تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 8095|ئىنكاس: 17

قۇرئاننىڭ يېزىلىش تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئىبرەت كۆزىدە قا

UID
1473
يازما
216
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7659
تىزىملاتقان
2009-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 03:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇرئاننىڭ يېزىلىش تارىخى



1-قۇرئاننىڭ رەسۇلۇللاھ زامانىدا (610-632) يېزىلىشى

قۇرئانى-كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا 23 يىلدا تەدرىجى نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ قۇرئاننى بىر قېتمدىلا تولۇق نازىل قىلماسلىقىنىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى بار ئىدى. تەدرىجى نازىل قىلىنغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى پەيدىنپەي ئۆگىنىشى، يادلىشى، ھاياتىغا تەدبىقلىشىغا ئاسانلىق ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ  65 نەپەر ۋەھيى كاتىپى بار بولۇپ، بۇ كاتىپلار ۋەھيىنى خاتىرلەپ يېزىپ ماڭاتتى. ۋەھيى نازىل بولۇشى بىلەنلا رەسۇلۇللاھ بۇ كاتىپلارنى چاقىراتتى. ئۇلار قۇرئان ئايەتلىرىنى نىپىز ئاشلانغان تېرە، چوڭ ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى، ياغاچ پارچىلىرى ۋە تۈز تاش قاتارلىقلارغا يېزىپ خاتىرلەيتتى. (م.ئەلئەزەمى، "قۇرئان تارىخى"، 106-بەت). كاتىپلار يېزىپ بولغان ئايەتلەرنى پەيغەمبىرىمىزگە قايتا ئوقۇپ بېرىپ تەستىقلىتاتتى. (بۇخارى، "فازائىلۇل قۇرئان"، 4؛ تىرمىزى، "مەناقىب"، 74\3954؛ ھەنبەلى، 5-جىلد، 128-بەت)
رەسۇلۇللاھمۇ ۋەھيى قىلىنغان ئايەتلەرنى ئاۋۋال ئەر ساھابىلەرگە، ئاندىن ئايال ساھابىلەرگە ئوقۇپ بېرەتتى. ساھابىلەر بۇ ئايەتلەرنى نەق مەيداندا يادلايتتى. (ئىبنى ئىسھاق، "سىرەت"، 128-بەت) ئوقۇش يېزىشنى بىلىدىغانلار يەنە بۇنى يېزىپ ساقلاپ ماڭاتتى. ھەر كۈندىكى بەش ۋاخ نامازدا ساھابىلەر بۇ ئايەتلەرنى توختىماستىن ئوقۇيتتى. رامىزان ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى بۇ ئايەتلەرنى ئۆزئارا ئوقۇپ خەتمە قىلاتتى. (بۇخارى، "بەدئۇل خالق" 6؛ فەزائىلۇل قۇرئان"، 7) بەزىدە بۇ خەتمە قۇرئان قىلىش سورۇنىدا ساھابىلەرمۇ نەق مەيداندا ھازىر بولاتتى. رەسۇلۇللاھ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رامىزان ئېيىدا جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئاننى باشتىن ئاخىرغىچە ئىككى قېتىم ئۆز ئارا خەتمە قىلىپ ئوقىدى. ئاندىن زەيد بىن سابىت بىلەن ئۇبەيدە بىن كەئەب ئۆز ئارا قۇرئاننى بىر بىرىگە ئوقۇپ خەتمە قىلدى.  مۇشۇنداق خاتىرلەپ يېزىش، يادلاش، خەتمە قىلىپ ئوقۇشتىن باشقا يەنە رەسۇلۇللاھ ھەركۈنى ساھابىلەرگە قۇرئان ئۆگىتەتتى. خەتمە قىلىش، تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، بارلىق ئايەتلەر تولۇق رەتلىك توپلىنىپ ساقلاندى.

2-قۇرئاننىڭ خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى زامانىدا (632-634) يېزىلىشى

زەيىد بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ بۇيرىقى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇۋاپىق كۆرۈشى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلىغان ئىدى. زەيد بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقان چاغدا ۋەھيى كاتىپلىرى رەسۇلۇللاھ زامانىدا يازغان نۇسخىلارنى ئاساس ئالغان بولۇپ، قۇرئان ئايەتلىرى بۇ چاغدا  كىتاب (مۇسھەپ) ھالىتىگە كەلگەن ئىدى.

3. قۇرئاننىڭ خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان زامانىدا (646-651) يېزىلىشى

تۇنجى مۇسھەپ قۇرئاننىڭ قىرائەت ئوقۇلۇشىدىكى بەزى تالاش-تارتىشلارنى تۆگىتىش مەقسىتىدە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى زامانىدىكى ھەر خىل قىرائەت قىلىپ ئوقۇغىلى بولىدىغان مۇسھەپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەفىسە ساقلىغان نۇسخا بويىچە ئەينەن كۆچۈرۈپ يېزىلدى. بۇ خىزمەتكە ھەزرىتى ئوسمان يەنە زەيىد بىن سابىت، ئابدۇللاھ زۈبەير، سائاد بىن ئەلئاس، ئابدۇراھمان بىن ھارىس بىن ھىشامنى تەيىنلىدى. بۇ مۇسھەپتە سۇزۇق تاۋۇش بەلگىلىرى بولغان زىر، زەبەر، پەش قاتارلىقلار قويۇلمىغان ئىدى.  ھەزرىتى ئوسمان 650-يىلى بۇ نۇسخا مۇسھەبنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، باشقىسىنى ھەر قايسى ئىسلام شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى. (ساھابىلەر ئىلگىرى يېزىپ ساقلىغان پارچە سۈرىلەر 114 سۈرە تولۇق بولمىغاچقا،  كېيىنچە ئۇرۇنسىز پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئوسمان ئۇلارنى يىغىۋېلىپ كۆيدۈرىۋەتتى.)  ھەزرىتى ئوسمان ۋاقتىدىكى مۇسھەب رەسمىگە قاراڭ:








4. قۇرئانغا سۇزۇق تاۋۇش ئىشارەتلىرىنى ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش ئىشى 3 باسقۇچتا تاماملاندى.
1) مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سوفيان زامانىدا مۇئاۋىيە ئەبۇل ئەسۋەدنى تەيىنلىدى. ئەسۋەد قۇرئان ئوقىغاندا مەيدانغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان قىرائەت خاتالىرىنى تۆگىتىش ئۈچۈن چىكىت شەكلىدە زىر ئىشارىتىنى قويدى.
2) ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان زامانىدا قۇرئاندىكى بەزى ھەرپلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن چىكىتلەر قويۇلدى. مەرۋان بۇ ۋەزىپىگە ھەججاج بىن يۈسۈپنى تەيىنلىدى. ئۇ بۇنى ناسر بىن ئاسىم بىلەن ھايي بىن ياسمۇرغا ھاۋالە قىلدى.
3) بۇ باسقۇچتا زىر، زەبەر، پىش قاتارلىق بەلگىلەر قويۇلدى.
بۇ قۇرئان كۈنىمىزدىكى قۇرئاننىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەرەب تىلىنى بىلگەن كىشىلەرگە ئايانكى، ئەرەب تىلىدا ئادەتتە سۇزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خەتلەر پەقەت ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەنلا يېزىلىدۇ. ئانا تىلى ئەرەپچە بولغانلار بۇنى راۋان ئوقىيالىغان بىلەن، ئەمما ئانا تىلى ئەرەبچە ئەمەس، ئەرەبچە ئوقۇشنى بىلمەيدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرى قۇرئان ئوقىغاندا ئەگەر بۇ زىر زەبەر ئىشارەتلىرى بولمىسا، ئوقۇشى تەسكە توختايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا يېزىلغان ئايەتلەرگە زىر زەبەر ئىشارىتى قويۇلماي، بۇ ئىشارەتلەرنىڭ كېيىن قويۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىسلامغا يېڭىدىن كىرگەن ئەرەب ئەمەس مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بولغان.
مەنبە: http://www.forumdas.net/kuran-i- ... rihi-hakkinda-6332/
ئىسلامنى بورمىلاپ چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بەزى خرىستىيانلار  قۇرئان ئايەتلىرىگە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زىر زەبەر ئىشارەتلىرىنىڭ قويۇلۇشىنى خۇددى قۇرئانغا يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ پىتنە-پاسات تارقاتماقتا. ئۇلار بۇ پىتنىلەر بىلەن پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىز نادانلىقى، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان جاھىللىقىدىن باشقا بىر نەرسىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.  
خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان ۋاقتىدىكى زىر زىۋەر قويۇلمىغان بۇ مۇسھەب نۇسخا قۇرئان تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بىلەن بىللە توم 2 قىسىم كىتاب بولۇپ بۇ يىل تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى. خەۋەر مەنبەسى:
http://www.toplumsalbilinc.org/f ... 2.msg20646#msg20646

(بۇ تېما تۇنجى بولۇپ ئەلكۈيىگە يوللاندى)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 12:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولغان قۇرئان كەرىمنىىڭ يىزلىش تارىخدىن بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر . بولسا بارلىق مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ كىلىش ئالدىدا تۇرغان رامىزان ئايلىرىدا ئۇلۇق  قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بويە مىڭىشنى ئۇلۇق ئاللاھ ئىگەمدىن سورايمەن . ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان ھۆكىمى بويچە ماڭىدىغان تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن قىلۋەتسۇن !

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
132
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3852
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-9
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 14:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە تىنىڭىزنى  سالامەت قىلسۇن  !  مۇشۇنداق قىممەتلىك   ئەھمىيەتلىك  تىمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد  قىلىمىز

UID
6203
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1300
تىزىملاتقان
2010-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 14:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن. ھەمشىرىمىز يامغۇرەنىڭ ئەجرىگە تەھسىن ئېيتقۇم كەلدى. سىز يوللىغان تېمىلار قىممەتلىك تېمىلار بولۇۋاتىدۇ.
ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر. ئائىلڭىزگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك يار بولغاي. مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ.
بۇ تېمىنى تەستىقلىغان دانا باشقۇرغۇچىغىمۇ كۆپ رەھمەت.

UID
6203
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1300
تىزىملاتقان
2010-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 14:23:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ باھانىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى "تۆت خەلىپە" دېگەن (قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان) كىتابنى ئوقۇپ چىقشىقا تەۋىسيە قىلدى.
قايسى كۈنى ئىمام:"رامىزانغىچە بولسا ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلايلى، قۇرئان ۋە ھەدىسنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقايلى، رامىزاندىن ئىلگىرى شۇنداق قىلالىساق بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز" دېدى.ئىچىمدە ئىمامنىڭ شۇ گەپلىرىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم.بەكمۇ توغرا ئېيتىپتۇ.

UID
4341
يازما
267
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4183
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-12
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 15:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بانادا باشقا مۇقەددەس كىتابلاردىنمۇ خەۋەر تېپىپ قالىلى.

"ئىنجىل" ھەققىدە



ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندا خرىسىتىئان مۆرتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ دىنغا كىرگەندىن كېيىن، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماستىن، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ «توغرا يولى»غا باشلاش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي كېچە-كۈندۈز تىرىشماقتا. ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە يىللاردىن بېرى مۇشۇنداق شەخسىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش جەريانىدا ئۇلارنى خېلى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. بۇلارنىڭ تەشۋىقات مېتودلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئادەتتە مۇسۇلمانلارغا تەشۋىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان-كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «ئىنجىل»غا بولغان ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىزگە قۇرئاندىن ئىنجىلغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تىرىپ ئەكىلىپ ئالدىڭىزغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇلارنىڭ «ئىنجىلى»نى ئىنكار قىلىش ياكى ئىشىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئىشىنەي دېسىڭىز، بۇ ئاتالمىش «ئىنجىل»دىكى خۇدانىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ دېگەن جۈملىلەر قۇرئان-كەرىم ئىخلاس سۈرىسىدىكى «ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر، ئاللاھ توغۇلغانمۇ ئەمەس، ئاللاھنىڭ بالىسى بولغانمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ» ئايەتلەرگە ئېنىق زىت كېلىدۇ. ئىشەنمەي دېسىڭىز، ئىسلامنىڭ ئىمان ئاساسلىرىدا ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرى، يەنى تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش شەرت قىلىنغان. ئەمىسە، قانداق قىلىش كېرەك؟
ئاللاھ قۇرئان-كەرىم مائىدە سۈرىسى 5-ئايەتتە: ««ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر. ساڭا ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراب قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى (ماۋۇ توغرا، ماۋۇ خاتا دېگۈچى) ھەق كىتاب قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن» (مائىدە، 48) دېگەن. شۇڭا، خرىستىئانلار قولىدىكى ھازىرقى ئاتالمىش «ئىنجىل»دىكى بايانلاردىن قۇرئانغا ماس كەلگىنىنى قوبۇل قىلىپ، زىت كەلگىنىنى رەت قىلىمىز دەيمىز. بۇ جاۋاب مۇسۇلمانلارنى قايىل قىلغان بىلەن، خرىستىئانلار يەنە قايىل بولمايدۇ. «مەن سىنىڭ قۇرئانىڭغا ئىشەنمەيمەن، مېنىڭ كىتاۋىم راست» دەپلا تۇرىدۇ. سىز «ئۇنداق بولسا، سەن قۇرئاندىن ئايەت دەلىل كەلتۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟» دەپ غۇدىرىغاچ، باشقا ماتىرىياللارغا قارايسىز...
ئۇلارنىڭ خۇپسەنلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى «كونا ئەھدە» بىلەن «يېڭى ئەھدە»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايبۇل (bible) ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ قورئاندا تىلغا ئېلىنغان «ئىنجىل»نىڭ نەق ئۆزى ئەمەس. (ئۇلار بۇنى سىزدىن يۇشۇرىدۇ)
بىز ئىشىنىدىغان ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر يەھۇدى پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىنجىل شۇ پەيغەمبەرنىڭ تىلىدا ئىبرانىيچە، يەنى شۇ زاماندىكى ئارامىيچە (亚拉姆语) تىلدا ئىدى. ھالبۇكى، ھازىرقى 39 كىتابتىن تۈزۈلگەن ئاتالمىش «ئىنجىل»نىڭ ئەڭ قەدىمىي نۇسخىسى مىلادى 397-يىلى نەچچە مىڭ خىل ئىنجىلنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ بىكىتىلگەن گېرىكچە (يۇنانچە) تىلدىكى تەرجىمە نۇسخا ئىدى. دىققەت-ھە، ئەسلى ئارامىيچە تىلدىكى ئىنجىل ھازىر يەر شارىدا يوق. سىزگە «يېڭى ئەھدە» دىكى 四大福音书تۆت ئىنجىل: ماتتا، ماركۇس، لۇكا، يۇھەننا دەپ تونۇشتۇرغىنىمۇ، شۇ ماتتا، ماركۇس، لۇكا، يۇھەننا ئىسىملىك ئادەملەر يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىلەردىن ئىبارەت.
سىز بۇلارنى تەتقىق قىلىپ بىلگەندىن كېيىن سىزنى خرىسىتىئان دىنىغا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇ ئۇيغۇرلارغا «سېنىڭ قولۇڭدىكى بۇ «يېڭى ئەھدە» بىز ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ئىنجىل ئەمەس، شۇڭا بىز بۇ كىتابقا ئىشەنمەيمىز دېسىڭىز، يەنە قايىل بولماي، «ياق، بۇ دېگەن خۇدايىمنىڭ كىتابى...» دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلارغا قۇرئاندىن، مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ يازغىنىدىن ياكى ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدىغان دىنسىز يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىدىن مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى نەقىل كەلتۈرسىڭىزمۇ بەرىبىر كار قىلمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئۇلار قايىل بولمىسىمۇ مەيلى دەپ «كىتابى مۇقەددەس» («كونا ئەھدە» + «يېڭى ئەھدە» = bible) تەتقىقات ساھەسىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر خرىستىئان ئالىملارنىڭ ئىنساپ بىلەن ھەقىقەتنى چىقىش قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، خوشلاشسىڭىز بولىدۇ. بۇ كىتابتىكى پاكىتلار ھەر قانداق كىشى ئاغدۇرۇۋېتەلمەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولغاچقا ئۇلار غىڭ قىلالمايدۇ. غىڭ قىلسا، ئەقلى يوق ساراڭكەن دەپ كارىڭىز بولمىسىلا بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن كىرىش سۆزىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرماقچى بولغان ئېنگلىزچە كىتابنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى جەنۇبى كارولىنا ئۇنىۋېرسىتى دىن تەتقىقات پاكولتېتىنىڭ باشلىقى "كىتابى مۇقەددەس" (Bible) ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇتەخەسسىس خرىستىئان ئالىم Bart D.Ehrman يازغان. كىتابنىڭ تۈركچىسى 2007-يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان.
     


تەرجىمىسى:
"كىتابى مۇقەددەس" ساھەسىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئالىم بارت ئېھرمان "كىتابى مۇقەددەس" (بايبۇل)نى ئەسلى نۇسخىسىدىن تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندا بۇ كىتابقا ئىلگىرىكى تەرجىمانلار تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار ۋە قەستەن ئۆزگەرتىشلەرنى بايقاپ چۆچۈپ كەتكەن. ئېھرمان "ئىيسا مەسىھنى خاتا نەقىل ئېلىش" ناملىق بۇ كىتابىدا قەدىمقى زاماندىكى كاتىپلارنىڭ "يېڭى ئەھدە"نى كۆچۈرۈشى ۋە ئۆزگەرتىشى ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ بىز كۈنىمىزدە ئىشلىتىۋاتقان "كىتابى مۇقەددەس"كە نىسبەتەن ئېغىر بىر زەربە بولدى. ئۇ گېرىكچە قوليازمىلارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ "يېڭى ئەھدە"نى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئىلگىرىكى قاراشلىرىدىن قانداقلارچە ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.
مەتبەئە ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ، تېكىستلەرنى ئۆز پېتى كۆچۈرگىلى بولۇش ئەمەلگە ئاشقاندىن باشلاپ، نۇرغۇن كىشىلەر "يېڭى ئەھدە"نى ئوقىغاندا بىز ئىيسا مەسىھنىڭ سۆزلىرى بىلەن سانت پائۇلنىڭ مەكتۇپلىرىنى ئوقۇۋاتىمىز دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى. ھالبۇكى، 15 ئەسىردىن بۇيان (يەنى مىلادى 90-يىلدىن 1590-يىلغىچە) بۇ قوليازمىلارنى شۇ دەۋرنىڭ مەدەنىيەت، ئىلاھىيەت ۋە سىياسىي ئىختىلاپلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كاتىپلار قولىدا كۆچۈرگەن ئىدى. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قوليازمىلاردىكى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار بىلەن قەستەن ئۆزگەرتىشلەر ئەسلىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن.
ئېھرمان بۇ كىتابىدا "يېڭى ئەھدە"گە قەيەردە نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئالىملارنىڭ "يېڭى ئەھدە"نىڭ سۆزلىرىنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
.......................
ئېھرماننىڭ كىتابىدىن ئارىيە:
"يېڭى ئەھدە" گېرىكچە قوليازمىلارنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغانسىرى ئوتتۇرىغا چىققان بىردىنبىر يەكۈن شۇكى، بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تەڭرىنىڭ سۆزى، ئەمما بىزنىڭ ئۇ ئەسلى نۇسخىغا ئىگە بولالمىغانلىقىمىزنى بايقاش بولدى. ھەتتا پۈتكۈل خرىستىيان تارىخى بويىچە خرىستىيانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇ ئەسلى نۇسخىنى كۆرەلمىدى... شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب زادى تەڭرىنىڭ سۆزىمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك تالاش-تارتىشلار ئەدەپ كەتتى. پەقەت ئەسلى نۇسخىغىلا ئەمەس، بەلكى شۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىغىمۇ ئىگە ئەمەسمىز. بىزنىڭ قولىمىزدىكىلەر كېيىن، ناھايىتى كېيىن يېزىلغان كوپىيەلەر (كۆچۈرۈلمىلەر)دۇر. بۇ كۇپىيەلەرنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرسىدىن نەچچە مىڭ يەردە پەرقلىنىدۇ... "يېڭى ئەھدە"نى تەڭرى سۆزى دېيىشكە تىلىم بارماس بولدى. چۈنكى، بايقىدىمكى، تۇنجى "مۇقەددەس كىتاب"نىڭ سۆزلىرىنى ئىلھام قىلغان تەڭرى ئۈچۈن بۇلارنى قوغداش قىيىن بولماسلىقى كېرەك ئىدى.....ئەپسۇس، بۇ سۆزلەرگە ئىگە بولالمىغانلىقىمىز شۈبھىسىز. قوليازمىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن چىقارغان خۇلاسەم: تەڭرىنىڭ بۇ سۆزلەرنى بىز ئۈچۈن قوغدىمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. قىسقىسى، گېرىكچە "يېڭى ئەھدە"نى تەتقىق قىلىش ۋە قوليازمىلارنى تەكشۈرۈش جەريانى مېنى "يېڭى ئەھدە" ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى يېڭىۋاشتىن ئويلىشىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلدى. (22-23-بەتلەر)
ئىلگىرى "يېڭى ئەھدە" تامامەن ۋەھيى، تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس سۆزى دەپ ئىشەنگەن ئىدىم. تەتقىق قىلغانسىرى "ئىنجىل" (بايبۇل) ماڭا ئىنسان كىتابى بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مۇقەددەس تىكىستلەرنى ئىنسان يازغۇچىلار كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتكىنىدەك، بۇ يازمىلارمۇ ئەڭ دەسلەپتە ئىنسان ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ باشتىن ئاخىرغىچە ئىنساننىڭ كىتابىدۇر. بۇ ئاپتۇرلار تەڭرى تەرىپىدىن ئىلھام ئالغاندەك ھېس قىلغان بىلەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي قاراشلىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى بار ئىدى. ئۇلار بۇنى يازغانلىرىغا سىڭدۈرۈپ ماڭغان ئىدى. مەسىلەن: ماركۇس لۇكاغا ئوخشاش گەپ قىلمىدى، ياقۇپ پائۇلدىن پەرقلىق... بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. قىسقىسى، ھازىرقى "ئىنجىل" (بايبۇل) ئىلاھىي كىتاب ئەمەس، ئىنسانىي كىتابتۇر. (24-بەت) بۇنىڭ ئېنىق مىساللىرىنى كىتابىمىزنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
ئاپتۇر ئېرمان ئىككى مىڭ يىللىق تارىخ ئىچىدە كۆچۈرۈلگەن بايبۇللاردا كاتىپلار كۆچۈرگەن قوليازما نۇسخىلىرىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كىتاب Queensكۇەنس ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇتقۇچىسى John Millجون مىلنىڭ گېرىكچە "يېڭى ئەھدە" ھەققىدىكى كىتابى. جون مىل بۇ كىتابىغا 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماتىرىيال توپلىغان. بۇ ئوتتۇز يىلدا يۈزگە يېقىن قوليازمىنى تەكشۈرۈپ 1707-يىلى نەشىر قىلغان كىتابىدا بۇ قوليازمىلاردا 30 مىڭدىن ئارتۇق پەرق بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. (110-بەت)
كېيىنكى چاغلاردا تېپىلغان 5700 پارچە قوليازمىدا بايقالغان پەرقلەرنى بەزى ئاكادېمىكلار 300 مىڭدىن ئارتۇق دېسە، يەنە بەزىلەر 400 مىڭدىن ئارتۇق دېيىشىۋاتىدۇ. (117-بەت) كاتىپلار "يېڭى ئەھدە"نى كۆچۈرگەندە پەقەت خاتا كۆچۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەزى جۈملىلەرنى قوشۇپ، بەزىسىنى ئۆچۈرۈپ ماڭغانلىقى ئىسپاتلاندى.
بۇ ھەقتە 3-ئەسىردىكى خرسىتىيان پاپا ئورىگېن مۇنداق دىگەن: "قوليازمىلار ئارىسىدىكى پەرقلەر پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزىلەر بىخەستىلىكىدىن، بەزىلەر مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى قىستۇرۇپ قويۇشتىن، بەزىلەر بولسا كۆچۈرۈپ يازغىنىنى قايتا تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىشقا سەل قاراش ياكى قايتا قاراش جەريانىدا ئۆزى ياقتۇرىدىغان سۆزلەرنى قوشۇپ، بەزى سۆزلەرنى ئۆچۈرىۋېتىشى تۈپەيلىدىن پەرقلەر ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. (71-بەت)
مەنبە: http://fitna.tr.gg/incil-degistirildi.html
.............................   
ئېنگلىزچە كىتابنى ئامازون كىتابخانىسىدىن سېتىۋالالايسىز.

مەنبە: http://www.amazon.com/Misquoting ... ged/dp/0060738170#_
بۇ كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيەدە كەڭرى.

مەنبە: http://www.netkitap.com/kitap-in ... truva-yayinlari.htm

ya Allah'a baş eğer, hiç kimseye eğmezsin. ya herkese baş eğer, hiçbir şeye değmezsin

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 15:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تىمىڭىزغا ! ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرى كېلىش ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئاللا ئىنساپ سالسۇن . ياخشىلىقلار ، رەھمەتلەر ئۈچۇن تەييارلىق قېلايلى، قېرىنداشلار.

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.

UID
6203
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1300
تىزىملاتقان
2010-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 16:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىشەنىڭ ئىنكاسلىرىدىن بىلىم، ئەقىدە پۇراپ تۇرىدۇ. بۇ ئىنكاسىمۇ شۇنداق بوپتۇ ھەم مەن ئويلاۋاتقان بىر مەسسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا شۇنداق قايىل. بارىكاللا!
توغرا، مۇنبەرلەردە شۇ دىننى يوشۇرۇن تەشۋىق قىلدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر پەيدا بولغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ بەلگىسى "تەڭرى". ھەرگىز "ئاللاھ" دېگەن گەپنى ئشىلەتمەيدۇ.
ھەيران قالىمەن، تەڭرى ئەسلى ئۇيغۇرچە سۆز. بۇ كسىپۇرۇچلار بۇ سۆزنىمۇ سېستىپ ئادەم  تىلغا ئېلشتىن ئۇيۇلىدىغان سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەلكۈيى تورىنى ئسىلام دىنىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان  بىر-ئىككى بالىنى چەكلىدى دەپ ئاڭلىدىم ۋە خۇش بولدۇم.
مەن قېرىنداشلارنىڭ خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويماسلىقى ئۈچۈن پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئادەتلەنگىنى بويىچە "ئاللاھ" دەپ ئاتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن "سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللايىڭلار" دېگەن گەپنى ئاشكارا دەيدىغان بىر كىسپۇرۇچنى بىلىمەن. ئۇ "تەڭرى" دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
"تەڭرى" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسدە كۆچۈش، سېسىش بولۇۋاتقىنىغا ئېچىنىمەن.

UID
6284
يازما
265
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7667
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 16:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىمىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر.
ئاللاھ قۇرئانغا ئەگىشىشكە ۋە قۇرئاننىڭ  كۆرسەتكەن يولىدا مىڭىشقا ھەر ۋاقت نىسىپ ئەتكەي!
ئۇلۇق رامىزان ئايلىرى كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ ھەممىمىزنى  بۇ ئاي-كۈننى خۇشال كۈتۈۋىلىشقا  يەتكۈزسۇن ۋە ئىتىقادىمىز ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ  ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان  قىرىنداشلارغىمۇ ئاللاھ ئەجىر بەرگەي!

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 00:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئان ھەقىقەتەنمۇ  بىىر كاتتا مۆجىزە .

     ياۋرۇپادىكى ئىنجىلشۇناسلار جەمىئىتى ۋە خىرىتىسىئان  ناتىقلىرى قۇرئان كەرىمگە ھىيلە مىكىر  ئىشلىتىپ، ئۆزگەرتىپ، يەمەندە تارقاتتى . بىراق بۇنىڭ ساختا قۇرئان ئىكەنلىكىنى ئۇزاق ئۆتكەي قارىلىرىمىز تەرپىدىن سىزىپ قىلىنىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئاشكارە بولدى .
  مانا بۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان "يەمەندىكى ساختا قۇرئان ۋەقەسى"دۇر .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش