قائىدە- يوسۇن مىللى ئۆزلۈكنىڭ جۇلاسى
قائىدە- يوسۇن ئۈستىگە يارتىلغان دۇنيا
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئىنسانلار رەڭگارەڭ قائىدە- يوسۇن چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ. قائىدە- يوسۇن كىشلىك جەمئىيەتنىڭ شەكلى ياكى پوستىدىلا نامايەن بولماستىن، بەلكى مەزمۇنى ۋە مېغىزىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئۇ جەمئىيەتنىڭ تاشقى بېزىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغۇچى يادىرولۇق ئامىل ھىساپلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمكى دەۋىردىن باشلاپلا ئىنسانلار قائىدە- يوسۇننى ياراتقان، قائىدە- يوسۇن بولسا ئىنسانلار جەمئىيىتىنى بەرپا قىلغان؛ شۇنداقلا ئىنسانلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇلارغا تايىنىپ، كىشلىك مۇناسىۋەت تورىنىڭ جەزبىدار ھالقىلىرىنى بارىلىققا كەلتۈرگەن. قائىدە- يوسۇن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مۇنتىزىم قانۇن- تۈزۈمنىڭ ئانىسى ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر جەمئىيەتنى بۈگۈنكىدەك بىر پۈتۈن تەرتىپكە ئىگە قىلغان، كۈچلۈك كونتىرول قىلىش ئىختىدارىغا ئىگە قائىدە- يوسۇنلار ئۆز رولىنى يوقاتسا، مۇنتىزىم خەلقئارا قانۇن ۋە دۆلەت قانۇنلىرىنىڭمۇ رولى بولمايدۇ. قائىدە- يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت ئۆز كونتىرول دەستىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ، گۈزەل ھۆسۈن- جامالىمۇ خۇنۇكلىشىدۇ.قائىدە- يوسۇن ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بارىلىق قاتلىمىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەركەت- پائالىيىتىنىڭ بېزىكى ۋە كۆركى ھىساپلىنىدۇ.
ئومومى نوقتىدىن قارىغاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ناھايىتى مۇكەممەل، كۆپ قاتلاملىق، رەڭگارەڭ قائىدە- يوسۇنلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلار دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت، سودا مۇناسىۋىتى، مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردا ئەڭ ئاۋال ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار ھىساپلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھەر بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە يوسۇنلىرى بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ رەئىس جومھۇرى يەنە بىر دۆلەتكە بارسا، شۇ دۆلەتنىڭ قائىدە- قانۇنىغا ئەمەل قىلىدۇ ھەمدە شۇ دۆلەت ئۇ رەئىس جومھۇرنى ئۆزلىرىنىڭ قائىدە- يوسۇنى بويىچە كۈتىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇ رەھبەر بىرەر ئىشتا ساھىپخانا دۆلەتنىڭ قائىدە- يوسۇنىغا خىلاپلىق قىپ قويسا، شۇ دۆلەتنى كۆزگە ئىلمىغان بوپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ. دىمەك، قائىدە- يوسۇنغا ئەمەل قىلىش مەيلى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە بولسۇن ياكى كىشلىك مۇناسىۋەتتە بولسۇن، ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسىمىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، دۆلەتنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىغا بارىلىق پۇقرالارنىڭ ئاڭلىق ھالدا قاتنىشىشى ۋە بوي سۇنۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمى ئىلىمىزنىڭ مۇھىم بىر قائىدە- يوسۇنى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ جۇڭگو پۇقرالىرىغا يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، بۇ جەرياندا بېرىلگەن قۇربانلارنى ئەسلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشمۇ مۇھىم قائىدە- يوسۇن بولۇپ، دۇنيادىكى بارىلىق دۆلەتلەردە ئوموملاشقان. دۆلەت بايرىقى ھاكىمىيەتكە، مۇستەقىللىققا، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ۋە غەلبىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ئارقىلىق كىشلەرنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى جان تىكىپ قوغداش، دۆلەت ۋە خەلققە سادىق بولۇش ھىسىياتى ئويغۇتىلىدۇ. بۇنداق پائالىيەتلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن يۈرگۈزۈلىدۇ. ئامېركىنىڭ يېڭى يىلنى خاتىرلەش مۇراسىمىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭمۇ ئامېركىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئامېركىدا ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى، يەنى مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ ئاتىسى ۋاشىنگىتوننىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېڭى يىلنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئامېركىلىقلار بۇ پائالىيەت ئارقىلىق دۆلەت ئاتىسىنى ياد ئېتىدۇ. دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. ئامېركىدا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مارتىن لوتتىرنى خاتىرلەش كۈنى، لىنكولىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش كۈنى دىگەندەك خاتىرە كۈنلىرى بار. بۇ پائالىيەتلەردە نېگىرلارنىڭ ھۆرلۈككە ئىرىشكەنلىكى خاتىرلىنىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى تەبرىكلىنىدۇ. بۇنداق پائالىيەتلەر پەقەت ئاددىيلا بىر خاتىرلەش پائالىيىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى كىشلەرگە ئىنسانى ھوقۇق، مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك ۋە تىنىچلىقنىڭ خاسىيىتىنى، ئىتىپاقلىق ۋە مىللى بىرلىكنىڭ كۈچ- قۇدىرتىنى تونۇتۇدۇ. كىشلەر شۇلار ئارقىلىق بۇ يولدا جان پىدا قىلغان قەھرىمانلارغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى، مۇستەھكەملىنىشى، قۇدىرەت تېپىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن خەلق قان كېچىپ كۈرەش قىلىدۇ، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئادەملەر ئۆز ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىدۇ، ھەددى- ھىساپسىز بەدەل تۆلىنىدۇ.ئەگەر ۋارىس ئەۋلاتلار ئەجداتلىرىغا قەلىب تۆرىدىن ئورۇن بەرسە، ئۇلارنى سېغىنسا، قەلبىدە ئۇلارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىكى ئويغانسا، ۋۇجۇدى ھاياتى كۈچكە تولىدۇ. دېمەك، ئاشۇنداق پائالىيەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەت، خەلق ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىدىغان مىليۇنلىغان پىداكارلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۈرۈتكە بولىدۇ. ئەگەر ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلار خاتىرلەنمەي، ئۇنتۇلۇپ كەتسە، ئەجداتلارغا ئاسىيلىق قىلغانلىق، ئۇلار ياراتقان باياشات تۇرمۇشقا ناشۈكۈرلۈك، نائىنساپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ خىل يامان ئايىنىش بىلەن كىشلەرنىڭ ھۇجۇدىدا ساداقەت، ۋاپادارلىق يالقۇنى ئۆچۈشكە يۈزلىنىدۇ. مىللى بىرلىك، ئۇيۇشۇشچانلىق ئورنىنى نىزا- ئاداۋەت، دۈشمەنلىك قاپلايدۇ. نەتىجىدە، دۆلەت ئۆزىنىڭ قۇدىرەتلىك ئىختىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. يۇقىرقىلاردىن باشقا، دۆلەت گىربى، قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا گۈل قويۇش، خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى، پارلامىنىت تۈزۈمى قاتارلىقلارمۇ دۆلەتنىڭ قائىدە- تۈزۈمى ۋە قائىدە- يوسۇنى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ئىچكى قائىدە- يوسۇنلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئومومەن، بۇ دۇنيا قائىدە- يوسۇنلار بىلەن شۇنداق گۈزەل ۋە جەلىپكار. ئۇلار كىشلىك تۇرمۇشقا قىممەت ۋە مەنە بەخىش ئېتىدۇ.
قائىدە- يوسۇننىڭ مەنىسى ۋە مەزمۇنى
بىز كۆپ ھاللاردا قائىدە- يوسۇننى ئۆرىپ- ئادەت مەنىسىدە چۈشىنىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ئىبارە ۋە ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە، مەزمۇن ئوخشاش ئەمەس. بىز توختىلىۋاتقان قائىدە- يوسۇن مەنە ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئەرەبچە << ئۆرپ >> دېگەن سۆزگە باراۋەر كىلىدۇ. << ئۆرپ- ئادەت >> بىرىكمىسىدىكى << ئۆرپ >> سۆزى ئەرەب تىلىدا << تونۇش، بىلىش، چۈشۈنۈش >> دىگەن مەنىلەرگە ئىگە بولسا، ئۇيغۇر تىلىدا << يېزىقتا خاتىرلەنمىگەن قانۇن >> دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ. << ئادەت >> بولسا بىر مىللەتنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، ئۆي- روزىغار تۇتۇش، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كىچەك، توي- توكۈن، ئۆلۈم- يىتىم قاتارلىق ماددى ۋە مەنىۋى پائالىيەتلىرىدە ئۇزاقتىن بىرى شەكىللەنگەن مىللى ئۆزگىچىلىكنى ئىپادىلەيدۇ. گەرچە ئۆرپ بىلەن ئادەت ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر- بىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىدا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، لىكىن ئادەت ھەرگىزمۇ ئىجىتمائى قانۇن، يەنى << يېزىقتا خاتىرلەنمىگەن قانۇن >> بولالمايدۇ. بىراق، بىز تىلغا ئېلىۋاتقان قائىدە بىلەن يوسۇن تەڭداش ئۇقۇم بولۇپ، << ئۆرپ >> سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتكە خىلاپلىق قىلىشقا بولسىمۇ، لېكىن قائىدە- يوسۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. قائىدە- يوسۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق جامائەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.
ئومومى مەنىدىن ئالغاندا، قائىدە- يوسۇن بىر مىللەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا تارىختىن بۇيان ئۆزلۈكسىز بېيىپ، تاكامۇللىشىپ كىلىۋاتقان، شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئەندىزىسى، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارشى، دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيەت- سەنئىتى، سىياسى، ئېختىسادى ۋە ئىجىتمائى تەرەققىياتى تەرپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇ مىللەت ئەزالىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان، بىر پۈتۈن مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان ئۈلگىلىك ھەركەت يوسۇنلىرىنىڭ ئومومى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە ئەنە- شۇ قائىدە يوسۇن ئىچىدە ياشايدۇ. بىر ئادەم يەككە- يىگانە ھالدا قائىدە يوسۇن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ شەخسى قائىدە- يوسۇنىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مىللەتنىڭ قائىدە- يوسۇنى شەخىسكىمۇ تەۋە بولمايدۇ. شەخىسنىڭ ئادەتلىنىپ قالغان ئىش- ھەركىتىنى شۇ ئادەمنىڭ شەخسى ئادىتى دەيمىز. ئەگەر بىر ئادەم مىللەتنىڭ ئومومى ئادىتىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەيىبكە ئۇچۇرمايدۇ؛ بىراق قائىدە- يوسۇنغا خىلاپلىق قىلسا ئەيىبكە ئۇچۇرايدۇ.
ئۆرپ- ئادەت كەڭ ۋە تار مەنىدە چۈشىنىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ئۆرپ- ئادەت دىگەندە، بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممە تەرپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومومەن، بىر مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئادەتلىرى شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق ۋە كونكىرىت ئىپادىسى بولۇپ، فولكلور، ئېتنوگرافىيە، سوتسىيولوگىيە، دىنشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۆرپ- ئادەت ۋە قائىدە- يوسۇندىن مۇستەسنا ھېچقانداق مىللى مەدەنىيەت بولمايدۇ.
تار مەنىدىكى ئۆرپ- ئادەت دىگەندە، دەل بىز تىلغا ئېلىۋاتقان قائىدە- يوسۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قائىدە- يوسۇن دىگەندە، كەڭ مەنىدىكى ئكرپ- ئادەتنىڭ مىللەت ئەزالىرى تەرپىدىن ئومومى قائىدىگە ۋە مىللى يوسۇنغا ئايلانغان قىسىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتنىڭ ئۆگىرىشى تىز بولسىمۇ، لېكىن قائىدە- يوسۇننىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولمايدۇ. ئادەت ئۆزگەرسە سۈپەت ئۆزگىرىشى يۈز بەرمەيدۇ، بىراق قائىدە- يوسۇن ئۆزگەرسە سۈپەت ئۆگىرىشى يۈز بىرىدۇ. مەسىلەن، ھۈنەر- سەنئەت بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھىساپلىنىدۇ. بىراق ئۇلارنى تەشكىل قىلىدىغان ياغاچچىلىق، موزدۇزلۇق، تامچىلىق، تۆمۈرچىلىك ........... قاتارلىقلار پەن- تېخنىكىنىڭ يىڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ، ھەتتا ئۆلىرىنىڭ تارىخى بۇرچىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بىراق مىللەتنىڭ ھۈنەر- سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى، ئۇنى ئۇلۇغ بىلىش، ئۆزلىرىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى، قىممەت قارشى، ئىستېتىك ئېڭىغا ئاساسەن ئۇنى تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش ئېڭى ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇ ھالدا مىللەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنى تۇرمۇشىدا چېكىنىش خارەكتىرلىك سۈپەت ئۆزگۈرۈشى يۈز بىرىدۇ. شەھەرلىشىشكە ئەگىشىپ قوشنىدارچىلىق يوسۇنلىرىدا بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. بىراق، ئۇنىڭ بىلەن قوشنىدارچىلىق يوسۇنلىرىنى تاشلىۋەتسەك، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بىر ئەنئەنىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولىمىز. بۇ بىزگە نۇرغۇن مەھرۇملۇقلارنى ئىلىپ كېلىدۇ.