نۇرغۇنلىرىمىز ھاياتىمىزنىڭ يىرىمىنى ياشاپ بىر يەرگە بارغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى «كىچىك» لىكتىن قىلىپ سېلىپ ئاز بولمىغان ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ شۇ ۋاقىتقا كەلگىنىمىزنى، نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىلكىمىزنى ھەسىرەت، ئىزتىراپلار بىلەن يادىلىرىمىزغا ئېلىشىمىز. ئەمدى ئۆزىمىزنى ئوڭشاي دىگەندە، ئىرادىگە كىلىپ «چوڭ» بولۇپ، پىشىپ يىتىلگەنلىكىمىزنى ھىس قىلغىنىمىزدا خېلى كىچىككەن بولىمىز...
مۇھىمى قاچانلا بولمىسۇن ئەقلىمىزنى تېپىپ «چوڭ» بولۇش. بەزى كىشىلەر «چوڭ» بولۇشقا قادىر بولالماي يەنىلا شۇ گۆدەكلىك ھالىتىدە دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. ئۆزى سەغىرە، بىغۇبار بولسا بۇ ياخشىدى، لىكىن ياش بىر يەرگە بارغان بولسڭمۇ ئۆزىگە بىر مۇنچە كىر-قاتلارنى يۇقتۇرىۋالغانلىقىنى بىلمەيلا دۇنيادىن كەتكەنلەرنى نمە دەيلى؟! خەلقىمىزدە :« ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا» دىگەن بىر ھىكمەتلىك سۆز بار. بۇ ئادەمنىڭ « چوڭ » ياكى « كىچىك » بولىشىنىڭ ياش بىلەن مۇناسىۋەتسز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەملەر باراۋەر بولسىمۇ نىمە ئۈچۈن بەزىلەر ياش تۇرۇپلا ئەقىل-ئېدراك جەھەتتە پىشىپ يىتىلىپ، نۇرغۇن ئەگرىلىكلەردىن خالىي بولىدۇ؛ نىمە ئۈچۈن بەزىلەر كىچىكلەرنىڭ قىلىقىنى قىلىپ يۈرىيدۇ؟
بۇ ئېرسىيەت ۋە كىيىنكى تەربىيلىنىشكە باغلىق. ئالدىنقىسىغا باققاندا كىيىنكىسى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. يەنى، ئېرسىيەت جەھەتتىن ناھايىتى ئەقىللىق دەپ قارالغان بالا ئەگەر كىيىنكى تەربىيە ناچار بولسا ئىسىراپ بولۇپ، بارا-بارا دۆتلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئېرسىيەت جەھەتتىن بەك ئىتتىك بولمىسىمۇ، ئەگەر كىيىنكى تەربىيە ياخشى بولسا بۇ بالا ناھايىتى ئىتتىك چوڭ بولىشى مۇمكىن. شۇڭا كىيىنكى تەربىيە پەرزەنتلەرنىڭ تىزىرەك چوڭ بولىشى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم. ئەمىسە كىيىنكى تەربىيە كىملەر تەرىپىدىن بولىدۇ؟
ئەڭ دەسلەپكى تەربىيە ئانا تەرىپىدىن بولىدۇ! مەن شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى، پەرزەنتنىڭ كىيىنكى خاراكتېرىنىڭ قانداق بولىشى ۋە كىيىنكى تۇتىدىغان يولى %50 ئانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مائارىپىدىن كىلىدۇ. چۈنكى پەرزەنت تۇغۇلۇپ تاكى ئاق قارىنى ئېلغىغۇدەك بولغۇچە ئانا باغرىدىن ئايرىلماي ياشايدۇ، ئانىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى پەرزەنت يۈرىكىگە مۆھۈر بولۇپ ئويۇلۇپ ماڭىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بالا گوياھ بىر يۇمران مايسىدىن كۆچەت ۋە دەرەخ بولۇپ يىتىلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ دەرەخكە ئايلىنشتىن بۇرۇنقى ھالىتى پۈتۈنلەي ئانا پەرۋىشى بىلەن بولغاچقا ئۇ مايسىنىڭ تىمەن كۆچەت بولىشى، تۈز ھەم مۇستەھكەم ئۆسۈشى ئەلبەتتە ئانىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر تەربىيە مۇۋاپىق ۋە يىتەرلىك بولمىغاندا ئوخشاش تۈردىكى تەڭ ۋاقىتتا تىكىلگەن(پەرۋىش ياخشى بولغان) مايسىغا قارىغاندا ئاجىز ۋە ئاستا ئۆسىشى تەبى ئەھۋال...
ئانا تەربىيسىگە ئائىت گەپلەر كۆپ دىيىلدى ھەم دىيىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىملىقى كۆپ تەكىتلەنگەن بولسىمۇ زادى قانداق قىلىپ بۇ مايسىنى ئىتتىكىرەك مىۋىلىك دەرەخ قىلىپ يىتىلدۈرۈپ چىقىش ھەققىدە گەپلەر ئاساسەن بولۇنمىدى. ئادەم ئۆزلىكىدىن پىشىپ يىتىلىپ ئەقلىنى ئۆزى تېپىۋالسۇنمۇ؟! ئەجدادلارنىڭ تەجىربە-ساۋاقلىرىدىن يەكۈنلىگەن ئۈگۈتلىرى(ھازىر) بىزگە چوڭ رول ئوينىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز تەبىيتىمىزگە خاس مەدەنىيەت ئەندىزىمىز بىزنىڭ ھازىرقى ياشاش مۇھىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالدى... نۇرغۇن پەرزەنت تەربىيسىگە ئائىت كىتاپلار تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ مەنچە ئۇلار بىزگە ماس كىلىپ كىتىشى ناتايىن. ئەمسە قانداق قىلىپ ئۆز مايسىلىرىمىزنى تىزىرەك ئۆستۈرىمىز؟ ئەلبەتتە « مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» دىگەندەك بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا يىتەرلىك ۋە ئىلمىي پەرۋىش بولىشى لازىم.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھەممە ئانىنىڭ ساپاسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ يەردىكى ساپا دىگىنىمىز ئۇنىڭ كۆپ ئوقۇغان، ئۈنۋانلارنى ئالغان بولىشى بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق. ئادەتتىكى بىر دېھقان ئايال ناھايىتى ساپالىق بولىشىمۇمۇمكىن، ئەكسىنچە كۆپ ئوقۇۋەتكەن بىر كادىر ئايال ساپاسىز بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ساپا كىشىنىڭ « خېمىرتۇرۇچ» غا باغلىقمۇ؟ ئەلبەتتە شۇ. ئانىنى تەربىيلىگەن ئانىغا باغلىق، شۇ ئانىغا پۇرسەت ياراتقان ئاتىغا باغلىق... ئەرلەر ساپاسىز ۋە قوپال بولسا ئانىنىڭ ساپالىق بولىشىنىڭ رولى چوڭ بولمايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئىپتىدايى تەربىيەگە باغلىق. ئىپتىدايى تەربىيە دەل ئەڭ دەسلەپكى ئائىلە تەربىيسىدۇر.
سىزگە سۇئال: ساپالىق ئانىلار قانداق بولىدۇ؟
گەپنى ئۇزارتماسلىق ئۈچۈن ئۆز تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك، بالىنىڭ ئىتتىكىرەك « چوڭ » بولىشى بەكمۇ مۇھىم، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھەممە نەرسىنىڭ رېتىمى تىزلىشىپ، رىقابەت كەسكىنلىشىپ كىتىۋاتقان دەۋىرىمىزدە پەرزەنتلەرنىڭ تىزىرەك «چوڭ» بولۇپ، ئەقلى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا مۇۋاپىقىيەت دەرۋازىلىرىنى چېكىپ، زاماننىڭ ئالدىدا ياكى ھىچ بولمىغاندا زامان بىلەن تەڭ رېتىمدا ماڭالايدىغان بولىشى بەكمۇ مۇھىم. ئۇلار ئەقلىنى بالدۇرراق تاپمىغاندا كىيىن جاپا، دەرت-ئەلەملەرگە مۇپتىلا بولىدۇ، زامانغا يىتىشەلمەي سۆرىشىپ قالىدۇ، ئاجىز ۋە ئەۋرىشىم بولۇپ قالىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ تىزىرەك « چوڭ » بولىشى نىمىنىڭ «ئاق» نىمىنىڭ «قارا» ئىكەنلىكىنى، ھاياتلىقنىڭ ھىكمىتى ۋە ماھىيىتىنى تىزىرەك ھىس قىلىشتۇر، تىزىرەك مۇستەققىل ئىش قىلالايدىغان ۋە ئويلىيالايدىغان بولۇشتۇر. ئۇلار ھەرگىزمۇ دۇنيادا ھايات قېلىىش ئۈچۈنلا تىركىشىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇپ قالمىسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ شان-شۆھرەت يولىغا ئۆزلىرىنىڭ زىھنىنى ئۇپراتمىسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ نەفسى ھوزۇرنى بەخىت دەپ ھىس قىلىپ قالمىسۇن! ئەمسە قانداق قىلىپ ئادەم بولۇپ « چوڭ » بولۇپ ئەكسىنچە يەنە ھەممىگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر جەھەتتىن ئۆزلىرىنى توختاتقان، ھەقىقى بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلىپ، شۇ بويىنچە ئىش تۇتىدىغان ۋە كۆپ ۋايىم يىمەيدىغان بولىدۇ؟
سىزگە يەنە سۇئال: نىمە ئۈچۈن باللارنىڭ تىزىرەك چوڭ بولىشى بەك مۇھىم بولۇپ قالدى؟ (باللارنىڭ تىزىرەك چوڭ بولىشى ئۇلارنىڭ تىز يىتىلىشىنى كۆرسەتمەيدۇ بەلكىم ئاددى قىلىپ ئېيتساق ئاق قارىنى بالدۇرراق ئېلغا قىلالىشىنى كۆرسىتىدۇ)
پەرزەنتىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسا، ئۇلارنى ياخشى كۆرسىڭىز چوقۇم ئۇلارنى تىزىراق « چوڭ » قىلىڭ!
|