<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتى تولۇق ئەھۋالى ۋە ئەلكۈيى زىيارىتى ھەققىدىكى فىلىم
بۇ قېتىمقى <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>پروگراممىسىغا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم،تىلى تاتلىق رىياسەتچى زۆھرە كېرەملەر رىياسەتچىلىك قىلدى،تالانتلىق كومپىزوتور ئابلەت ئابلىكىم،ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ياش ناخشىچى رەنا رۇزى قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىز رىياسەتچى ۋە تاماششىبىنلار بىلەن بىرلىكتە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇپ،ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ۋە تاماششىبىنلارغا تەقدىم ئەتتى.سابادا كۈلكە ئاۋازى،خۇشاللىق ھىسياتى بىردەممۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى.
ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش پائالىيتىگە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رەھبەرلىرى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(ئەلكۈيى تورى)، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى،مۇخبىرلىرى ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان 500دىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيدان ئاڭلىتىشىغا قاتناشتى.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى تەرىپىدىن <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى>>دە بىۋاستە ئاڭلىتىلغان بۇ پروگرامما تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى مىڭلىغان قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى.ئەلكۈيى تورى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىملىق <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش ئالاھىدە پروگراممىسىنىڭ قاينام تاشقىنلىق نەق مەيدان ئەھۋالىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ۋە بۇ ھەقتە زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ كەڭ تورداشلارنى پائالىيەتنىڭ تولۇق ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش،<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>غا كەڭ ئەلكۈيىداشلار بىلەن جەم بولۇش مەقسىتىدە <<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى ئەلكۈيى ئېكرانىدا>> نامىدىكى بىر قېتىملىق ئەركىن - ئازادە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ ھەممىڭلارغا سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدۇق.
بۇ ھەقتىكى زىيارەتنىڭ ئېنىقلىرى يۇقىرى نۇسخىسى شۇ كۈندىكى نەق مەيدان ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر يوللىنىۋاتىدۇ..


شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

ئاتاقلىق كومپىزىتور ئابلەت ئابلىكىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

ئاتاقلىق كومپىزوتۇر،تالانتلىق ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئوغلى جەسۇر ئابلەت <<بالا نەسىردىن >>ناملىق ناخشىنى تاماششىبىنلارغا ئۇرۇنداپ بەرمەكتە

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەم ئەلكۈيى تورىدىكىلەرگە بۇ قېتىملىق ئاڭلىتىش ھەققىدە سۆز قىلماقتا


ئەل سۆيگەن ناخشىچى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە
<<سابادا شاتلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش ئاڭلىتىشى جەريانىدىكى رەسىملەر داۋاملىق كىرگۈزىلىۋاتىدۇ..

ئاتاقلىق ناخشىچى،تالانتلىق كومپزىتور ئابلەت ئابلىكىم سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى ھەققىدە سۆزلىمەكتە



يىتىشۋاتقان ناخشىچى رەنا رۇزى
ئابلەت ئابلىكىم ۋە ئوغلى جەسۇر ئابلەت
