كۆرۈش: 11773|ئىنكاس: 25

سىز ياخشى كېلىن بولىشنى ئويلامسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 10:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                            نەزىرىمدىكى ياخشى كېلىن

            تۇرمۇشىمىزدە كېلىنلەر قىينئاتىسى يا قىينئانىسى بىلەن ، بۇلمىسا قىيىنسىڭىل ، قىيىنئاچىلىرى ئىشقىلىپ شۇ ئائىلىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمەيدىغان ، مېجەزى كېلىشەلمەيدىغان ئەھۋاللارنى ئۈچىرىتىپ تۇرىمىز . بەلكىم سىزمۇ شۇ ئەزالارنىڭ بەزىلىرى بىلەن تازا كېلىشەلمەي قىلىۋاتقان بۇلىشىڭىز مۇمكىن .
         مەنمۇ بىر كېلىن . گەرچە ماڭا قىيىنسىڭلىسى يا قىيىنئاچىسى بۇلۇش بەختى نىسىپ بۇلمىسىمۇ ، قىيىنئاتام ۋە قىيىنئانامبىلەن شۇنداقلا يۇلدىشىمنىڭ بىردىنبىر قىرىندىشى بۇلغان قىيىنئاكام بىلەن شۇنداق ئىجىل -ئىناق ئۆتىمەن . شۇ نۇقتىدىن مەن ھېس قىلغان كېلىن بۇلغۇچى دېققەت قېلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە تەرەپنى ئۇتتۇرغا قۇيماقچى . بەلكىم ياخشى ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىشىڭلارغا ئاز -تۇلا پايدىسى بۇلۇپ قالا . ئەگەر شۇنداق بۇلسا مەنمۇ ئالامچە خۈشاللىق تاپاتتىم .
ياخشى كېلىننىڭ بىرىنچى بۇلۇپ دېققەت قېلىدىغان ئىشى : ئائىلە ئەزالىرى ئارا گەپ تىشىمايدۇ . بەزى يۇلدىشىڭىزنىڭ قىرىنداشلىرى سىزنى ئۈز كۇرۇپ دەردلىرىنى ، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئېيتىپ بەرسە ،ئۈزىڭىزلا بىلىپ قالماي قىيىنسىڭلىم  ئۇ ديدۇ ، بۇ دەيدۇ دەپ يۇرسىڭىز ، بىر قۇرساقتىن چۈشكەن قىرىنداشلار بۇلسىمۇ بەزىدە مىجەزلىرى ، ئىش- ھەرىكەتلىرى ، گەپ - سغزلىرى بىر- بىرىگە ياقماي قالىدۇ .  سىزگە دەپ ئاز-تۇلا ئېچ- قارنىنى بۇشىتىۋالاي دېسە ، سىز قۇپۇپ ئۇ سىزنى ئۇ دەيدۇ . بۇ سىزنى بۇ دەيدۇ دەپ يۇرسىڭىز ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۇپ قالىسىز . بىر- بىرلىرىنىڭ گەپلىرى قۇلاقلىرىغا كېرىپ قالسا ، ئۇتتۇرسىغا سۇغاقچىلىق چۈشۇپ قالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىزنىڭ ئەخمەق ، ئىش ئۇقمايدىغان كاللىڭىزدىن ئاغرىنىپ قالىدۇ . ئۇلار دېگەن ھامان بىر قۇرساقتىن چۈشكەن قىرىنداش . قۇل ھامان ئېچىگە ئېگىلىدۇ . سىز شۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ھامىنى تەنھا قالىسىز . شۇڭا ياخشى كېلىن بۇلاي دېسىڭىز ھەرگىز گەپ تىشىماڭ . ئاڭلاڭ لىكىن دېمەڭ . ياخشى گىپىنى ۆغپ دەڭ ، يامىننى ئىيتماڭ .
        ياخشى كېلىننىڭ ئىككىنچى ئىپادىسى : قىيىنئاتىسىن ، قىيىنئانىسىنى بەك ھۆرمەت قىلىىدۇ . بىلسىڭىز قىيىنئاتىسىنى ، قىيىنئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىغان ، كۆزگە ئېلمىغان كېلىننىڭ  كۇنى ھامان زاۋاللىققا يۇزلىندۇ . چۈنكى بىز نېمە تىرىساق شۇنى ئالىمىز ئەمەسمۇ ؟
       ياخشى كېلىننىڭ ئۆچىنچى ئىپادىسى : ئېرىنى پەقەت بىر ماڭىلا مەنسۇپ دەپ ئۇيلىمايدۇ . شۇڭا يۇلدىشىنى ئاتا - ئانىسىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۇلۇشكە ، ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇشقا دەۋەت قىلىدۇ . قىرىنداشلىرى بىلەن ھەمسال ئۇتۇشكە ، ئۇرتاق پېكىرگە كىلىشكە ئۈندەيدۇ . مۇشۇنداق خۇتۇنغا ئېرىشكەن ئەرنى خىلى تەلەيلىك دېيىشكە بۇلىدۇ .
يۇلدىشىنى سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ، ھەممە ئىشتا ئاغزىغا قارىتىۋالغان خۇتۇنلارنىڭ قانچە ئىززەت- ھۆرمىتى بۇلىدۇ دەيسىز ؟
       ياخشى كېلىننىڭ بەشىنچى ئىپادىسى : كۆكسى- قارنى ئىنتايىن كەڭ بۇلىدۇ . يۇلدىشى قانچە قېرىنداش بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر قىيىنئاتا- قىيىنئانىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرىگە قىلغان ئىقتىسادى ياكى مەنىۋى ياردەملىرىدىن قىزغانمايدۇ .
     بەزىبىر كېلىنلەر بار ، ئاڭلاپ قالىمىز. مۇنۇ ئۆيدىكى قىزلارنى قىيىنئاتاملار بەك يۈلەيدۇ ، ئۇغۇللارنىمۇ شۇنداق ، دەپ ۋايساۋاتقىننى .  
        سىزگە نېمە كەپتۇ ۋايساپ ؟ سىز دېگەن تۇنۇگۈن كېرگەن بۇ ئۆيگە . ئاتا- ئانىلىرىنىڭ باللىرىغا مىھرىبانلىق يەتكۈزىشىگە سىز دەخلى بۇلالمايسىز . ئۇلار بەرسە ئۈزلىرىنىڭكىنى بىرىدۇ . ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن ئەكىلىپ بەرمەيدۇ . شۈڭا كۆكسى -قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ھەرگىزمۇ كۆزىڭىزنى كىچىك قىلماڭ . بۇلمىسا بەخىتلىك ئائىلىڭىز ۋەيران بۇلىدۇ . كەڭ قۇرساق ئاياللار ھامان بىزگە ئۈلگە ،
       ياخشى كېلىنلەر پەرزەنىتلىرىگىمۇ ياخشى ئۇسۇللار بىلەن تەربىيە قىلىدۇ . ئۇلار تەربىيلىگەن بالىلارمۇ ياخشى مىجەزلىك بۇلۇپ چىقىدۇ . شۇڭا پەرزەنىت تەربىيسىگىمۇ سەل قارىماڭ .
        ئاخىرىدا دەيدىغانلىرىم ياخشى كېلىنلەرنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش نىشانى بۇلىدۇ . ئۇلار شۇ نىشانلىرى ئۈچۇن كەرەش قىلىدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەك ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ . ئۈز تۇرمىشىنى تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ . تۇرمىشىدىن رازى بۇلىدۇ .
        ئېشىنىمەن ، سىزمۇ بىر ياخشى كېلىن ياكى ياخشى كېلىن بۇلالايسىز . پاك - ساداقەتمەن خۇتۇن ، مىھرىبان ئانا ، ۋاپادار كېلىن بۇلىشىڭىزغا ئاللا مەدەت قېلسۇن ، قىرىندىشىم!
    مەنبە - مەن

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
268
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7549
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 13:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى جايىدا گەپلەرنى قىلىپسىز. مەنمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن قېينىئاپام بىلەن ئەپ ئۆتەلەرمەنمۇ دەپ بەك ئەنسىرەيتتىم. توي قىلىپ بىر-ئىككى ئايغىچە ھەتتا"ئاپا"دەپ چاقىرىشتىمۇ قىينالدىم. كېيىن-كېيىن ھېس قىلدىمكى قېينىئاپام ماڭا قېينىئاپا ئەمەس،بەلكى ئۆز ئاپامدەكلا مۇئامىلە قىلىدىكەن ئەمەسمۇ. مەنمۇ قېينىئاپامنىڭ نىمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، قانداق ئىشلارنى يامان كۆرىدىغانلىقى دېگەندەكلەرنى بىلىۋېلىپ، شۇ بۇيىچە ئىش تۇتتۇم. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قېينىئاپام بىلەن سەككىز ئاي بىر ئۆيدە تۇردۇق.ئۈرۈمچىنىڭ بىنا ئۆيلىرى قانچىلىك بولاتتى دەيسىز،ئۆي كىچىك، شۇ كىچىك ئۆيدە قېينىئاتا،قېينىئاپام، قېينىئىنىم ، بىز ئىككىمىز بولۇپ بەشەيلەن تۇراتتۇق.سەككىز ئاي جەريانىدا يا بىرەر قېتىم ئالىيىشىپ قالمىدۇق،يا ۋارقىرىشىپ قالمىدۇق.بىر-بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ،بەك چىرايلىق ئۆتتۇق. كۆڭۈل ئازادە بولسىلا توخۇ كاتىكىمۇ ئادەمگە كىچىك بىلىنمەيدىكەن.مەن دوستلىرىمغا قېينىئاپامنى ماختاپ بەرسەم،قېينىئاپاممۇ دوستلىرىغا مېنى ماختاپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بىزگە ھەۋەسمۇ قىلىشتى. "قېينىئانا بىلەن كېلىننىڭ ئوتتۇرىدىن تۇڭگۇز ئۆتۈپ كەتكەنىكەن، شۇڭا ئەپ ئۆتەلمەيدىكەن"دېگەن سۆزنىڭ كىملەرنىڭدۇ تېپىۋالغان پەتىۋاسى ئىكەنلىكىگە شۇ چاغدا چىنپۈتتۈم. ئۇلۇغ اللە  ھەممەيلەننىڭ بەخت تەلىيىنى بەرسۇن.
  بەزىدە "پىسسىڭڭىدە"بىرنى كۈلۈپ قويۇشمۇ  نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئۆز ئاپىلىرىمىز نىمىلا دېسە كۆتۈرىمىز يۇ، قېينىئاپا بولغۇچىنىڭ ياخشى كۆڭۈل بىلەن قىلغان گەپلىرىمۇ سوغۇق بىلىنەمدۇ؟قېينىئاپىنى ئۆ ئاپىسىنىڭ ئورنىغا قويىۋالسىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.

UID
11177
يازما
134
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1664
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 14:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە  قىرىندىشىم  ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز بۇ ئەسەر نى  ، ھەقىقىتىن  دانا پىككىرلەرنى  ئوتتۇرىغا  قويۇپسىز .
   سىز   يازغان  بۇ  ئىشلار  ھەممىلا  يەردە  بار   ، يۇقارقى مەسلىلەر ھەممە  كىلىنلەرنىڭ  ئوقۇپ  ئۆتىشىگە  ئەرزىيدۇ.  
        < قىينىئانىلارنىڭ  بۈگۈنى  كىلىنلەرنىڭ ئەتىسى  >

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
122
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3842
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 15:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە   ئەھمىيەتلىك  تىمىدىن  بىرنى  يوللاپسىز   مۇبارەك  بولسۇن  !  بۇنىڭدىن كىيىن  كىلىنلىك خىزمىتىنى  تىخىمۇ  ياخشى  قىلىڭ
  سىز  دەك  ئويلايدىغان  كىلىنلەر  ھەم  كىلىن  بولۇش  ئالدىدا تۇرغانلار  بەكمۇ  ئاز  
مەنمۇ  ئويلايمەن    ئەگەر مەن ئايرىم بىر ئۆيگە  كۈي ئوغۇل  بولۇپ كىرسەم  مەن توي قىلغان قىزنىڭ  ئاتا - ئانىسنى  ئۆزەمنىڭ  ئاتا - ئانىسى بىلەن  ئوخشاش كۆرسەم   ئۇنىڭ  ئىنى سىڭىللىرى  ياكى  ئۇرۇغ  تۇققانلىرىنى  ئۆزەمنىڭ  ئىنى سىڭىللىرى بىلەن  ئۇرۇغ تۇققانلىرىم  بىلەن  ئوخشاش  كۆرسەم  دەيمەن    مەن  بىلەن  توي  قىلدىغان  قىزمۇ  شۇنداق  ئويلىيالىسا   دەيمەن ..................... ھەممەيلەن  مۇشۇنداق  ئويلايلى

