كۆرۈش: 6539|ئىنكاس: 21

486 يىل بۇرۇنقى شاراب چەكلەش پەرمانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13597
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 07:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتىرەم تورداشلار!

سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ يازما «بابۇرنامە»نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، گەرچە يېزىلغىنىغا 486 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدىمۇ بىر ئىجابىي تەسىرى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن نىيەت بىلەن تور يۈزىگە چىقىرىلدى. نەشرىيات، نەشرى ۋە بەت سانلىرى يازما كەينىدە ئەسكەرتىلدى. باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇشبۇ ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يازما تېمىسى پايدىلىنىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ۋاقىتلىق قويۇلدى. ئاچقۇچلۇق مەزمۇنلاردىن: «ھېچبىر كىشى شاراب ئىچىشكە ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشمىسۇن، شارابنى ئىشلىمىسۇن، ساتمىسۇن ۋە ئالمىسۇن، ئۆيدە ساقلىمىسۇن، بىر تەرەپكە ئېلىپ بارمىسۇن ۋە ئېلىپ كەلمىسۇن....»قاتارلىقلار 
 

زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ شاراب (مەي) چەكلەش پەرمانى



توۋا قىلغانلارنى ۋە ساپلارنى سۆيگەن توۋا قوبۇل قىلغۇچىغا ھەمد ئوقۇيمىز. گۇناھكارلارغا توغرا يول كۆرسەتكەن ۋە مەغپىرەت ئىزدىگەنلەرنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلغان بېغىشلىغۇچىغا شۈكۈر ئېيتىمىز. ياراتقانلىرىنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ساپ ئەۋلادىغا ۋە پاك ساھابىلىرىگە ئاللادىن رەھمەت تىلەيمىز.

 

سەۋەبلەر سۈرىتى ئىنكاسىنىڭ توپلىنىش ئورنى ۋە ساداقەت، توغرۇلۇق ئۈنچىلىرى نەقشنىڭ خەزىنىسى بولغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ پىكىر ئەينىكى شۇ پىكىرنىڭ پارلاق جەۋھەرلىرىنىڭ (313) زىننىتىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىنسان تەبىئىتى ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى بويىچە نەپسى لەززەتلىرىگە مايىلدۇر، زوق كەلتۈرگۈچى يېقىملىق نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش خۇدانىڭ تەۋفىق بېرىشىگە ۋە ساماۋىي بىر يادەمگە باغلىقتۇر. ئىنسان يامانلىققا يۈزلىنىشتىن يىراق ئەمەستۇر. «نەپسىمنى ئاقلىمايمەن، چۈنكى نەپس يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ.» ئۇنىڭدىن قايتىش پەقەت بېغىشلىغۇچى پادىشاھنىڭ ئىنايىتى بىلەنلا بولىدۇ. «بۇمۇ ئاللانىڭ كەرەمىدۇر، ئاللا ئۇنى خاھلىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك كەرەم ئىگىسىدۇر.»

 

بۇ سۆزلەرنى ئىپادىلەش ۋە بۇ گەپلەرنى بايان قىلىشتىن مەقسەت شۇكى، ئىنسانلىق تەقەززاسى، پادىشاھلار رەسىم – قائىدىسى، پادىشاھلىق لاۋازىمى، پادىشاھتىن تارتىپ سىپاھىيلارغىچە بولغان مەنسەپ ئىگىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ياشلىق مەزگىلىدە بەزى گۇناھلار سادىر قىلىناتتى ۋە ئاز – تولا ھاۋايى – ھەۋەسلەر بىلەن شۇغۇللىنىلاتتى. بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ھەسرەت – نادامەت كۈنلىرى كەلگەندە، بۇ گۇناھلىق ئىشلار بىر – بىرىدىن تەرك قىلىناتتى ۋە چىن توۋا ئارقىلىق بۇ ئىشلارغا قايتىش ئىشىكى  يېپىلاتتى. لېكىن بۇ مەقسەت بىلەن تەلەپ قىلىنغانلارنىڭ مۇھىمى ۋە ھېس قىلىنغان ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان شاراب توۋىسى «ھەر ئىش ئۆز ۋاقتىغا باغلىق» دېگەن پەردە كەينىگە بېكىنىپ، يۈزىنى كۆرسەتمەيتتى. زور غەيرەت بىلەن جىھاد ئىھرامىنى باغلاپ، شەۋكەتلىك ئىسلام لەشكىرى بىلەن بىللە كاپىرلارغا قارشى جەڭگە كىرگەن بۇ مۇبارەك سائەتتە غايىب ئىلھامچى ۋە ھەقىقەت جارچىسىدىن «ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قەلىبلىرى ئاللانى زىكرى قىلىشى بىلەن بولىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ» مەزمۇنىنى ئىشتىپ، گۇناھ سەۋەبلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇش ئۈچۈن زور غەيرەت بىلەن توۋا ئىشىكىنى قاقتۇق. تەۋفىق رەھبىرى «ئىشىكنى قاققان كىشى سەبىر قىلسا كىرىدۇ» (ب 313) مەزمۇنى بويىچە ئىقبال ئىشىكىنى ئاچتى ۋە بۇ جىھادنى نەپسكە قارشىلىق كۆرستىشتىن ئىبارەت بولغان زور جىھاد بىلەن باشلاشنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، «ئەي رەببىم، بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم سالدۇق»نى ئىخلاس تىلىغا كەلتۈرۈپ، «سېنىڭ ئالدىڭدا توۋا قىلدىم ۋە مەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچىسىمەن» دېگەن سۆزنى دىل لەۋھەسىگە نەقش قىلدۇق. كۆڭۈل خەزىنىسىدە مەخپىي قالغان شاراب توۋىسىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇردۇق. زەپەر نىشانلىق خادىملار مۇبارەك ھۆكۈم يۈزىسىدىن كۆپلۈك ۋە كۆركەملىكتە يۈكسەك ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىغا ئوخشايدىغان، ئېسىل ئولتۇرۇشلارنىڭ بېزىكى بولغان ئالتۇن – كۈمۈش قەدەھ ۋە باشقا مەي قاچىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، خۇدا بۇيرۇسا، بىز يېقىندا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولىدىغان بۇتلارغا ئوخشاش پارە – پارە قىلىپ، ھەر پارچىسىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەردى. قوبۇلى يېقىن بۇ توۋىنىڭ خاسىيىتى بىلەن يېقىنلارنىڭ كۆپچىلىكى «كىشىلەر پادىشاھلىرىنىڭ ئېتىقادىغا قارايدۇ» دېگەن تەلەپ بويىچە، شۇ ئولتۇرۇشتىلا توۋا شەرىپىگە نائىل بولدى ۋە شاراب ئىچىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. خۇدانىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىشىگە بويسۇنغانلار تېخىچىلا توپ – توپ بولۇپ، سائەتمۇسائەت ۋە سائادەتكە ئېرىشمەكتە. ئۈمىد شۇكى، «ياخشىلىققا يول كۆرسىتىش ياخشىلىق قىلغان بىلەن ئوخشاش» دېگەندەك، بۇ ئىشلارنىڭ ساۋابى خۇش بەخت پادىشاھىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت بولغاي ۋە سائادەت بەرەكاتىدىن غەلىبىسى كۈندىن – كۈنگە ئارتقاي.

 

بۇ ئارزۇ ۋە بۇ ئەمىنىيەت تەلتۆكۈس ئاخىرىغا يەتكىنىدىن كېيىن، ئالەم بويسۇنۇشى لازىم بولغان پەرمان ئىجرا شەرىپىگە ئېرىشتىكى، تەۋەيىمىزدىكى مەملىكەتتە (خۇدا بۇ يەرلەرنى ئاپەت (314) ۋە خەۋپلەردىن ئامان قىلسۇن) ھېچبىر كىشى شاراب ئىچىشكە ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشمىسۇن، شارابنى ئىشلىمىسۇن، ساتمىسۇن ۋە ئالمىسۇن، ئۆيدە ساقلىمىسۇن، بىر تەرەپكە ئېلىپ بارمىسۇن ۋە ئېلىپ كەلمىسۇن: «بۇنىڭدىن قېچىڭلار، بەلكىم نىجات تاپارسىلەر».

 

بۇ غەلىبىلەرگە تەشەككۈر ۋە بۇ چىن توۋىنىڭ قوبۇلىغا تەسەددۇق بولسۇن ئۈچۈن، پادىشاھلىقنىڭ مەردلىك دېڭىزى جۇش ئۇرۇپ، ئالەم مەمۇرلىقىغا سەۋەب بولغان ۋە كىشىلىك ئابرويىنى ئاشۇرغان كەرەم دولقۇنلىرى زاھىر بولدى: پۈتۈن مەملىكەتتە بۇرۇنقى پادىشاھلار كېچىكتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن ۋە ھەددىدىن ئارتۇق بولغان تامغا بېجى شەرىئەت قائىدىلىرىنىڭ سىرتىدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن قالدۇرۇلۇپ، پەرمان چىقتىكى، ھېچبىر شەھەر، قەسەبە، يول، ئۆتكەل ۋە پەندەلەردە تامغا بېجى ئېلىنمىسۇن ۋە بۇ ئەمىرنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتىش كۆرۈلمىسۇن: «كىمكى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنى ئۆزگەرتسە، گۇناھى شۇ ئۆزگەرتكۈچىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ». پادىشاھنىڭ مېھرىبانلىقىغا سېغىنغان تۈرك، تاجىك، تاتار، ئەرەب، ئەجەم، ھىندى، پارسىي پۇقرا ۋە سىپاھىي – پۈتۈن قوۋم، ھەممە ئىنسان بۇ ئەبەدىي ئىلتىپاتقا تايىنىپ ھەم ئۈمىد باغلاپ، ئەبەدىيلىككە بىرىككەن دۆلىتىمىزنىڭ دۇئاسى بىلەن مەشغۇل بولسۇن، بۇ ئەمىرلەر ئىجراسىدىن تاشقىرى چىقمىسۇن ۋە بۇرالمىسۇن، پەرمانغا مۇۋاپىق ئىش ئېلىپ بارسۇن. بۇ ھۆكۈم ئۇلۇغ پادىشاھ ئىمزاسى بىلەن يېتىپ بارسا، ئۇنىڭغا مۇتلەق ئىشەنسۇن.

 

933 – يىلى (مىلادىيە 1525–يىلى) جەمادىيەلئەۋۋەل (ب 314) ئېيىنىڭ يىگىرمە تۆتىدە ئالىي ئەمىر بويىچە پۈتۈلدى. ئۇلۇغ تەڭرى ئۇنى يۈكسەلدۈرسۇن ۋە نوپۇزىنى مەڭگۈ قىلسۇن. (بۇ پەرمان پارسچە يېزىلغان).

 

— «بابۇرنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 1991 –يىل 10–ئاي 1–نەشرى، 595 – 599– بەتلەر


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 15:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  بىر  تەرەپتىن مۇشۇ  ھاراققا  تەشەككۈر  ئېيتىشىمىزغىمۇ  ئەرزىيدۇ ، چۈنكى  ھازىرقى  سانائەتلەشكەن ئەرزان  پۇللۇق ( بوتۇلكىسى 200سومدىن  تۆۋەن ) كۈچلۈك ئاق  ھاراقنىڭ 30-40-50 ياشلىق ئىستىمالچىلىرى كۆپىنچىسى  ۋاقىتسىز ، ھىچقانداق  جەريانسىز ، بىشارەتسىز  ، تەييارلىقسىز ، كەينى- كەينىدىن  ئۇ  دۇنياغا  سەپەر  قىلىۋاتىدۇ ، قىلىۋاتماقتا  ھەم  قىلىش  ئالدىدا  تۇرماقتا ، مانا بۇ ئەمىلىي  تەجرىبە -ساۋاقلار تېخىمۇ  ياش  ئەۋلادلىرىمىز  ئۈچۈن تېپىلغۇسىز  ئىبرەت  ھىساۋىدا بۇ  لەنىتى  ئىچىملىكنىڭ  زىيىنى كىشىلەر  قەلبىدىن چوڭقۇر  ئورۇن  ئالماقتا .
  ئاللاھ  ئىگىمىز  مۇقەددەس  كىتاۋىدا  چەكلىگەن ئىچىملىكنى ئىچكەنلەرنىڭ  بەختسىز  ئەھۋالى قۇرئانى كەريمنىڭ ھەق كىتاپ ئىكەنلىگىنى  يەنە  بىر تەرەپتىن  ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 15:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىي  مىللەتلەر ئاسان ھاياجانلىنىدىغان  كېلىدۇ ، ئىماندىن  ئاجرىغان  كىشىلەر  ھاياجانلىقنى  كۆپىنچە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكتىن  ئىزدەيدۇ ، تۈركىي  قېرىنداشلىرىمىزدىن ، لېكىن  ئىسلامغا  ئېتىقاد  قىلمايدىغان روسىيەدىكى  ياقۇت ، تۇۋا  دەيدىغان 2 مىللەتنىڭ  ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىستىمالى  جەھەتتە ئاساسى  جەھەتتىن  مىللەت  مىقياسىدا تۈگەشكىنىنى روسىيە گېزىت-ژورناللىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ ،
   
  ئۇيغۇرلاردا ، بولۇپمۇ ئاتالمىش  زىيالىي  ئۇيغۇرلاردا  ئىسپىرتلىق ئىچىملىكتىن  ھاياجانلىق  كەيپىياتى ئىزدەش  ئومۇمىلاشقان ، مېنىڭچە بۇ ئەخمەق قېرىنداشلىرىمىز " مۇنداقلا  ئىچىپ قويىمەن " دەپ ئۆزىنى ئۆزى  ئالداپ بېشىنى  ئىچىگە تىقىپ  ئىچىۋەرمەي  قاتتىق  ئاگاھلىنىدىغان  ۋاقتى -سائىتى  كەلدى ...

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 16:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lawrence
تورداشنىڭ ئىنكاسىچە بولغاندا  شاراپنى ئۇيغۇر زىيالىلىرىلا ئىستىمال قىلىدىكەندە؟بىر ئوبدان ئىنكاس يېزىۋېتىپلا  قىڭغىر كەتكىنىڭىز نىمىسى؟ خۇددى تۈپتۇز يولدا كېتىۋېتىپ مىتكوت كەتكەندەك.

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 17:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0991sumruh
   ئۇيغۇر زىيالىلىرى ( بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ كىچىك  ئەمەل  تۇتقان  ھۆكۈمەت  خادىملىرى ۋە  ئاز  بولمىغان  سالماقنى ئىگەللەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ، ۋە  باشقا  شەكىلدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقۇرى تەلىماتلىقلار ) مىللىتىمىزنىڭ ئاتالمىش  مۇھىم  قىسمى ، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلاردا ئىشچىلار ، دىھقانلار ، بىكارتەلەتلەردىن ھاراققا  بېرىلگەنلەرمۇ  ئاز ئەمەس ، شىنجاڭ  ئاق ھاراق ئىچىش  جەھەتتە  نىسبەتلەشتۈرگەندە   مەملىكەتتە  ئالدىنقى  قاتاردا ، بۇ ئاچچىق  رېئاللىق ، تازنى  تاز دىسە  ئاچچىقى  كېلىدىغىنى  ئېنىق ،  ئەلبەتتە بۇلارنىڭ  ئىچىدە ئۇيغۇر  زىيالىلىرى  بىلەن  يەنە موڭغۇل- قازاق  چارۋىچىلىرى ، خەنزۇ  دىھقان ئىشلەمچىلىرىمۇ بولىشى  مۈمكىن ، لېكىن  توي- تۆكۈنلەردە  ھاراقنى  سۇدەك  ئىچىدىغان  مىللەتنى  مەن  بەلكىم  مۇشۇلا  مىللەتنىڭ  توي  تۆكىنىگە  ياكى سورۇنىغا  قاتنىشىپ  باققانلىغىم  ئۈچۈن  شۇنداق  قارىغان بولىشىم  مۈمكىن ، ساۋاقداشلىرىم شىنجاڭنىڭ  ھەرقايسى  يەرلىرىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا يىللارنىڭ  ئۆتىشى  بىلەن مۇئەييەن ئورۇنغا  ئېرىشكەن ، لېكىن  قايسى  بىرىنى ھاراق ئىچمەي 5 ۋاق  ناماز  ئوقۇيدۇ دىگىنى  يوقنىڭ  ئارىلىغىدا ، ساۋاقداشلار  يىغىلىشىدا ، يۇرت ساياھەتلىرىدە ئەچەمدۇ، ئىچمەمدۇ  كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .  خەنزۇلار  ئۆلۈم ئۇزىتىش  زىياپىتىدە  ھاراقنى  سۇدەك  ئىچىدىكەن .
  بىر  خەنزۇ  خىزمەتدىشىم  ماڭا " ئۇيغۇرلار ھاراقنى جېنىدىن  تويغاندەكلا ئىچىدىكەنغۇ ..." دىگەن  گېپى بەك  تەسىر  قىلىپ  كەتكەن  بولسا  كېرەك ، مىللەتنىڭ  بەختسىزلىگىنى بىرىنچىسى  ئېتىقاتسىزلىق ، 2-سى ھاراقخۇمارلىققىلا  باغلىغىم  كېلىدىكەن . بىچارە  مىللەت ، مېنىڭچە  ئالدى  بىلەن  رېئاللىقنى  تونۇغىنىمىزدا  ئاندىن بۇنىڭغا  قارىتا  دورا  كەسكىلى بولىدۇ ،

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 17:34:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزقارلىق  يېرى ھەرقايسى  يۇرتتىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر ، پۇل تاپقان چوڭ- كىچىك تىجەرەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى   بۇ  پاسكىنا  نەرسىدىن مۇستەستا ، ئۇلاردىن مەيلى  ئۇچراشقانلىرىم ، ياكى  ئاڭلىغانلىرىمدىن بولسۇن ، ھاراق  ئىچىدىغانلىرىنى  تاپقىلى  بولمايدۇ ، ئۇلار پاكىزە ئىمانلىق ، ئاللاھ  ئىگىمىزنى تونۇيدۇ ،  ئىگىمىز ئۇلارنىڭ  رىزقىنى  كەڭرى ، تۇرمۇشىنى  بەختلىك  قىلغانلىقى  ئېنىق .

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 17:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 كۈن ئىلگىرى 48 ياشقا  كىرگەن ، ھاراق  سورىنىدىن  قايتىپ  يۈرەك  تىقىلمىسى  بىلەن ئۇ دۇنياغا  سەپەر  قىلغان بىر ئاكا تونىشىمىزنىڭ ئايالى ۋە  2 قىزىنىڭ بەختسىز سىماسى  ئېسىمگە كېلىۋېلىپ  تەگەپ  قويدۇم ، ئەمىلىيەتتە  پايدا- زىياننى بىلىدىغان  ئەقىللىق  مىللەتداشلىرىمىز  بۇنىڭدىن  كېيىن  كۆپىيىشى  مۈمكىن .

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 23:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلىك-پەسلىك.  دەپ ھەممە ئىش شۇنڭدىن چىقىدۇ،ئەگەر مۇشۇ ھاراق دىگەن نىجىس پايدىلىق،ھەم پۇراقلىق،ئىچىشلىك نەرسە بولغان بولسا ،ئەرلىرىمىز يەنە دۈم چۈشەر بولغىمىدى؟!!!!!!!!!! بىر چىرايلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ،يىلدا بىر كېلىدىغان ھېيىت ئۇنىڭسىز ئۆتمەيدۇ،توي تۆكۈنلىرىمىز ،ھەرخىل يىغىلىشلىرىمىز ئەسلى.............ھاراق ئچىدىغان ئەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال يوق،ئاللامۇ لەنەت ئوقۇيدۇ، كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار ،ھوشۇڭلارنى تېپىڭلار!!!!!!!ئايا للىرىڭلار ئىبادەت قىلسا،<<ئىشەك سۈيدۈكى>> ئىچىپ كىلىپ ھارام قىلماڭلار!!!!!!!!

UID
13611
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 13:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز  ھاراق دىگەن بۇ نىجىسنى ئچكەن ئادەم شەنجاڭ ،شۇجى بولمايدۇ ..مەس....ۋە  پەس بولىدۇ خالاس.........ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئاللا ئالدىدا ....................................ئىش با تېخى  

UID
13597
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 17:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

سوئال: «بابۇرنامە» ۋە «بابۇر» توغرىسىدا  قىسقىچە ئۇچۇرلار
 

 

«بابۇرنامە» توغرىسىدا

«بابۇرنامە» يېزىلغانلىقىنىڭ 460 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلدى. ئاپتور: گ. ن. پانت (  يېڭى دېھلى مىللىي مۇزېيىنىڭ مۇتەسەددىسى)

 

تەرجىمال ئەدەبىياتىنىڭ نادىر يادىكارلىقى —

 

«بابۇرنامە» ھىندىستاندا بۈيۈك بابۇرىيلەر سەلتەنىتىگە ئاساس سالغان زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ تەرجىمھالى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇئەللىپ ئاددىي ۋە جانلىق تىل بىلەن ئۆزىنىڭ يول قويغان خاتالىقلىرى، قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يۈكسەك ئارزۇ – ئۈمىدلىرى ۋە چۈشكۈن ھالەتلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىدۇ. بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ قىممىتى جەھەتتىن ئەۋلىيا ئەۋكوستىنو ۋە روسسونىڭ كەشپىياتلىرى، گىببون ۋە نىيۇتوننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدۇ. مەزكۈر كىتاب پۈتكۈل ھاياتى داۋامىدا كۆپلىگەن يۈكسىلىشلەر ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر شەخسنىڭ ئىبرەتلىك تارىخىدۇر. ئۇنىڭدىكى يۈكسىلىشلەر قانچىكى يۇقىرى بولسا، چۈشكۈنلۈكلەرمۇ شۇنچىلىك چوڭقۇردۇر.

 

تەرجىمال توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆز —

 

 بابۇر 47 يىل 10ئاي ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق يېتىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر ئۇنىڭ ھاياتىدىن پەقەت 18 يىلنىلا ئاساس قىلىدۇ. كىتاب بابۇرنىڭ ئۆز قولى بىلەن تۈركىي تىلدا يېزىلغان. ساقلىنىپ قالغان نۇسخىدىكى تەپسىلات مۇئەللىپنىڭ 12 ياش چېغىدىن باشلانغان. ئۇنىڭدا يا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يىلى، يا ئاتا – ئانىسى، ياكى ئالدىنقى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقە – ھادىسىلەر ھەققىدە ھېچ نەرسە تىلغا ئېلىنمايدۇ. ھەتتاكى بابۇرنىڭ ئۆز تەرجىمھالى ئۈچۈن قانداق ماۋزۇ تاللىغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچ نەرسە مەلۇم ئەمەس. تېمۇرىيلەر ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى «زەفەرنامە»، «ھۇمايۇننامە»، «ئەكبەرنامە» ۋە باشقا ئەسەرلەرگە تەقلىد قىلىنغان ھالدا «بابۇرنامە» دەپ ئاتالغان. تەپسىلاتلاردىكى ئايرىم كەمچىل جايلارنىڭ بىر قىسمى بابۇر ھايات چېغىدا ئۇنىڭ كاتىپى زەينىددىن سەۋافى پارس تىلىدا يازغان: «تەبەقاتى بابۇرىي»دىن ئېلىنغان. يەنە بىر قىسمى بابۇرنىڭ قىزى گۈلبەدەن بېگىم 1587 – يىلى، يەنى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن 50 يىل كېيىن يازغان ئائىلە شەجەرىسى ھېسابىدىكى ئەسەر «ھۇمايۇننامە»نىڭ ياردىمىدە تولدۇرۇلغان.

 

كىتابنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى يوقالغان. بابۇرنىڭ يېزىشىچە 1529 – يىلى ئۇنىڭ چېدىرىغا ئوت كەتكەن ۋە ئوتتا خېلى زەخمىلەنگەن. بىراق ئۇ كېيىنچە قايتا تولۇقلانغان. 1555 – يىلى ھۇمايۇن دادىسىنىڭ ئەسىرىگە شەرھ يازغان. ئەكبەر كىتابنى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىنسۇن، دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. چۈنكى ئەبۇل فەزلى «ئەكبەرنامە»نى يېزىشتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۈمكىن ئىدى. تەرجىمان ئابدۇرەھىم خانخان يەڭ شىمايلاپ ئىشقا چۈشۈپ 1589 – يىلى كۈزدە (نويابىردا) تەرجىمىنى تۈگىتىدۇ. جاھانگىر ئۆز تەرجىمالىدا 1607 – يىلى بابۇرنىڭ مۇبارەك قولى بىلەن يېزىلغان (يەنى تۈركىي تىلىدا يېزىلغان) «بابۇرنامە»نى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدىن بىر قول يازمىنىڭ تۈركىي تىلىدىكى نۇسخىسى ھەققىدە ھېچ نەرسە مەلۇم ئەمەس. 1813 – يىلى ئېرىسكىن «بابۇرنامە»نىڭ پارسچە نۇسخىسىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ ۋە كىتاب «بابۇر يادنامىلىرى» دېگەن نام بىلەن 1826 – يىلى نەشر قىلىنىدۇ. 1900 – يىلى ئاننت. س. بېۋېرىج «بابۇرنامە»نىڭ تۈركىي تىلىدىكى نۇسخىسىنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بىراق قول يازمىنىڭ قەغىزى تەكشۈرۈپ كۆرۈلگەندىن كېيىن، مەزكۈر نۇسخىنىڭ تەخمىنەن 1700 – يىللاردىكى كۆچۈرمە نۇسخا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. «بابۇرنامە»نىڭ بارلىق قول يازمىلىرى ئىچىدە ئەڭ تولۇق ھېسابلانغان بۇ نۇسخا (ھازىر ئۇ ھەيدەرئابادتىكى «سەلەرجەڭ مۇزېيى» كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا) جەمئىي 382 ۋاراق. 1905 – يىلى ئۇنىڭدىن 100 فاكسىمىل ئېلىنغانىدى. بېۋېرىج ئۇنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «بابۇرنامە» سەرلەۋھىسى ئاستىدا 1921 – يىلى نەشر قىلدۇردى. شۇنىڭدىن بىرى بۇ ئەسەر كەڭ كىتابخانلار ئاممىسىنىڭ مۈلكى بولۇپ قالدى.

 

«بابۇرنامە»نىڭ سۈرەتلىرى —

 

«بابۇرنامە»نىڭ ئەكبەرنىڭ سارىيىدا بېزىتىلگەن بىر قانچە نۇسخىلىرى ئىچىدىن بىزگە پەقەت بەش نۇسخىسىلا مەلۇم. ئۇلار يېڭى دېھلىدىكى مىللىي مۇزېيىدا، لوندوندىكى بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدا، ۋېكتورىيە مۇزېيى ۋە ئالبېرت مۇزېيىدا، مۇسكۋادىكى شەرق خەلقلىرىنىڭ دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا. كېيىنكى ئۈچ نۇسخا تولۇق ئەمەس. ئوۋچىنىڭ قۇش ئوۋلاۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن سۈرەت فوگگىننىڭ بوستون سەنئەت مۇزېيىدا (ئامېرىكىدا) ساقلىنىۋاتىدۇ. يېڭى دېھلىدىكى مىللىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان، تېخى چاپ ئېتىلمىگەن قول يازما 378 ۋاراقتىن ئىبارەت بولۇپ، تۈپلەنمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۇتۇپخانىنىڭ تامغىسى بېسىلمىغان. ئۇنىڭدا جەمئىي 145 پارچە سۈرەت بار. بۇلاردىن 54 پارچە سۈرەتنىڭ تېگىدە جەمئىي 40 نەپەر رەسسامنىڭ ئىمزاسى بار. 55 پارچە سۈرەتتە ئىزاھ ۋە تەپسىلاتلار بايانى بار، قالغانلىرىدىكى بۇنداق تەپسىلاتلارنى ئوقۇش قىيىن، ياكى كېسىلگەندە قىسمەن بۇزۇلغان. 116 – ۋاراقتا ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭدىكى سۈرەت ئەكبەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 42 – يىلى، يەنى 1598 – يىلى سىزىلىپ تامام بولغان. قول يازمىدا سۈرەتلەرنىڭ 18 پارچىسى رەڭلىك، قالغانلىرى ئاق – قارا رەڭدە سىزىلغان. تەسىۋىرلەرنىڭ ھاشىيەلىرى مۇمكىنقەدەر زىچ كېسىلگەن. رەسسامنىڭ ئىسىم شەرىپى يېزىلمىغان. ساقلىنىپ قالغان ئاشۇ بەش نۇسخىدىكى رەسىملەر 1598 – يىلى ئەكبەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سىزىلغان. «بابۇرنامە»گە تەر تۆكۈپ ئىشلىگەن مەشھۇر رەسساملار ئىچىدىن دۆلەت، كىسۇ، ھەمكاران، فەررۇقاران، فەررۇخ، جەگەننەتھ، مانۇھەر، مەنسۇر، مىسكىن، مەھېش، سەنۋلە، شەنكەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۈمكىن. بۇلاردىن كۆپ ساندىكىلىرى كېيىنچە مەشھۇر رەسسام بولۇپ يېتىشكەن.

 

بابۇر ھاياتىنىڭ كېيىنكى چاغلىرى —

 

بابۇر ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تېمۇرنىڭ، ئانا تەرەپتىن چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تومۇرىدا مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى بۈيۈك ئىستېلاچىنىڭ قېنى ئاققان. بابۇر 1483 – يىلى 14 – فېۋرالدا، ئاتىسى ئۆمەر شەيخ ھۆكۈمرانلىق قىلغان پەرغانىدا تۇغۇلغانىدى. ئاتىسى قازا قىلغان چاغدا بابۇر بار – يوقى 11 ياشقا كىرىپ تۆت ئاي ئۆتكەنىدى. بۇ ھەقتە «بابۇرنامە»نىڭ دەسلەپكى قۇرلىرى مۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇ: «سەرۋەرى كائىناتنىڭ شاپائىتى ۋە چاھار يارى باسەپالارنىڭ ھىممىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ بېشىدا تارىخ سەككىز يۈز توقسان توققۇز ( يەنى مىلادىيە 1494– يىلى ئىيوندا) پەرغانە ۋىلايىتىدە ئون ئىككى ياشتا پادىشاھ بولدۇم.»

 

بابۇر ياشلىق چاغلىرىدا كۆپ جاپا – مۇشەققەت ۋە دىشۋارچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا مىراس مۈلكى ھېسابلىنىدىغان سەمەرقەندنى ئىككى قېتىم ئۆزىگە بويسۇندۇردى ۋە ئىككى قېتىم قولدىن بېرىپ قويدى. يېشى راسا 21 گە توشقاندا، يەنى ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتسىز 10 يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئاتا يۇرتىنى تاشلىدى – دە، ھىندىقۇشتىن ئۆتۈپ كابۇلنى ئىشغال قىلدى. 1511 – يىلى بابۇر سەمەرقەندنى قايتۇرۇۋېلىشقا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆردى. بۇ قېتىم غەلىبە پەيزىنى سۈرگەن بولسىمۇ، بىر يىلدىن كېيىنلا سەمەرقەند يەنە قولدىن كەتتى. بابۇر شۇ تەرىقىدە سەمەرقەندنى ئۈچ قېتىم ئېلىپ، ئۈچ قېتىم قولدىن بېرىپ قويدى.

 

ھىندىستان پەتھى —

 

 بابۇر سەمەرقەندنى ئېلىشتىن كۆڭلى سوۋۇغاندىن كېيىن، چۆچەكلەردىكىدەك بايلىقلارغا تولۇپ تاشقان ھىندىستاننى ئېلىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ ھىندى دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ پەنجاپقا تۆت قېتىم يۈرۈش قىلىدۇ. شۇ چاغدا ھىندىستاندىكى شەرت – شارائىتلار بابۇر ئۈچۈن ناھايىتى قۇلاي ئىدى. دېھلى ھۆكۈمدارى سۇلتان ئىبراھىم لۇدىي ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقى بىلەن ئەمەلدارنى ئۆزىگە قارشى قىلىۋالغانىدى. نەتىجىدە ئۇلار قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پېيىغا چۈشكەن. پەنجاپنىڭ قۇدرەتلىك ھاكىمى دەۋلەتخان لۇدىي ۋە سۇلتاننىڭ نەۋرە تۇغقىنى ئەلەمخانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، بابۇر 1525 – يىلى ھىندىستانغا بەشىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ساتقۇن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بابۇر ئالدى بىلەن ئاشۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دەۋلەتخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ (كۆپ ئۆتمەي ئۆلىدۇ.) پەنجاپ بابۇر ئۈچۈن قۇلاي ئولجىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دېھلىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بابۇر تۆت قېتىملىق قاتتىق جەڭدىن كېيىن پۈتۈن ھىندىستاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. بابۇرنىڭ ئىبراھىم لۇدىي بىلەن ئېلىپ بارغان بىرىنچى قېتىملىق جېڭى ھەرىيانەدىكى پەنپەت شەھىرى ئەتراپىدا 1526 – يىلى 21 – ئاپرېلدا يۈز بېرىدۇ. ئىبراھىم جەڭگە 100 مىڭ ئەسكىرى ۋە سانسىزلىغان پىللىرىنى قاتناشتۇرىدۇ. بابۇرنىڭ قوشۇنلىرى سان جەھەتتىن ناھايىتى ئاز (12مىڭ) ئىدى. بىراق ئۇلار جەڭلەردە چېنىققان، ھەربىي بىلىمنى پۇختا ئىگىلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بابۇر تەجرىبىلىك سەركەردە بولۇپ، شۇ چاغلاردا ھىندىلار ئۈچۈن يېڭى قورال ھېسابلىنىدىغان ئاجايىپ زەمبىرەكلەرگىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى چىققان ئىككى قوماندانى ئۇستا ئەلى بىلەن مۇستاپا توپچىلارغا باشچىلىق قىلاتتى. ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ 15 مىڭ ھىندى جەڭچىسى ئاشۇ جەڭدە ھالاك بولدى. بابۇر تولۇق غەلىبە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بابۇرنىڭ ئوغلى ھۇمايۇن ئەھمىيىتى جەھەتتىن سەلتەنەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەگرە شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەردە ئۇ پۈتمەس – تۈگىمەس خەزىنە، جۈملىدىن جاھاندا يېگانىلىقى بىلەن ئېغىزدىن – ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن مەشھۇر «كوھى نۇر» ئالمىسىنى قولغا چۈشۈردى. شۇنداق قىلىپ بابۇر ھىندىستاننىڭ شاھىنشاھى ۋە بۈيۈك بابۇرىيلەر دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ غەلىبە شەرىپى ئۈچۈن ھەربىر ئەركەك ۋە ھەربىر ئايالغا بىردىن كۈمۈش تەڭگە تارقىتىپ بېرىلسۇن، دەپ كابۇلغا ئادەم ئەۋەتتى.

 

1527 – يىلى بابۇرنىڭ راجپۇت ئەسكەرلىرى بىلەن ئېلىشىشىغا توغرا كەلدى. راجپۇت ئەسكەرلىرىگە راجەستھاننىڭ جەسۇر ھاكىمى، «يۈز جەڭ قەھرىمانى» مەشھۇر ران سىنگھ (راناسانگا) باشچىلىق قىلاتتى. پاتېھپۇر سىكرى يېنىدىكى جانىيە ئالدىدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن قاتتىق جەڭ باشلاندى. راننىڭ ئاجايىپ كاتتا قوشۇنىنى كۆرۈپ، بابۇر ئەسكەرلىرىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەنىدى. بىراق بابۇر ئۆز جەڭچىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ: «تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن كۆرە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ئەۋزەل» دېگەن مەزمۇندىكى نۇتقى بىلەن ئۇلارنى روھلاندۇردى. ئۇ قەدەھلەرنىڭ بىرىنى قويماي چېقىپ تاشلىدى – دە، بۇنىڭدىن كېيىن مەي ئىچمەسلىككە ۋەدە بەردى ( ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان) شۇنىڭدىن كېيىن بابۇر ئەسكەرلىرى جەڭگە شىردەك ئاتلاندى. توپ ۋە زەمبىرەك كۆپ ئۈنۈم بەردى. نەتىجىدە ئۇ بۇ قېتىم راننىڭ قوشۇنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تاشلىدى. راجپۇتلار ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى ۋە ناھايىتى كۆپلىرى جەڭ مەيدانىدا ھالاك بولدى. ران قاچتى، ئۇ بۇ تۈپەيلى غەم – ھەسىرەتلەر ئوتىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتتى.

 

بۇ چاغدا بابۇرنىڭ ئەھۋالى ئۈزۈل – كېسىل مۇستەھكەملەنگەنىدى. 1528 – يىلى ئۇ مەلۋەدىكى مەشھۇر چەندېرى راجپۇتلار قەلئەسىنى ئىشغال قىلدى. قەلئە ھىمايىچىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسى مىدىنى راينى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. 1529 – يىلى بابۇر بىھارغا قاراپ يۈرۈشنى داۋام قىلدى. بۇ يەردە ھېلىمۇ ئافغانلار ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارغا ئىبراھىم لۇدىينىڭ ئاكىسى مەھمۇد لۇدىي ھاكىم ئىدى. ھەگرە دەرياسىنىڭ ساھىلىغا جايلاشقان پەتنە شەھىرى ئەتراپىدىكى جەڭدە ئافغانلار يېڭىلدى، بابۇر ھىندىستاننىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى.

 

بابۇرنىڭ شەخسىي پەزىلەتلىرى —

 

بابۇر — شىر دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، «بابۇر» لەقىمىنى ئالغان بۇ كىشىمۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئادەم ئىدى. كېلىشكەن قەددى – قامىتى ۋە ناھايىتى كۈچلۈكلۈكىدىن تاشقىرى، يۈرەكلىك، ئەپچىللىك، چاققانلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. ئۇ قىيىنچىلىقلارغا پىسەنت قىلمايتتى، بولۇپمۇ ئوۋچىلىقتا باتۇر ئاتالغانىدى. ئۇ كۆپىنچە بەستلىك ئىككى ئادەمنى قولتۇقلىۋېلىپ، ئەگرە قەلئەسىنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغان. ئۇ سۇ ئۈزۈشكىمۇ ئاجايىپ ماھىر بولغان. ئۇ بۈيۈك گانگى دەرياسىدىن باشقا، يولدا ئۇچرىغانلىقى دەريالارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ يېقىملىق تىل، ئاھاڭدار ۋەزىن بىلەن يېزىلغان تەرجىمھالى («بابۇرنامە»)نى ئوقۇغىنىڭىزدا ئاپتورنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە بىلىمىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىغا گۇۋاھ بولۇپ قالىسىز. بابۇر تەبىئەتنى ۋە بەزمە – مەشرەپنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. بولۇپمۇ تاغلار، ئېدىرلار، باغلار، يايلاقلارنى كۆرگەندە زوق – شوققا تولۇپ، ئىلھامى قايناپ، خۇددى بۇلبۇلگوياغا ئايلىنىپ قالاتتى. ئۇ ئىمانى كامىل مۇسۇلمان بولۇپ، ئاللاھنى بىر دەممۇ ئېسىدىن چىقارمىغان. لېكىن مۇتەئەسسىپ بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغان. بابۇر سۆزگە باي ناتىق، ئىستېداتلىق سەركەردە، ئار – نومۇسى كۈچلۈك شەخس بولسىمۇ دۆلەت ئەربابى بولۇشتا تازا يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىگەن. ئۇ ئۆز غەلبىلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالمىغان. مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى يولغا قويالمىغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان مەھكىمە بولمىغان ۋە مۇستەھكەم قانۇنلار يولغا قويۇلمىغان. بابۇرنىڭ كۆپلىگەن ئىشلىرىنىڭ ئاخىرى چىقماي قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى ھۇمايۇن كېيىنچە بۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان.

 

بابۇرنىڭ خوتۇنلىرى ۋە پەرزەنتلىرى —

 

بابۇر ئۆزىنىڭ بىر قانچە خوتۇنلىرىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىتىپلا ئۆتكەن. بىراق ئۇنىڭ قىزى گۈلبەدەن بېگىم بابۇرنىڭ بارلىق خوتۇنلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمىنى ساناپ چىقىدۇ. بابۇر بەش ياشقا كىرگەن چاغدا ئايشە سۇلتان بېگىم بىلەن چېتىپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان پەخرۇننىسا ئىسىملىك قىزى بىر ئايلىق بولغاندا مەجرۇھ بولۇپ قالىدۇ. 1504 – يىلى بابۇر زەينەپ بېگىمگە ئۆيلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۈچ پەرزەنتلىك بولغاندا زەينەپ بېگىم دۇنيادىن ئۆتىدۇ. بابۇر 1506 – يىلى ماھىم بېگىمگە ئۆيلىنىدۇ. بۇ خوتۇندىن بەش پەرزەنت كۆرىدۇ. بۇلاردىن تۆتى كىچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بەشىنچىسى ھۇمايۇن بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ ئورنىغا تەخت ۋارىسى بولىدۇ. بابۇر 1507 – يىلى مەسۇمە بېگىمگە ئۆيلىنىدۇ. بىراق ئۇ بىر يىلدىن كېيىن تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 1508 – يىلى بابۇر گۈلرۇخ بېگىمگە ئۆيلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بەش پەرزەنت كۆرىدۇ. بۇلاردىن ئۈچى كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. كامران بىلەن ئەسقەرىي كېيىن ئۆگەي ئاكىلىرى ۋە ھۆكۈمدار ھۇمايۇن تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىدۇ. بابۇر دىلدار بېگىم ئىسىملىك خوتۇنىدىن ئىككى ئوغۇل، تۆت قىز كۆرىدۇ. ئوغۇللىرىدىن ھىندال ھۇمايۇن بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا جەڭ مەيدانىدا ھالاك بولىدۇ. ئەلۋار بولسا، بالا چېغىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. قىزلىرىنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە: گۈلرۇخ، گۇلرەڭ، گۇلچېھرە ۋە گۇلبەدەن (بۇ قىزى «ھۇمايۇننامە»نىڭ ئاپتورى.)

 

بابۇرنىڭ ئۆلۈمى —

 

«بابۇرنامە»دە، مۇھەررەم ئېيىنىڭ 3 – كۈنى (1529 – يىلى 7 – سېنتەبىر) دىن پېشۋاسى شەيخ مۇھەممەد غەۋسىنىڭ ئەگرەگە، بابۇرنىڭ ھۇرۇرىغا كەلگەنلىكى ئېيتىلغان. بۇ، ئەسەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تەپسىلاتلار بىراقلا توختايدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كېيىنكى 15 ئېيى توغرىسىدا «ھۇمايۇننامە»دىن قىسمەن تەسەۋۋۇرلارغا ئىگە بولۇش مۈمكىن. 1530 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا بابۇر لاھۇردا بولىدۇ. قايتىشىدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدا شىكار باھانىسى بىلەن ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ئەگرەگە قايتىپ كەلگەندە، تەخت ۋارىسى ھۇمايۇننىڭ سەمبىھەلدە ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كېلىدۇ. ھۇمايۇننى دەريا بىلەن ئەگرەگە ئېلىپ كېلىدۇ. بابۇر تېۋىپلارنىڭ داۋالاشلىرى كار قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «ھۇمايۇننىڭ ئورنىغا مېنىڭ جېنىمنى ئال» دەپ خۇداغا چىن قەلبىدىن مۇناجات قىلىدۇ. يېقىنلىرىنىڭ «كوھى نۇر» ناملىق ئالماسنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ھۇمايۇن ياتقان تەختىراۋاننى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ: «مەنكى بابۇر جىسمۇجانىمنى ھۇمايۇنغا بەخشەندە قىلدىم» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. گۈلبەدەن بېگىمنىڭ يېزىشىچە، شۇ كۈندىن تارتىپ ھۇمايۇننىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلاپ، بابۇرنىڭ مىجەزى بۇزۇلىدۇ. بابۇر شۇ ياتقىنىچە ئىككى ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ۋە 1530 – يىلى 26 – دېكابىردا 48 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ جەسىتى ئەگرەگە دەپن قىلىنىدۇ. كېين كابۇلغا كۆچۈرۈلۈپ، دەريا بويىدىكى ئانچە چوڭ بولمىغان بىر گۈزەل باغنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىنىدۇ.

 

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، بابۇر شۇنچە كۆپ جەڭلەر، يۈرۈشلەر، بەزمىلەر ۋە بابۇرىيلەر سەلتەنىتى ھەققىدىكى بۈيۈك ئارزۇ – ئارمانلىرىدىن سىرت، يەنە ئۆز خاتىرىلىرىنى يېزىشقا ۋاقىت تاپالىغان. ھىندىستان تارىخىدا ئۇنىڭ قۇتلۇق خىزمەتلىرى ھەقىقەتەن بۈيۈكتۇر. ئەمما سالنامىچىلىك ساھەسىدىكى خىزمىتى بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ بۈيۈك. «بابۇرنامە» ئاجايىپ ئەدەبىي تەسۋىرىي سەنئەت ئەسىرىدۇر. تارىخىي ھۆججەت سۈپىتىدىكى قىممىتى تەڭداشسىزدۇر. ئەمىر تېمۇرنىڭ تەرجىمىھالى كەشپىيات بولسا، بابۇرنىڭ تەرجىمىھالى بۇ كەشپىياتنىڭ يۈكسەك پەللىسىدۇر.

 

(بۇ مەزمۇن «بابۇرنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)نىڭ 2010 – يىل 4–ئاي 2–نەشرى 744–بېتىدىن ئېلىندى).


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش