كۆرۈش: 5235|ئىنكاس: 5

سېمىز كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6683
يازما
45
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1755
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-1
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 17:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سېمىز كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟



  بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا چىققان چىيقاننىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولىدۇ. بەزىبىر ياش سېمىز كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ۋە يوتىسىغا دائىم چىيقان چىقىدۇ. ياشانغان سېمىز كىشىلەرنىڭ 1/3 ىدە يۈزلىرىگە ۋە بەدىنىگە چىيقان چىققان كېسەل تارىخى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى تۈك خالتىسى ۋە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئىچىدە دائىم باكتېرىيە بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن بەدەننىڭ كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتسە، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، تېرە ماي بەزلىرى كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ئاجرىتىلىپ چىققان مايلار تېرە ماي بەزلىرىنىڭ تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇن ئىششىيدۇ، يوغىنايدۇ، سۈركىلىدۇ، ئاخىرى ياللۇغلىنىپ چىيقان پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ بەدىنىگە چىققان چىيقان ئۆزلۈكىدىن يېرىلىپ ئېغىز ئېلىپ، يىرىڭ چىقىپ، ياللۇغلىنىش ياخشىلىنىپ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ، لېكىن بەزى سېمىز كىشىلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بەدىنىگە چىققان چىيقان داۋاملىق يوغىناپ، ئۆزلۈكىدىن ئېغىز ئالماي، ياللۇغلىنىش ئېغىرلىشىپ، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، مايلىق تاماقنى ئازراق يەپ، تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ئىلمان سۇ بىلەن داۋاملىق يۇيۇنۇپ ئورۇقلاش بۇ خىلدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىز كىشىلەردە باشقا ئورگانلارنىڭ ياللۇغلىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. چۈنكى سېمىز كىشىلەرنىڭ ئېتى ناھايىتى بوش كېلىدۇ، ئىسسىقتىن قورقىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، شۆلگىيى كۆپ بولىدۇ، پۇتى ئىششىق بولىدۇ، تېرىلىرى قاتلىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، سىرتقى ئەزالارنىڭ كىچىككىنە زەخىملىنىشى ئاسانلا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن، زەخملەنگەن ئورۇندىن كىرگەن باكتېرىيە بەدەن ئىچىدە ئاسانلا كۆپىيىپ، ھەر خىل تىپتىكى باكتېرىيەلىك ۋە ۋىرۇسلۇق ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ياللۇغلىنىش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ① يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ ياللۇغلىنىشى؛ ② تېرە ياللۇغى؛ ③ سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىشى؛ ④ جىنسىي ئورگانلارنىڭ ياللۇغلىنىشى.


  سېمىزلىكنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىرى بولامدۇ؟



        ئەرلەردىكى ئۇرۇقدان، ئاياللاردىكى تۇخۇمدان ئۆزىگە خاس بولغان ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئەرلىك ۋە ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى تېستوستېروننى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى پىروگېستېروننى ئىشلەپچىقىرىدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇنىنىڭ مىقدارى زادى قانداق بولىدۇ؟ ئاماترۇدا قاتارلىق كىشىلەر 22 نەپەر سېمىز ئەرلەر قېنىدىكى ئەركىن تېستوستېروننى تەكشۈرگەندە، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قېرىنىدىكى تېستوستېروننىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ساغلام كىشىلەرنىڭ قېنىدىكى تېستوستېرون مىقدارىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا، سېمىز ئاياللار بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇننىڭ مىقدارىنى تەكشۈرگەندە، قىزىقارلىقى بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ قېنىدىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ساغلام ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ خىلدىكى سېمىز ئاياللارنىڭ تۈكلۈك بولىدىغانلىقى ھەم ھەيزنىڭ نورمال بولمايدىغانلىقىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان.
دېمەك ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سېمىز كىشىلەر بەدىنىدىكى جىنسىي ھورمۇننىڭ مىقدارى نورمال بولمايدۇ. سېمىز ئەرلەرنىڭ قېنىدىكى تېستوستېرون مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. سېمىز ئاياللار قېنىدىكى جىنسىي ھورمۇن مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك ھەيزنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ئۇنىڭ مەزگىلدىن بۇرۇن توختاپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار، ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە نورمال بولغان جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ.



بۇ مەزمۇننىڭ داۋامى بار.....

ئەسكەرتىش: سىمىزلىق ۋە ئۇرۇقلاش ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى كىتابلارغا قىزىقسىڭىز ، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتنىڭ كىتابلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈڭ.كىتابلارنى ھەممە شىنخۇا كىتابخانىسىدىن سېتىۋالالايسىز.

پۇلنى دەپ ئۇنداق قىلماڭ!!!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
13451
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1607
تىزىملاتقان
2011-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 20:12:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bu hakta quxanqimiz aydig boldi rahmat

تىرىشچان ئەزا

بولدى ئارتۇق گەپ

UID
13878
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
994
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 22:38:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  ئەسلى  مۇنداكەندە  
ئەمدى سەمىرىمەن دەپ غەلۋە  قىلمايمەن

جاپا  تارىتماي ئىرىشكەن بەختىڭنىڭ ئاخىرى  قاندا  بولا؟

UID
13894
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
775
تىزىملاتقان
2011-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 13:53:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمىز كىشلەر كۆپرەك ئۇقۇسا بولغۇدەك بۇ تىمىنى....................  

سەن ئۆتمۈشكە تاپانچا بىلەن ئوق ئاتساڭ.كىلەچەك سىنى زەمبىرەك بىلەن ئاتىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
78
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2688
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 20:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېمىزلىك كۆپ خىل كىسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى . شۇڭا ھەممىمىز تىرىشىپ سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالايلى مۇنبەرداشلار ...

UID
12177
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1557
تىزىملاتقان
2011-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 13:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇقۇمۇساممۇ بۇلاكەنتۇق  مەن شۇنداق ئۇرۇق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش