كۆرۈش: 3972|ئىنكاس: 9

قاراڭغۇ گۈللەر(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12449
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 03:06:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراڭغۇ گۈللەر

ئەزىزە



مەن دۇنيادا يالغۇز ياشاشنى خالايمەن،پەقەت سەن يېنىمدا بولساڭ،مېنىڭ ھېچكىمگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ..
گۈللەر ئېچىلىپ توزۇپ كەتكەندەكلا بىر ئىش ھە،بۇ ھاياتنىڭ بىر يۈزى قاراڭغۇ،بىر يۈزى يورۇق؛قولۇڭدىكى بىر باغ گۈلدىن چۈشۈپ قالغان گۈل چېچىكىدەكلا غەمكىن ياشايمەن.
بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىگۈم كەلمەيدۇ،ئېھ،سەرگەردان بالىلىقىم ،دەپ خۇرسىنىپ قالىمەن؛ھېچقانداق بىر چاغلىرىمنى ئەسلىگۈم كەلمەيدۇ،پەقەت سېنىڭ يېنىڭدا ئۆتكەن خاتىرجەم ئاشۇ  قىسقا ۋاقىتلارنىلا پات-پات خىيال قىپ قالىمەن،خۇددى قېلىن بىر كىتابنىڭ نەچچە بېتىنىلا تىنماي ۋاراقلىغاندەك.
بالىلىقىم..بالىلىقىمدا مەن بىر قېتىم تەڭرى بولۇپ چۈش كۆرگەن،ھەمدە بىر ئايالنىڭ بوينىنى پىچاق بىلەن تىلغان؛پۈتمەس ئازابلىرىم ئاشۇ غەلىتە چۈش بىلەن باشلاندى.لېكىن چۈشلىرىم گۇناھسىز،بالىلىقىم تېخىمۇ گۇناھسىز!
بالىلىقىم،ئاھ،بالىلىقىم،ئىنچىكە ،ئۇزۇن ئۈجمە چىۋىقىنىڭ ۋاشىلداپ تەگكەن ئاۋازى كېلىدۇ،كەينىدىنلا قۇلاق تۈۋۈمدە بىر بالىنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى جاراڭلايدۇ..
ئۆي قاراڭغۇ ئېدى،بىر ئايال قوسۇقۇمغا مىنىۋېلىپ توغرا كەلگەن ھەرقانداق يېرىمگە ۋەھشىلەرچە ئۇرۇۋاتىدۇ،مەن خېلى بەك ۋاقىراپ باقتىم،ئاقىۋەت ئاغزىم قاناپ كەتتى،ھويلىدا ئادەملەرنىڭ بىر خىلدا پاراڭلىشىۋاتقىنى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى،ئەمما ئۇلارلا مېنىڭ يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغاندەك،كىرىپ ئايرىۋالسىدى..دىگەن ھەممە ئۈمۈدۈم يوققا چىقاتتى.
بىر چاغدا ھارۋىلارغا ئېسىلغان قۇڭغۇراقلارنىڭ مۇڭلۇق جىرىڭشىغان ئاۋازى كېلىپ ھويلىدا توختىدى،ئادەملەر باشقىدىنلا يەنە قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى،‹مېھمان كەپتۇ..›دىدىم ئىچ -ئىچىمدىن بۇقۇلداپ،تاياقتىن قۇتۇلدۇرغان ئېدى مېنى ئۇ مېھمان.
سىنىپتا تۇرۇپ -تۇرۇپلا ھەممەيلەننىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالىدۇ،بالىلىقتىكى تاتلىق ئەسلمىلىرىنى سۆزلەيدۇ،بەزىدە بىر-بىرىمىزنى ئۇرۇپ-تىللاپ چاقچاقلىشىپ قالىمىز،شۇنداق چاغلاردا باشقىلار:
ـ دادام بىلەن ئانامدىن يىمىگەن تاياقنى سەندىن يىدىم جۇمۇ!،-دەپ ۋايسىشىدۇ،مەنمۇ تاياق يەيمەن،ئەمما ئۇنداق ئاقمىغان گەپلەرنى قىلمايمەن.
‹نەدىمۇ تاياق يىمەي چوڭ بولىدىغان ئىش بار،سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن،مېنىڭمۇ دادام ،ئاپام مېنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنى ئىنىق بىلىمەن،ئەمما مەن تاياق يەيمەنغۇ›دىگەنەرنى ئىچىمدىن ئۆتكۈزۈپ،ئۇلارنىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىقىدىن خاپا بولىمەن،ھەم ئۇلارنىڭمۇ تاياق يەپ باققانلىقىنى ئۆ〗 ئېغىزلىرى بىلەن ئىقرار قىلىشقا  قىستايمەن:
ـ رەنا،راست دەپ بېقىڭە،سىز زادى تاياق يەپ باقمىغانمۇ؟
ـ ھەئە.
كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولىدۇ،ئازابلىنىمەن،نىمىشقا، نېمىشقا،نىمىشقا..نېمىشقا يالغان سۆزلەيدۇ؟نېمىشقا  تاياق يىمىدىم دەيدۇ؟
ـ ياخشى ئويلاپ بېقىڭە؟پەقەت يىمىگەنمۇ؟،-ئۇنىڭغا ئاللىنىمىلەر ئۆچۈنلىكىنى بىر خۇدا بىلىدۇ،شۇقەدەر زور ئۈمۈد بىلەن تىكىلىپ قارايمەن.
ـ بىر قېتىم..
ـ ھە مانا دىمىدىممۇ، بىر قېتىم بولسىمۇ ھىساپقۇ مانا،-ھاياتىمدا بۇنداق شادلانغان ۋاقتىم شۇ قەدەر ئاز ئېدى،ئەزەلدىن بۇنداق ئالەمچە شادلىنىپ باقمىغان ئېدىم،ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
ـ ئۇرمىغان،ئەمما چاي پىيالىسىنى ئالدىمغا ئاتقان ،-دىدى رەنا كۈلۈپ كېتىپ.
ئىشقىلىپ بالىلىقىڭىزدا شۇنداق بىر ئەسلىمە باركەن،دەيمەن .ئۆزۈمچە نېمىلەرگىكىن قانائەت ھاسىل قىلىمەن.
بەزىدە چۈشلىرىمگە كىرىدۇ،قاباھەتلىك بالىلىقىم!يىغلاپ تولغۇنىمەن،يىغلاپ ئويغۇنىمەن..
چېچىم قاپقارا،قاتتىق ھەم مۇلايىم،ئەمما ئۇزۇن بولغاچقا دائىم چۇۋۇلاتتى؛مېنىڭ چېچىمنى تاراپ ،ئۆرۈپ قۇيۇش ھەدەمنىڭ ۋەزىپىسى ئېدى.ھەر قېتىم چېچىمنى تاراتقۇچە ھەر قېتىم ئۇنىڭغا يالۋۇراتتىم.مەڭگۈ ئىچىمدىن چىقمايدۇ،ئۇ مېنى شۇ قەدەر يالۋۇرغۇزاتتى..زادى بولمىغاندا ئاپامغا دەيتتىم،ئاپا سىز تاراپ قۇيۇڭ،دەيتتم قورقۇنچ ئىچىدە،ئاندىن ئاپام ھەدەمگە تەنبىھ بېرەتتى،نېمىشقا ئۇكاڭنىڭ چېچىنى تاراپ قويمىدىڭ دەپ،قاتتىق خاپا بولاتتى؛ھەدەم بولسا بارلىق ئاچچىقىنى مەندىن چىقىرىپ،چېچىمنى رەھىمسىزلەرچە سىلكىپ تارايتتى،كاشكى چۆچەكلەردىكى جادۇگەر مومايدەك،تاغىقىڭنى بېشىمغا پاتتۇرۇپ جېنىمنى ئالساڭچۇ،دەپ يىغلايتتىم،ئەمما ئۈنۈمنى چىقىرماي!سۇ تامچىپ ،ئۇزۇن ساڭگىلاپ تۇرغان تال-تال چاچلىرىم گويا غار ئاغزىدىكى غايەت قېلىن بىر ئۆمۈچۈك تورىدەك شاقىراتمىلىرىمنى توسۇپ تۇراتتى...
سەل ئەقلىمنى بىلگىنىمدىن كىيىن ئەڭ ئالدى بىلەن چېچىمنى كېسىۋەتتىم،ئاپام بىر چاغلارغىچە ئاھ ئۇردى،پىسەنت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم،لېكىن ھېچكىممۇ مېنىڭ چېچىمنى كەسكەن چاغدىكى ئازابىمنى ھىس قىلالمايتتى.يۈرۈكۈمنىڭ قانچىلىك ئاغرىغىنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى...


داۋامى يوللىنىدۇ..

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

سەمىمى راستچىل ب

UID
11846
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 12:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ظەزىزە داإامىنى تىزراق تىمىسىنى كذرذپ بذ ەىكايىگە بەكلا قزىقىپ قالدىم.

باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن  ظەستايىدىل مذظامىلە قىل،ظەپذچان بول.قايغذلذق كذنلەرمذ،خوشال كذنلەرمذ ظذتذپ كىتىدذ،ەەرزامان ظذزەڭگە ظىشەنگىن .

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
208
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7359
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 19:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ،چېچىڭىزغا مېنىڭكىدەكلا چىگىش كىرىۋالامدۇ نىمە ،20 ياشقا كىرگۈچە چىگىچىنى چىقىرالماي ئاپام تاراپ قوياتتى،خۇددى سىز دېگەندەك سىلكىپ-سىلكىپ تارتىپ........ ۋايجان.... بۇ ئەسكى چېچىمدىن شۇ قەدەر بىزار بولغان ئىدىمكى،ئالىي مەكتەپكە بېرىپمۇ چىگىچىنى چىقىرالماي قىينىلىپ ئاخىرى كېسىپلا قۇتۇلغان ئىدىم،ھازىرمۇ چىگىچىدىن قورقۇپ بەك ئۇزۇن ئۆستۈرەلمەيمەن...توۋا .. نىمىشقا شۇنداق بولىدىغاندۇ.........

UID
14252
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 18:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ئوقۇپ بىر نەرسە دېسەم بولغۇدەك.

UID
18832
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 17:47:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
29169
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 18:04:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
25632
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 18:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامەن

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:05:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلاپسىز، تەسۋىرلەر شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ

UID
20290
يازما
49
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلاپسىز، تەسۋىرلەر شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ

UID
21820
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 20:13:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قولڭىزغا دەت بەرمەسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش