ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران شېئىرلىرى
كورلىدىكى دۆڭكۆۋرۈك
يۇرتۇمدىكى غېرىب كۆللەردە
ۋەتىنىنى قۇرغاندا تۇرنا،
ئۈرۈمچىدىن چىقىپ يەرلەشكەن
كورلىدىكى دۆڭكۆۋرۈك
روھلاننىڭ ئالدىدا بولدى ئۇچۇرما.
ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىدەك جەننەتۇل باغلار
كۆچكەن دوقمۇشلارغا سېۋەت - سىۋەتتە.
ئېتىزلار بالاغەتكە يېتىپ
سەھرالارنى تەرك ئېتىپ
مەھەللەمدە تىزىلغان رەتكە...
ئىگىسىنىڭ كۆزىدەك بوز رەڭلىك شاپتۇل،
مەڭىزلىرى قىزىل، يۈزلىرى توپا.
ئاشىقنىڭ يۈرىكىدەك ئېزىلگەن ئەنجۈر،
تاۋۇز لەۋلىرىدە قان رەڭلىك ئۇپا.
مىڭ يىل ئاۋۋالقى قەبىلىلەردەك
غۇژمەك – غۇژمەك ئۈزۈم، مۇناقى.
يېيىپ تەلەڭگىگە نەچچە كۆكۋاشنى
چېچىلغان پۇرچاقتەك ئولتۇرار موماي،
قۇرت چۈشكەن قوناقتەك تۇرقى – سىياقى.
كىچىك قىز قولىدا بىر تۇتام ئوسما...
ئوسمىدەك كۆكەرگەن قارىچۇقلىرى،
تەلمۈرگەن كۆزىدىن پىلدىرلىغانچە
تۆكۈلىدۇ بوز رەڭ ھال - كۈنى.
مېيىپ تىلەمچىنىڭ ياغلىقىدا پۇل
كاج تەلەيدەك پۇرلاش
پۈتۈلگەن كەچمىشى يۈرەكنى تىلار،
نېمىدۇر تىلىگۈزەر تىتىلغان ئۈنى...
ئەركەكلىكنى مىڭ يەردىن ساۋاپ،
ھۆل يۇلغۇنغا سانجىلغان كاۋاب،
شورپىلىرى چوغنى يالقۇنداپ،
ئاشىقنىڭ يۈرىكىدەك تۇرار پىژىلداپ.
غالتەكلىك ھارۋىدا مۈگدىگىنىچە
دەردمەننىڭ چېھرىدەك تاتارغان كىتاب،
ئۇندا چاپچىپ تۇرغان ماگمىدەك تىلەك
ئېتىلار يۈرىكىڭگە ئوقتەك ۋىژىلداپ.
مەھمۇت كاشغەرىنىڭ خەرىتىسىدەك
يۈزىدە كۈنجۈت يۇمۇلاق توقاچ،
ئۇياتچان جاناندەك قىزارغان گىردە...
ئىناق ئەلدەك ئۇيۇغان قېتىق...
خام قايماق «شاھ»ىڭغا سەپلەر بىر گەردە...
دۇنيا تىزغان كەبى قەلبىگە مىڭ دەرد،
تىزغانچە ئالدىغا ئوتياشنى رەت – رەت؛
پەمىدۇردەك ئوخشىغان چوكان
كۆزىدىن سۆيگۈ ئەمەس، چاچرىتىپ پىغان،
مۇھتاجلىققا كۆتۈرگەن چۇقان...
يارى كېلىپ كۈلگەندەك بىتاب،
سەگىتىدۇ يۈرەكنى دوغاپ.
توۋا، سەھەر چىللىغان خوراز
كىرىپ چىققان ئوچاققا ھېلى،
ئېغىزىڭغا سېرىق سۇ چۇلغاپ.
بايىلا ئويۇن قويغان قوچقارلار بېشى،
ھېسىپقا يانپاشلار پۇرۇق - پۇرۇقلاپ.
(ئارا تۇرالماسكەن كەلمىشكە ھەر جان،
دەم كۈلسە، كەينىدىن مەڭگۈلۈك ئۇخلاپ...)
ھاشار چۆمۈلىسىدەك
ماڭسىمۇ بىر – بىرىگە سوقۇلۇپ، دەسسەپ؛
تۇغقىنىڭدەك كۆرۈنەر ھەر كىم،
غېرىبلىق دەشتىدە يۈرمەيسەن ئەسنەپ.
كۆز ئالدىڭدا تونۇش كۆز، سىياق،
يان – يېنىڭدا قەدىمىي پۇراق.
بىر قارىساڭ رەستىدە
ئېقىشىپ يۈرگەندەك تۈمەنلەپ نەزمە،
جاي – جايىغا كەلگەن مىڭ مەرتە
ۋەزىن، رېتىم، قاپىيە، تۇراق...
ئاڭلانغاندا خۇپتەنگە ئەزان،
يانچۇقىنى سىلىغاچ ھەرئان،
ئالدىرايدۇ كەتەككە ھەر جان.
تارقىشىدۇ كىمدۇر مەست پېتى،
بىلمەس ئۆزى، قاي رەڭلىك تەكتى؟
شۇتاپ كەلگۈسىگە نېمىلەر ئەكتى؟...
سەزمەس، پېشانىسىنى قايسى خەت چەكتى؟...
يەنە كەلدى كېچە، تارقىدى بازار،
تاغدىن بۇ شەھەرنى مارلايدۇ مازار...
*روھلان – كورلا شەھىرى كونا بازاردىكى ئولتۇراق بىناسى
2009 – يىل 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، كورلا
كونا يىلدىن چىقىش
نېمەمدۇر ئۇنتۇلغاندەك تۇرۇپ قالدىم،
كونا يىلنىڭ بوسۇغىسىدا.
ئارقامغا بۇرۇلدۇم ئەندىكىپ
تالان – تاراج بولدى كۆز مارجانلىرىم
ئۆكۈنۈش، ئەلەمنىڭ تونۇش ئىسىدا.
سىرتىمدىكى جاھاندا
ئۇچراشقانتىم ئىچىمدىكى جاھان بىلەن
ۋاقىتنىڭ بۇلتۇرقى مۇشۇ بېغىدا.
چاقناپ تۇرغاندەك قىلاتتى ئۇ چاغ،
«ئەركەك» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئېغىدا.
نىتەي، يىگىلىگەن ئىكەن ۋاپاسى،
كۆزلىرىمنى كۆزلىرى يۇڭداپ
قولۇمنى چىڭ سىققان ئاشۇ چېغىدا.
ئاھ، ھەممىگە كېچىككەك خۇيۇم!
لىقلاندى «ئېسىت!...»لارغا يەنە ئويۇم.
ئاق رەڭلەرگە تولغانچە بەزمەڭ
ئاغىنە بولۇۋېلىپ قارا رەڭ
ئاقلىقىڭنى قورۇيدىكەن يېغىدا...
قاراپ تۇرسا قەلىمىم،
يىلنىڭ ئۇ ئىشىكىدىن كىرگەن پۇتۇم
چىقتى بۇ ئىشىكىدىن
يوق تۇراتتى
ئورخۇندىن كىيىپ كەلگەن تونۇش ئۆتۈك.
جان ئۈزۈپتۇ يېرىم يولدا
پېشانەمگە قونماق بولغان سۆيۈملۈك پۈتۈك.
دېكابردا كىچىككىنە ھويلامدا
بوپ كېتىپتۇ نەچچە مىڭ ھارۋا
يانۋاردىكى بىر ھارۋىلا يۈك...
قىستاپ كېلىپ تەرەپ - تەرەپتىن
ئويلىرىمنى قىلدى پاتپاراق:
يىراقتىن كېلىۋاتقان پويىز گۈدۈكى...
قوشنامنىڭ تونۇش خورەك - ئۈگدىكى...
يەنە قاۋاقتىكى رومكا ئاۋازى...
يات ئۆيدىكى شەھلا كۆز نازى...
ئىچىمدە بىر نېمە پارتلاپ
خىتاب قىلدىم ئاۋامغا.
شېھىد بولدى بارچە ئاۋازىم
تەكرار – تەكرار ئۈسسىگىنىچە
ئۆيۈمدىكى تۆت تامغا.
نېمەمدۇر ئۇنتۇلغاندەك تۇرۇپ قالدىم،
كونا يىلنىڭ بوسۇغىسىدا.
مېداللارغا ئىنتىزار تەكچەم
توۋا، قۇپقۇرۇق تۇراتتى.
يېنىدىلا ئۇنىڭ
ئېتىزىمدا ئۈنمىگەن ئۇرۇق تۇراتتى.
ئوت ياندى، يالمىدى ئوت ۋۇجۇدۇمنى
شۇئان كۆردۈم تاپانلىرىمنى
مۇشەققەتنىڭ شورلۇق بىسىدا.
پۇتۇمدىن چوقامغىچە تا
موميا جاراھىتىم بالاغەتكە يېتىپ
تۇرسام يىغىلارغا گالغىچە پېتىپ
«مەن بۇ يەردە!...» دېگەن تاتلىق ئۈن
ياڭرىدى توساتتىن تاغ چوققىسىدا...
چىقتىم كونا يىلدىن
سول قولۇمدا لىققىدە ساۋاق.
ئوڭ قولۇمدا چىڭ سىقىمدالغان
يىلتىزىمدىن كۆكلىگەن ئارمان
كۆڭلۈمدەك ئاق، ۋىجدانىمدەك ساق... |