تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2419|ئىنكاس: 15

تۇز ( ئادىل تۇنىياز ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 17:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇز ( ئادىل تۇنىياز )

سۈزۈلمەكتە كۈنلەر ئالدىمدا
ماناندىكى تاغ چوققىسىدەك ،
باناندىكى قىز پۇرىقىدەك .

پوستى تېخى سويۇلمىغان قىز .

ئىشخانامدا سويۇلماقتىمەن ،
بەزى لايپاس ، بەزىدە تېز-تېز .

يازدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى
ئەسلەپ قالدىم قاردەك تۇيۇقسىز ،
تېتىغاندا يېڭى بىر تەمنى
شېھىت قايتىپ كەلسۇن قانداقمۇ ؟
كەتسە تاقاپ گۈزەل ئالتۇن تاج
گۈللەر قايتىپ كەلسۇن قانداقمۇ ؟
قايتىلانماس ئۇلۇغۋار كۈنلەر
تۇزسىز كۈنلەر تەكرار ھەر كۈنى .

ئوڭ تەرەپتىكى سېمىز ئەركىشى
سوزدى قولىنى تەخسىگە يەنە .
سول تەرەپتىكى نامسىز ناخشىچى
مەيكول جېكسوندەك تولغىنىپ ، سەكرەپ
ئۇنىڭدىن بەك قىلار تەنتەنە ،
كەتتىم ، بىرسى چۈشتى پېيىمگە
كۆلەڭگىسى پەشتاقتا ئەنە .

پۇل ياغماقتا تالاغا چىقسام
بايلار ئىزدەپ يۈرىدۇ مەنە ،
كەمبەغەللەر ئىزدەر ئۆزىنى .
كىرىۋالسام كىتابخانامغا
كۈندۈز ئۆلەر يۇمۇپ كۆزىنى .

كومپىيۇتېر جانسىز ، مەنىسىز
ئىسسىق قولنى ئولتۇراپ تۇتۇپ .
سارغۇچ كىتاب ۋاراقلىرىدا
سۈۋەرەكتەك جگسىدىم قالسا
قوي كىتابخان نۇقۇپ ئويغىتىپ .
گېزى كەلسە تاشلاي قەلەمنى
ئوبزۇرچىلار قالسۇن قان يۇتۇپ .

ئېچىلماقتا ئىشىك ئاسماندىن
خوش دېمەيمەن ئەمدى ھېچكىمگە .
ئەي دېڭىزچى مېنى سېلىۋال
تەۋەككۈلچىلەر چىققان كېمىگە .

2005-12-25
« دېڭىزدىكى كوچا » دىن ئېلىندى .


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12279
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 18:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قايتىلانماس ئۇلۇغۋار كۈنلەر
...
پۇل ياغماقتا تالاغا چىقسام
بايلار ئىزدەپ يۈرىدۇ مەنە ،
كەمبەغەللەر ئىزدەر ئۆزىنى .
كىرىۋالسام كىتابخانامغا
كۈندۈز ئۆلەر يۇمۇپ كۆزىنى
...
مىسرالاردىن،مەنالاردىن ھۇزۇرلانغىنىمدا،ئۆزىنىڭ ئچكى دۇنياسى بىلەن دىيالوگ قىلشالمايدىغانلارغا،قىلمشىغا پەتىۋا ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە،ۋۇجۇد ۋە سەزگۈسى بىلەن مۆجىزلەرنى ھېس قىلىپ،بىرەر قېتىم تاڭ قالمغانلارغا ئېچىنىپ قالىمەن...
ئۆزۈمگە تەۋە شۇ كەچلەردە كىتاب كۆرۋاتقىنىمدا،ئۇخلاشقا زادى كۆزۈم قىيمايدۇ...
ھېچقايسىسى قايتىپ كەلمەيدۇ...ئىزگۈ مەنالارنى ئىزدەۋاتقىنىمدا،پۇشايمان قىلىشقا،ھەسرەت چېكىشكە راسىتنلا ۋاقىتم بولماسلىقى كېرەكتەكلا...
ئۆزنىڭ دۇنياسىنى يارىتىش ھەقىقەتەن قىيىن...


UID
12537
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
679
تىزىملاتقان
2011-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 21:10:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق شېئىردىن مەن ھىچنېمىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن.

UID
11056
يازما
72
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1832
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 21:56:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدار قۇتلان ئەپەندىمنىڭ ئەلكۈيىگە باسقان قەدىمىگە مەرھابا،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ سالغان بولسام تازىلىۋەتمەڭلار جۇمۇ باشقۇرغۇچىلار،مۇنبەرلەردە ياخشى پىكىرلەرنى يازىدىغانلارنى ئادەمنىڭ كۆزى ئىلغاپ قالىدىكەن،شۇڭىمۇ مۇشۇنداق كىشىلەرنى كۆرسەم يېزىپ سالىمەن،ئىنكاسلاردا ئۇچرىشىپ تۇرغايمىز.
ئادىل تۇنىيازنىڭ پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ شىېرلىرى ھەققىدە ياخشى مەلۇماتلار بار ،ئىشقىلىپ نەزىرىمدىكى ئادىل تۇنىياز مەن ھۆرمەتلەيدىغان شائىرنىڭ ئەڭ ئالدى..ئۇنىڭغا قۇتلار يار بولسۇن.

تىرىشچان ئەزا

دۈشمىنىمنىڭ دۇش

UID
5562
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1227
تىزىملاتقان
2010-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 00:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېگىز تاققا چىققاندا پايپىقىمنى كىم ئالدى تونۇر بېشىدا قاغا غاقىلدايدۇ ناۋايدەك دىگەندەك بىر گەپلەركەنغۇ  بۇ ....ماڭا مۇشۇ چاچما شېئىر دېگەن نەرسە پەقەت ياقمايدۇ،،، 

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 01:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىش مۇھىم. چۈشىنەلمىسىڭىز ئۇ شېئىرنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. شەخسەن مەن، يالىڭاچ تىللىق شېئىرلاردىن گۇڭگا ياكى ئەركىن(چاچما) شېئىر شەكلىنى ياقتۇرىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 12:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېىزلغان شىئىر بوپتۇ . مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئوقوغانلار بۇنىڭىدا ئىددىينىڭ ئالغا سۈرۈلگەنلىكىنى بىلۋالالايدۇ . مەن مۇشۇنداق گۇڭگا شىئىرلارنى بەكمۇ ياقتۇرمەن . يالڭاچ يېزىلغان شىئىرلارنى چۈشۈنۈش ئاسان بولغان بىلەن گۇڭگا شىئىرلارنى چۈشۈنۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس .

UID
11266
يازما
58
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1768
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 16:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمىگەنلەر ئارتۇق گەپ قىلماڭلار . ئادىل تۇنىياز قاپىيەلىك گەپلەرنى يېغىپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى تىزىپ چىقىدىغان (مۇنبەردىكى كۇرسى چۈشكەن )شائىر ئەمەس .
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرۇلۇق بىرنەرسە بىلىشكە قىزىقساڭلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى
2011.يىللىق 3. سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباش قەلىمىدىكى <<شائىر ، كىملىك ۋە جەميەت>> ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ بېقىڭلار .
مۇشۇ باھانىدا ئەلكۈيىنى بىر ماختاپ قوياي  

UID
11266
يازما
58
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1768
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 16:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىدىكى ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرسى مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ مەزمۇنىغا ، قاراتمىلىقىغا ،
تەستىقلانغاندىن كېيىنكى تەسىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ .
بەزى چاكىنا مۇنبەر شائىرلىرى بۇ يەردە يوق ، شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغان ، تۆت قۇر خەتنى تىزىپ چوڭ ماۋزۇلار بىلەن ئېلان قىلىدىغان ئىش ئەلكۈيىدە يەنە يوق .
ئادىل تۇنىيازغا ، قەلىمىگە ۋە ئائىلىسىگە بەركەتلەر بولسۇن .

UID
11262
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 21:06:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزەلدىن  چاچما  شېئىر دىگەنگە قىززىقمايتىم ، مۇشۇ  ئادىل  تۇنياز ئاكىنىڭ  شېئىرلىرى  باشقىچە  جۇمۇ !   
ھېلىقى بىر  شېئرى بارغۇ ؟ < قەشقەردىكى   يەر شارى > دەپ ......
  ھەي......پەيزى جۇمۇ !!!!!

ئۆزىنى تۇنىغان  ، رەببىنى تۇنۇيدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش