كۆرۈش: 7107|ئىنكاس: 4

تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1264
يازما
411
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12613
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-28 01:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى

ئەركىن سىدىق


بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر نەرسىنى (مەسىلەن، ماتېماتىكىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر نەرسىنى (مەسىلەن، چەت ئەل تىلىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يەنە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا يەكۈنلەپ چىقىشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رادىئو كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مۇنداق بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم: 1) دەرستىن بۇرۇن كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش. 2) دەرس ۋاقتىدا پۈتۈن ۋۇجۇد بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلاش، ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇش. 3) دەرستىن پىششىغلاپ تەكرار قىلىش. 4) مۇھىم مەزمۇننى ئىخچام ھۇلاسە قىلىش. تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي
1) تەبىئى پەندە يېڭى دەرس ئۆتۈلگەندە، يېڭى ئاتالغۇنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ئەگىشىپ مېڭىش بىر ئاز قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر يېڭى دەرس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن سىز ئۇ دەرسلىكنى بىر قېتىم ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىز جىق ئاسانغا توختايدۇ. زېھنىڭىزنى يېڭى ئاتالغۇلارغا ئەمەس، دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرەلەيسىز.
2) دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرىغا جۈملىمۇ-جۈملە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز. ئاشۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغانلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش. بۇ خاتىرە ئىمتىھان ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ: سىز ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى سوزلىگەنلىگىنى ئاسانلا ئاڭقىرالايسىز. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىمۇ شۇنداق
3) كۆپىنچە ئەھۋالدا، بىر قېتىم دەرس ئاڭلاش بىلەنلا ھەممە ماتېرىياللارنى چۈشىنىپ بولۇش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دەرستىن چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىملىق دەرسكىچە بولغان ۋاقىتتا، چوقۇم يېڭى دەرسنى ئۆزلۈكىڭىزدىن تەكرار قىلىشىڭىز، سىز چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر بولسا ئۇنى ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئۇستازىڭىزدىن سوراپ چۈشىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. دەرسنى تەكرارلىمىسىڭىز قايسى مەسىلىنى چۈشىنىپسىز، قايسىسىنى چۈشەنمەپسىز ئۇنى بىلەلمەيسىز. بۇ قېتىمقى دەرستىكى چۈشەنمىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالمىسىڭىز، يېڭى دەرستىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيسىز.
4) ئوقۇغان نەرسىلەرنى ئىخچام قىلىپ خۇلاسىۋەلىشنىڭ بىر قانچە پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىر دەرستىن نېمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ۋاقتىدا، دەسلەپتە پۈتۈن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىز تەييارلىۋالغان خۇلاسىلىگىلا قارىسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇقۇمنى ئېسىڭىزدە قالدۇرالايسىز. بۇ خۇلاسىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدىكى خىزمەت جەريانىدىمۇ پايدىلىنالايسىز. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ھەر بىر دەرستىن تەييارلىۋالغان خۇلاسىدىن ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلىنىۋاتىمەن.
ئەگەر سىز بىر تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى تولۇق قوللانسىڭىز، سىز چوقۇم ھەر قانداق قىيىن دەرستىمۇ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايسىز.
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-98317.html

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

بىسمىللاھىررەھم

UID
85
يازما
124
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
418
تىزىملاتقان
2008-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2010-8-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-1 01:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت!!~~

بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تورغا كىرىپ بۇ نەرسىلەرنى ئوقۇماسلىقى مۇمكىن....

ئەسلى توردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تورخانىمۇ ياخشى جاي ئىدى..  ھەممە ئادەمنىڭ كومپيۇتېر ئېلىپ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پايدىلىنىشقا شارائىت يار بەرمەسلىكى مۇمكىن..  تورخانىلارغا كىرىپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چىقسا ھېچقانداق يامان يىرى يوق.
ئەمما ھازىر تورخانىلارغا كىرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانچە ياخشى ئادەملەر ئەمەس..
قىز بالا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن تورخانىغا كىرىشنى نۇمۇس ھىس قىلىمەن.. ھەممە جاي تاماكا ئىسى... ئىچىدىن چىقىۋاتقان قىزلار، يىگىتلەر ئانچە پاكىز چىرايمۇ ئەمەس...( بىر چاغلاردا ئەلكۈيى ئۈچۈن بىرەر ئايدەك بىر تورخانىغا (سەركەردىنىڭ ياردىمى بىلەن) كىرىپ، ئەلكۈيى ئارلاپ تۇراتتىم....

كەچۈرىڭلار!~~  تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىلىپ قويدۇم....

مەن بۇ ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا سۆزلەپ بىرىمەن!!!

~~~~~ اللاھ بىزنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ  ~~~~~

UID
14890
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 18:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت!!~~
مەنمۇ  بۇ تېمىنى  سەل  كېچىكىپ كۆرگەندەك  ھېس  قىلىۋاتىمەن  .  مەنمۇ  ئوقۇغۇچىلىرىمغا  دەپ بەرسەم چوقۇم ئۇلارغا  ياردىمى  تەككۈدەك .

UID
15933
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 01:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر  ئوقوتقوچى، سىلەر بىلەن سىردىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارزۇيۇم بار

ئۇستۇڭدىكى قوياشنى كۆرىمەن دەيدىكەنسەن ، بېشىڭنى كۆتۇر، ئالدىڭغا قارا، يىقىلىپ كەتمە.

UID
18594
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 01:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
顶你一下,好贴要顶!












汾酒

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش