ئىگىسى: arman03

داڭلىق كىشىلىرىمىزنىڭ قەبرىسى ۋە شۇنىڭغا يانداش خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5684
يازما
203
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5454
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 18:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتارىخ سەل ئىچىنىشلىق تارىخ......لكىن ئەستىن چىقارمايمىز كىملەرنىڭ قانداق قۇربان بولغانلىقىنى..................

UID
11394
يازما
114
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2094
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-26 20:22:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان تارىخىمىز ئوزىمىز تەرىپىدىن يارىتىلغاندا ئاندىن ئۇلار چىن-قەلىپتىن سۇيۇلۇپ ھورمەتلىنىدۇ.

UID
11422
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 23:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 11قەۋەتتىكىnaway يوللىغان 2011-06-25 18:44 غا قارتىلغان  :
يەكەنگە كەلگەندە سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخاننىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلغان بولساممۇ ئاماننىساخاننىڭ چوڭ قەسىرىگە كىرگۈم كەلمىدى... نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن...
  

  ھەجەپمۇ ياخشى ئىشى قىپسىز مەشئەل بۇرادەر
  ئۇ ئاماننساخاننى مەنمۇ ياخشى كۆرمەيمەن،   چۇنكى ئابدىرشىتخانغا   مۇقام تولاپ بىرىپ  ئۇنى كۈندە ئۇردىدا  مەسخوش قىلىپ قويغان.     ئەسلى پادىشا دىگەن مۇقام ئاڭلىماي،،  دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇردۇ.   زىمىن ئىگلەپ باشقىلارنى بويۇندۇرشى كىرەك.
.......



تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاماننىساخاننىڭ دادىسى ئەسلىدە بەزىلەر يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئوخشاش شەكىلدە تەكرارلاپ كەلگەندەك «كەمبەغەل ئوتۇنچى» بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا بۇ كىشىنىڭ ئابدۇرەشىتخان تەختكە چىقىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بەزى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، شەھەردىن يىراق بولغان تەكلىماكان بويىدىكى كونا تاتا (ھازىرقى قارا سۇ) يېزىسىنىڭ شاخ تاتا (ھازىرقى شاپتۇللۇق) كەنتىگە كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقانلىقىمۇ ئايدىڭلاشماقتا. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇنىڭدىن بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ھازىرمۇ بۇ يېزىلاردا ئاھالىنىڭ نىسبەتەن شالاڭ، دەل -دەرەخ ۋە يېقىلغۇ ماتېرىياللىرىنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئوتۇن ئېلىم -سېتىمىنىڭ بولمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن مەخسۇس «ئوتۇنچى» كەسپىنىڭمۇ مەۋجۇد ئەمەسلىكى بىر پاكىت. شۇڭا «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى «مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچى» دېگەن باياندىكى «ئوتۇنچى» ئاتالغۇسىنىڭ شۇ چاغدا زادى قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا كۆرسىتىلگەندەك، بۇ ئائىلىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15 -ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىدىن تارتىپ فۇزۇلى قاتارلىق باشقا شائىرلارنىڭ قىممەت باھالىق ئەسەرلىرىگىچە، شۇ دەۋردە كەم تېپىلىدىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئايرىم ئوقۇمۇشلۇق ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى يار بېرىدىغان ئائىلىلەردىلا بولىدىغان قەغەزدىن تارتىپ، دۈۋەت، قەلەم قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارغىچە ساقلانغانلىقى يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ


مانا مەنبە:
http://www.uyghurlar.tv/?p=645

UID
7024
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 00:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ئەزىز قېرىندىشىم ...

كورۈشكە نىسىپ بولمىسىمۇ كورگەندەك بولدۇم...

ئاللاھ خالىسا بىركۈنى بېرىپ شۇ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىمەن...

نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپتىمەن...ھەرقانداق چوڭ ئىشتا بىزدىن بىر خائىن،مۇناپىق چىقىدىدىكەن...ئەمما ھىېچقانداق خائىننىڭ ئاقىۋىتى ئوخشاش ئۆلۈم بولىدىكەن...نىمە ئۈچۈن شۇنى بىلمەيدىغاندۇ...نىمە ئۈچۈن بىزدىكى مۇناپىقلار تېخىچە تۈگىمەيدىغاندۇ....قىيامەتتە سوئال-سوراقنى بىلمەمدىغاندۇ؟؟؟
ئاللاھ كۆڭلىگە ئىنساپ-ھىدايەت ئاتاقىلسۇن!!!

ھەممەيلەن قولۇمىزنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلايلى!!!

                                (ئامىن!!!)

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 13:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئاماننساخاننى مەنمۇ ياخشى كۆرمەيمەن،   چۇنكى ئابدىرشىتخانغا   مۇقام تولاپ بىرىپ  ئۇنى كۈندە ئۇردىدا  مەسخوش قىلىپ قويغان.     ئەسلى پادىشا دىگەن مۇقام ئاڭلىماي،،  دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇردۇ.   زىمىن ئىگلەپ باشقىلارنى بويۇندۇرشى كىرەك.
    مۇشۇ ئاماننىساخان دىگەن خوتۇن( ئۇ ئەسلىدىلا   ئادەتتىكى پۇقرانىڭ قىزى،  مەلىگە ئەمەس،   جەمتىمۇ ھىچقانداق  تىگى يوق جەمەت،   پادىشاھقا خوتۇن بولۇشقا ماس ئەمەس.)
ئابدىرشىتقاننى مەس قىلىپ   ناز خولقى ،  ئۇسۇل ناخشىلىرى بىلەن كىرەكتىن چىقارغان.
    مۇقامنى رەتلىدى.  نىمە پايدىسى  ئۇ مۇقامنىڭ     خەققە ئۇيۇن قويۇپ بىردىغان گەپ شۇ.
   مۇقامچى جىقلاپ كەتتى بىزدە شۇڭا.

-----يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ بىراز ئارامسىزلاندىم: مۇقامنى ياخشى كۆرۈڭ ياكى يامان كۆرۈڭ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. بىراق ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ غايەت زور مەنىۋى سېپىل سۈپىتىدە بىزگە   ئۆزلۈك تۇيغۇسى، ھاياتىي رىغبەت، ئۈمىت ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ناخشا-مۇقاملاردىن زېرىككەن بولسىڭىز، ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپپىق تەقسىملەشكە دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 15:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ سۆزلىرىمنى خاتا چۈشەنمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاماننىساخان قەبرىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈم كەلمەسلىكى سەۋەبىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، لېكىن شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ چوڭقۇر ئويلارغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىمنى ئېتراپ قىلىمەن.
قان كېچىپ جەڭ قىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان سەئىدخاننىڭ قەبرىسى غېرىبسىنىپ تۇرسۇنيۇ،ئاماننىساخاننىڭ ھەيكىلى تىكلىنىپ، گۈمبەز تۇرغۇزۇلۇپ زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىسۇن.  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى ئەخلەتلەر ئارىسىدا ئىككى دەرەخ بىلەن بەلگە بولسۇنيۇ، ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسىنىڭ ئەتراپى بۈك باراقسان گۈل چېچەك بىلەن قاپلانسۇن. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى كىشىلەر بىلمىسۇنيۇ، ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسى ساياھەت ئورنىغا ئايلانسۇن. مەمتېلى ئەپەندىنىڭ قەبرىسى ۋە خاتىرە ئۆيىگە كىرەي دېگەندە ئاچقۇچ بېرىپ ئېچىپ بېرىدىغان ئادەم چىقمىسۇنيۇ، ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسى ساقچى بىلەن قوغدالسۇن. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسىنى يوقلىغاندا، ئىشىك باققۇچى ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇ بۇ دەپ كۆرسەتسۇنيۇ، ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسىدە ناتىقلار توختىماي سۆزلىسۇن. غوجىنىياز ھاجىنىڭ قەبرىسى غېرىبسىنىپ تۇرسۇنيۇ، ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسىگە كۈندە مىڭلاپ ساياھەتچى كىرسۇن.
ئۇلار كىملەر ئىدى، ئاماننىساخان كىم ئىدى؟ ناۋايىنى ياد ئەتمەيمىزيۇ، مۇقام پەخرىمىز دەپ ئاماننىساخاننى ئۇلۇغلايمىز، شۇنداقلا 80% مۇقام تېكىستىنىڭ ناۋايى نەزمىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيمىز. (ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا قاراڭ)
بەلكىم  يوقۇرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى جىق ئويلاپ كەتكەندىمەن، ياكى نەچچە يۈز يىللىق مەسجىدنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ماڭغاندىمەن ۋە ياكى سېپىل تاملىرىنى سىيپاش ئۈچۈن يولنىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتۈپ كەتكەندىمەن. ۋە ياكى ئابدۇرەشىدخان قەبرىسى يېنىدىكى كىچىك بالىنىڭ قەبرىسى بولغان ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسى بىلەن بىر سەنئەتچىىنىڭ قەبرىسى دەپ قانائەتلەنگەندىمەن.

بۇ سۆزۈمنىڭ يەنە بىر تۈگىمەس مۇنازىرە بولۇپ قېلىشىنى ياكى تېمىدىن ھالقىغان سۆزلەرگە سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن

كۆيۈمچان ئەزا

ئارسلان ئىكەنسە

UID
9254
يازما
131
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4181
تىزىملاتقان
2011-2-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 16:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىز ئاماننىساخان  بىلەن لەنەتگەردى ئاپپاق غوجىنىڭ قەبرىسىنى ئالاھىدە قوغدايدۇ،بۇ يىل ئاپپاق خوجىنىڭ قەبرىسىنى كاتتا قىلىپ رىمونىت قىلىپ ياسايمىز دەپ ئاشۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇۋاتقانلارنى كۆچۈپ بېرىڭلار دەپ ھۆكۈمەتتىن خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ،

.

UID
12770
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 18:36:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز مەخسۇم بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قەبرىسى ناھايىتى ئاۋاتلىشىپ  تۇرىدىكەن،زىيارەتچىلەرنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن،مەنمۇ 2010-يىلدىكى قۇربان ھېيتتا دوسلىرىم بىلەن بېرىپ ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلدىم،شۇ باھانىدە دوسلىرىمغا مەرھۇملارنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بەرگەچ تارىخى بىلىمىمنى كۆز -كۆز قىلىۋالغانىدىم.

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 20:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ۋە سۈرەتلەر ئىكەن، بەزىلىرىنىڭ ئورنىنى بىلسەممۇ بەزىلىرىنىڭكىنى بىلمەيدىكەنمەن ئادرىسنى يېزىپ قويغان بولسڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن....

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 21:05:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولىتىمىز ئاماننىساخان  بىلەن لەنەتگەردى ئاپپاق غوجىنىڭ قەبرىسىنى ئالاھىدە قوغدايدۇ،بۇ يىل ئاپپاق خوجىنىڭ قەبرىسىنى كاتتا قىلىپ رىمونىت قىلىپ ياسايمىز دەپ ئاشۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇۋاتقانلارنى كوچۇپ بىرىڭلار دەپ ھوكۇمەتدىن خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ،
نىڭ يازمىسىغا ....
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ قىزىنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بەرگەندىكىن سۈنى قوغدىماي كىمنى قوغدايدۇ؟
زىيارەتكە كېلىدىغان چەتئەللىكلەرمۇ بەلكىم ئۆز قىزىنى باشقىلارغا سوۋغا قىلىدىغان قانداقراق ئادەمدۇ، ئولتۇرقى قانداقراقتۇ دەپ قىززىقىپ كۆرگىلى كېلە بەلكىم...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش