تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 8

ئانامسەن قەلبىمدە يېقىلماس مۇنار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12937
يازما
15
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 00:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئانامسەن قەلبىمدە يېقىلماس مۇنار


ئانامسەن قەلبىمدە يېقىلماس مۇنار
نە مۇنار، سۈبھىدە پارلىغان قۇياش.
ئانىسىز كىملەردە بەخت، تەلەي بار؟
ئانىسىز دۇنيانىڭ كۆزلىرىدە ياش.

ئانا ئۇ- تاغ سۈيى ئۇخچۇپلا تۇرغان،
ئانا ئۇ- سۆيگۈدۇر، ئانا مۇھەببەت.
ئانا ئۇ- لىرىكا ئوقۇپ قانمىغان،
ئانا ئۇ- بالا دەپ تارتار مۇشەققەت.


ئانا ئۇ- بىر شۇڭقار كۆكلەردە ئۇچقان،
روھىدىن نۇرلىنار ھايات دەملىرى.
ئانىسىز قاي ئىنسان زەپەرلەر قۇچقان.
ئانىسىز تۈگىمەس ئىنسان غەملىرى.


ئۇ باركى، ئۆرۈكلەر كىرەر مېۋىگە،
ئۇ باركى، ئۆيلەردە قاينايدۇ قازان.
ئۇ باركى، ئېتىزلار قانار سۈيىگە،
ئۇ باركى، گۈللەرگە پۈركىنەر جاھان.


ئۇ باركى، مايسىلار يېقىلماس زىنھار،
ئۇ باركى، مەڭگۈگە تۇتۇلماس ئاسمان.
گىياھقا سۇ بولماي كۆكلەم نەدە بار؟
ئانا ئۇ- مېھنەتكەش، ئۇلۇغ بىر ئىنسان.


ئانامسەن مېھرىبان، پەرىشتە مىسال،
ئانامسەن قەلبىمدە يېقىلماس مۇنار.
ئانامسەن پىر، ئۇستاز تىلى شېكەر، بال،
ئانامسەن سەن باركى باغلىرىم گۈلزار.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2539
يازما
139
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 08:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئانىغا قانچە مەھدىيىلەر ئوقۇساق ئازلىق قىلىدۇ.چۈنكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ قۇياشى، ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى.بۇ شېئىردا ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقى يۈرەكنى سۈيۈندۈرگىدەك ئەكسى ئەتتۈرۈلگەن.ئاپتۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەتلەر يار بولسۇن!

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 12:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار مۇئەللىمنىڭ قەدىمى <قۇت>بولغاي شئىردىن قەۋەتلا سۈيۈندۈم!

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 12:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئانانىلار ھەققىدە قانچىلاپ داستان يازساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ ، ئانا شۇنداق ئۇلۇق ئىنسانكى بۇنى ئانسىدىن ئايرىلغانلار بەكرەك چۈشىنىدۇ دەپ قارايمەن ، چۈنكى ئادەملەر دائىم كۆزئالدىمىزدىكى بەخىتتىن ئايرىلغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنىڭ قەرىنى چۈشۈنۈپ يىتىدىغان بولغاچقا ،ئانام مىھرىبان دەپ يۈرسەكمۇ ھايات ۋاختىدا قەدىرنى ئانچە قىلىپ كىتەلمەيدىكەنمىز . ئەتىگەندە ئانا توغورلۇق بۇشىئىرنى كورگىنىمدىن تولمۇ خۇرسەن بولدۇم ، تىما ئىگسىگە رەھمەت ،

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 12:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۇلۇغ، ئانىلارنىڭ قەدىرىگە يېتىش بىز كەبى نادان پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. ئەمما ھازىرقىدە ھەممە سۈنئىيلەشكەن، كىشىلەردىكى ئىنسانىي غورۇر، ۋىجدانى ئەخلاق كۈنسېرى ئۆز كۈچىنى يۇقىتىۋاتقان دەۋردە ھەقىقىي تۈردە ئانىلار قەدرىگە يەتكەنلەر زادى قانچىلىكتۇر؟

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 23:38:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ھەققىدە قانچە شىېر داستانلارنى يازساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ ،،،ھەم يېزىپمۇ  يېزىپ بولالمايمىز

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
7004
يازما
13
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2010-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 15:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار مۇئەللىمنىڭ يازمىللىرىدىن تۇلىمۇ سۇيۇندۇم .قەلەم تۇلپارلىرى ھارمىغاي ،ئىزگۈ قەدەملىرىدىن گۈل -چىچەكلەر ئۈنگەي. ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت ،كۈنلىرىنى خۇشال -خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكىلى نىسىپ قىلغاي .قول يازمىللىرى مۇنبەردىن ئۆچمىگەي .

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 12:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا


ئەجرىڭ گويا بىر دېڭىز ئانا ،
تەرىپلىسەم تەرىپىڭنى مەن .
ئۇلۇغلۇقۇڭ راستىلا مۇقەددەس ،
ئىجادچىسى مۇھەببەتنىڭ سەن .

تىلغا ئالسام سېنى ئانىجان ،
يېنىپ كېتەر باغرىمدا گۈلخان .
چاقناپ تۇرغان چېچەكلەر گويا
تومۇرۇمدا ئۇرغۇپ تۇرغان قان .

سەن ھەممىگە چېچىلغان قۇياش ،
پەرزەنىتلەرگە مېھىر ئاپتابى .
قۇچىقىڭدىن ئالەمگە مەشھۇر ،
چىققان مەھمۇد ، يۈسۈپ ، فارابى .

سەن قەلبىمگە قۇيۇپ قويغان كۈي
قانات ، مەڭگۈ شادلىق ، غۇرۇرغا .
ئىزلىرىمدا قالىدۇ جەننەت ،
كۆمۈلىمەن ئىلاھىي نۇرغا ...

قانچە ئېيىتسام ناخشام تۈگىمەس ،
ھەر بېشى سەن ناخشىلىرىمنىڭ .
ھەر مىسرادا يادلىنار چېھرىڭ ،
ھەمراھىسەن شېئىرلىرىمنىڭ ...

ئاتا بولغان كۈنۈمدىن بېرى ،
قەدرىڭگە مەن يەتتىم دەممۇ-دەم .
ھەر يىغلىسا نەۋرەڭ قىقاسلاپ ،
ئەسكە ئالدىم سېنى بىر مەرتەم .

ساڭا شۇنچە تەلپۈندى كۆڭلۈم ،
يۈرىكىمدە بىر سېنىڭ غېمىڭ .
مانا ئەمدى يېتىپ قېرىلىق ،
ئالالماپسەن تۈزۈك بىر دېمىڭ .

بارلىقىڭنى غەنىيمەت بىلىپ ،
تۇتاي ھەممە بارىمنى ساڭا .
بەرىكەتلىك دۇئالىرىڭدىن ،
قىلىپ قويغىن ئوغلۇڭغا يەنا ...

مەنبە: باياۋان


كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
234
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6804
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-18
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 09:49:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەت-ئانىنىڭ ئاياق ئاستىدا.
ئانا ئۇلۇغ،ئانا مۇقەددەس،ئانا -مەڭگۈ ئېقىپ تۈگىمەيدىغان مىھرى-مۇھەببەت،ھىممەت
بۇلىقى!(ئەمما تۇغۇشنى بىلىپ ،ئۈزىنى بىلەلمىگەن،مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار بۇنىڭ سىرتىدا)
*
*ئانا ئارزۇسى ئامانلىق،ئاتا ئارزۇسى ئادىللىق.
*ئانىسى پاكىزنىڭ قىلىقى تاتلىق،ئاتىسى پاكىزنىڭ تىلى.
*ئاناڭدىن ھايانى،ئاتاڭدىن باتۇرلۇقنى ئۈگەن.
*
                                                                مەنبە:              شىنجاڭ مەدەنيىتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش