كۆرۈش: 4743|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇرلاردىكى خوشنىدارلىق ئەنئەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
37
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1027
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 12:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا خوشنىلار بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرى بارا- بارا سۇسلىشىشقا باشلىدى. ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ دائىم  خىزمەتداشلار ئارا خوشنىلارنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولدى دېگەندەك پاراڭلارنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز. يېقىندا بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇرىدىغان بىر كىشى قازا قىلدى. مېنى ئېچىندۇرغىنى، ئۇنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەتراپتىكى خوشنىلار نەچچە كۈندىن كېيىن بىلگەن. بۇلاردىن قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز- خوشنىدارچىلىقىمىزنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بىزدە مەھەللىدە كېسەلمەن كىشى بولسا، قوشنىلار كۆز- قۇلاق بولىدىغان، بىر چىنە تاماق سۇنالمىسىمۇ ھالىنى سوراپ تۇرىدىغان ئەنئەنە بار ئىدى. مەھەللىدىكى كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە، بۇ كىشىنىڭ خېلى كۆپ پۇلى بولۇپ،  بىر تونۇشىغا بېرىپ تۇرغان ئىكەن، كېيىن تونۇشى ئۇنىڭدىن پۇل ئالغانلىقىدىن تېنىۋالغان. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم قىلىپ، شۇنىڭدىن بېرى سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولماي كەلگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە مەنپەئەت بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئەقىل، ھېسسىيات كۆزلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.


قوشنىدارچىلىق ھەرقانداق ئىنسان ئەگىپ ئۆتەلمەيدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت  چەمبىرىكى. "ئۆي ئالماي، قوشنا ئال" دېگەندەك ھېكمەتلەر خەلقىمىزنىڭ قوشنىدارچىلىقتىن كۆڭلى سۇ ئېچىپ، ئۇيۇشچانلىق، مېھرىبانلىقتەك خىسلەتلەرنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. قەدىمقى زاماندا، بىر ئادەم ئۆيىنى ساتماقچى بوپتۇ. بىرەيلەن كېلىپ باھاسىنى سورىغان ئىكەن. ھېلىقى كىشى "2000 تىللا" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھاجەتمەن "ئاڭلىسام، بۇ ئۆيىڭىزنىڭ قىممىتى 1000 تىللا ئىكەنغۇ؟" دەپتىكەن. ھېلىقى ئادەم "توغرا، ئۆيۈم 1000 تىللا، قوشنام 1000 تىللا" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

ھەر قېتىم قوشنىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن كۆچۈپ كېتىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋايساشلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك نازۇك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. بىر ئادەمنىڭ ئايالى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ھېلىقى قوشنىسىنىڭ ئايالى ئەخلەتلەرنى ئىشىك تۈۋىگە دۆۋىلەپ قويىدىغان، يۇندى تۆكۈۋېتىدىغان، ھەتتا يۈزىدىن يۈزىگىلا تىللايدىغان بولىۋاپتۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك زىددىيەتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن بۇ ئائىلىدىكەر  ئاخىرى بۇ جايدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. يەنە شۇنداق قوشنىلار باركى، كەچ بولسۇن، ئۆيىڭىزدە مېھمان بولسۇن- بولمىسۇن، ئۆيىڭىزگە كىرىۋېلىپ، سىزنىلا ئەمەس، مېھماننىمۇ بىزار قىلىدۇ. ئۆيدە بارنىمۇ، يوقنىمۇ سىزدىن سورايدۇ. كېچىچە سورۇن تۈزۈپ، ئۇيقۇڭىزنى ئۇيقا قىلمايدۇ. بۇنداق قوشنىڭىزنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى تۈزۈك. شەھەرلەردە كىشىلەر ئاساسەن بىنادا ئولتۇرىدۇ. بىنا ئۆي بىخەتەر ساندۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆيىڭىزگە بېكىنىپ ياشىسىڭىز، دىلىڭىزمۇ تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ. شۇڭا، قولۇم- خوشنىلار ئارا سالام- سائەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ، قوشنىدارچىلىق خىسلىتىمىز سۇسلىشىپ قالمىسۇن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆمۈد سەن قەيەرد

UID
3434
يازما
107
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 13:05:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھازىر خوشنادارچىلىق ئەڭ قويۇق يەر ،بىزنىڭ قەشقەر!

مۇرادىللوف

تىرىشچان ئەزا

بۈگۈن-ئەڭ مۇھىم.

UID
11300
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1237
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 13:23:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى ئىككى قۇر گەپ بەك تەسىر قىلدى ماڭا، ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

UID
3198
يازما
33
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
783
تىزىملاتقان
2010-7-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 14:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى توي قىلىپ ئىكى يىلغا يىقىن ئولتۇرغان ئۆيۈمدە ئۇدۇل خوشنامنىمۇ بىلمەيتىم، يىقىندا ئۆي كۆچۈپ ئىككى كۈن بولماستا بىر زالدىكى 3 قوشنام بىلەن تونۇشتۇم، ئۆي كۆچىۋاتقاننى كۆرگەن، «يېڭى كۆچۈپ كەلدىڭلارمۇ؟ مەن ئۇدۇل قوشنىڭىز، مانچىنچى قەۋەتتىكى قوشنىڭىز، ياردەم كېرەك بولسا ئىزلەڭ» دەپ كىرىپتۇ، كۆڭلۈم سۈيۈنۈپ قالدى، مانداق قوشنىلارمۇ ئۇچىرايدىكەن دەپ قالدىم.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 15:42:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز چوڭ بولساق ھېيىت ئايەملەردە ،نامازدىن يېنىپلا ئۆلۈم -يىتىم بولغان ،غېرىپ-غۇرۋالار بار ئۆيلەرنى ئالدى بىلەن پەتىلەپ،يوقلايدىغان ئىش بار ئىكەندۇق.ھازىر ئالدى بىلەن باشلىقنىڭ ئۈيىنى پەتىلەيدىغان ئىش چىقىتى.ھەممەيلەن ياش قۇرامى بويىچە توپ-توپ ھېيىت پەتىسى قىلاتتى.بىزدىكى بىنالىشىش ،باشقا ھەرقانداق مىللەتتىن ئۆزگىچە پەرىقلىنىدىغان،قائىدە-يۇسۇنلىرىمىزنى،خۇلۇم-قوشنىدارچىلىقنى يەپ كەتتى.ھەتتا مەخسۇس <ھېيىتلاپ >كىتىشكە چاقىرمىسا كەلمەيدۇ،ناھىيەلەردە سەل ياخشى.بۇرۇن ،قوشنىلارنى بىر كۈن كۆرمىسە،بار-يوقلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ ،كىرىدىغان،ھازىر ئايلاپ كۆرمىسەكمۇ كارىمىز يوق،ئۆز ئشىمىز بىلەن.قوشنا ئىنتايىن مۇھىم،<يىراقتىكى تۇققاندىن،يېقىندىكى قوشنا ئەلا>.
مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا يوللىغان بۇ تىمىڭىز،،ھەممىمىز نى ئويلۇنۇشقا ،كاللىمىزنى سىلكىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
136
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4396
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 19:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز، مەن چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىتىمىز ، خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى ئىدى ، ئەتراپتىكى خوشىنلىرمىز كۈندە دىگۈدەك ئەھۋال سوراپ كىرىپ تۇراتتى، ھېتلار بولسا ، چوڭلار ئۆ ي ئۆ يلەرنى پەتىلەپ ھېيتلاپ كىرسە، بىز كىچىكلەرمۇ ،قۇرداشلار ئۆز - ئارا كىرشىپ يىغىلىشىپ ھيېتلىشاتتۇق، ھازىر نەدىمۇ بۇنداق پەتىلەيدىغان ئىش بار ، چاقىرسىمۇ ئاران باردۇ تېخى . يوقىلىپ كېتۋاتقان ئورىپ -ئادەتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسكە سالغىنىڭىزغا رەھمەت.

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

UID
12244
يازما
47
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1337
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 14:11:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ خوشنىدارچىلىق مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلار كىشىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ھېساپلىنىدۇ . " يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى خوشناڭ ئەلا " دېگەن  خەلق ماقالىدىنلا خوشنىدارچىلىقنىڭ مۇھىملىقى ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ . ئائىلىلىكلەر بىنالاشقاندىن كېيىن ھەقىقەتەن خوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسى سۇسلاشماقتا . مېنىڭچە بۇ ئەنئەنىنى ئەۋلاتلار قەلبىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر ئاتا - ئانا ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشى، ئۆگىتىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، پەرزەنتلىرىمىز دەۋرىگە بارغاندا خوشنىدارچىلىق ھەققىدە سۆزلىسەك خۇددى " كۈلقىز نىڭ چۆچىكى " نى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىشى تۇرغان گەپ . ئۇ چاغدا بىز بۇ قىممەتلىك ئەنئەنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئېغىز ئاچالماي قالىمىز ، ئۈلگۈرەلمەيمىز  ...

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

UID
4108
يازما
684
تېما
140
نادىر
0
جۇغلانما
23093
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 01:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئاپام دائىم :"مۇنۇ بىر قاچا تاماقنى پالانى قوشنىلارغا ئەكىرىپ بېرىپ چىق"،" پالانى قوشنىلارنىڭكىدىن بىر باش پىياز ئېلىپ چىققىن"دەپ بۇيرۇيتتى.
    مەن ئاپامغا :"چۈشتە ھەممە ئادەم تاماق ئىتىدىغۇ،نىمىشقا تاماق سۇنىمىز؟"،"پىيازنى بازاردىن ئەكىرسەك بولىدۇغۇ؟نىمىشقا باشقىلاردىن سوراپ ئىشلىتىمىز؟..........."دەپ تۇرۋالاتتىم.
   ئاپاممۇ تېرىكمەي تۇرۇپ:"قوشنىدارچىلىق دىگەن شۇ،كىچىككىنە ئىشلار بىلەن كىرىش-چىقىش قىلىپ،ئۆز-ئارا تېنچ- ئامانلىقىمىزنى بىلىشىپ تۇرىمىز،بۇ ساڭا قوشنىدارچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتكىنىم." دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
  قوشنىدارچىلىق سۇسلىشىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە،ئاپامنىڭ قىلغانلىرىنى تېخىمۇ چۈشۈنۈپ يىتىۋاتىمەن.

ئۆز ئىچىڭگە سىغمىغان سىرىڭنى، ئۆزگىلەر سىغدۇرغايمۇ ؟

UID
13663
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
526
تىزىملاتقان
2011-8-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 20:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا<يىراقتىكى تۇققاندىن يىقىندىكى قوشنا ئەلا> دەيدىغان گەپ بار  قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۆشمۇ بىر خىل ئەخلاق .شۇڭا قوشنىلار ئارا ئەپ ئۆتۆش كىرەك.

UID
9387
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
869
تىزىملاتقان
2011-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 00:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھازىر خوشنادارچىلىق ئەڭ قويۇق يەر ،بىزنىڭ قەشقەر!    [s:3]  [s:3]  [s:3]  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش