- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 20
- تىزىملاتقان
- 2011-10-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-17
- UID
- 16157
- يازما
- 1
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 20
- تىزىملاتقان
- 2011-10-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-17
- توردا
- 0 سائەت
|
ئالدىراش
(ئۇيغۇر رېئاللىقىنىڭ كىچىك كارتىنىسى،سىز ۋە بىزنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىمىز)
سەھرا كۈنى كۈن دەيدۇ،باشلاپ سۇنى ئالدىراش،
دېنى خاملا«ئور! » دەيدۇ،قۇشلار ئۈنى ئالدىراش.
مەكتەپلىرى مۇزلىغان،قىز-ئوغۇللار«ھۈنەر»دە،
تاركوچىلار چېقىلىپ،لۇپاڭ جۈنى ئالدىراش.
ئۆي سالىدۇ تەۋرىمەس،پاختا پۇلى ئالدىراش،
ناماز قازا ھېچگەپ يوق،بارچە ئويى ئالدىراش.
يىگىت تەتەي شەرەتلەپ كېتىپ قالغان مەستلىكتە،
قىزلار جۇۋان بولغاندا قىلغان تويى ئالدىراش.
سەھرا چاقى ماكچايدى، ئۇرغان يېلى ئالدىراش،
ئۆگەنمەككە دايۆجىڭ قوشلاپ تىلى ئالدىراش.
ئاتمىش يىلچە ئۆمۈرنىڭ «سەكسەن تام»دا يېرىمى،
«ئالدىراش»قا «ھا»دېگەن «ئۈچ»نىڭ خىلى ئالدىراش!
يىلدا يېڭى تەجرىبە دەرسلىكلەر ئالدىراش،
خەت نۇسخىلاپ ئەپەندى مەجلىسلەر ئالدىراش.
ساق تۇغۇلغان سەبىيلەر ساراڭلىققا باشلىنىپ،
كىچىكىدىن سەنئەتچى- مەلىكىلەر ئالدىراش.
ئوقۇش پۈتسە ياشلىرى خىزمەت ئىزدەپ ئالدىراش،
مەمۇرلۇقتا «مىڭلاردىن بىرى»نى كۆزلەپ ئالدىراش.
خۇسۇسلارغا ئىشلىسە،قاتتىق نانلار چىشلىسە
ئاي ئاخىرىدا مائاش يوق،ئەرىز سۆزلەپ ئالدىراش...
بىلىملىكى قىشلاقتا شۇئار يادلاپ ئالدىراش،
پۇلغا خىزمەت تاپقانلار شەھەردە دادلاپ ئالدىراش.
قىزىلبايراق ۋە قانۇن نەدە قالدى شۇلارغا،
چالا ساۋات دېھقان قىز يۇرت ئاتلاپ ئالدىراش.
[ۋەتەن بىزنىڭ،يۇرت بىزنىڭ مەلئۇنلاردىن ساقلايمىز،
ئۇيغۇر دېگەن ياۋاش خەق توغرا بولسا ياقلايمىز.
كېتىۋەرسە زىددىيەت ھاماقەتلەر يۇشۇرۇپ،
گۇناھكار بۇپ تارىخقا بۇنى قانداق ئاقلايمىز؟]
پىكىر، ئۈمىد ئىزدىگەن شەھەر تۈنى ئالدىراش،
ئىچمەك ئۈچۈن زىيالىي«سۇغۇق سۇنى» ئالدىراش.
چوڭۇ-كىچىك،قېرى-ياش «قىزىل باش»نىڭ كويىدا،
كىم ئوقۇيدۇ،ئويلايدۇ؟ سۇندۇم بۇنى ئالدىراش.
ئۈمىدىم شۇ ھەممىمىز جەمئىيەتنىڭ ئېگىسى،
ئەۋلاتلارغا قالمىسۇن مىراس بۇلۇپ «ئالدىراش».
ئىناقلىققا كېرىكى ئالدىلاشمۇ ئالدىراش ؟
ئالمىسۇن بىۋاقىت جاننى يۇلۇپ ئالدىراش! |
|