكا كىتاب ۋە دەرىسلىكلىرىنى يېنىڭىزدا قويماڭ، كۆزىڭىزدىن يىراق تۇرسۇن. گىرامماتىكا قائىدىسى سىزگە
ئېنگىلىزتىلىنى ئويلاندۇرۇپ ئۆگىتىدۇ، سىز ئاپتوماتىك سۆزلىشىڭىز كېرەك!
ئويلىمايلا! جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى ئارقىلىق سىز ئېنگىلىزتىلىنى گىرامماتىكىسىز ئۆگىنىسىز. سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز تېزلا ئاشىدۇ. سىز نەتىجە قازانغان بولىسىز. سىز ئېنگىلىزتىلىنى تەبىئي ئۆگىنەلەيسىز ھەم سۆزلىيەلەيسىز.
ئىككىنجى قائىدە: گىرامماتىكا ئۆگەنمەڭ!خەيىر، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ،
<<A.J.Hoge>>
بۇ بۆلەكتىكى تاپشۇرۇق:
1 .يۇقارقى قائىدىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاڭ.
2 . گىرامماتىكا كىتابلىرىڭىزنى چۆرىۋىتىڭ.
تولۇق تېكىستى:www.UyEnglish.com/pages/rule2uy.htm
ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ. ئاڭلاش
ئورنى:www.UyEnglish.com/pages/rule2uy.htm ئۇيغۇرچە يېزىق
www.UyEnglish.com/pages/rule2en.htm ئېنگىلىزچەيېزىق
ھۆججەتلەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئورنى:
www.uyenglish.com/quxuruwelix/quxurux.htm
بۇ مەزمۇننى جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى تور كۇلۇبىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تور
بەتلەردە ئىلان قىلسىڭىز بولىدۇ. نەشىر ھوقۇقى ئامىرىكا جاپاسىز ئېنگىلىزتىلى
كۇلۇبىغا تەۋە
مەنبە: www.UyEnglish.com |