قالتىس ئاقسا يىگىتQQدا قىزلارغا چاقچاق قىلىپ تۆت بارمىقىدىن ئايرىلدى
ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. ۋۇخەندىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى-QQ تور نامى قالتىس ئاقسا يىگىت بولغان ۋاڭ جۈن* ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتىتنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى مىھمانخانا ئالدىدا قارا نىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ سول قول تۆت بارمىقىدىن ئايرىلغان. ئىككى تال چىشى سۇنۇپ، بەل قىسمى قاتتىق زەخىملەنگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت گۇگۇم ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە ھەمدە قارا نىيەتلەر تۇيۇقسىزلا قول سالغاچقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قارا نىيەتلەرنىڭ چىرايىنى پەرق ئىتەلمىگەن. يولدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغان شەھەر ئاھالىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى بايقاپ دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن تىزلىكتە يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ جۈن ساقچى خادىملاردىن ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ناھايىتى قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى، قارا نىيەتلەرنى تىزراق قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلغان. دىلوغا مەسئۇل ساقچى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆچ ئىلىش خاراكتىرلىك بولىدىغانلىقىنى، يېقىنقى بىر نەچچە ئايلىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئۇقۇشماسلىق ياكى زىددىيەتلەر ئارقىلىق بۇ دىلونى پاش قىلىشنىڭ ئاسانغا چۈشىدىغانلىقىنى، كۆپرەك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ دىلونىڭ تىزلىكتە پاش قىلىنىشىغا ماسلىشىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلغان.بىراق،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ۋەقە ۋاڭ جۈننىڭ قانۇنسىز،ئەخلاقسىز سۆز-ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىققان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ جۈننىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ جۈن QQ دا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئالدىنقى ئايدا بىر قىزنىڭ قوشۇۋىلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن دوستقا قوشۇۋالغانلىقىنى، ئەمما قىزنىڭ ماتىرىيالىدا قىزنىڭ شىنجاڭدا دەپ يىزىلغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ دەپ قاراپ، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇسى كەلمەي پاراڭلىشىپ باقمىغانلىقىنى، 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 12 دىن ئاشقانلاردا ئۇ قىزنىڭ قالدۇرغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە بىرئاز پاراڭلىشىپلا ئۆچۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۇپ، ئاچچىقىدا قىزنىڭ QQ بوشلۇقىدا قىزغا ھاقارەت خاراكتىرلىك سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى،ئارىلىقتا يەنە بىر ئەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، قىز بىلەن بولغان پارىڭىدىن قارىغاندا ئۇ ئەرنىڭ قىز بىلەن ئۆزئارا تونۇشىدىغانلىقىنى، ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە ۋاڭ جۈنگە ھاقارەت قىلغانلىقىنى،ئارىدىن ئون مىنۇتچە ئۆتكەندە، قىزنىڭ QQ بوشلۇقىغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇندىن باشقا باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىك ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى بىلەن تەمىنلىگەن.
ساقچىلار تىخىمۇ تولۇق يىپ ئۇچىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ۋاڭ جۈننىڭ ياتىقىدىكى ۋاڭ جۈنگە تەۋە كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈپ، QQ پاراڭ خاتىرىسىنى كۆرگەن. دىگەندەك تور نامى ۋاڭ جۈننىڭ ئىيىتقىنى بىلەن بىردەك بولغان بىر قىز بىلەن پاراڭلاشقان، قىز ۋاڭ جۈندىن سوراق خاراكتىرىدىكى سۇئاللارنى سورىغان، ۋاڭ جۈن قوپاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان. ۋاڭ جۈننىڭ سورىغان سۇئاللىرى بولسا جاۋابسىز قالدۇرۇلغان. تەكشۈرۈشتە بايقالغان مۇھىم نوقتا بولسا، كومپىيۇتېردىن نۇرغۇن شەھۋانىي فىلىم ۋە سۆرەتلەر تىپىلغان. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋاڭ جۈن NeedYouتور نامىدىكى قىز بىلەن چۈشتە ۋە كەچتە بىر نەچچە قىتىم پاراڭلاشقان.چۈشتىكى پاراڭدا، قىز يىگىتنىڭ ئادرىسىنى ئىگەللىگەن. كەچتە بولسا قىز ئۆزىنىڭ ناھايىتى پەرىشانلىقىنى، ‹‹خۇشاللىق›› قا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ‹‹ئاكا››لارنىڭ شادلىق ئاتا قىلىشىغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىيىتقان.ۋاڭ جۈن تىزلا ‹‹تېما››غا كىرىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى كۆڭۈللۈك بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشكەن. ۋاقىت ۋە ئورۇن قىز تەرىپىدىن بىكىتىلگەن. ۋاڭ جۈن قىز تاللىغان ۋاقت(6-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ سائەت توققۇز يىرىم)دا قىز بىكىتكەن ئورۇنغا بىرىشقا كىلىشكەن. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاڭ جۈن پۈتۈشكەن ئورۇن ۋە ۋاقىتتا كىلىشىپ قويغىنى بويىچە ياسىنىپ، قىزنى ساقلاپ تۇرغان. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ تۇيۇقسىز ئالدىدا بىر نەچچە ئەر پەيدا بولۇپ ۋاڭ جۈننى قاتتىق ئۇرۇپ،سول قول بارماقلىرىنى خىش بىلەن ئىزىۋەتكەندىن كىيىن كۆزدىن غايىب بولغان.ۋاڭ جۈن بولسا نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتكەن.
رازۋىدكا ئەترىتى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ، 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى قىز بىلەن بولغان پاراڭدىن كىيىن قىزنىڭ QQ بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ئەرنىڭ بۇ دىلو بىلەن چىتىشلىقى بار، دىگەن تەھلىل بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىكىتكەن ھەمدە دىلونىڭ بۆسۈش ئىغىزى دەپ قارىغان. مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئىيتىشىچە، جىنايەتچى تۇتۇلسا، كەم دىگەندە 10يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. ۋاڭ جۈن پەيدا قىلغان سەتچىلىك ۋە ۋاڭ جۈننىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ قىلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئۇنۋېرسىتىت رەھبەرلىكىنىڭ بىشىنى قاتۇرغان. ۋاڭ جۈن بولسا ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئىغىز ھاقارەت سۆزىنىڭ ئۆز ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى،پۈتۈن ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ بىردەمدىلا ئىچىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرگۈزمىگەن. نۆۋەتتە بۇ دىلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
* ۋاڭ جۈن-ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم. مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ج خ ئورۇنلىرى مەكتەپنىڭ ئوبرازىغا بولغان يامان تەسىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن كونكىرت ئورۇن، كىشى ئىسىمىنى ئاشكارىلىمىغان.
مەنبە: ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى <قانۇن ۋە جەمئىيەت> سەھىپىسى.