تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 3

قارا مەرۋايىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

پىغانىمدىن پەلە

UID
3099
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
559
تىزىملاتقان
2010-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-18
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 00:34:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارا مەرۋايىت

 

كېچە باشلاپ كېلىدۇ ئۆز رەڭگىدىكى قارا چۈشلەنى

 ئۇبېسىپ ئۆتۈپ كىتەر مېنى

چاشقان بۇرۇت، قولىدا پالتا كۆتۈرگەن بىر ئەبلەخ

(ئەزراىل بولۇشى مۈمكىن)

قوغلاپ يۈرەر مېنىڭ جېنىمنى.

بىر تىزىق قارا مەرۋايىت پەيدا بولۇپ قالار بوينۇمدا،

ئويغانسام ھەممىسى يوق دۈپۈلدەپ سوقىۋاتقان يۈرۈگۈم

ۋە قاتتىق ۋەھىمىدىن باشقا.

داۋاملىق شۇنداق، قورۇققۇم كېلەر كېچىدىن، ئۇيقىدىن، چۈشلەردىن

قارا چۈشلەر ئىچىدىكى ھېلىقى چاشقان بۇرۇتنىڭ پالتىسىدىن.

ئاھ، نەقەدەر دەھشەت ئۇنىڭ پالتىسى بونۇمغا تېگىپلا كەتسە...

ئېگەم ئۆزۈڭ ساقلا بارچە بەندىلىرىڭ قاتارىدا مەندەك بىر نىمجاننى.

 

3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يىراقلاپ كەتتى ساقلىق مەندىن

بۇ، بېدە تازا كۆكلىگەن زامان ئىدى

نەدىن بىلەي تېنىمدىكى بېدىلەرنىڭ كۆكلەپ قېلىشىنى؟

ھېلىقى قەغەز... مەن خەتلىرىنى ئوقۇيالمايدىغان قەغەز شۇنداق دېدى.

دوختۇر دېگىنى نېمىش قىلىدىغاندۇ مۇشۇنداق قەغەزلەرنى سۆزلىتىپ؟

ھايات ئاشۇ بىر ۋاراق قەغەزچىكىمۇ كەلمەيدىكەن ئەسلى،

بىر تۇتام شامالچىكىمۇ ئەمەسكەن ھايات دېگەن .

نېمىشقا بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئالدىدا يىغلاش كىرەك؟...

شۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ئاۋال يۈرىكىڭ ئاندىن قاراقلىرىڭ ئېرىپ كېتىدىكەن

ئېگىسى يوق بىر تىزىق مەرۋايىتتەك تۆكۈلۈپ كېتىدىكەن.

كاشكى يېنىڭدا بولسا بىرەر يېقىنىڭ ئۇنىڭغا ئېسلىپ يىغلىۋالساڭ

كەلگۈلۈكلەر ئالدىدا ئۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىسىمۇ

يېنىكلەپ قالار ئىدىڭ ئازراق بولسىمۇ.

مەۋھۇم بىر ئەجەلنىڭ شەپىسى كىلەر

مېڭىپ يۈرگەن ئاۋۇ  ئاق خالات تەرەپتىن

ياق!... لىكىن نېمە ئامال؟

ياق بىلەن كىمنىڭ كارى؟

ھېلىقى قەغەز... ھاياتىمنى يەپ كەتمەكچى بولغان قەغەز

ئۆلۈمنىڭ ئىزلىرىنى چۈشلىرىمگە تاشلاپ قويغان قەغەز

سومكامدا ئۇخلار ھەممىنى تېرىپ قويۇپ

مەندىن ھەممىنى تارىۋىلىپ.

كۆز ئالدىمدا بىر تىزىق قارا مەرۋايىت

كېچىلىرى يىلان كەبى بوينۇمنى بوغقان،

كۆزۈمنى يۇمساملا پالتىسىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا تۇرغان.

 مانا ئەمدى كۈندۈزۈمگىمۇ يېتىپ كەلدى،

تېخى سومكامدا ماكانلاشتى .

بەزى نەرسىلەر سەندە ئاخىرلاشماقچى بولغاندا ئەجەپ قەدىرلىك بولۇپ كېتىدىكەن –ھە؟

بەندە بىئىلاجلىق كوچىسىغا كىرىپ قالغاندا ئاندىن بىلەركەن

ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىغىنى.

ئاسمان

كۆپكۆك ئاسمان

ئايرۇپىلان دەرىزىسىگە قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال قىلدىم:

ئاسماندا تۇرۇپمۇ تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ بۇ قارا مارجاننى.

ئۈمىد ، پەقەت ئۈمىدلا مېنى ئېلىپ ماڭار قولۇمنى تۇتۇپ.

چۈشۈمدىكى پالتا ئەمەس،

 سوغۇق ئوپراتسىيە پىچىقى،

كېزىپ چىقتى تېنىمنى.

بىر شىرىن ئۇيقۇ، شۇنداق شىرىن، كۆزلىرىمنى ئېلىپ كەتتى

مەن قالدىم.

 كىملەر ئۇ مەندە مىدىرلاپ يۈرگەن ؟

ئۇنداق قىلماڭلا ! ئۇنداق قىلماڭلار...

...

5- قەۋەتتىكى ياتاق

 يوللۇق كىيىم كىيگەن ئاياللار

گۈلسۈم ئاپاش

كۆزلىرىدە ياش:

‹‹قىزىم مۇبارەك بولسۇن! كۆزلىرىڭىزنى يەنە كۆرەلىدىم

تاتلىق سۆزلىرىڭىزنى ئەتىلا ئاڭلىيالايمەن،›› دەيدۇ.

بىچارە ئاچا ئۆزىڭىزنىڭ دەردى يەتمەمدۇ؟

نېمە قىلىسىز مەن ئۈچۈن يىغلاپ؟

 

قانچە ئازاپ...

كۆزلىرىڭ مۆلدۈرلەپ  تۇرسا مىدىرلىيالمىساڭ

ئېسىڭدە ھېچنىمە يوق

بىر ئوچۇم جاندىن باشقا.

نېمىلەر بۇ؟ نېمانچە كۆپ سىملار بۇ؟

نېمە ئۇ مېنىڭ ئاغزىمنى دۈملەپ قويغان؟

بىر قەدەم مېڭىپ باققان بولسام –ھە!

دەسسەپ باقسام ھېچ بولمىسا

ماڭا ھېچنېمە قالماپتۇ

ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىن باشقا

مىدىرلىغۇدەك ماغدۇر، ياكى ئۆرۈلگۈدەك بوشلۇق.

شېشىدىكى سۈزۈك سۇ تېمىپ چۈشەر

يەنە چۈشەر باشقا ئىشى يوقتەك.

نېمە دېگەن ئۇزۇن ۋاقىت؟

ئاۋازلار كېلەر ئۇچۇپ ،

كىم ئۇ شەپىسىز مېڭىپ يۈرگەن؟

كىم ئۇ قوللىرىمنى سۆيۈپ يۈرگەن ؟

ئانام؟!

ياق ئانام بىلمەيدۇ، ئانام بىلسە بولمايدۇ.

مەن ئانام ئۈچۈن بىر تۆمۈر دەرەخ،

قۇرىماس دەريا... يىمىرىلمەس تاغ.

ئانام ھەرگىز بىلمىسۇن.

ئوپراتسىيەخانا ۋە ئۇ يەردىكى چۈشۈپ قالغان تېنىمنى.

 

كۆز ئەينەك ماڭا قاراپ كەلدى ئاندىن ماڭا قاراپ كۈلدى،

‹‹تەلىيىڭىز باركەن ياخشى چىقتى.››

مەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئەھمىيتىنى بىلەلمىدىم

ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلەلمىدىم.

بېدە كۆكى كۆكلەپ قېلىشى مۈمكىنغۇ قايتا؟

كۆزەينەكنىڭ مۇغەمبەرلىكى ماڭا دەپ قويدى شۇنى.

ۋەھىمە... خەۋىپ...دەرىزىلىرى مىخلىۋىتىلگەن5-قەۋەتتىكى ياتاق.

يارىدار تەن... سۇنغان روھ

تەسەللىيگە مۇھتاج كۈنلەر....

ساغلام ئادەملەر تالادا مېڭىپ يۈرۈشەر شۇنچە ئەركىن، بىمالال

ئۈرۈمچىدە يېغىۋاتقان قارا رەڭلىك قار

ئامانگۈلنىڭ ۋاقتى

ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقىۋاتقان كىتابلىرى.

مەن ھەممىنى ئويلاپ ياتتىم.

تۇرپاندىن كەلگەن ئامانگۈل ھەسەل چاي قىلدى

ئۇنىڭ كۆڭلى ھەسەلدەكلا شىرىن ئىدى.

پىسخىكا دوختۇرى

ئۆزۈمنى ئىزدەش...يىغلاش...

قاسساپنىڭ قولىدا پارچىلىنىۋاتقاندەك

تىتىلىۋاتقان مېنىڭ بارلىقىم

تىزىپ قويۇلغان سۆڭەكلىرىم شۇنچە ئاشكارا

بىچارە ....

چېچىلىپ كەتكەن ئالتۇن مارجان

ئەي! سۆيۈملۈك جان

ئۆزۈڭنى قايتا يارىتالامسەن؟

قۇراشتۇرۇپ چىقالامسەن  بىر تال كونا ئويۇنچۇقتەك؟

چېچىلغان ئۇ سۆڭەكلىرىڭنى.

 

تاشلىۋەتكىلى بولسا-ھە؟ ئۆتكەن كۈنلەرنى...

ئۆرۈپ- ئادەت،

 نومۇس

 پەرزەنت ۋە باشقا ئىشلار...

يەنە چىرايلىق بىر پارچە سۈرەتتەك

 رامكىغا ئېلىپ تامغا ئېسىپ قويار ھەممىنى.

كۈلۈش ئۈچۈنمۇ غەيرەت كىرەككەن

كۈلگۈم بار ئىدى

ئىھ، تەڭرىم بىر رەت بولسىمۇ مېنى كۈلدۈرگىن.

مەن قەشقەرنى خىيال قىلدىم

ئاندىن خوتەننى.

 

خوتەن


مۇھتاجىلىق

 جاننىىڭ مۇھتاجلىقى

باشلاپ ماڭماقتا مېنى خوتەن تەرەپكە

غەم تاشلىرى باسار يەلكەمنى.

تاشلىۋەتكىلى بولارمۇ ھېلىقى قارا مارجاننى؟

ھايات مەن ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرغان بىر گۈزەل ئايال ئىدى

ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتىم داۋاملىق.

نىھايەت ئۇ گۈزەل ئايال مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولدى

تېنىم بىر تال قۇرۇت چۈشكەن ئالما

بىر تەرىپى سېسىشقا باشلىغان

ئۇنى نېمە قىلار ھېلىقى گۈزەل ئايال؟

 

كۆزلىرىم ئوچۇق، كېچە مەن ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق

بۇ كۈندۈزلەرنى سۆيەتتىم

بۇ كېچىلەرنىمۇ ھەم

سۆيەتتىم سۆيگەن كەبى قۇرۇت چۈشكەن ئاشۇ ئالمامنى.

 ئىزدەپ كەلدىم خوتەندىن

يىراقلارغا كەتكەن ساغلاملىقىمنى

مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولغان ھاياتنى.

 

توپا ئۆرلەپ تۇرغان ئۇزۇن يوللارغا سەبرەمنى بەردىم

بەردىم چىدامىمنىمۇ

كېچىلەردىن ئالدىم ئۇيقۇمنى

كۆزلەرنى نېمىشقا يۇمۇش كىرەككەن

بۇ ھايات ئاران قالغاندا؟

نېمىشقا ئۇزاقراق ياشىۋىلىشنى خالىمىسۇن كىشى

ئەتە بىر مۇئەمماغا ئايلانغاندا؟

 

ئىھ، رەببىم ئۆزۈڭ ھەممىگە قادىر سەن

بارچە چىگىكلەر سەندە يېشىلىدۇ

بارچە سىرلار پەقەت سەندىلا ئېچىلىدۇ

ئۆزۈڭ رەنجىنى قەشقەردە سالغان بولساڭ

بەلكىم داۋاسى خوتەندىن تېپىلىدۇ.

6.4

خوتەن

 

قۇملارغا دەرت تۆكۈپ تۈگەتتىم يولنى،

تاشلارنىڭ سۈكۈتى بەردى كۆپ مەدەت.

تاغلارغا يۆلەندىم كۆزۈمنى يۇمۇپ،

تاغنىڭمۇ دەردى بار بەلكىم مېنىڭدەك.

 

پۇتۇم

سۆيدى ئاخىرى خوتەن تۇپرىقىنى

سۆيدى خوتەن ئايقۇتنى.

خوتەن مەن ساڭا گۈل ئېلىپ كېلەلمىدىم

ئېلىپ كەلدىم دەرت

ئېلىپ كەلدىم بىر يارىدار تەننى.

 

خوتەندە مېنىڭ دەرۋازام يوق ھەر كۈنى كېرىپ كەتسەم بولىدىغان

مېنىڭ گۈلزارىم يوق گۈللەر ئۈزسەم بولىدىغان

بار پەقەتلا

ئىككى مىتېر ئۇزۇنلۇقتىكى زېمىنىم

تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان دېرىزەم

ھىجراندەك قارا

ھەسرەتتەك ئاچچىق

كۆز ياشتەك قىرتاق دورىلىرىم

بىر پارچە كۆپكۆك ئاسماندەك

 پارلاق كىتاپلىرىم

تېلىفۇم ۋە غەمخان دوستلىرىم

 

ئەسرارمەن

سۈكۈتكە

غەمگە

خىيالغا

تەكرار –تەكرار چېقىلىمەن

شۇ ئەسرارلىقتا.

 

يۇرۇڭقاش

 

غەمنى يېپىنىپ يېتىپ خىيال قىلىمەن

كېسەلدېشىم گۈل تىكىدۇ

گۈل تىككەچ ئولتۇرۇپ

چۇقۇ بازارنى ۋە ئۇ يەردىكى

تۇخۇمچى قىزلارنى كۈيلەيدۇ

چېچىۋىتىمەن خىياللىرىمنى ئۇ تىكىۋاتقان گۈلزارلىققا.

رەڭدار يىپلاردىن ئۇ تىكىپ چىقار بىر يېڭى دۇنيا

ئىشتىياق

ھاياتنىڭ ئىشتىياقى

 ئۇنى كۆيدۈرەر... كۈل قىلار

ئاندىن بارماقلىرىنى گۈل قىلار.

كۈلگەك كۆزلىرى

 ئۆزىنى بىر قېتىممۇ يوقلاپ كەلمىگەن ئېرىنى سېغىنار

بەش قېتىم ئارام ئالار ئۇنىڭ كەشتىسى

بەش قېتىم سۈزۈلۈپ كېتەر ئۇنىڭ يۈزلىرى

نۇردىن... ئېماندىن

ئۇنىڭغا قاراپ يېتىپ

سېغىنىپ قالىمەن

 ھاياتقا... ھەممىگە كۆيگەن كۈنلەرنى

ئۇنىڭ يىڭنىسىدە تىتىپ چىقىمەن يۈرەكتىكى زېدىلەرنى

ئاندىن يەنە تىكىپ قويىمەن ئۇنىڭ رەڭدار يىپلىرىدا

ئۇ ئىزلارنى.

يۇرۇڭقاش خىيالىمغا كىرىپ قالار پات-پات

سەگىدىگۈم كېلەر ئۇنىڭ بويىدىكى باراخسان سۆگەتلىكتە

چاڭگاللاپ ئىچكۈم كېلەر ئۇنىڭ سۈيىدىن.

يۇرۇڭقاشقا باردىم

ئىچتىم ئۇنىڭدىكى گۈركىرەپ ئېقىۋاتقان قاقاسلىقنى

سايىدىدىم قاشتېشى بولالمىغان بىر غېرىپ تاشنىڭ سايىسىدا

سىيلاپ قويدۇم قاشتاش بولۇش نىسىپ بولمىغان ئاددىي تاشلارنى

ئۇنىڭ مىڭبىر قېتىم يېرىلغان باغرىغا تاشلىنىپ ئاقتىم

بىر تال تاشتەك.

6.10

 

كەچلىك تاماق

 

كەچلىك تاماق ھېچقانچە يىيىلمىدى

ئەرلەر پاراڭلىشىۋاتاتتى

تامدىكى رامكىدا بىر قىز بىزگە قاراپ كۈلىۋاتاتتى

بىر ئەر

ئۇ قىزنى تەتۈر ئۆرۈپ قويدى

ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇ ئەرنى بىئارام قىلىپتۇ

كۆزلەر

سېھىرلىك كۆزلەر ئۇنى ئۆتمۈشىگە سۆرەپ كېتىپتۇ

ئىھ، تامدا تۇرۇپمۇ ئەرلەرنى بىئارام قىلالىغان كۆزلەر...

 

مەن تاماق يىمىدىم

بۇ غەمسىز كىشىلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال قىلدىم

غەمسىز كۈنلەرنى

ئەمدى رامكىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى بوشلۇق بىزگە قاراپ تۇراتتى

ئۇ ھېچكىمنى مالال قىلالمايتى

ھېچنىمە بولماسلىق نېمانداق ياخشى؟

قىزلار كۈلەتتى سەۋەپسىزلا

خىيالىم ئۇلارنىڭ چاچلىرىدەكلا چىگىگ ، رەڭسىز

ئولتۇراتتىم سۇغا قوشۇلالمىغان بىر تامچە سۇدەك

كەچلىك تاماق ھېچقانچە يىيىلمىدى

ئۇلار پاراڭلىشىۋاتاتتى

تامدىكى رامكىغا ئوخشاش مەنمۇ ئاستا تەتۈر ئۆرۈلدۈم

كەچۈرۈڭلار!...

 

 ئاخىرقى كۈنلەر

 

كېچە كۆيەر كىتابلىرىمنىڭ بەتلىرى ئارا

يامغۇر ياغار خىياللىرىمغا

سايىپجامالخان كەشتىسىنى تىكەر چۈشىدە

ئۇنىڭ تاشچى ئېرى

يوقلاپ كەلمەس يەنىلا

ئۇنىڭ كۈلكىسى كەشتىلىرىدە

يىغىسى جەينامازدا

بارماقلىرىدا ھەمدۇ سانا

ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ؛

شۇ قەدەر سۆيىمەن ھاياتنى

ۋاز كەچكۈم كەلمەس زادىلا.

 

كۈنلەر گۈزەل بىر تال گۈلدەك

ئۇنى ئۈزگۈم كەلمەس

لېكىن ھامان ئۈزۈلۈپ كىتەر كەچ كىرسىلا.

كاككۇك ئۈنى يىراقلاپ كەتتى

بەكلىم ئەمدى باھار ئەمەس ياز بولدى

ئىشىك ئالدىدا ئۈجمە ساتىدىغان بوۋاي تۈنۈگۈن ئۈرۈك سېتىۋاتىدۇ

ئۈرۈكتەك سارغايغان سېغىنىش

يۈرەككە قەشقەر دېگەن خەتنى يېزىۋاتىدۇ.

قايتىش كىرەك قەشقەرگە

دورا... كىتاپ...

ئەسلىمىلەر

ئۈمىد

تەشۋىش

 ھەممىسى قاتلاپ سېلىنغان

سومكامنى ئېلىپ خوتەندىن چىقتىم.

خەيىر

خوتەندە قالغان كۈنلەر

سايىپجامالخاننڭ كۈلكىلىرى

ياغدەك يېقىملىق خوتەنلىك كۆزلەر

خەير

خوتەننىڭ تۇزى...

مېنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىلمەك سۆزلەر.

مېنى ساقلاۋاتقان

 

مەن كەلدىم

غەملەردىن ئازات بولالمىدىم

تەشۋىشلەرنى تاشلىۋىتەلمىدىم.

لايلىرىدا يۇيۇنۇپ

يولۇمغا قاراۋاتقان تۈمەن.

 كوزىچى يار بېشىدىكى تېرەكلەرنىڭ ئۇچىدا

ئولتۇرغان قۇياش.

ئەي ئۆيۈمدىكى قەلەمنىڭ ئۇچىغا قونۇپ

 مېنى ساقلاۋاتقان 32 ھەرپ.

مەن كەلدىم

ھەسرەتلىرىمنى يۈدۈپ

ياشلىرىمنى يۇتۇپ

قولۇم بىلەن يۈرۈگۈمنى تۇتۇپ.

مەن

يەنە شۇ بۇرۇنقى مەن

دورا يەيدىغان

دەرتلىرىنى دورا يەپ تۈگىتەلمىگەن مەن.

مەن كەلدىم

مېنى ساقلاۋاتقان قەشقەر

سېنى سۆيىدىغان ئىسسىق  يۈرۈگۈم بىلەن.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى




پىغانىمدىن پەلەك غەمكىن!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11404
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 11:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم، سالامەت بولۇڭ.....

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 20:06:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چاچما شىېرىڭىزنىڭ،، ئاخىرقى كۈنلەر،،  دېگەن قىسمىللىرىنى  خېلى ياقتۇردۇم،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
2247
يازما
725
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24827
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 23:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرالار قوينىدىكى پاكىزە تۇيغۇ يۈرەكنى سەلكىنگىنە سىلكىپ ئۆتتى.بەرىكەتلىك شېئىرلېرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش