يۇنۇسنىڭ بېلىقى
تۆتھوگۇل
سېنىڭ بېلىقىڭ،
يىراق-يىراقلاردا سېنى ساقلاپ تۇرۋاتقان
سەن ئۈچۈن قارنىغا ھىچ نېمە كىرگۈزمەستىن
سېغىنىشنىڭ ئۇيۇغان قانلىرىدىن باشقا؛
سېنىڭ بېلىقىڭ
ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن پاراخوتلارنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتقاندا
ناخشا ئېيتىۋاتقان زەبۇردىن
سېغىنىشنىڭ ناخشىسى
پۇشايمان ئارلاشقان؛
مانا، يىراقلارغا سۈرگۈن بولغان ئاشىق
قۇم پۇراپ تۇرغان تەنلىرىڭگە قىياسەن
قۇپقۇرۇق ساھىللارنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ...
ئامرىقىم!
ياشلىرىمدا ئۈزىۋاتىسەن...
بىلىمەن قارنىڭ تېخى ئوچۇق پەريادلىرىمغا
تەۋبىلىرىمگە؛
رەببىم بىلگەن بىر مەزگىلگىچە ياتتىم قوينۇڭدا
ئاندىن،
مېنى ئالدى ئېگىسىز ئاراللار ئارىسىغا
سېغىنىشنىڭ قەسىمىنى ئويۇپ تىلىمغا
ئاراللار ئارا نامىڭنى زىكرى قىلدىم
ھۆسنۈڭگە تەڭداش بىر مەنزىل تاپالمىدىم دىلىمغا؛
...
مانا، سېغىنىشلىق ياشلىرىم بىلەن
كۆز ئالدىمدىكى دېڭىزلار بىلەن تەڭلەشكىنىمدە
قوينۇمدا شۇيغۇيسەن ئوماق بېلىقىم؛
ئايسىز كېچە
ھىچكىم بىلمەس سۈرئەتتە ئۈزىۋاتقان قوينۇڭدا
خوتەن بىر مەخپىيەتلىك
قەشقەر تىپىرلايدۇ چولپان يۇلتۇزىغا قاراپ
ئاقسۇنى بويلاپ ئاقىدۇ يېشىم ھەمىشە
كورلىدا تەنھا بېشىم
تۇرپاندا دانە، دانە قاسراقلىرىڭ
بىر دانىسى غۇلجىدا، ئاچچىق كۈلكىدە
بىر دانىسى ئۈرۈمچىدە خارلىق ئىچىدە
قۇمۇل ھامان غېرىپ خانەمدە؛
ئامرىقىم!
ئۆلۈم چۈشەيمەن بۇ كۈنلەردە
سېنى قۇچاقلىرىمدا بوغۇزلاپ
ۋاقتىدا ئۆدىيەلمىگەن قۇربانلىقنىڭ ئورنىدا...
مانا بۈگۈن قوللىرىم قىپقىزىل قان
كەلگۈسىگە ئۇزاۋاتقان
خانقىزنىڭ توي كۈنىدە...
ئامرىقىم!
بىر تىنىقىم قالدى ئارتۇق
ۋەدىمىز تۈپەيلى كەچتىم ئۇنىڭدىن
كىم ياشىسا ياشىسۇن ئۇندا...
مېنى كەلمەسكە كەتتى دەپ بىل
ساڭا يازغان بۇ قۇرلىرىمدا...
2011.02.19
ئېلاستىكىلىق
تۆتھوگۇل
كۈنلەرنىڭ سوزىلىشى بىر ئېھتىمال
چوكىلاردا ئۇزىرايدۇ بەلكىم؛
بەلكىم سەن ھىچ كۆرۈپ باقمىغان ئۈچەيلىرىڭدەك ئۇزۇن بۇ ئىشلار
ھەزىمىنى ھىچكىمگە تارتقۇزمىغان؛
بېشىنى، پۇت-قوللىرىنى
ۋە ئاشقىزىنىنى باشقىلارغا ئۆتنە بېرىپ تۇرۇش
ئاپئاق تامدەك تاتىرىپ كەتكەن بۇ تۇرمۇشتا بىر ئېھتىمال
چىرايىڭدىكى تەبەسسۇمغا ئۆت كەتكەندە
ئاشۇ ئوتتا كۆيىۋاتقان ھەسرەتلىرىمنى كۆردۈم
بەلكى سەن
ئادەملەرنى كىچىك كۆرەلەيسەن
ئۇلارنىڭ قورساقلىرى ساڭا تاقىشىپ تۇرسىمۇ
پۇت-قوللىرى بېقىنلىرىڭغا پېتىپ تۇرسىمۇ...
سەن
ئاڭلا!
پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ كەينىدىن قوغلا
ۋە پادىلىرىڭنى تاپ
تاغدا... يۇلتۇزلار كېچىنىڭ باراڭلىرىدا پىشىۋاتىدۇ
كۆرۈنمەس باراڭلار؛
نەپەسلىرىڭگە بىر پاكىزە جاي سېنىڭ پاكىزە تىنىقلىرىڭ بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ...
قۇياشنى سوزۇلغان چەمدەك كۆرىمىز بىر كۈن
بەلكىم
بۇلارنىڭ ھەممىسى كەينىمدىلا؛
بۇ پەردىنى يىرتساملا كۆرەلىشىم مۇمكىن
نېمىلەرنى يىغلاپ، نېمىلەرنى كۆيۈپ، كۆيدۈرۈپ
يەنە نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگىنىمنى...
قارا...
بىر تامچە سۇدىن ھازىرغىچە
ھىچكىمنىڭكىڭگە ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيا يارىتىلدى ماڭا
چەكسىز دۇنيالار ئارىسىدا؛
بوش-بوش پىچىرلار شاماللار
تەرلىگەنچە تەۋرەپ تۇرىۋاتقان زېمىننى يەلپۈپ
نۇھ نېمىنى چۈشىدى؟!
ئىچىدىكى ئىنساننى كۆيدۈرمىگەن ئوت نەلەرگىچە ئۇزاۋاتىدۇ؟!
غار دوستلىرىنىڭ ئۇيقۇلىرى كىملەرنى ئۇخلىتىۋاتىدۇ...؟!
ئاھ، كەرىمىڭ يۈكسەك رەببىم!
مەڭگۈلۈك داۋامىمنى ياراتقان زاتسەن
كېچىلەرنى ئۆچۈرۈپ قاراڭغۇ قىلغان
كۈندۈزنى كۆزۈمگە ھۈركىگەك قىلغان
ئاچچىق، ئاچچىق كۈنلەرگە ئۇلاپ
ھالاۋەتلىك كۈننى،
قوغۇشۇندەك قاتقان چىرايلارنى
قاھ، قاھ كۈلدۈرگەن زاتسەن؛
سۇلايماننىڭ جىنلىرىغا تەكلىپ ئېتىلدىم
قاغىلارغا يازدىم جاۋاب خېتىمنى؛
شېئىر يېزىش بەلكىم
بىر قىش بويى باھار تىلاۋەت قىلىنىۋاتقاندا
يېغىۋاتقان قارلارنىڭ جىملىقىدا
ھاياتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش
ياكى
يارىتىلغان ئۆلۈمنىڭ...
ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئۆسكەن بىر قاراڭغۇلۇق
دۈمبىلىرىمىزگىچە يامراپ كەلسە
يەجۈجى بىلەن مەجۇجى
ناغرا-سۇنايلىرىنى چېلىپ بايرام قىلسا
بابىلنىڭ چوقىسىدا
تىلىمىزنىڭ ئۇچىدا
بىز تاشلاپ ماڭغان يول بىلەن
تەنتەنە قىلسا كونا بايراملار كۈنىمىزدە
شېئىر بايرىمى:
خائىنلىق نېمىشقا شۇنچە تاتلىق؟!
ۋە نېمىشقا، نېمىشقا شۇنچە ئازابلىق...؟!
2011.02.12