ئۇيغۇرلار قائىدە- يوسۇنلۇق مىللەت
ئۇيغۇر خەلقى نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا، جۈملىدىن قائىدە- يوسۇن تارىخىغا ئىگە مىللەت. ئۇلار ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزىگە خاس مول قائىدە- يوسۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس ئىجىتمائى قانۇنىغا ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ تارىخى ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن قۇۋم بولۇپ ئۇيۇشقان ناھايىتى يىراق قەدىمقى دەۋىرلەرگە توغىرا كىلىدۇ. دىنى ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك قائىدە- يوسۇنلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ شۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرى بىلەن باغلىنىدۇ.
بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار تارىختىن بىرى ئەمەل قىلىپ كەلگەن قائىدە- يوسۇنلارنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، بىر مىللەت قائىدە- يوسۇنسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا مەدەنىيىتىمۇ بولمايدۇ. بىز مەدەنىيەتنى مىللى خاسلىق نوقتىسىدىن كۈزەتسەك، ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان ياراتقان ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ ئومومى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك، قائىدە- يوسۇن مىللەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنىڭ بارىلىق قاتلاملىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ. قائىدە- يوسۇن ئىز سالمىغان ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ. قوشۇقتا تاماق يېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ غىزالىنىش قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ بىرى، تاماقنى چوكىدا يېيىش بولسا خەنزۇلارنىڭ ، ۋىلكا ئىشلىتىش بولسا غەرىبلىكلەرنىڭ تاماق يېيىش ئادىتى. بۇلار ئادەتتە كىچىك ئىش ھىساپلانسىمۇ، لىكىن ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مۇساپىسىگە قارىساق، ئۇلارنىڭ ناھايىتى قەدىمقى دەۋىرلەردىلا ئۆزىگە خاس مىللى قائىدە- يوسۇنلارنى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومومى ئادىتىگە ۋە ئىجىتمائى قانۇنىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شىنجاڭدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن تۆت- بەش مىڭ يىل بۇرۇنقى جەسەتلەر بىلەن كۆمۈلگەن ئاخىرەتلىك بويۇملار ئۆز دەۋرىدىكى ئەجداتلىرىمىز قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ رەڭگارەڭ، مەزمۇنىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ تارىخى يىلتىزى، تۇرمۇش ئاساسى ناھايىتى چوڭقۇر. بەزى قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ تارىخىنى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىپتىدائى ئېتىقاد دەۋرىگە باغلاشقا توغۇرا كىلىدۇ. مەسىلەن، بۆرىنى قۇت بەلگىسى قىلىپ ئۇلۇغلاش ئىپتىدائى ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىكى ئەقىدە ئىدى. بىراق، بۇ ئەقىدە كىيىنكى ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردە ئىزچىل داۋاملىشىپ، ھازىرقى ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھازىر ئۇيغۇرلاردا بۆرىنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى بولمىسىمۇ، بىراق بۆرە ئوشۇقىنى ئۇلۇغ بىلىش ئادىتى بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئومومىيۈزلۈك ھالدا بۆرە ئوشۇقىنى ئامەت كەلتۈردۇ، بالا- قازانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، خېيىمخەتەردىن ساقلايدۇ دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزى كىشلەر ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىن تەگكەنلىك ئەسىرى كۆرۈندى دەپ << ئوتلاش >>، سۈپكۈچلەش ئادىتى زەردۇشىت دىنى ۋە شامان دىنىنىڭ ئادىتى ئېدى. بىراق، ئۇيغۇرلار ئۇنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى قائىدە- يوسۇنلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللەت دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى قائىدە- يوسۇننى تەلىم- تەربىيىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ قارايدۇ. ئۇلار قائىدە- يوسۇنلۇق ئادەمنى تەربىيە كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق ئادەم دەپ قارىسا، قائىدە- يوسۇن بىلمىگەن ئادەمنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق دەپ قارايدۇ. يۇرۇتلاردا قائىدە- يوسۇن پېشىۋالىرىنى يۇرۇتنىڭ چوڭى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئۇ مۆتىۋەر جامائەتنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە باشچىلىق قىلىدۇ، كىشلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى قائىدە- يوسۇن بىلەن ھەل قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا قائىدە- يوسۇنغا بوي سۇنۇش بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ، ئىشلىرىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنىڭ شەرتى دەپ قارالغاچقا، ھەر بىر ئىشنىڭ قائىدىدىن چەتنەپ كىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار << ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە >> دەپ، ھەر قانداق ئەلگە كىرگەندە ئۇلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىغا بوي سۇنۇشنى تەكىتلەيدۇ. ئاتا- ئانىلار پەرزەنىتلىرى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە- يوسۇنلارنى ئۈگىتىدۇ. ھەتتا تاماق يىگەندە ئوڭ قول بىلەن يىيىش، ئۆيدىن تالاغا چىققاندا بوسۇغىدىن ئوڭ پۇتنى ئېلىپ چىقىش، ئۆيگە كىرگەندە، جامائەت سورۇنلىرىغا بارغاندا << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >> دەپ سالام بىرىشتىن تارتىپ ئولتۇرۇپ قوپۇشنىڭ ھەممە قائىدە- يوسۇنلىرىغىچە ئۈگتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئادەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر، ئاتا- ئانا ئۆز بالىسىنى ئۆز مىللىتىنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى بويىچە تەربىيلىمىگەن بولسا ئەيىپلىنىدۇ. قائىدە- يوسۇن ئۇقمايدىغان بالىلارنى جامائەتمۇ ئارىغا ئالمايدۇ. چۈنكى قائىدە- يوسۇن پەرزەنىتلەرنىڭ قەلبىدە ئەلگە نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ. قائىدە- يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنىتنىڭ قەلبى ئەلدىن يىراقلاپ كىتىدۇ.
ئۆرپ- ئادەت، قائىدە- يوسۇن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا << تۆرۈ >> دەپ ئاتالغان. تۆرۈ دىمەك جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەل قىلىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئىجىتمائى قائىدە- تۈزۈم دىگەن مەنىنى بىرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بارا- بارا دۆلەتنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىمۇ << تۆرۈ >> دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆرۈنى ھەم دۆلەت قانۇنى مەنىسىدە، ھەم ئاۋامنىڭ قائىدە- يوسۇنى مەنىسىدە تىلغا ئالغان؛
9846.ئاژۇن بولدى ئاخىر تۆرۈ ئارتادى،
ئەسىزلەرىگ ئەدگۈ كۆرۈ ئارتادى.
( قائىدە- يوسۇن بۇزۇلۇپ، دۇنيا ئاخىرلاشتى، يامانلارنى كۆرۈپ، ياخشىلارمۇ ئاينىدى.)
1946.ئوغۇل- قىز كەمىشتى ئاتا ھۆرمەتى،
سۆكۈش بولدى ئەركە ئاۋچىغا ئاتى.
( ئوغۇل- قىز ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلاشتى، << قېرى >> دىگەن نام ئەمدى ئۇلارغا ھاقارەت بولۇپ قالدى. )
2946.قامۇغ تەگشۈرۈلدى تۆرۈ ئۆڭدىلەر
قارالى ئۆرۈڭلى بىر ئۆك بولدىلەر.
( قانۇن- قائىدىلەر پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، ئاق بىلەن قارا ئارىلىشىپ كەتتى. )
يۇقۇرقى بايانلاردا تىلغا ئېلىنغان تۆرۈ ئىجىتمائى قانۇن ھىساپلىنىدىغان ئەنئەنىۋى قائىدە- يوسۇنلار ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ يەردە ئەينى دەۋىردە قائىدە- يوسۇننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن زامان ئاخىرلاشقاندەك ھەممە نەرسە ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكىنى؛ مىللەتنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، بىلىم ئىگىلىرىنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسى تەرك ئېتىلىپ، قېرىلار ھاقارەتلەنگەن ۋە خارلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇلاردىن باشقا يەنە جەمئىيەتنىڭ قورغىنى بولغان قائىدە- يوسۇنلارنىڭ گۇمىران بولۇشى بىلەن يۈز بەرگەن نۇرغۇن بۇزۇلۇشلارنى تىلغا ئالغان؛ << قارا، مەي بىلەن يۈز يۇيىدىغان پاسىقلار باتۇر سانىلىدىغان، پىتنە- پاساتچىلار ئەر ئاتىلىدىغان، تەقۋادار، دىيانەتلىك كىشلەر مۇناپىق دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا ئۈستۈنلۈكنى ئالدى. ئىشەنچىلىك ئادەمنى تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتتى، كىشلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىق پۇل- ئەمەل ئۈچۈنلا بولدى. ھەقىقەت ئۈچۈن توغۇرا ئىش قىلىدىغان قېنى؟ ئامانەتنىڭ نامىلا قالدى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلار قالمىدى. سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇدى. ھۈنەرۋەن ئۇستىلار نەسىھەتلەردىن ۋاز كەچتى. كىشلەرنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى، كىمدە كۈمۈش بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. >> مانا بۇ مىللەتنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىۋى قائىدە- يوسۇنلىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى سەۋەبلىك يۈز بىرىۋاتقان ئىجىتمائى تىراگىدىيە ئىدى. ئەسلىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىممەتلىك يوسۇنى بويىچە چوڭلار ۋە ئاقىللىرىنى تۆرىگە ئالسا، ئىشنىڭ بېشى قىلسا، دانا مەسلىھەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشسا، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇلۇغ مۇۋاپېقىيەتلەر قولغا كەلگەن بولاتتى.
ئۇيغۇرلاردا قەدىمدە<< ئەل قالار، تۆرۈ قالماس >> ( << تۈركى تىللار دىۋانى >>، 3- توم، 503- بەت ) دىگەن بىر ماقالە بار ئىدى. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تۆرۈمۇ ئوخشاشلا قائىدە- يوسۇننى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ماقالىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، دۆلەت يوقالسىمۇ، قائىدە- يوسۇن يوقالمايدۇ، ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ. خەلق مەۋجۇت بولىدىكەن، شۇ خەلقنىڭ قائىدە- يوسۇنى مۇقەررەر مەۋجۇت بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ گەۋدىسى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېتنىك تەركىۋىگە نۇرغۇن تەركىپلەر ئارلىشىپ كەتتى. بۇ جەرياندا مىللەت بېشىدىن نۇرغۇن قىسمەتلەرنى ئۆتكۈزدى، بىر دەۋىردە قەد كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر دەۋىردە تىز پۈكتى، شۇنداقلا نەچچە قېتىملىق دىىنى ئېتىقاد ئۆزگۈرۈشىنى بېشىدىن كۆچۈردى. ئەمما، بىر قىسىم قائىدە- يوسۇنلار شۇنچە زور ئۆزگۈرۈشلەر جەريانىدىمۇ ئۆزگۈرۈپ قالماي، ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات داۋاملىشىپ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلدى. دىمەك، قائىدە- يوسۇنلىرىمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى بىلەن مىللىتىمىز نەچچە مىڭ يىللىق ئەگىرى- توقاي تارىخى مۇساپىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە- يوسۇنلىرىمىز ھەر قايسى تارىخى باسقۇچلاردا مىللىتىمىز ئەزالىرىنى ئۆز ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان ئىدى.
قائىدە- يوسۇن مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى
قائىدە-يوسۇن بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق شەكلى، مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ نامايەندىسى، مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. ئۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەركىزى نوقتا ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ مىللەتنىڭ تارىخى مۇساپىسىدە تەدىرىجى شەكىللىنىپ، بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ، شۇ مىللەت ھاياتىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. تارىختا قايسى مىللەت قائىدە- يوسۇنلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلغان بولسا، شۇ مىللەت قۇدىرەت تاپقان؛ قايسى مىللەتنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى زەئىپلەشكەن بولسا، شۇ مىللەت زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. قائىدە- يوسۇن مىللەتنىڭ ياشاش ئادەتلىرىنىڭ قىلىپلاشقان شەكلى بولۇش سۈپتى بىلەن، مىللەت ئەزالىرى قەتئى ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مىزان ۋە ئىنتىزام ھىساپلىنىدۇ. ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قۇۋىمىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان قائىدە- يوسۇن چەمبىرىكىگە تەۋە بولىدۇ ۋە شۇنىڭ ئىچىدە تەربىيىلىنىپ، تەرەققى قىلىپ، ۋايىغا يىتىدۇ. ئادەم تۇغۇلۇپلا بۆشۈككە بۆلەنسە، ھايات مۇساپىسى ئاخىرلاشقاندا يەنە بىر بۆشۈككە بۆلۈنۈپ ئاخىرەتكە ئۇزۇتۇلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ۋە قەمئىيەتنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا ئۆز قۇۋىمىغا تەۋە بارلىق قائىدە يوسۇنلارنى ئۈگۈنىدۇ. بىز ھازىر قائىدە- يوسۇنلۇق مىللەت دىگەن ئۇقۇمنى مەدەنىيەتلىك مىللەت سۈپتىدە قوللىنىمىز. قائىدە- يوسۇنغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان مىللەت دىگەندە، ئۇنى مەدەنىيەتسىز، ياۋايى مىللەت دەپ چۈشنىمىز. بىز كۆپۈنچە ھاللاردا بىر ئادەمنىڭ تەربىيە كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى، بىلىملىك ياكى بىلىملىك ئەمەسلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قائىدە- يوسۇن بىلىدىغان- بىلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيمىز. بىز ئۇيغۇرلاردا يەنە مىللەتنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىدن يىراقلاشقان ئادەم گەرچە پىروففىسور، دوكتۇر بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئاۋام ئارىغا ئالمايدۇ. قائىدە- يوسۇن مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇدۇ، كىشلەرنىڭ مىللى روھىنى ئويغۇتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا كۈچلۈك مىللى روھ سىڭگەن بولىدۇ. قايسى مىللەتنىڭ قائىدە- يوسۇنى بارلىق مىللىت ئەزالىرى ئورتاق رىئايە قىلىدىغان مىزانغا ئايلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ.
كىشلەر دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولمىسۇن، ئۆزىگە خاس مىللى قائىدە- يوسۇنلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ ۋە توپ بولۇپ ئۇيۇشالايدۇ. ئاددىيسى، بىر مۇسۇلمان<< ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >> دىگەن سالىمى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق قايلىرىدىن ئۆزىنىڭ دىنى قىرىنداشلىرىنى تاپالىغانغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ مىللى قائىدە- يوسۇنلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىن ئۆز مىللى قىرىنداشلىرىنى تاپالايدۇ.
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز داھىلىرىغا،قەھرىمانلىرىغا، ئالىم- تۆھپىكارلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يوسۇنى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ مىللى قەھرىمانلىرى، تۆھپىكار ئالىملىرى ئۈچۈن ھەيۋەتلىك قەبىرە- گۈمبەزلەر ياساپ، ئۇلارغا تاۋاپ قىلىپ كىلىشكەن. بۇ مىللەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا << ئۇلۇغلارنى ئۇلۇغلىسا بەخىتلىك بولىدۇ >> دىگەن ئەقىدىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلاردا << ئۇلۇغقا تېۋىنسا قۇت كىلۇر >> دەيدىغان قەدىمى بىر ماقالە بار. بۇ ئۇلۇغلارغا چوقۇنۇشنىڭ مىللەتنىڭ مۇھىم ئەنئەنىسىگە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. دېمەك، قائىدە- يوسۇن مىللەت ئەزالىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
قائىدە يوسۇن كىشلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئەخلاق قارشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈدۇ. قائىدە- يوسۇنغا سەل قارالسا، كىشلەرنىڭ ئەدەپ- ئەخلاق قارشى سۇسلىشىدۇ، مەسئۇلىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. كىشلەر قائىدە- يوسۇن ئارقىلىق ئۆزىنى ئەخلاقى جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالىدىغان، مىللەتنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈردىغان يامان ئىش، يامان ھەركەتلەردىن ئۆزىنى چەكلەيدۇ.