UID
10053
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
652
تىزىملاتقان
2011-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 19:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ،مەن گەرچە كىلىن بولمىساممۇ لىكىن مۇشۇ بەزى قېينئانسىنى،قېيىنئاتىسىنى تىللايدىغان كىلىنلەرنى كۆرسەم شۇنداق ئاچچىقىم كىلىپ كىتدۇ ئۇلار ئۆزىنىڭمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېينئانا،قېيىنئاتا بۇلدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمايدۇ. مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ئۇ دوستۇم ئۆزى 8يىل ئارلاشقان مۇھەببىتى بىلەن توي قىلدى لىكىنزە ئىرنىڭ ئالدىدا دائىم قېينئانا،قېيىنئاتللىرنى تىللاپ بىر قىلۋىتدۇ، ئۇ دوستۇمنىڭمۇ شۇنداق قىلشىدا سەۋەپ بار ،دوستۇمنىڭ  قېينئانا،قېيىنئاتللىرى دائىم مائوغلۇم ما قىزىمنى بانكىدىن قەرىز ئېلىپ ئالدى، نەدە يېتىپ نەدە قۇپاۋاتدۇ دىمەي دائىم پۇل ئىۋەتپىرىڭ دەپ ئوغلىنىڭ بېشىنى ئۇچاق قىلۋىتدۇ ،توغرا ئاتا-ئانا دىگەن بالسىنى بىر ئادەمنىڭ مۇئاشى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ خىزمەتكە چىقارغاندىكەن ئۇنچىلىك پۇل دىگەننى بىرىش ھەققىي بار لىكىن ئۇلارمۇ نىمىشقا بىز ئوغلىمىزنى ئۆيلەش ئۈچۈن بىر مۇچەن چىقارمىدۇق بۇ بالا قەرىز ئېلىپ خۇتۇن ئالغاندىكەن بانكىغا قەرىز قايتۇرشى كىرەك دىگەننى ئويلىماي ئوغلىنى قىستاۋەرسە ئوغلى خۇتۇننىڭ ئالدىدا پۇلنىڭ ھىسابىنى بىرەلمەي كەچكىچە باھانە كۆرسىتىپ ئاخىرى ئاشكارلىنىپ قېلىپ سەتلىشىپ ئىچمەيدىغان ئادەم ئىچدىغان، چەكمەيدىغان ئادەم چىكدىغان بۇلاپ كەتتى ئېرىنىڭ ئۇھالىنى كۆرگەن خۇتۇن قېينئانا،قېيىنئاتسىنى تولاپ ئەكلىپ خاپا بۇلاپ مەن قەرىزگە تىگىپ قەرىز قايتۇرۋاتسام سىلەر شۇنداق قىلامسىلەر دەپ مىنى نەدە كۆرسە دەرت تۆكەپ ئىچىمنى بەكلا سىقۋەتتى دۇستۇمنىڭ ئېرىمۇ مىنىڭ دۇستۇم بىز بۇرۇندىن ياخشى ئۆتەتتۇق ئۇمۇ ئايالدىن ئۇختۇرماي دەردىنى ماڭا تۈكدۇ ئۇياققا قارسا ئۆزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانسى بۇياققا قارسا ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى ياخشى كۆرۈپ ئالغان ۋاپادار خوتنى ئىككى ئارلىقتا قېلىپ بەكلا قىينىلىپ قالغانلىقنى دەپ ھال ئۇقۇيتى ئەمدى ئۇ دۇستۇمنىڭ ئاچچىقى راۋرۇس كىلىپ ئەمدى ئاجىرشىمەن دەپ قۇپۇپتۇ مەنمۇ ئۇ ئىككى دۇستۇمنىڭ ئالدىدا ھەممە گۇناھ سەندە- سەندە دەپ تۇلا گەپ قىلىپ ھېرىپ كەتتىم ،بىر بالسى بار ئىدى شۇ نى دەپ نامدا ئەر خۇتۇن لىكىن ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن تۈزۈكرەك گەپلەشمەي ئۆتۋېتىپتۇ ، بۇلارنىڭ ئىشى مىنىڭ بېشىمنى بەك قاتۇرۋەتتى ، ئۇلارلا ئەمەس يەنە باشقا دۇسلۇرۇممۇ دائىم ھىلى ئېرىنىڭ ھىلى  قېينئانا،قېيىنئاتسىنىڭ غەۋتىنى قىلىپ بېشىمنى بەك ئاغرىتۋەتتى، سىلەر دەپ بېقىڭلار مەن زادى قانداق نەسھەت بەرسەم بۇلار؟؟؟

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 21:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلى -كۆكسىنى كەڭ تۇتقانغا يەتمەيدۇ. ئاپام رەھمەتلىك دادامنى بىر ئۆمۈر چوڭ ئۆيدىكىلەرگە پۇل خەجلەپ كەتتى دەپ ئاغرىنىپ يۈردى. ھەتتا بىر كۈنى "ئۆيگە گۆش ئەپكىرىڭ " دىسىم، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىر قۇينىڭ گۆشىنى ئەپكىتىپ كىتىۋاتىدۇ دىگەنتى. مەن " سەن شۇ بىر قوينىڭ گۆشىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردىڭمۇ؟"دىسەم قاراپ تۇرۇدۇ. داداممۇ، دادام يوقلاپ تۇرىدىغان ئانىسىمۇ بىر يىلنىڭ ئالدى -كەينىدە تەگەپ كەتتى. ئاپام تەنھالىقتا ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇغاندۇ؟ لىكىن كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەندە.

مەن دوستقا مۇىتاج

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-10 22:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى كېلىنلەرمۇ باركى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە << ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق >> . ئېرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدىيۇ - ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەپ ئۆتمەيدۇ. ئاخىرىدا مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئاجىرشىشىتىن ئىبارەت تىرەگىدىيە يۈز بىرىپ ھەر ئىككەيلەن ئازاپ تارتىدۇ. شۇڭا بارىلىق ئاچا- سىڭىللارنىڭ ياخشى كېلىن، ياخشى خوتۇن بولۇشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.
  تېما ئېگىسىنىڭ ئەجىرىگە تەشەككۈر.

كۆيۈمچان ئەزا

دىللار ئاللاھنى

UID
8826
يازما
45
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1596
تىزىملاتقان
2011-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 00:06:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئاياللارنىڭ ئىغىزىدىن < قىيىنئانىنىڭ مىڭدىن بىرى ياخشىدۇر ، ياخشىسى ھەم دىماغىدا سۆزلەيدۇر > دىگەننى تولا ئاڭلايتتىم. كىيىنچە بۇ مۇبالىغە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ،كەڭ قورساق بولسا ھەممەئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدىكەن،قىيىنئانا-كىلىنمۇ بۇدىگەن< قىيىن ئانا >ياكى <كىلىن> دەپ بىرسى-بىرسىگە زىيادە سەزگۈر بولىۋالمىسا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشسا ،بىر-بىرىگە كەڭ قەرساق بولسا چوقۇم ياخشى ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

UID
12946
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 11:11:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغۇ ياخشىكەن،ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن.ئەمما سوراپ باققىم بار :قىيىنئانا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ چۈنكى بەزى قىيىنئانىلار باركى،كۈندە ئۆيىڭىزدە تاماق يەپ،نەرسىلەر بەرسىڭىز ئېلىپ،يەنە سېزدىن رازى بولمايدۇ.بىر كۈن كەچكىچە ئۆي ئشلىرىڭىزغا ئارلىشىۋالىدۇ...

UID
10963
يازما
39
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
400
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 15:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ 8قەۋەتتىكىguliya يوللىغان 2011-07-11 11:11 غا قارتىلغان  :
تېمىغۇ ياخشىكەن،ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن.ئەمما سوراپ باققىم بار :قىيىنئانا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ چۈنكى بەزى قىيىنئانىلار باركى،كۈندە ئۆيىڭىزدە تاماق يەپ،نەرسىلەر بەرسىڭىز ئېلىپ،يەنە سېزدىن رازى بولمايدۇ.بىر كۈن كەچكىچە ئۆي ئشلىرىڭىزغا ئارلىشىۋالىدۇ...
چىداڭ . چۈنكى كېلىننىڭ كۇنى كىيىن . سىز قېيىنئانىڭىزنى دەپ سۈيۇملۇك يۇلدىشىڭىزدىن ،ئۇماق بالىڭىزدىن ۋاز كەچمەكچېمۇ ؟ ئاللادىن ئىنساپ تىلەڭ .

ئەڭ سىرلىق ئادەم ئەڭ جەلېپكاردۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش