بىر دىھقان ،بىر سىتۇدىنت
ئىككىمىز ئوخشىمايدىغان ياشايمىز،چۈنكى ئۇ بىر دىھقان ،مەن بولسام بىر ستۇدىنت.

ئۇنىڭ بىر ئايلىق تامىقى ئۈچۈن كىتىدىغان چىقىمى 150 ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن،مەن دوستلىرىمنى چاقىرىپ بىر ئاخشام ئولتۇرۇپ قالسام 150يۈئەن ئاران يىتىدۇ.......
ئۇنىڭ ئۆيىگە تىلىگىراف ئىدارىسىدىكىلەر زورلاپ دىگۈدەك تىلىفۇن ئورنىتىپ بىرىپتىكەن،ھەر ئايدا 15يۈەن سۆزلىشىش ھەققى تۆلەيدۇ.مەن قول تىلىفۇنۇمغا ھەر ئايدا 15يۈەن ئىجارە پۇلى تۆلەيمەن.............
ئۇ 10كويغا ئۇۋاق تاماكا ئىلىپ بىرەر ئاي يۆگەپ چىكىدۇ،مەنمۇ ئون كويغا بىر قاپ تاماكا ئالىمەن،كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس چاغلاردا 1-2 كۈندىلا چىكىپ بولىمەن.
ئۇ ئارىلاپ 20يۈەن خەجلەپ يەكشەنبىلىك بازاردا توۋلاپ ساتىدىغان كىيىمدىن بىرەر قۇرسىتىۋىلىپ ئايالىنى خۇش قىلىدۇ،مەنمۇ 20يۈەن خەجلەپ قىز دوستۇمغا بىر-ئىككى جۈپ پايپاق ئىلىپ بىرىمەن،لىكىن ئۇ بۇنىڭغا خۇش بوپ كەتمەيدۇ......
ئۇ بەلكىم تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيدۇ،ئەگەر بىلسىمۇ ئۈن-تۈنسىز ھالدا بىر تەخسە لەغمەن بىلەنلا ئۆتكۈزىدۇ.مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدىن بىرەر ھەپتە بۇرۇنلا ناھايىتى ئالدىراش ھالدا ئولتۇرىدىغان رىستۇران،چاقىرىدىغان مىھمان،كىيىدىغان كىيىملەرنىڭ غىمىنى قىلىمەن.....
ئۇ ناھايىتى قانائەتچان،قولىدىكى ئازغىنە پۇلىغا شۈكرى قىلىدۇ......مەن ئەزەلدىن ھازىرقى ئەھۋالىمغا رازى بوپ باققان ئەمەس.....دائىم پۇلۇمنى خەجلەپ تۈگىتىپ بولغىنىمدا سىتۇدىنتقا لايىق ئەقىل-پاراسىتىمنى ئىشقا سىلىپ ئاجايىپ چانمايدىغان باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئاتا-ئانامنى ئالداپ پۇل ئەۋەتكۈزىمەن.....
ئۇ ئاغرىپ قىلىشتىن بەكلا قورقىدۇ،بىر مۇنچە پۇل خەجلىگەندىن باشقا ئىتىز-ئىرىقنىڭ ئىشلىرى قالىدۇ،يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرىنى پاراكەندە قىلىدىغان ئىش. مەن ئاغرىپ قلىشتىن قورقمايمەن،بىر يەرلىرىم بەك ئاغرىپ ئازاپ قىلمىسىلا.مەن دەرسكە چىقماي يىتىپ ئارام ئالىدىغان بۇنداق باھانىگە بەك ئامراق........
ئۇ ئەتىگىنى ئالتىدە تۇرۇپ ئاۋال مەسچىتكەئاندىن ئېتىزغا ئالدىرايدۇ،مەن دەرسىم بار كۈنلىرى 7:10مىنۇت ئۆتكەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى چالا-پۇلا يۇيۇپ ناشتىلىقىمنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا چاپىمەن.دەرسىم يوق كۈنلىرى 9-10لاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاۋال قول تىلىفۇننى،ئاندىن كومپىيۇتىرنى ئاچىمەن.........
ئۇ ۋاقىتنىڭ ئىتتىكرەك ئۆتۈشىنى بالىلىرىنىڭ تىزرەك چوڭ بولۇپ كارغا كىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ:مەن ۋاقىتنىڭ مۇشۇ پىتى توختاپ قىلىشىنى ،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەيدىغان پاراكەندە كۈنلەرنىڭ مەڭگۈ كەلمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن.....
ئۇمۇ ئانچە-مۇنچە خەۋەر كۆرۈپ قويىدۇ،لىكىن ئىقتىساد،سىياسى توغرىسىدا ھىچقانچە نەرسە بىلمەيدۇ.بىراق ئۇ ھەق-ناھەق،ھالال-ھارامنى بەكلا ئايرىيدۇ،ئەتراپىدىكى ھەربىر كىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ،قولىدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىدۇ.مەن ئىقتىساد،سىياسى توغرىسىدا خىلى بىر نىمىلەرنى بىلىمەن،لىكىن ئەتراپىمدىكى كىشىلەر نىمە بولىۋاتىدۇ،نىمىلەرنى دىيىشىۋاتىدۇ،مەن ھەممىنى بىلمىگەنگە سالىمەن....
ئۇ بىر مىلياردىن ئارتۇق ئادەم تاماق يەيدىغان دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى،ئۇل تىشى.لىكىن ئۇ دائىم نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ قالىدۇ،كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ.مەن بولسام ئالى مەكتەپتە ئويناپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان تايىنلىق بىر سىتۇدىنت،لىكىن مەن ھەر ھالدا يىتەرلىك ئىتىبارغا ئىرىشىپ كىلىۋاتىمەن،ئۇلار مەندەكلەرنىمۇ ۋەتەننىڭ گۈل-چىچەكلىرى دىيىشىدۇ،دائىم باشقىلارنىڭ ھەۋەس،ھۆرمەت بىلەن قارىغان كۆزلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن...........
ئۇنىڭ يۈرەكلىرى مۇجۇلغان،ھەر بىر ئېغىز گەپنىمۇ ناھايىتى ئويلىنىپ ،ئاۋايلاپ ئېغىزىدىن چىقىرىدۇ.مەن ئۇنداق قورقۇنچاق ئەمەس،چوڭ سۆزلەشتە،پو ئىتىشتا نامىم بار.....
ئۇنىڭ مىسكن چىرايى،غەمكىن كۆزلىرى،ئازراق ئىگىلگەن قەددى دادامغا ئوخشاپ كەتتغۇ.....
لىكىن مەن ھارقانچە قارىساممۇ ،ئويلىساممۇ ئۇنىڭ ئوغلىغا ئوخشىمايۋاتىمەن..............................................................................................................

|