
1.ئىبراھىم ئافىللەي گوللاندىيەلىك بۇلۇپ ، گوللاندىيەنىڭ ئەيىنخوۋىن كوماندىىسدىن بارىسلونا كوماندىسىغا يېڭىدىن ئالمىشىپ كەلگەن ئىستىقباللىق ياش پۇتبولچى .

2. ئەلى مۇنتارىي گانالىق پۇتبولچى بۇلۇپ ، گانا دۆلەت كوماندىىسى ۋە ئىنتېر مىلان كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى .

3. يايا تۇرېي كوتى دى ئىۋۇئېرلىق توپچى بولۇپ ، بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ماھىرلارنىڭ بىرى . ھازىر مانچېستېر شەھىرى كوماندىىسدا توپ تېپىۋاتىدۇ.

4. ماروئانى چاماك ماراكەش ۋە فىرانسىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇپ ، ھازىر ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ياش يادرولۇق ھۇجۇمچىسى .

5. ئېدىن ژېكو بوسىنيەلىك ماھىربۇلۇپ ، گېرمانىيەنىڭ ۋولفىسبۇرگ كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى .

6. بېنزېما فىرانسىيەلىك پۇتبولچى بولۇپ ، فىرانسىيە لىئون كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ، ھازىر خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ .

7.ئانېلكا فىرانسىيلىك پۇتبولچى بولۇپ ، 2004– يىلى ئۆزىگە ئابدۇللا سالام بىلال دېگەن ئىسمنى قويغان ھەمدە شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىگە بېرىپ ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› دىن بىلىم تەھسىل قىلغان . ئۇ ھازىر چېلسى كوماندىىسنىڭ يادرولۇق ھۇجۇمچىسى .

8. ناسىر فىرانسىيەلىك پۇتبولچى بۇلۇپ ، فرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق توپچىسى زىدانې بىلەن ئوخشاش فرانسىيەدىكى ئالجىرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى . ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئىستىقباللىق يادرولۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى .

9. رىبېيرى فىرانسىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى بۇلۇپ ، بايرېن مىيۇنخىن كوماندىىسدا توپ تېپىۋاتىدۇ . فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى .

10. مەسئۇد ئۆزىل گىرمانىيەدىكى تۈركىيە كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادى ، ھازىر گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە خان جەمەتى مادرىت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى

گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە ئاسىننا كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى
ۋان پېيسى

ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق توپچى ھېنىرى

فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ داڭلىق توپىسىچى زىداننى،ئالجىريىدە تۇغۇلغان.

رىبېيرى بىلەن ئانىلكا

ئىبارھىموۋىچ شىۋىتسىيەلىك داڭلىق توپچى، ھازىر AC مىلەن كۇلۇبىدا..