
بىر ئايالمەن جىمجىت ۋە ھارغىن
جىمجىتلىقىمدا مۇھەببەت بار.
ھارغىنلىقىمدا تۇرمۇش بار.
قالىمەن بەزىدە يالغۇز بەك يالغۇز،
يالغۇزلىقىمدا قاغجىراق قۇملار.
بىر ئايالمەن چوغقا ئايلانغان،
قوياشنىڭ كۆكسىدە كۆيۈۋاتىمەن.
سۆيگۈنىڭ ئۈپۈشىدە كۈلۈۋاتىمەن.
ھەر تاڭغا ساباغا ئۈمىد كۆزنىكىدىن،
قول سۇنۇۋاتىمەن.
بىر ئايالمەن،مۇڭلۇق ئايالمەن
مۇڭۇمدا ئاقىدۇ تولغۇنۇپ دەريا.
تەغدىرمۇ چالىدۇ يىغلاڭغۇ دەرت كۈي.
بىر قۇرت يۈرۈكۈمنى شۈمەپ بولغاندا
دەست تۇرۇمەن
توكۇرلىشىپ ئۈستۈمدىن چۈشكەن مۇڭلارنى
دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايالمەن.
بىر ئايالمەن
مۇھەببەت بىلەن ياشاۋاتقان ئايالمەن
قىززىق ئاپتاپ،نەمخۇش تۇيغۇلارغا
مۇھەببەت بېرىۋاتقان
سۆيگۈمدىن ئۆي تۈۋرىكىگە قوزۇق قېقىۋاتقان
بېلىجانلار ئوزۇق ئېلىۋاتقان
خورىماس سۆيگۈمەن،بىر ئايالمەن
.