چاناق قەلئە بوغۇزىدا
تۆتھوگۇل
بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق
يامغۇرلار بۇلۇتلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ
ئەسىرلەر ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنى
يۇيىۋاتىدۇ
كۆزلىرىمدە؛
سۈكۈت ئالۋۇدى، دېڭىز ئىچىگە ئۆركەشلەپ ھۇجرىسىغا ئۇزاپ كېتىۋاتقان لەھزىدە
قەلبىم پۇرىدى شۇنچە يېقىندىكى خۇشپۇراقلارنى
گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرىدىغان تەنلەر بۇلار
ھەرزامان
ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ئارىسىدا
تولىمۇ ئۇزاقلاردىن دىمىقىمغىچە.
كۆزۈمنى يۇمدۇم
ئالدىمدا ھەممىگە شاھىد شۇ دېڭىز
ئۆيۈمگە كىرمەك ئۈچۈن...
2011.06.17