كۆرۈش: 13739|ئىنكاس: 15

چەيلەنگەن ئەقىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11942
يازما
6
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 16:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 شەنبە . قىزىمنى سىىرتلارنى ئايلاندۇرۇپ كۆڭلىنى ئېچىپ كېلىش ئۈچۈن كوچىغا ئېلىپ چىقتىم . سىنتەبىر كۈنلىرى بولغاچقا ئاسمان دېڭىزدەك كۆپ – كۆك ، قۇياش ئۆزىنىڭ سېخى نۇرلىرىنى كائىناتقا ئايىماي چېچىپ ، بارلىق جان – جانىۋار ، دەل – دەرەخ ۋە ئۈسۈملىكلەرگە ئىللىق ھارارىتىنى ئاتا قىلماقتا ئىدى . رەتلىك كوچىلار ئادەتتىكىدەك پاكىزە تۇراتتى .

     مەن قىزىمنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئولتۇراق رايۇنىمىزنىڭ غەربىدىكى چىملار ياپ – يېشىل تەكشى ئۆسكەن ، ھەر خىل گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ خۇش بۇي ھىد تارقىتىۋاتقان ، سورتلىق دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ، سۈنىئىي ياساالغان بۇغا ، مۈشۈك ئېيىق ، زىراپە ، قوچقار ، كۆلچەكتىكى تاغ ... قاتۇرۇلغان باغچا شەكىللىك سەيلىگاھقا باشلاپ كەلدىم . ئاسمان تەرەپتىن غۇڭۇلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى .

    - ئاپۇي ، ئاپۇي قارىڭە ، ئايرۇپىلان كېتىۋاتىدۇ ، ئايرۇپىلان !-قىزىم ئوڭ بىگىز قولىنى ئىگىز سۇنۇپ خېلىلا پەس ئۇچۇپ يوغانلا كۆرىنىۋاتقان ئىككى قاناتلىق ئارۇپىلاننى كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭ ئۇچىشىغا زەن سېلىپ تويماي قارپ تۇراتتى . ئايرۇپىلان بىر دەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى . قىزىم شۇندىلا ماڭا قاراپ :

- ئاپۇي ، ئاۋۇ ئايرۇپىلان نەگە ماڭغاندۇ ؟ - دەپ سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى .

- پەس ئۇچقىنىدىن قارىغاندا كورلىغا ماڭغان ئوخشايدۇ قىزىم ، - دىدىم مەن ئۇنىڭغا ، - سىزمۇ چوڭ بولۇپ ياخشى ئوقىسىڭىز ئاشۇنداق كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ياكى چەتئەلگە ئوقۇشقا بارىسىز .

- باغچىدىكى شاھىدە مالىممۇ بىزگە شۇنداق دىگەن . مەن چوڭ بولسام چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ئايرۇپىلانغا چىقىمەن .

ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ چۈچۈك ، ئوماق سۆزلىرىدىن كۆڭلىم ۋىللىدە يايراپ ، كىچىكىنە تۇرۇپ ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككىنىدىن ئالەمچە سۈيىنىپ پىشانىسىگە مېھرىم بىلەن سۈيۈپ قويدۇم . ئۇ ، ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە قولىدىكى ئۈچ چەمبىرەكلىك پىرقىرغۇچنى چۆرگىلىتىپ چىملىق ئۈستىدە ئۇياقتىن بۇياققا يۈگۈرۈپ ئوينىغىلى تۇردى . مەن تەبىئىي دەرەخ يىلتىزىدىن ياسىلىپ چىلان رەڭگىدە بىزەلگەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، قىزىمنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇردۇم . مەن ئۇنىڭ ھەر قېتىم يېڭى - يېڭى قىلىقلارنى چىقىرىپ ھەركەت قىلىشلىرىدىن ، يېشىغا ماس كەلمەيدىغان گەپ – سۆز قىلىشلىرى ۋە سۇئال سوراشلىرىدىن ئۇنىڭ سەبىئىي ، پاك تۇرۇپلا يىتىم بولۇپ قالغانلىغىنى ئويلىسام ئۆتىم تېشىپ دادىسا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىگىم قوزغىلىدۇ .

كىشىلىك ھايات ئاجايىپ بولىدىكەن . ئۇ ، بىردە كىشىنى كۈلدۈرسە ، بىردە يىغلىتىپ ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ، چىن ئەقىدە باغلىغان ، ۋاپادارلىغى ۋە چىن ھېسياتىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان ، تاغدەك ئىشەنگەن ئادىمىدىن ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ ، دۇنيادىكى جىمى مەۋجۇداتنى مەلۇم مەزگىل ئىنتايىن خۇنىك ، مەنىسىز كۆرسىتىدىكەن . توساتتىن خىيال كەپتىرىم قاياقلارغىدۇر قانات قېقىشقا باشلىدى .

            X                     X

مۇندىن ئالتە يىل بۇرۇنقى چاغلار مېنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈللىك ، غەمسىز ، بىغۇبار كۈنلىرىم ئىدى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۆز كەسپىمگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ، ئالى مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغاندا كۆڭلۈمگە پۈككەن تىببى ساھەدىكى ياراملىق بىر خادىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئىستىكىدە ھاردىم – تالدىم دىمەي تىرىشىپ ، كۈنلىرىمنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتاتتىم . ساۋاغداش ۋە دوستلار ئارا بولىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كەمدىن كەم باراتىم . بۇنداق چاغلاردا بەزىلەر مېنى : " گۈلسۈم خىزمىتىنى باشچىلاپ ئىشلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، تۈزۈكرەك يىگىتمۇ تاپالمايدىغان بولدى ... " دەپ مەسخىرە قىلىشقانلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالاتتى . لېكىن ، مەن ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمەيتىم . چۈنكى ، مەندە " ئىتلار قاۋاۋىرىدۇ ، كارۋانلار يۈرىۋىرىدۇ " دىگەن ئەقىدە كۈچلىك ئىدى . خىزمەتكە چىقىپ بىر ، ئىككى يىل ئۆتە – ئۆتمەيلا ئۆيگە ئەلچى كىرىشكە باشلىدى . مەن ئاپامغا ھازىرچە توي قىلىش نىيىتىمنىڭ ۋە كۆڭلۈمگە پۈككەن بىرەر يىگىتنىڭمۇ يوقلىغىنى نەچچە قېتىم ئېزىپ – ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرگەندىن كىيىن كېلىدىغان ئەلچىلەرنىڭمۇ ئايىغى سىلكىدى . كۆڭلۈم ئارمىغا چۈشۈپ ئۆيدە ئاتا – ئانامنىڭ پۇتىغا پۇت ، قولىغا قول بولسام ، خىزمەتتە ئەستايىدىللىغىم ، چىقىشقاق ، خۇش پىئېللىغىم بىلەن خىزمەتكە چىققان ئۈچ يىل ئىچىدە بىر قېتىم ئىدارە تەرىپىدىن ، بىر قېتىم ناھىيە تەرىپىدىن " ئىلغار خىزمەتچى " ، " 8 – مارت قىزىل بايراقدارى " بولۇپ باھالىنىپ شەرەپ گۈلى تاقىدىم .

ئالتە يىل ئىلگىرىكى ئۆتەبىر بايرىمى كۈنى ناھىيىلىك ھۆكىمەتتە ئىشلەيدىغان نەۋرە ئاكام ئەختەمنىڭ توي كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى . ئەختەم ئاكام بىلەن ئىككىلىمىز ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىردىنلا پەرزەنتى بولغانلىغىمىز ئۈچۈن كىچىەىمىزدىن تارتىپ بىر ئۆيدە چوڭ بولغاندەكلا ئىنتايىن يېقىن ئۆتەتتۇق . بىر – بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ھالىغا يېتەتتۇق . ئۇنىڭ توي كۈنى بېكىتىلىپ ھەپتە قالغاندىن باشلاپ چۈش ، كەچ دېمەي ئۇنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولدۇم . تويغا ئىككى كۈن قالغان كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئەختەم ئاكامدىن تېلېفۇن كېلىپ ، مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم نىگارئاينىڭ دۇكىنىدىن ئۆزى ۋە قولداش ، يىگىت بېشىغا بۇيرۇتقان ئاياقلارنى ئالغاچ بېرىشىمنى جىكىلىدى . مەن شۇئان نىگارئايغا تېلېفۇن قىلىۋىتىپ دۇكىنىغا باردىم . بىز چارەك ۋاقىتلا ھال مۇڭ قىلىشىپ خوشلاشتۇق . مەن يول بويىغا چىقىپ تاكسى توساي دەپ تۇرۇشىمغا يىنىمغىلا بىر ماشىنا كېلىپ شىپپىدە توختىدى – دە ، ماشىنا ئىچىدىن نەۋرە ئاكامنىڭ يېقىن دوستى ، بولغۇسى قولدىشى ئەكرەم ماشىنىدىن چۈشۈپ يېنىمغا كېلىپ ئۆزىنىڭمۇ ئختەم ئاكامنىڭ ئۈيىگە ماڭغانلىغىنى ، مېنى بۇ يەردە كۆرۈپ توختىغانلىغىنى ئېيتىپ مېنى ماشىنىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى .

ئەكرەم نەۋرە ئاكامنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى بولۇپ ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كىيىن ئەختەم ئاكام بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ، ئەكرەم شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىغا ئوقۇشقا بارغان ئىدى . مەن ئۇنى ئالى مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئەختەم ئاكامنىڭ ئۈيىدە ئىككىسىنىڭ بىرگە تەكرار قىلىۋاتقانلىغىنى دائىم كۆرۈپ قالاتتىم . مەنمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن يوللاردا ئۇچىرىشىپ قالساق سالام قىلىپلا قوياتتىم . لېكىن ، بۈگۈن ئەختەم ئاكامنىڭ توي تەييارلىغى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ قالدىم . ئۇ ، ماشىنىنى ناھايىتى سىلىق ۋە قائىدىلىك ھەيدەيتى . بىز ئەختەم ئاكامنىڭ ئۈيىگە بارغۇچە توينىڭ تەييارلىق ئىشلىرىدىن باشقا تېمىدا سۆز قىلىشمىدۇق .

توي ناھىيە مەركىزىدىكى ھەممە ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان " توغراق " رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلدى . كۈندىزلىك مېھمانلار ئۇزىغاندىن كىيىن كەچلىك ۋىچىركا باشلاندى . تاماققا بىرەر قۇر ئېغىز تىگىلىپ ، ئەرلەر سورىنىدىكى " ئىشەككە مۈڭگۈز چىقىرىدىغان " ئاق سۇيۇقلۇق بىر ، ئىككى شىشىدىن قۇرۇغدالغاندىن كىيىن ، لەرزان ، شوخ ناخشا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە سورۇن ئەھلى تانسا ئويناپ ، ئۇسۇلغا چۈشتى . تۆت ، بەش مەيدان تانسا ، ئۇسۇل ئوينىلىپ بولۇنغاندىن كىيىن رىياسەتچىنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن لەرزان ۋالىس مۇزىكىسى ياڭرىدى . ئەكرەم ئۇدۇل مەن ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدى – دە ، ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۈستەلدىكى مېھمانلارغا سالام بەرگەندىن كىيىن مېنى تانسىغا تارتتى . مەن ئەدەپ يۈزسىدىن ئىككىلىنپ ئولتۇرمايلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تانسىغا چۈشتۈم . ئەكرەم تانسىنى ناھايىتى يېنىك ۋە رېتىملىق ئوينىدى . بىز ناھايىتى تىزلا ماسلىشىپ ئوينىدۇق . ئۇ ، مېنى ئۈچ قېتىم تانسىغا تارتتى . ھەر قېتىمدا ئىنتايىن ئەدەپلىك ۋە سىپايىلىك  بىلەن مۇئامىلە قىلدى . ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئاشۇرۇپ ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن بىر خىل تۇيغۇغا مۇپتىلا قىلدى .

كېچە . كۆزىمگە زادىلا ئۇقۇ كەلمىدى . تۈرلىك خىياللار مىڭەمنى چۇلغىۋالغان ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە بىرلا خىيال ماڭا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى . مەن ئۆز – ئۆزۈمگە : " بۈگۈن كېچە مەن نىمە بولدۇم ؟ ئىلگىرىكى ھەرقانداق كۈنگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدىمغۇ ؟ ئەختەم ئاكامنىڭ تويى ماڭا تەسىر قىلدىمۇ ياكى ئوينىغان تانسىمۇ ؟ " دەپ سۇئال قوياتتىم . تۇرۇپلا يەنە " توغرا ، مەنمۇ يىگىرمە يەتتىنىڭ  قارىسىنى ئالاي دەپ قالدىم ، ئەمدى تۇرمۇشۇمنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى . مۇئاپىق بىرسى بىلەن تونۇشۇپ تويۇمنى قىلپ ، ئاپام ، داداملارنى خاتىرىجەم قىلمىسام ئۇلارنىڭ يەنە تاپا – تەنىسىدىن مۇستەسنا بولالمايمەن . ئەكرەمچۇ ؟ ئۇ بولارمۇ ؟ ئۇغۇ كۆرىنىشتە خېلىلا مۇلايىم ، ئەدەپلىك ، سىپايە يىگىتتەك قىلىدۇ . لېكىن ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى تېخى بىلمەيمەن – دە ... ھەي ، مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ، بولدىلا بۇ ئىشلار كىيىنچە بىر گەپ بولار ... " تەگسىز خىياللار ئىلكىدە قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن .

ئەختەم ئاكام توي قىلىپ بەشىنجى كۈنى توينىڭ ئالدى كەينەدە جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغانلارغا ھاردۇق چېيى بىرىشكە ئۈيىگە چاقىردى . مېھمانلارنىڭ ھەممىسى چۈشتىن كىيىن سائەت بەشتە يىغىلىپ بولۇندى . يەڭگەم بىلەن ئىككىمىز مېھمانلارغا قويۇلىدىغان تاماق ۋە قورىمىلارنى تەييارلىدۇق . بۈگۈن مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى قولاشمايلا قالدى . چۈنكى ، ئەكرەمنىڭ مېنىڭ مھمانلارنى كۈتۈش جەھەتتىكى ھەر بىر ھەركىتىمگە سىنچىلاپ دىققەت قىلىۋاتقانلىغىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى . خەلقى ئالەم ئالدىدا كەچۈرگىسىز ئىزا ئاھانەتكە قالغان قىزدەك كۆڭلۈم دەككە دۈككىدە ئىدى . بۇنى يەڭگەم سېزىپ قالدى بولغاي كۆپىنچە ئىشلارنى ئۆزى قىلىپ تۈگەتتى . ھاردۇق چېيىمۇ ئاخىرلاشتى . مېھمانلار ئۇزىغاندىن كىيىن چىنە ، تەخسىلەرنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىپ ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ سىرتقا چىقتىم . چوڭ يولغا قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىرسىنىڭ يىنىك ، ئەمما ناھىيىتى ھېسىياتلىق ھالدا " گۈلسۈم " دەپ چاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن شۇنداق توختاپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قايرىلىشىمغا يىنىمدىلا ئەكرەم كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى . شۇئان پۈتۈن بەدىنىمگە ئوت لاۋۇلدىغاندەك قىزىللىق تەپتى . يۈرۈگۈمنىڭ سوقىشى تىزلىشىپ ، نەپسىم ئىتتىكلەشتى . خۇددى نازۇك بىر يەرلىرىم ئېچىلىپ قالغاندەك ، ھەممە كىشى ماڭىلا قاراۋاتقاندەك ھالەتتە ئۇنىڭدىن كۆزىمنى قاچۇرۇپ يەرگە قارىۋالدىم .

- گۈلسۈم ، بىردەم ئايلىنىپ كەلسەك قانداق ؟ - دىدى ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .

مەن كانىيىم پۈتۈپ قالغاندەك دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي تىڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم . توۋا ! ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلاردا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئارام كۈنلىرى " گۈلسۈم ، سەن سىنىپىمىزنىڭ گۈلى بولغاندىكىن ئېيتقىنا ، بۈگۈنكى سەيلىنى قەيەردە قىلىمىز " دىسە ، مەن تەمتىرىمەستىنلا " پالانى ياكى پۇستانى يەردە " دەپلا كېسىپ ئېيتاتتىم . بۈگۈن مەن نىمانچە ھودۇقىمەن . ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشىم كېرەكتە . چاقماق تىزلىكىدە شۇنداق خىياللارنى ئۆتكۈزدىم – دە ، ئۇنىڭغا لاپپىدە قارىدىم .

- بولىدۇ ، -دىدىم مەن . شۇنچە تەستە چىقىۋاتقان بۇ سۆزنىڭ قانداق ئېيتىلغانلىغىنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم .

بىز پىيادىلەر يولىدا ئازىراق ئارىلىق قالدۇرۇپ ، خۇددى يول تۈگەپ كېتىدىغاندەك ئاستا قەدەملەر بىلەن يانمۇ يان كېتىپ بارىمىز . ئاسماندىكى يېڭى چىققان ئاي جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئارىسىدا كۆمۈشتەك يالتىراپ ، سۇس نۇرلىرىنى كائىناتقا چېچېپ تۇراتتى .

- گۈلسۈم ، - ئېغىز ئاچتى ئەكرەم يىگىرمە قەدەمچە ماڭغاندىن كىيىن ، - يۈرۈڭ ، ئاۋۇ يەردە بىردەم ئولتۇرايلى ، دىدى ئۇ چىراقلار سۇس يورۇتۇپ تۇرغان چىملىق ئىچىدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ . ئۇ ، قولىدىكى سۇلىياۋ خالتىدىن ئىككى قۇتا " قىزىل كالا " ئىچىملىگىنى ئېلىپ بىرنى ماڭا تۇتقۇزدى . بىز سۆھبىتىمىزنى ئەختەم ئاكاملارنىڭ تويىنىڭ ئىنتايىن كۈڭۈللىك ، ئوڭۇشلۇق ۋە ئازادە ئۆتكۈزۈلگەنلىگىدىن ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى تۇرمىشىغا بەخت تىلەشتىن باشلاپ ، ئارقىدىن خىزمەت ، ۋەزىيەت ، جەمىئىيەت ۋە يېزا ، شەھەرلەردە بولىنىۋاتقان تۈرلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق . ئۇنىڭ قايسىلا خىل مەزمۇندا قىلغان پىكىرلىرى بولمىسۇن ، ئىنتايىن ئورۇنلۇق بولۇپ ، خۇددى يېتىلىۋاتقان پەيلاسوپقىلا ئوخشايتى . مەنمۇ ئەمدى ئۆزۈمدىكى قورۇنۇش ، تارتىنىش ۋە خۇدىكسىرەشنىڭ خىلىلا يوقاپ بىرئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم . ئۇ ، مەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى " ھەئە ، شۇنداق ، ئەلىۋەتتە ..." دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قۇۋەتلەپ تۇراتتى . سۆھبەت داۋامىدا ئىككىمىزنىڭ كۆزقارىشىدا پىكىر ئورتاقلىغى بارلىغىنى ، شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەدە بىردەكلىكنى ساقلاپ قالالايدىغانلىغىمىزنى ئاستا – ئاستا تونۇپ يەتتىم . پارىڭىمىز بىرەر سائەتتىن ئارتۇقراق داۋاملاشقاندىن كىيىن مەن ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم .

- گۈلسۈم ، بىز يەنە كۆرۈشۈپ تۇرالارمىزمۇ ؟ - دىدى ئۇ شۇنداق ئىشەنچ بىلەن .

- خۇدايىم تەن ساقلىقنى بەرسىلا، - دىدىم – دە ، ئۇنىڭ بىلەن ئۈيىمىز يېنىدىلا خوشلاشتىم .

روھى ھالىتى ۋە تەپەككۇرى ئاكتىپ كىشىلەر قاتمال بولمايدۇ . سىز نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىغىڭىزغا ئىشەنسىڭىز ئۇمۇ سىزنى شۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ . بۇ بىر تۇرمۇش قانۇنىيىتى . بىر ئادەمنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى ئۇنىڭ روھى ھالىتىدىن كۆرىۋالغىلى بولغاندەك ، ئەكرەم بىلەن بولغان ئۇچىرىشىش ، سىردىشىشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئىتىقاد ، غايە ۋە ئىستەكلەرنىڭ ئوخشاشلىغى بىلىنىشكە باشلىدى . ئەمدىلىكتە مەن ئۇنى دائىم ياد ئېتىدىغان ، سېغىنىدىغان ، ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتى ۋە كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلىرىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم . بىز ئارىلىشىپ ئۈچ ئايغىچە ئۇ ماڭا ھەرقانداق يۇسۇندا تەلەپ قويۇپ باقمىدى . يېڭى يىل كىرگەن تۇنجى كۈنى بىز ئايرىم خانىلىق قەھۋەخانىدا ئۇچراشتۇق .

- گۈلسۈم ، پۇرسەت ئۇنى ئېنىق تونىغان كىشىلەرگە تەۋە بولىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟ - سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى ئۇ سۆبەت ئارىسىدا توساتتىنلا .

- شۇنداق بولىدۇدە ئەلۋەتتە ، - مەن بۇ سۆزنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىگىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن .

- مانا ئەمدى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھېسىيات پۇرسىتىمۇ ئېنىق بولدى . بىز بىر – بىرىمىزگە كۆڭۈل بېرىپ ، كىيىنكى ئارزۇ ئۈمىدلىرىمىز ئۈچۈن يار – يۈلەكتە بولساق قانداق دەيسىز ؟

مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇنى خېلىلا ئوبدان چۈشىنىپ قالغان ئىدىم . باشقىلاردىن يۇشۇرۇن ھالدا ئۇنىڭ خىزمەتتىن باشقا ئىشلار بىلەن ئانچە خوشى يوقلىغىنى ، بىرەر قىز بىلەن ئارىلىشىپ يۈرمىگەنلىگىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ باققان ئىدىم . شۇڭا مەن ئازراق سۈكۈت قىلىۋالغاندىن كىيىن :

- ئاللا بەختىمىزنى بەرسۇن ، - دەپ يەرگە قارىۋالدىم .

ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندە بىزنىڭ تويىمىز بولدى . ئەمدى بىز مەڭگۈلىك ئاشىق – مەشۇقلاردىن بولۇشقا تۈگىمەس ۋە شېرىن ۋەدىلەرنى بېرىشىپ بىر ياستۇققا باش قويدۇق . قىزىمىز نادىرە تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگىچە بىز ئىنتايىن ئىجىل ئىناق ، خاتىرىجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپ ، ئەتىراپتىكىلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلدۇق .

بۇغداينىڭ تۈۋىدىمۇ خوخۇ تىكەن ئۈنىدۇ ، قىزىل گۈلنىڭمۇ تىكىنى بار دىگەندەك ، بىزنىڭ گۈلىستان تۇرمۇش بېغىمىزدا ياۋا ئوت چۆپلەر كۆكلەپ چىقىتى . " گۈلسۈمنىڭ ئېرى ئەكرەم بىرى بىلەن تېپىشىپ قاپتۇ ، ئىش پەش تارتىشىپ يۈرگىدەك " دىگەن مىش – مىش گپلەر قۇلۇغۇمغا كىرىپ قالاتتى . ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەچكە دەسلەپتە بۇنىڭغا ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدىم . لېكىن ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەكرەمنىڭ روھى ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى . ئۆيگە ۋاقتىدا كەلمەيدىغان ، كەلسىمۇ تاماقمۇ يىمەي قاپىغىنى تۈرۈپ ئۆي ئىچىنى تاماكا ئىسى بىلەن توشقىزىۋىتەتتى . ئىككى كۈندە بىر دىگۈدەك غەرق مەست ھالەتتە كېلىپ ، بالىنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ زادىلا ئاراملىق بەرمەيدىغان بولىۋالدى . ئۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم چىرايلىق سۆزلىشىپ باقاي دىسەممۇ ، ئەمما ئۇ مېنى سىلكىپ پەش قېقىپ چىقىپ كېتەتتى . ئامانەت چېكىدىكى يىگىرمە نەچچە مىڭ يۈەننى ئىككى ئاي ئىچىدە خەجلەپ تۈگەتتى . ئۈيىدىكىلىرى تويلۇق ئېلىپ بەرگەن ماشىنىنىمۇ تۇيدۇرماستىن سېتىۋەتتى . مىڭ تەسلىكتە ئاتا – ئانىسىغا يالۋېرىپ ئەكەلگەن بالىغا قارايدىغان قىزچاقنىمۇ تازدۈرۈپ ئۆيدىن يوق قىلدى .

بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ قىزىم نادىرەنى ئاپاملارنىڭ ئۈيىدىن ئېلىپ تاكسى بىلەن قايتىپ كېتىۋاتسام " توغراق " رېستۇرانىنىڭ ئالدىدا ئەكرەم بىر قىزنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋىلىپ بىر نىمىلەرنى دەپ تۇرغانلىغىنى كۆرۈپ قالدىم . مەن شۇئان ماشىنىنى ماڭدۇرۋىتىپ ئۆزەمنى دالدىغا ئېلىپ ئۇنى كۈزەتتىم . ئەكرەم غەرق مەست بولغاچقا دەسسەپ تۇرغىدەك ھالىمۇ يوق ئىدى . ھېلىقى قىز ئۇنى يامان تەستە يۈلەشتۈرۈپ بىر تاكسىغا سالدى – دە ، ئۆزىمۇ شۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتى . مەن قىزىمنى ئېلىپ باشقا بىر ماشىنا بىلەن ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشتۈم . ئەكرەم ئولتۇرغان ماشىنا يېڭىدىن سېلىنغان يۇقىرى قەۋەتلىك ئولتۇراق رايۇنىغا كىرىپ كەتتى . ئەكرەم شۇ كېچىسى ئۆيگە قايتمىدى . تاڭ يۇرىشى بىلەن ئەكرەمنىڭ ئاتا ، ئانىسىنىڭ يېنىغا ماڭدىم .

- ئاپا ، دادا ، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ، - ئۆزۈمنى زورىغا كۈلكىگە قىستاپ شۇنداق دىدىم قېينانام ، قېيناتاملارنىڭكىگە كىرىپ .

- ھە ، كېلىڭ بالام ، قېنى نادىرەنى ماڭا بېرىڭ ، - قېينانام بالىنى قولۇمدىن ئېلىپ چوكىلدىتىپ سۈيۈشكە باشلىدى .

- ھوي ، نەۋرە يالغۇز سىلىنىڭكىلا ئەمەس ، مەنمۇ بىر كۆتىرىۋالايچۇ قوزامنى ، - قېيناتام شۇنداق دىگىنىچە نادىرەنى قولىغا ئالدى .

- گۈلسۈم قىزىم ، ئەكرەم كەلمەپتىغۇ ، بىرەر ئىشى چىقىپ قالدىمۇ يە ئۇنىڭ ؟

 قېينانامنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئىچىمگە سىغدۇرالماي كېلىۋاتقان بارلىق ئاچچىق ھەسرەت بىراقلا پارتىلىدى . دەسلەپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم . ئۇلارنىڭ بەزلىشى بىلەن يىغامدىن توختاپ بولۇنغان ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم .

- ھۇ ئىپلاس توڭگۇز ! ، - غەزەپتىن تىترەپ كەتتى قېيناتام ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ، - مۇشۇنداقمۇ شەرمەندە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بارمۇ ، نەچچە قېتىم تېلېفۇن قىلسام " مەن ئالدىراش ، ھازىر ۋاقىت چىقىرالمايمەن " دىيىشلىرىنى قارا بۇ مەلئۇننىڭ ! – دىدى قېيناتام قېينانامنىڭ چىرايىغا بىر قارىۋىتىپ .

- قىزىم ، سىزدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بۇلۇپ كېتەي ، مۇشۇ نارىسىدە قىزىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ چىداپ تۇرسىڭىز ، دادىڭىز ئىككىمىز ئۇنىڭغا ياخشىراق تەربىيە قىلايلى ...

بىر ھەپتىلىك خىزمەت ھارغىنلىغىمىكىن ياكى بالىنىڭ كېچىلىرى جۆيلىپ ئۇخلىيالمىغانلىغىمدىنمىكىن چۈشلىك تامقتىن كىيىنلا نادىرە بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئويغىنىپ قارىسام كەچ كىرىپ قاپتۇ . مەن قېيناتام ، قېيناناملارغا رەخمەت ئېيتىپ يېنىپ چىقتىم .

ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى ئەكرەم چالا مەست ئۆيگە كىرىپ كەلدى . ئۇ ، ئالدى بىلەن بالىغا بىر قارىۋىتىپ مېنى دۇمبالاشقا باشلىدى .

- ھۇ قانجۇق ، مېنى ئاتا ، ئانامغا چېقىپ بىزنى يىرىكلەشتۈرىۋەتمەكچىمۇ سەن ، مانە تويا ...

مەن تەييارلىقسىز تۇرغاچقا ئۇنىڭ تاياق توقمىغى مېنى بىھۇش قىلىپ قويدى . ئورنىمدىن تۇرغىدەك ماجالىم قالمىغان ئىدى . مىڭ تەسلىكتە كارىۋات بېشىدىكى قول تېلېفۇنىمنى ئېلىشىمغا ئەكرەم ئۇنى تارتىۋىلىپ يەرگە دەسسەپ مىجىغىنى چىقاردى . شۇ ھالەتتە پۈتۈن بەدىنىم تىڭزىپ ئاغىرىپ ئۈچ كۈن ئۆيدە ياتتىم . ئەمدىلا ئايىغى چىققان نەدىرە ھە دىسىلا ئاپا سۇ ، نان دەپ يىغلاپلا تۇراتتى . ئۈچىنجى كۈنى كەچتە بارلىق كۈچىمنى يىغىپ نادىرە بىلەن ئاپامنىڭ ئۈيىگە كەتتىم .

ئۇلار بولغان ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ، قۇدىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كەتتى . قېينانام نىمە دەپتۇ دىمەمسىلەر . "  گۈلسۈم ئوغلىمىزنىڭ ئىشقىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىغاچقا ئۇنىڭ رايى قايتىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى بىلەن تېپىشىپتۇ . ئۇنىڭدىن ئۈچ ئايلىق بولغان بالىسىمۇ باركەن تېخى ... " قېينانامنىڭ سىزغان سىزىغىدىن چىقالمايدىغان قېيناتام بولسا لام جىم دىمەپتۇ .

مەن ئەتىسىلا ئەكرەمنى چاقىرىتىپ ئاجىرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ، ئۆينى تاشلاپ بېرىپ قىزىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم . گاراڭ ھالەتتە نەچچە ئاي قانداق يۈرگىنىمنى بىلمەيمەن . ئىشقىلىپ ھەرھالدا بىمارلارغا خاتا دىئاگۇنىز قويماپتىمەن . ئاتا ، ئانا مېھرى دىگەن يەنىلا ئۇلۇغ ئىكەن . ئۇلارنىڭ قانچە قېتىملاپ بەرگەن تەسەللىسىنى ساناپ بېرەلمىسەممۇ ، لېكىن تۈرلىك يوللار بىلەن ماڭا بېرىۋاتقان ئىللىق ھارارىتى كۆڭلۈمدىكى تۇماننى ئاستا – ئاستا تارقىتىشقا باشلىدى .

ھەرقانداق ئازاپ –ئوقۇبەت ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا – ئاستا يوقايدۇ ، دىگەن بۇ سۆز ناھايىتىمۇ جايىدا ئېيتىلغان ئىكەن . قىش كېتىپ باھار كېلىشى بىلەن ھەممە يەر ياپ يېشىل " تون " كىيىشكە باشلىدى . قاياقلارغىدۇر ماكان ئىزدەپ غايىپ بولغان ئۇچار قۇشلار بىر – بىرلەپ قايتىپ كېلىپ ، باھار پەيزىگە ھۆسىن قوشتى .

- ئاداش ئاڭلىدىڭلىمۇ ، سىلىنىڭ ھېلىقى ئەكرەمنىڭ خوتۇنى ئۈيىنى تۇيدۇرماستىن سېتىۋىتىپ بالىسىنى تاشلاپ باشقا بىرسى بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ ، - بەئەينى تومپۇشكىغىلا ئوخشايدىغان خىزمەتدىشىم رازىيە ئىش ئارىلىغىدا شۇنداق دىدى .

- خۇدايىم جاجىسىنى بېرىپتۇ ئۇنىڭ ، - مەن شۇنىڭدىن باشقا سۆز قىلمىدىم .    

مەن يېڭىدىن كۆچۈپ كىرگەن ئۈيدە ئۇنۋان ماقالىسى يېزىپ ئولتۇراتتىم . تۇيۇقسىزدىن ئېشىك ئەنسىز چېكىلدى . بۇنداق كەچتە كەلگەن كىمدۇ ئۇ .

- كىم ؟

- مەن .

- مەن دىگەن كىم ؟

- مە ... مەن ... ئەكرەم .

گۈلسۈمنىڭ يۈرىگى " قارتلا " قىلىپ قالدى . سىرتتا بۇۋاقنىڭ ئاچچىق يىغىسى ئاڭلاندى .

- نىمە دەپ كەلدىڭ ؟! قانداق كەلگەن بولساڭ شۇنداق كەت ! بولمىسا ساقچى چاقىرىمەن !

بىرئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن پەلەمپەيدىن چۈشكەن ئاۋاز تىۋىشى ئاڭلىنىپ يوقاپ كەتتى . مەن شۇ كېچىسى زادىلا ئۇخلىيالمىدىم . " ئۆزۆڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ كاساپەت ، ساڭا بولغان ئاتەش مېھرىم ، دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر ئەقىدەم ، ئاتا – ئانامغىمۇ قىلمىغان ۋاپادارلىغىم ، قىزىمنىڭ سۈتتىنمۇ پاك سەبىئى قەلبى ، نارىسىدە غۇرۇرى سېنىڭ قولۇڭدا چەيلەندىغۇ ئاخىر ... "

تاڭ يورىشى بىلەن ئورنىمدىن تۇرۇپ مەھەللە دومىشىدىكى قايماق بازىرىغا ماڭدىم . بىنادىن چىقىشىمغا بىنا ئالدىدىكى چىملىقتا ئەكرەم بىر بۇۋاقنى قۇچاقلىغىنىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى كەچ كۈزدىكى سارغايغان يوپۇرماققىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى . مەڭزىدىن ياش تامچىلىرى توختىماي ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى . ئارقامدىن تاپ بېسىپ چىققان تەقۋادار ئايال خوشنام دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا باردى – دە ، بوۋاقنى ئېلىپ سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بىر نىمىلەرنى دەپ دۇرت ئوقۇپ قولى بىلەن بوۋاقنىڭ كۆزىنى يۇمدۇردى .

- ھەدە ، مىڭ يۈەن پۇل بولمىغانلىغى ئۈچۈن بۇ بالا ... –دىدى ئەكرەم گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي .

- نىمە ؟ بالىنىڭ ئاپىسىچۇ ؟

- ... ...

- ئاتا – ئانىڭىز يوقمىدى ؟

- مۇشۇ بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئەسكىلىگىدىن ئۇلار بىلەن چەك چىگىرىنى ئايرىغان .

- ئەمىسە دوستلىرىڭىز يوقمىدى ؟

- مەن ئۇلارغا قىلىپ قويغان ، شۇڭا ئۇلارمۇ ماڭا پۇل بەرمەيدۇ .

يۈرىگىمنى بىرسى پىچاق بىلەن سۇغۇرىۋالغاندەك شۈركىنىپ كەتتىم . پۈتۈن بەدىنىمدە توك سوقىۋەتكەندەك سىزىم پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا قاتتىق ئېچىندىم . " ھەي بايقۇش ، ئاخشام گەپنىڭ ئوچۇغىنى قىلساڭ بولمامدۇ ، تىلىڭنى چايناپ تۇرغىچە ، مېنىڭ يۈرىگىم پولاتتىن ياسالغان ئەمەستىغۇ ... " مەن شۇلارنى ئويلىغانچە قايماق بازىرىغىمۇ بارماستىن ئارقامغا قايتتىم . خېلى كۈنلەرگىچە ھېلىقى بوۋاقنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى .

- ئاداش سىلىنىڭ ھېلىقى ئەكرەم ئاخشام ئۆزىنى ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئېتىپ ئۆلىۋاپتۇ ، - دىدى تومپىشكىغا ئوخشايدىغان خىزمەتدىشىم سەھەردىلا ئىشخانە ئىشىگىنى ئېچىپ .

  x                       x         

- ئاپۇي ، ئاپۇي ، توۋلىسام ئاڭلىمايسىزغۇ ، چۈش بولۇپ كەتتى ، قورسىقىم ئاچتى ، كېتىلى ئەمدى .

قىزىمنىڭ قۇلىغىم تۈۋىدىلا جاراڭلىغان ئاۋازى مېنى خىيالدىن تارتىپ چىقاردى . كۈزنىڭ تەنگە داۋا ئاپتىپى قۇياشنىڭ غەرىپكە قىيسىيىشى بىلەن ئاجىزلاپ بېرىۋاتاتتى . يان تېلېفۇنىم سايراپ كەتتى .

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ - بوم ، ئەمما ياڭراق چىققان بۇ ئاۋازدىن تەلئەت ئىكەنلىگىنى بىلدىم .

- ياخشى ، ئۈزىڭىزچۇ ؟

- مەنمۇ سالامەت تۇردۇم ، ئۈرۈمچىدىن  تېخى ھېلىلا قايتىپ كېلىشىم . سىزنى ۋە نادىرەنى بەكمۇ سېغىندىم . كەچتە سىلەرنى يوقلاپ بارىمەن .  

نادىرە تەلئەتنىڭ قۇچىغىدىن چۈشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ھىلى ئۇ يېرىنى ، ھېلى بۇ يېرىنى چىمداپ ، قىچىغلاپ تەلئەتكە ئاراملىق بەرمىدى . تەلئەتمۇ كىچىك بالىلاردەك ئۇيۇن چىقىرىپ نادىرەنىڭ دادا مېھرى سېغىنغان نارسىدە قەلبىگە سىڭىپ كىرمەكتە ئىدى .

بۇ ئەسەرنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!

ئىبراس
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 19:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆز ھەدىسى بىر بالا بىلەن شۇنداق ياخشى يۈرۈپ ئاز ئۆتمەيلا توي قىلغانىدى. تويدىن 2ئايلار كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر ئىشقىلىپ چالا مەست كىرىپ ئايالىنى ئۇرۇپ، يېرىم جان قىلىپ قويۇپتىكەن. ئەرنىڭ ھەدىلىرى بولسا ئالتۇن زىببۇ-زىننەتلىرىنىڭ ھەممىنى تارتىۋېلىپ ئەكىتىپتۇ. سوتنىڭ ئارىلىشىپ يۈرەتتى. ھېلىقى ھەدەش ھاززىر سەل ئاقساپ ماڭىدۇ.

ھەدەمنىڭ بىر دوستى بار، بەك چىرايلىق. ئەينى چاغدا كۆيدۈم-پىشتىم دەپ توي تەكلىپى قويغان يولدىشى بالىسى 3ياشلارغا كىرگەندە سىرتتىن بىرىنى تېپىۋىلىپ، ھايۋاننىڭ قىلىقىنى قىلىپتىكەن ئىشقىلىپ. قېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدىمۇ «قىزىڭنى ئاجىراشتۇر مەندىن...» دېگەندەك يۈزسىز گەپلەرنى قىلىپ. ئايالى بولسا بالام ئۈچۈن دەپ خېلى چىداپ پەقەت بولمىغاندا ئاجىرىشىپ كەتتى. كېيىن ئۇ تېپىۋالغان چىرايلىق خېنىممۇ ئۇنى تاشلاپ كەتكەن چېغى، يېنىشىۋالايلى دەپ نەچچە قېتىم كەلسىمۇ «ئۇ ھايۋانغا قىزىمنى ئەمدى دەپسەندە قىلدۇرمايمەن» دەپ ئاپاش قەتئىي ئۇنىماپتۇ. ھاززىر ئۇ ھەدەش يېشى ئۆزىدىن چوڭراق بىر ئاكاش بىلەن توي قىلدى، ئۇ ئاكاش ئۆگەي بولسىمۇ قىزىنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ ئۆز قىزىدەكلا.

بۇ تېمىنى ئوقۇپ مۇشۇ ئاڭلىغان ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. نىكاھ جەھەتتە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى كۆپىنچە ھالدا ئاياللارنى ئىچىدىن تۈگەشتۈرۈپ، بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلماقتا. ئادەم سۆزلىمەي دېسىمۇ چىقىۋاتقان ئىختىيارسىز گەپلەر...

«ئاپوي، ئاپوي...» دېيىشىدىنلا كورلىلىق سىڭىلچاقمىكىن دېگەنتىم كىچىك پېرسوناژنى. ئەسەر بىرخىل رېتىملىق داۋاملىشىپتۇ، ماۋزۇسىدىنلا ئادەمگە بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك. گۈلسۈمگە بەخت تىلەيمىز، ئەسەر ئاپتورىغا ھەم رەھمەت.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
12406
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1144
تىزىملاتقان
2011-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 12:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ،ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.

UID
12244
يازما
47
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1337
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 13:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ، ئەقىدەمگە يىغلايمەن .

   باشقىلارغا ئەقىدە بېرىپ , ۋاپا  گۈلى ئالالماسلىق ھەر قانداق ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ...

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئۈمىدلىك ئەزا

سەمىمى راستچىل ب

UID
11846
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 20:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ظادەمگە قانچە چذڭقذر ظەقىدە قىلسا ظادەمگە إاپاسىزلىق قىلىپ ياندذرذپ بىرىدىغىنى شذنچە كأپ بذلىدىغان ظوخشايدذ.مذشذنداق تىمىلارنى كورسە ياكى تذرمذشتىكى ظەمەلى ظىشلارنى ظاڭلىسا ظادەمنىڭ توي قىلغذسىمذ كەلمەيدىكەن.

باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن  ظەستايىدىل مذظامىلە قىل،ظەپذچان بول.قايغذلذق كذنلەرمذ،خوشال كذنلەرمذ ظذتذپ كىتىدذ،ەەرزامان ظذزەڭگە ظىشەنگىن .

UID
12443
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 22:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىلىقتا  بىر يەردە <مەن> گۈلسۈمگە ئالمىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟يەنى بىرىنچى شەخستە يېزىلۋاتىقان ئەسەر تۇيۇقسىز ئۈچۈنچى شەخىسكە ئايلىنىپ قاپتمۇ قانداق؟؟ پەقەت بىر قۇرلا~~~

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 23:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بەك تەسىرلىك يېزىلىپتۇ ،،،ئاخىرىغا كەلگەندە ئۆزەمنى توختىتالمىدىم

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
12463
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 09:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ كۆرگەن تۇنجى ئەسىرىم مۇشۇ ئەسىرىڭىز بولدى . بۇ ئەسەرنى راسلا بەك تەسىرلىك يېزىپسىز .
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى .

UID
10395
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
844
تىزىملاتقان
2011-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 16:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىز ئاللاھ سىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن .

ئاياللار ھايالىقى بىلەن گۈزەلدۇر .

UID
11916
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 16:59:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىدا پەيدا بولغان تەلئەت دىگەن كىممو؟؟؟؟؟؟

قەدىرلىك دادا، مېھرىبان ئانا ياتقان يىرىڭلار جەننەتتىن بولغاي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش