بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى [align=justify]
بۇ بىر دادىنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى. كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇساق بالىلار، ياشلارلا ئەمەس، ھەممەيلەننى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ، تەپەككۇرنى قوزغايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە ئۇدۇل قارا.
كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا «رەھمەت»، «ئېغىر كۆرمىسىڭىز» دېگەن سۆزلەرنى كۆپرەك قىل.
كىرىمگە قاراپ چىقىم قىل.
ئۆزۈڭ خالىمىغاننى خەقكە تاڭما.
يېڭى دوست تۇت، شۇنداقتىمۇ كونا دوستلىرىڭنى قەدىرلە.
مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلا.
ماھارەت ئۆگەنمەكچى بولساڭ ياۋاشلىق بىلەن ئۆگەن، ھەرگىز ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەيرەڭلەرنى ئۆگەنمە.
خاتالىقنى ئېتىراپ قىل.
باتۇر بول.
مەڭگۈ ئالدامچىلىق قىلما.
مەڭگۇ باشقىلارنى ئۈمىدتىن مەھرۇم قىلما.
دىققەت بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋال، پۇرسەت ئىشىك چەككەندە ناھايىتى يەڭگىل چېكىدۇ.
خۇدادىن مال-دۇنيا بېرىشنى تىلىمە، ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت تىلە.
غەزەپلەنگەندە ھەرگىز ھەرىكەت قىلما.
ياخشى قىياپەتنى ساقلا، ھەر قانداق ئۆيگە كىرگەندە مەردانە قەدەم تاشلا، ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭ تولۇق بولسۇن.
لىفىت ئىچىدە ئومومنىڭ ئىشى توغرىلىق گەپ قىلما، يېنىڭدا تۇرغان كىشى ئوغرىلىقچە تىڭشامدۇ-يوق، سەن مەڭگۈ بىلمەيسەن.
ئىشنى تۈگەتمەستە خەققە ھەرگىز پۇل بەرمە.
جەڭدە يېڭىمەن دەيدىكەنسەن، بىر قېتىم مەغلۇپ بولساڭ زەرەرى يوق.
دوغا تىككۈدەك ھېچنىمىسى قالمىغان كىشىلەردىن پەخەس بول.
مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغاندا «غەلىبە قىلىشقىلا بولىدۇ، مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدۇ» دەيدىغان ئىپادىدە بول.
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئادىللىقىدىن ھەرگىز ئۈمىد كۈتمە.
كەڭ قورساقلىقنىڭ كۈچىنى مەڭگۈ تۆۋەن مۆلچەرلىمە.
خوتۇنۇڭ بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا ھەرگىز پەشنى قېقىپ كېتىپ قالما.
ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك، باتۇر بول. كەلگۈسىدە ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭدە قىلمىغانلىقىڭدىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار ھامان قىلغىنىڭدىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلاردىن كۆپ بولىدۇ.
دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئاقىلانە، يېڭى پىكىرلەر كۆپ ھاللاردا بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
كوچىدىكى مۇزىكانت--- بىر خەزىنە. توختاپ قۇلاق سال، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بەر.
ئەزمىلىك قىلما، قىلىش زۆرۈر بولغاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىل.
«بىلمەيمەن» دېيىشتىن قورقما.
«كەچۈرۈڭ» دېيىشتىن باش تارتما.
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق قارىشىغا ئىرەن قىلما، باش قاتۇرۇپ باشقىلار توغرىلىق پەرەز قىلما.
ھاياتىڭدا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان 25 ئىشنى يېزىپ، تىزىملىكنى ھەميىنىڭغا سېلىپ قوي ۋە دائىم ئېلىپ ئوقۇپ تۇر.
[align=justify]
(مەنبە: http://blog.sina.com.cn/s/blog_48faaa530100cg4t.html) |