ئۇيغۇر كىتابخان مۇنداق دەيدۇ
(«ئادىل تۇنىياز نەگە كەتكەندۇ» دېگەن شېئىرنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
تەسەۋۋۇرى بولسىمۇ قۇرغاق،
باغرى ئوتلۇق ئۇيغۇر كىتابخان.
«ئادىل تۇنىياز نەگە كەتتى؟...» دەپ،
كېچە-كۈندۈز بولغانتى سەرسان.
سېغىنغانتى ئەشئارلىرىڭنى،
بۇغداي ئورۇپ ئالغاندا خارمان.
كۈيلىرىڭنى تىڭشاشنى يەنە
چىن دىلىدىن ئەيلىگەن ئارمان!
سەن تۇرپاندىن ئوت ئېلىپ كەتكەن،
ئىلاھىي يۇرت قەشقەردىن باھار.
ئۇچار گېلەمگە چىقىپ خوتەندە،
چۈشەپ يۈرگەن ئاتۇشتا ئانار.
ئۇسسىغاندا قۇمۇل قوغۇنى،
بىرىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرگە.
چىلان شەربىتى ئىچىپ قانمىغان،
يۈرىكىڭنى تولدۇرۇپ زەرگە.
«دېڭىزدىكى كوچا» (1) جىمجىت چۈش،
«چۈمبەل ئىچىدىكى كۆز» (2) دەك مۇلايىم.
تىنەپ يۈردى
«قەشقەردىكى يەر شارى» (3) دىمۇ
«بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» (4) دەك
بېسىقمىغان خۇماردا ئايىم،
ئىشقىي ھەر تۈن بولغاندا قايىم.
«قەشقەر ۋاقتى سائەت ئالتىدە» (5)
چۈشەپ قالدىم روھىڭنى شائىر.
ئابلا ئوسمان (6) پېتىپ سۈكۈتكە،
خارمىنىڭدا تاسقار جاۋاھىر.
باغرى ئوتلۇق ئۇيغۇر كىتابخان،
شائىر بىلەن ھەمنەپەس ئەبەد.
شائىر دېگەن ئىشقىي ھاياجان،
شائىر دېگەن يېشىل مۇھەببەت.
ياسىن زىلال قالغان دۇدۇقلاپ،
سېنى سوراپ كەلسە تېلېفۇن.
ئاھ، ئەركىن نۇر قالغان ئورۇقلاپ،
ھىجران ۋەجى قىلىپ باغرىن خۇن.
قۇربان مامۇت تېتىپ ئازابنى،
ھەي، بىر سېنى قىلغاندا خىيال.
بەگمەت يۈسۈپ ئىچىپ شاراپنى،
ياشلىرىن ئاققۇزغان تال-تال.
ئابدۇقادىر، ۋاھىتجان، پەرھاد،
پولات، يالقۇن، ئەزىزى ھەم مەن.
ئوسمانجانىكام ھەم قۇربان بارات،
دېگەن «دىلى ئوتلۇق بىر ۋەتەن!...»
خوش دېمىدىڭ سەنمۇ ھېچكىمگە،
خورمىزارغا ئالغان چاغدا يول.
يۈرىكىمىزدە مىڭ خۇرجۇن ئارمان،
سېنى ئىزدەپ يۈردۇق قۇرۇق قول.
رىۋايەتكە چۆكۈپ كەتتى دەپ،
مىڭ ئەپسانە تۆكۈپ كەتتى دەپ،
ئەسكى تامنى سۆكۈپ كەتتى دەپ،
تاغ كەينىگە مۆكۈپ كەتتى دەپ.
مىڭ بوۋاي-موماي،
مىڭ جۇۋان-يىگىت.
مىڭ شائىر-كۈيچى،
پەقەت بىر ئوماي،
جاۋاب بەردى تەڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ،
ھەمدە بەرجەس ئېلىپ ئالقانغا.
بىلەمسەن، ئادىل،
شۇدەم-
قىسمەت كۆزى بويالدى قانغا!
دېدى قۇشلار:
-ئادىل تۇنىياز!
شائىر ئەلنىڭ قۇياشى ئىدى!
دېدى ئۆمۈچۈك «پالكۆز چاشقانلار»:
-ئادىل تۇنىياز!
جانلىقلارنىڭ سىرداشى ئىدى.
ھېجران دىلنى ئەزگەن نەس تۈندە...
دېدى سۇلار:
-ئادىل تۇنىياز!
يۇيغان ئىدى بارىمنى ئادىل،
يۈرىكىمگە تۇغۇپ جاۋاھىر...
دېدى تاغلار:
-ئادىل تۇنىياز!
يۈرىكىمدە ئىدى مەڭگۈ ياز!...
دېدى تارىم:
-ئادىل تۇنىياز!
ئىدى ئۆز يارىم،
ئىشقى قارارىم،
ھاياتتا بارىم،
چىن غورۇر-ئارىم!...
«مارتقا كىرىش» (7) مارشى بىلەن،
ئاھ، سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئاسمان.
«خۇدانىڭ ئۆيىدەك ئۈرۈمچىدە» (8) سەن،
«يىغلايسەن خۇدادەك ئۆزۈڭگە قاراپ» (9) .
شۇ دەم
كەتتى شىرىن بىر سېزىم شائىر
زەرداب بولغان باغرىمغا تاراپ.
دېدى دەريالار:
-ئادىل تۇنىياز!
ئاق بوز ئاتنى كەلدى سېغىنىپ،
كاكچا نانغا كەلدى تېۋىنىپ،
غېرىب بولغان يۈرىكىنى ئېلىپ،
قۇشلار كۆنۈك نېيىنى چېلىپ.
دېدى تۈمەن، ئىلى، زەرەپشان:
-ئادىل تۇنىياز!
ئادىللىق تۇغىنى كۆتۈرۈپ ئېگىز،
قايتىپ كەلدى يىراقتىن،
تەركىي قىرغاقتىن.
يېنىپ دىلى پىراقتىن،
ئۇدۇم ئېلىپ كەردى قەددىنى،
باتۇر شىراقتىن!...
باغرى ئوتلۇق ئۇيغۇر كىتابخان،
-ئادىل تۇنىياز!
ئۇنۇتمايدۇ سېنى تائابەد،
ئۇنۇتمىغاندەك مەخمۇد، يۈسۈپنى (10)
ئۇيغۇر، ئۆتكۈرنى،
نەۋائىي، مەشرەپنى!...
ھېسسىياتىنىڭ كىرىپ كەينىگە،
كۆزۈڭ يۇمۇپ دەۋەرمە گەپنى!
ئەي، شائىر،
-ئادىل تۇنىياز!
ئۇنۇتمىدى ئۇيغۇر كىتابخان،
قىش، كۈز، باھار، ياز...
ئەمدى
سەن شۇ ئەلنىڭ يۈرىكىنى ياز!
چۈشمىسۇن قولۇڭدىن ئىلاھ بەرگەن ساز!...
ئىزاھات: 1. (1) دىن (9) غىچە شائىرنىڭ شېئىر توپلاملىرى، شېئىرلىرى ۋە شېئىرلىرىدىكى مۇھىم مىسرالار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
2. ئابدۇقادىر جالالىدىن، ۋاھىتجان ئوسمان، پەرھاد ئىلياس، پولات ھېۋىزۇللا، يالقۇن روزى، ئوسمانجان ساۋۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتۇر:ئابلاجان بوۋاقى