بىرىنچى مەكتۇپ
تۆتھوگۇل
بىرىنچى بەت
ئانا!
بىر چىرايلىق نەمدەپ قويدۇڭ
قوغۇشۇندەك قاتقان مېڭەمنى
ئۇرغان سۈپلىرىڭ يېتەر ئارتۇق...مېنى ئادەم ئەتمەككە ماڭغان ئىزلىرىڭغا
مېڭەمدە؛
قان يۇيۇپ ئۆتتى ئۆمرۈڭ
ھوزۇر تارىغان قوللىرىڭدىكى نۇرلار شۇئان كۆزۈمدە ئايان...
ئىككىنچى بەت
ئانا!
ئۆمىلەپ بۇ زامانغا كەلگىچە
ئۆمۈچۈكلەر ئۇۋا تۇتتى مېڭەمگە
ھىچ ئامالىم يوق
ھىچ ئامالىم يوق
ھىچ ئامالىم يوق مېنىڭ...
كۆز ياشلىرىمغا قاتۇردۇم كۆرۈنمەس سىمالىرىڭنى
جىگدە چېچىكى پەسلى كۆپ ئۇزاپ كەتكەن بىر ۋاقىتلاردا
مېنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى،
تاماشىبىنلارغا كۆنگەن كەپتەرلەرگە تاشلاپ بەردى،
سىنېمالارنىڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئېسىشتى...
ئۈچۈنچى بەت
ئانا!
قۇشقاچلارنىڭ سەھەردىكى تۈنجى ئۈنىدە ساڭا يوللاپ تۇردۇم سالام
بىر قەدەم ئارىلىق ئايرىدى بىزنى
ھاياتتىن ئىبارەت قېلىن تامنىڭ ھەيۋىسىدە
تىتىلىپ كەتتى سېنىڭ ماڭا ئەتكەن تەنلىرىڭ
مەن يارىماسنىڭ ئىزىدىن...
تۆتىنچى بەت
ئانا!
يۇلتۇز ئەمەسكەن بىلدىم بۈگۈن
سېنىڭ قۇچىقىڭدا تۇرۇپ كۆرگەنلىرىم
بىر نەچچە تال يىراقلارغا ئېسىلغان چىراقلار ئىكەن
قىپقىزىل ياسانغان پانۇسلار ئىكەن
ئۇلار نەزمە ئوقۇۋاتىدۇ يارىلىش كۈنىگە
مەن ھازىدار بولغان بۇ لەھزىدە...
بەشىنچى بەت
ئانا!
ھىچ بولمىسا يالغۇز قالمىدىم
ئورمانلار بار ئىكەن
ئۈنلىرىمنى يىرتىپ يىغلىسام جىمجىت ئاڭلايدىكەن؛
دېڭىزلار باركەن
ياشلىرىمنى تۆكسەم «يەنە بارمۇ؟» دەپ كۆكسىنى يېقىپ تۇرالايدىكەن؛
مارتالار باركەن
چوڭقۇر تىنغان تىنىقلىرىمدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچالايدىكەن
...
مەن ساڭا بىر نەرسە سۆزلىمەكچى ئىدىم ئانا!
خىياللىرىم ئۆلتۈرۈپ قويدى مېنى
سەن ماڭا خېمىر پۇشۇرغان تەڭنىگە تەڭداش بىر بوشلۇقتا؛
...
ئاچچىق چىرقىراشلىرىمنى جىملىق ئۆتنە ئالدى؛
جېنىمنى دېڭىز ئارىيەت ئالدى؛
ساڭا دېمەكچى بولغانلىرىمنى...ئانا!
بۇ تۇپراقلار ئامانەت ئالدى...
11.06.2011