تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2927|ئىنكاس: 14

«چ چ» دىكى دوستلۇرۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11379
يازما
11
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
341
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 22:23:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« چ چ دىكى دوستلۇرۇم»
ئىشخانىدىكى لى خانىم،
كۈندە توردا زېرىكمەي،
«تىت تىت تىت ..... تىت تىت تىت .....»
پاراڭلىشىدۇ تىرىكمەي،
ئىچىم دىگەن سىقىلىپ:
«-ھەي بىچارە نىمانچە
بېرىلىسەن يادلارغا
ئېرىڭ بولسا ھەر كۈنى
خىزمەت قىلىپ ۋاي ساڭا
ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى »
دەپ ئولتۇرۇپ،
لىكسىيەنى سۆزلەيمەن،
ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قۇيىدۇ،
مىيىقىدا كۈلىدۇ،
«-ھەي گۈلى سەن بىلمەيسەن!
پەيزىنىمۇ سۈرمەيسەن،
ھەجەپ ياخشى نەرسە بۇ ،
كىرىشمىگۈچە بىلمەيسەن،
ئېلىپ بىرەي مەن ساڭا،
سەنمۇ بىر دەم كىرىپ باق،
تېتىپ قالسا ئەگەردە،
جاھان پەيزىنى سۈرۈپ باق.»
شۇنداق قىلىپ ئۇ ماڭا ،
1234567......
چ چ نۇمۇرئېپ بەردى،
ئېكرانىمغا سېپ بەردى.
سىناپ بېقىپ مەن ئۇنى ،
قىزىقتىم ھەم ئۇنىڭغا.
«ئوغۇزخان دەپ بىر يىگىت كىرىپ كەلدى دەسلەپتە،
ئىسمىدىنلا مەن ئۇنى قوشۇۋالدىم ھەۋەستە ،
دەردى باركەن ئاڭلىسام ئۇخلىيالماي ھەر كەچتە ،
ئايالىدىن ئەنسىرەپ،
يۈرۈيدىكەن پەخەستە،
نىمىشقا ؟دەپ سورىسام:
«-يىگىتى بار ئۇنىڭكى
تېپىۋالدى بىرىنى
ماڭا تېخى بىلدۇرمەي كۆرىشىدۇ ھەركۈنى
ئىچىم ئاچچىق بۇلىدۇ
سىزگە دىگۈم كېلىدۇ
دوست بۇلامدۇ ياندىكى
جاھانغا بىر يايىدۇ
قانداق قىلسام بۇلىدۇ» دەيدۇ تېخى ئۇ ماڭا،
ۋاي خۇدايىم، ۋاي توۋۋا،
مەن ئۇنىڭغا بىر مەھەل ،
سەپسەتەمنى سۆزلىدىم.
ئەر كىشىدەك بۇلۇڭ دەپ،
ياخشىلىقنى كۆزلىدىم.
قاراپ باقسام ئۇنىڭغا ،
دىتى يوقتەك بىلىندى،
ئىسمى بىلەن جىسمىنىڭ،
پارى يوقتەك كۆرۈندى.
شۇنداقمۇ ئەر بۇلامدۇ ،
ئوغۇزخاننى سېسىتىپ،
ئەجدادىمنى خەقلەرگە بىر تىيىنغا كۆرسىتىپ،
ئاچچىمدا مەن ئۇنى،
قوغلىۋەتتىم خانەمدىن ،
مەڭگۈلۈككە يوقال دەپ،
ئەمدى سەندەك« ئوغۇزخان»
ماڭا يېقىن كەلمە دەپ،
※※※※※※※※※※※※
شۇ ئاچچىقتا بىر مەھەل ،
ئاچماي قويدۇم چ چ نى،
ئاچمىغىلى بۇلامدۇ؟
ئېلىپ قۇيۇپ نۇمۇرنى.
ساقلاپ تۇرغان ئوخشايدۇ،
«ناۋا» دىگەن بىر يىگىت،
بوپتۇلا دەپ مەن ئۇنى ھۇجرامغا باشلىدىم.
تاغدىن-باغدىن سۆزلىشىپ،
تېمىلارنى كۆزلىشىپ،
تارىخلارنى سۆرىشىپ،
.....................
دەيدۇ تېخى ئۇ ماڭا:
«-تارىخ دىگەن تېمىنى
چۆرىۋەتكۇم كېلىدۇ
سۆزلىگەننىڭ ئاغزىغا ئۇرىۋەتكۈم كېلىدۇ
يەنە دىسە يەنە شۇ
غەيۋەت بىلەن ئوخشاشقۇ
........................»
ئاڭلاڭلار ھەي خالايىق
كەسپىم مىنىڭ تارىختى،
پەخرىمتى، بەختىمتى،
ئەجدادىمنى ئەۋلادقا
ئۇلاپ-ئۇلاپ مېڭىشتا
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ،
بىر-بىرى بىلەن تۇنۇشتا،
مەھمود بوۋام، خاس ھاجىپنى،
ئۈلگە قىلىپ مېڭىشتا،
ئۇيغۇرۇمنىڭ روھىنى ئىلغا قىلىپ تۇرۇشتا،
بولمىسا ھەم بولمايتتى،
بۈگۈنۈمنى بىلىشتە،
ئەۋلادىمغا، بالامغا ،
تەلىم-تەربىيە بېرىشتە.
.................
بوپتۇلا دەپ ئۇنىمۇ قوغلىۋەتتىم يىراققا،
ئابدىرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ سۆزى قۇلاقتا:
«بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۇپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى ،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش»
※※※※※※※※※※※※
ئىشەنچىسىز ئولتۇرسام ،
كىرىپ كەلدى«پۇرسەتجان»
بىلىمىمۇ مول ئىكەن،
گەپ-سۆزلىرى جايىدا،
قىلىقىمۇ ئوڭ ئىكەن،
ۋاقتىنىمۇ بەلگۈلەپ،
مىنوتقىمۇ تۇرىدىكەن،
ئىنگىلىزچە،تۈركچە،
خەنزۇچىنى بىلىدىكەن،
قۇرۇق شۇئار توۋلىماي،
ھەقىقەتنى سۆيىدىكەن،
تارىخنىمۇ بىلىدىكەن،
ئوبزورنىمۇ يازىدىكەن،
ھەرجەھەتتىن سۆزلىسە،
كەڭرى كەتكەن ساھەكەن.
شۇنداق قىلىپ« پۇرسەتجان»
خانەمدىكى مېھمان بۇپ،
ئورۇن ئالدى قەلبىمدىن،
مەنمۇ شۇنداق تىرىشچان ،
ئىشچان باتۇر بۇلاي دەپ،
قەلەم ئالدىم قۇلۇمغا،
رەھمىتىمنى ئېيتاي دەپ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
237
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7519
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-8
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 00:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چ چ دېگەن بۇ نەرسە ،
ياخشى ئىكەن بەزىدە.
تۇنۇشتۇرۇپ ياتلارنى ،
قويىدىكەن ھەۋەستە.

بىراۋلارنى كۈلدۈرسە،
بىراۋارنى يىغلىتىپ.
بىراۋلارنى ۋارقىرىتىپ
قالدۇرىدىكەن ھەسرەتتە.

تۇنۇشقانتىم مەنمۇ ھەم،
ئېرىم بىلەن چ چ دا.
بالىلىقمۇ بولدۇق بىز،
خەقلەر قالدى ھەيرەتتە.

دېمەڭ دوستۇم ھەرگىزمۇ،
چ چ دېگەن يامان دەپ.
«چىن سۆز»بولسا ۋەدىڭىز،
چ چ تۇرار«خو»①سەپتە.
①  ياخشى  دېگەن مەنىدە

  بۇ تېمىنى كۆرۈپ،بۇنى يېزىپ قويغۇم كەلدى. مەن بۇرۇن شېئىر يېزىپ باقمىغان. غەلىتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.

ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
137
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3947
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 23:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىرلارنى توقۇۋېتىپسىلەرغۇ ....مېنىڭمۇ  چ چ نى بىكارغا ئىشلەتكەنلەرنى تاززا بىر ئەدەپلىگۈم بارئىدى. ئېسىت شۇلارنىڭ بىكار ۋاقتىغا....، تېخى چ چ نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمەن دەپ، كېچىچە ئۇخلىماي چىققانلارنىمۇ كۆرگەنمەن، زۈرۈر ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ ئەلۋەتتە ......

UID
11147
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
749
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 18:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭداشقۇدىن ياخشى پايدىلانسا، نۇرغۇن ياخشى ئىشلار پۈتىدۇ.

سېۋېر قىلىش مۇھىمدۇر

يېڭى يۇلتۇز

بۆشۈك ئۇيقۇنىڭ ب

UID
7525
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2010-11-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 19:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پايدىلىنايلى.....ھەممە ئىشنىڭ يولى بار ئەمەسمۇ؟

نىمە ئۈچۈ ن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۈنكى ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈن.

UID
10464
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 17:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق يەرلىرىمۇ با..............

كۆيۈمچان ئەزا

مۇھەببەتنىڭ پىل

UID
9076
يازما
250
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7701
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 00:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jiuxing
دەرىجىسى يۇقىرى چ چ  رىڭىز يۈتۈپ تىكەندە ھە  (چاخچاق)

تاقەت قىلىشنىڭ ئۈزى بەدەل دىمەكتۇر

تىرىشچان ئەزا

سىنىڭ مىنى سىىغى

UID
4761
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1147
تىزىملاتقان
2010-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 17:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز چ چ نىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلانساق بولدۇ ئەمەسمۇ؟

يوق يانار تاغ جاھاندا يانمايدىغان،يوق يامان ئىش جاھاندا چانمايدىغان.

UID
12329
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1271
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 12:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمممىسى شۇ كىشىنىڭ ئوي-خىيالى بىلەن بولىدۇ ئەلۋەتتە. چوقۇم توغرا پايدىلىنىشنى ئۈگۈنىۋېلىشىمىز كېرەك!بىكار ۋاقتىمىزنى ئىسراپ كىلىمىز بولمىسا!

UID
18091
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 00:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي دوستۇم تارىخچىدە سەن گەپلىرىڭ شۇنداق يىنىك ھەم تەبىئىي ، قەلىمىڭ ھېرىپ قالمىسۇن.....!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش